waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 23:54:11

شىنجاڭ گۇاڭخۇي لىياۋنىڭ كوماندىسىنى يەڭدى

    ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 7- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ  30- ئايلانما  باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا لىياۋنېڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن  خاندېرسېننىڭ 30 نومۇر ئىلىشى بىلەن  ئۇلار ئاخىرى 95- 88 نەتىجە بىلەن  لىياۋنېڭ ۋاسكېتبول كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مۇسابىقىنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۇردى.   نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 23 مەيدان غەلبە قىلىش 7 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 30 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 4 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ شىرئەلىجان 14 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛   سېنگېلدون 21 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 11 نۇمۇر ئالدى، 2 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛  سۇۋىي 8 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 5 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ يۈچاڭدۇڭ 4 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
لىياۋنىڭ كوماندىسىدىن ۋالىك 22 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ خې تىيەنجۇ 18 نومۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  خەن دىجى 11 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لى شىياۋشۇ 11 نومۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  جونىس 8 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە  8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
  مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 9- فېۋرال داۋاملىق ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا جىلىن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php


Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-9 10:30:43

توختىماي يىڭىۋەرسىمۇ جىق تايىنى قالمايدىكەن:L
بەت: [1]
: شىنجاڭ گۇاڭخۇي لىياۋنىڭ كوماندىسىنى يەڭدى