irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 08:18:11

تارىختىكى بۈگۈن

2009 -يىلى2-ئاينىڭ8-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى رېين دەرياسى رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. 2-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى رېين دەرياسىغا يېقىن ئەتراپىغا كەلدى. ئۇلار گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ 15 دېۋىزىيەسىنى زىيانغا ئۇچراتتى. ئامېرىكىنىڭ 3-ئارمىيىسى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ھۇجۇم قوزغىدى.
   1999-يىلى2-ئاينىڭ8-كۈنى جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇت قۇرۇلغان. بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 13 ياش ئۆسمۈر پەن-تېخنىكا ھەۋەسكارى «جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى ئاكادېمىكى گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشىپ، جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك كىچىك ئازادىلىكى بولدى. جۇڭگو ياش-ئۆسمۈرلەر پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيە بازىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جەمئىيەت بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ پائالىيىتىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان.
      1966-يىلى2-ئاينىڭ8-كۈنى ئىتالىيە مۇتەخەسسىسلىرى پىسا يانتۇ مۇنارىنىڭ ئۈزلۈكسىز يانتۇ بولۇشىنى ئامال تېپىپ ھەل قىلىشنى ئويلىغان. دۇنياغا داڭلىق پىسا يانتۇ مۇنارىنىڭ يانتۇلۇقى داۋاملىق ئېشىپ، كىشىلەرنى ئەنسىرەتتى، ئىتالىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئامال قوللىنىپ، بۇ يانتۇ مۇنارنىڭ يانتۇ بولۇشىنى كونترول قىلماقچى بولغان، بىراق بارلىق تىرىشىشنىڭ ئۈنۈمى بولمىدى، بۇ مۇنار يەنىلا يانتۇ بولۇۋەردى.
        1926-يىلى2-ئاينىڭ8-كۈنى ئامېرىكا ئارخېتىكتورلىرى مىكسىكىدا مايا كىشىلىرىنىڭ پىرامىداسىنى بايقىغان. ئامېرىكا ئارخېتىكتورلىرى كارىب دېڭىزى ئەتراپىدا كۆمۈلۈپ قالغان مايا شەھىرىنى بايقىغان. بۇ «مۇيىر» دەپ ئاتالغان شەھەر مايا خەلقى بىلەن ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى ئارىسىدىكى ئەڭ مۇھىم سودا قىلىدىغان مۇھىم يول ئىدى، ئۇلار بايقىغان 10 نەچچە قۇرۇلۇش بىناكارلىقى ۋە ئالتە بۇتخانا ساپمۇ ساق ئىدى. بۇ بايقاش-ئۇزۇن مۇددەتتىن بۇيان دېيىلىپ كەلگەن مايا كىشىلىرى شەھىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى قارىشىنى ئىسپاتلىدى.
       1834-يىلى2-ئاينىڭ8-كۈنى رۇسىيىنىڭ خىمىكى مېندېلېيېۋ دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1834-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ خىمىيە ساھەسىگە قوشقان تۆھپىسى-ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىققان. ئۇ 1869-يىلىدىن 1871-يىلىغىچە،«خىمىيە نەزەرىيىسى»-كىتابىنى يېزىپ چىققان ھەمدە ئېلېمېنتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلغان. ئۇ ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىش تەرتىپى بويىچە جەدۋەل تۈزۈپ چىققان. بۇ دەل ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان. 1907-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، خىمىك مېندېلېيېۋ ئالەمدىن ئۆتكەن.
       1904-يىلى2-ئاينىڭ8-كۈنى ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى پارتلىغان. ياپونىيە-روسىيە ئۇرۇشى-جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننى تالىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان جاھانگىرلىك ئۇرۇشى، بۇ ئۇرۇش-ئىسپانىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشى ۋە جەنۇبىي ئافرىقا ئۇرۇشى بىلەن قوشۇلۇپ، ئەركىن كاپىتالىزمنىڭ جاھانگىرلىك باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنىڭ تارىخىي بەلگىسى.
بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن