paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 18:34:07

ئېمپىراتور ئەكبەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   paltahun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 18:38  

مۇغۇللار سۇلالىسىنىڭ 3 - ئەۋلاد پادىشاھى ئەكبەر ئىدى. ئۇ تەختكە چىققاندا ئاران 14 ياشتا بولغانلىقتىن، ھاكىمىيەت پۈتۈنلەي باش ۋەزىرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. باش ۋەزىر خىزمەت كۆرسەتتىم دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن زوراۋانلىق قىلىپ، ئۆزىگە ياتلارنى ئۆلتۈردى، ھەتتا ئەكبەرنىڭ بىر ياخشى دوستىنىمۇ ئېتىپ تاشلاپ، پادىشاھلىق تەختىنى تارتىۋېلىش قەستىدە بولدى. ئەكبەر ئەمدىلا 18 ياشقا كىرگەندە چوڭ ھوقۇقنى تارتىۋېلىپ، سۇلالىنىڭ ھاكىمىيىتىگە شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلدى.
ئەكبەر ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ئاقسۆڭەكلەر، دىنىي مەزھەپلەر ئارقا - ئارقىدىن ئىسيان كۆتۈرگەچكە، ئۇنىڭ تەختى مۇستەھكەملەنمىدى. شۇڭا، ئۇ شەخسەن ئۆزى زور قوشۇن باشلاپ بېرىپ، جاي - جايلاردىكى ئىسيانلارنى باستۇردى ھەمدە 2000 دىن كۆپرەك ئادەمنىڭ كاللىسىدا قورقۇنچلۇق بىر مۇنار ياساپ، شۇ ئارقىلىق ئىسيانچىلارنى ئاگاھلاندۇردى.
ئۇنىڭدىن كېيىنلا، ئەكبەر ئىچكى ئىشلارنى تەرتىپكە سالدى. يەرلەرنى يېڭىۋاشتىن ئۆلچىتىپ، ياخشى - ناچىرىنى ئايرىتىپ، دەرىجىسىگە قاراپ مۇقىم باج ئالدى؛ يەنە جان بېجى، غەللە - پىراق قاتارلىق قوشۇمچە باجلارنى بىكار قىلىپ، دېھقانلارنىڭ سېلىقىنى يەڭگىللەتتى؛ ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر يۈز بەرگەندە غەللە - پىراقنى پۈتۈنلەي كەچۈرۈم قىلدى؛ بۇنىڭدىن باشقا، يەنە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سۇ ئىنشائاتلىرى جەھەتتىنمۇ بەزى ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللاندى.
ئۇ چاغدا، ھىندىستاندا ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، خوتۇنىنى ئوتقا سەكرىتىپ ئۆلتۈرۈپ بىللە دەپنە قىلىشتىن ئىبارەت نادان ھەم رەھىمسىز بىر ئادەت بار ئىدى. رىۋايەت قىلىنىشىچە، بۇ ئادەت مىلادى 4 - ئەسىردىكى گوتپا سۇلالىسى دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئىكەن. ئەكبەر 1000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان بۇ يامان ئادەتتىن ئىنتايىن يىرگەندى. ئۇ، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە ئۆزىنىڭ ھاياتىنىمۇ قۇربان قىلىشنى خالىمايدىغان ئاياللارنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، كىملەرنىڭ بىللە دەپنە قىلىنىشىنى خالايدىغان تۇل خوتۇن ئىكەنلىكىنى ئايرىش ئۈچۈن، جايلارغا چارلىغۇچى ۋالىيلارنى ئەۋەتتى.
بىر كۈنى، ئەكبەر ئوردىدا كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. ئۇشتۇمتۇت بىر چارلىغۇچى ۋالىي ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ پىچىرلىدى:
- ئالىيلىرىغا مەلۇم بولسۇنكى، بېنگالنىڭ مەرھۇم باش ۋالىيسىنىڭ خوتۇنى ئوتقا سەكرەش ئالدىدا تۇرۇپتۇ.
- قاچان؟
- ئەتە!
- ماقۇل، مەن ھازىرلا يولغا چىقىمەن ....
ئەكبەر شۇ ھامانلا قولىدىكى قەدەھنى قويدى - دە، ئورنىدىن تۇرۇپ تېزلىكتە ئوردىدىن چىقتى.
ئەكبەر، بېنگال باش ۋالىيسىنىڭ خوتۇنىنىڭ ئەقىللىق ھەم قولىدىن ئىش كېلىدىغان چوكانلىقىنى، ئۇنىڭ ئوتقا سەكرەشنى ھەرگىز ئىختىيار قىلمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
ئۇ بىر يۈگۈرۈك ئاتقا مىنىپ، نەچچە ئون نەۋكەر بىلەن بىر توپ بېنگالغا چاپتى. باش ۋالىي مەھكىمىسىگە بارغاندا ئالدىغا ئادەم چىقمىدى، ئۇ قاراپ تۇرمايلا مەھكىمە ئىچىگە كىردى - دە، چوڭ ھويلىدا بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بىر گۈلخان ئەتراپىدا تۇرغانلىقىنى ۋە بىر نەچچەيلەننىڭ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاۋاتقان بىر چوكاننى گۈلخان تەرەپكە يۆلەپ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى.
«پادىشاھى ئالەم مۇبارەك قەدەم باستىلەر.»
دەرۋازىدىن توۋلىغان ئاۋاز بىلەن تەڭلا گۈلخان ئەتراپىدىكى كىشىلەر دەرھال تىزلاندى. يىغلاۋاتقان ھېلىقى چوكان دەل باش ۋالىينىڭ تۇل خوتۇنى ئىدى. ئۇ بېشىنى كۆتۈردى - دە، ئەكبەر شاھنى كۆرۈپلا، ئىنتىزارلىق ۋە بىچارىلىق كۆز نۇرى بىلەن تەلپۈندى.
- مۇنداق قىلىشقا ئۆز ئىختىيارىلىقىڭىز بارمىدى؟ - ئەكبەر، چوكاننىڭ قېشىغا كېلىپ پەس ئاۋاز بىلەن سورىدى.
- شاھى پەرۋەردىگارىم، كەمىنىلىرىنىڭ ئالدىدا يالغان سۆزلەشكە تىلىم كۆيىدۇ، ئەسلىدە مۇنداق قىلىشنى خالىمايتتىم، ساقالنىڭ ئۆيىدىكىلەر مېنىڭ باش ۋالىينىڭ بايلىقىدىن بىر ئۈلۈشكە ئىگە بولۇپ قېلىشىمدىن قورقۇپ، مەن بىقەرۇنى ئوتقا سەكرەپ ئەر خۇدا بىلەن بىللە دەپنە بولۇشقا قىستىدى، - تۇل خوتۇن يۇقىرىقى گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ يەنە ھۆركىرەپ يىغلىدى.
- ئەھۋال شۇنداق بولغاندىكىن ئەپۇ قىلىڭلار جامائەت! - ئەكبەر شۇنداق دەپ جامائەتكە يۈزلەندى ۋە، - ئى جامائەت قۇلىقىڭلاردا تۇرسۇنكى، بۈگۈندىن ئېتىبارەن ھەرقانداق كىشى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، تۇل قالغان خوتۇنلارنى زورلاپ ئېرى بىلەن بىللە دەپنە قىلىشقا بولمايدۇ، كىمكى بۇ سۆزۈمگە خىلاپلىق قىلىدىكەن، قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!
جامائەت، ئەكبەرنىڭ سۆزىگە ھە دېسە ھە دەپ ماقۇل بولۇشقا مەجبۇر بولدى - دە، ئوتقا سەكرىتىش مۇراسىمىنى شۇ ھامان يىغىشتۇردى.
بېنگالنىڭ باش ۋالىيسنىڭ تۇل خوتۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما مۇنداق دەپنە قىلىدىغان رەھىمسىز ھەرىكەتنى پۈتۈنلەي مەنئىي قىلىش مۇمكىن بولمىدى. يەنە 250 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھىندىستاندا ئوتقا سەكرەپ ئەر بىلەن بىللە دەپنە بولۇشنى توختىتىش توغرىسىدا قانۇن ئېلان قىلىندى.
مۇغۇللار ئىمپېرىيىسى تۈرك ئىسلام دۆلىتى ئىدى، ھالبۇكى، ھىندىستاندا ئۇزاقتىن - ئۇزاق تارقالغىنى ھىندى دىنى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، دىنىي مەزھەپلەر كۈرىشى ۋە دىنىي مەزھەپلەر قوزغىلاڭلىرى ناھايىتى كۆپلەپ يۈز بەردى. ئەكبەر ھىندى دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەڭشەش ئۈچۈن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، دىنىي مەزھەپچىلەر باراۋەرلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ ھىندى دىنىدىكى زاتلارنى ئالاھىدە تاللاپ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلگە قويدى ھەمدە ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاقسۆڭەكنىڭ قىزىنى خانىشلىققا ئالدى.
1581 - يىلى، ئۇ يەنە ئۆز ئىمامەتچىلىكىدە خۇداسى، پەيغەمبىرى، ئەقىدىسى بولمىغان بىر خىل «مۇقەددەس دىن» بەرپا قىلدى. مۇقەددەس دىننىڭ مۇرىتلىرى ئەكبەرنى خۇدا ئورنىدا كۆرۈپ، ئۆز ئارا كۆرۈشكەندە «ئەكبەر» دەپ سالاملىشىدىغان بولدى. بۇ خىل «مۇقەددەس دىن» نىڭ يا ئىبادەتخانىسى، يا دۇئا - تىلاۋەت ۋەزىپىسى يوق بولۇپ، ئادەتتە ھايۋاناتلارنىڭ جېنىنى ئاسراش، ئىمكانىيەتىنىڭ بېرىچە سەدىقە بېرىش، ماددىي ياردەم بېرىش ياكى ساۋابلىق ئىش قىلىشنىلا تەلەپ قىلاتتى. ئەكبەر بەرپا قىلغان «مۇقەددەس دىن» نىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇ ئىدىكى، ئۇ باشقىلارنى بۇ دىنغا كىرىشكە زورلىمايتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن، ھىندى دىنىدىكىلەردىن «مۇقەددەس دىن» غا كىرگەنلەر ئانچە كۆپ بولمىدى. ئىسلام دىنىدىكىلەردىن «مۇقەددەس دىن» غا قارشى تۇرىدىغانلارمۇ ئاز بولمىدى. ئەكبەر بۇ قىلىقلارنى قىلچە كۆڭلىگە ئالماي يۈرۈۋەردى. بۇ تەدبىرلەر ھىندىلارنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى كەيپىياتىنى پەسلەتتى. بۇنىڭ بىلەن دىنىي قوزغىلاڭلارمۇ تىنجىدى.
ئەكبەر ساۋاتسىز بولسىمۇ، ئەمما ھەر كۈنى دېگۈدەك باشقىلارغا كىتاب ئوقۇتۇپ ئاڭلايتتى. ئۇنىڭغا كىتاب ئوقۇپ بەرگەنلەر ئوقۇغان بەت سانىغا قاراپ ھەق ئالاتتى. ئۇنىڭ تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئوقۇلغان نەرسىلەرنى ئېسىدە قالدۇرالايتتى ۋە مول بىلىمى ئارقىلىق بەزى بىلىملىك كىشىلەر بىلەن ئەدەبىيات پەلسەپە، دىن جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلالايتتى. ئۇ تەمىنات بېرىدىغان رەسسام 100 دىن ئارتۇق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئاساسلىقى ھىندى دىنىدىكىلەر ئىدى. ئوردىدا ھەر ئايدا 3 - 4 قېتىم سىزما رەسىملەر كۆرگەزمىسى ئېچىپ، ھەربىر رەسىمنى باھالايتتى ۋە پەرقلەندۈرۈپ مۇكاپاتلايتتى.
ئۇ يەنە بىر مۇنچە مۇزىكانتلارغىمۇ تەمىنات بېرەتتى. ھەر كۈنلۈكى ھىندى، پارس، ئوتتۇرا ئاسىيا، كەشمىر قاتارلىق جايلارنىڭ مۇزىكىلىرىنى نۆۋەت بىلەن ئاڭلايتتى. ئۇ ئۆزىمۇ مۇزىكا ئىجاد قىلالايتتى، يەنى سانسىكىرىتچە نوتىلارنى پارسچىغا تەرجىمە قىلىشقا، ئۇلارنى پارسچە تىل بىلەن ئورۇنلاشقا بۇيرۇق قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھىندى دىنىدىكى بىر مۇنچە ئەمەلدارلار پارسچە ئۆگەنگەن، ئىسلام دىنىدىكى بىر مۇنچە ئەمەلدارلارمۇ ھىندى تىلىدا شېئىر - نەزمە يازالايدىغان بولغان. پارس مەدەنىيىتى بىلەن ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى ئالغا سۈرۈلگەن.
ئەكبەر، مالىيە باشقۇرۇش ۋە ئادەم ئىشلىتىشكە ماھىر بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە مىللەتلەر، دىنلارنىڭ باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، مەملىكەت ئىچىدىكى زىددىيەتلەرنى پەسەيتىپ، پۇقرالارنى بىر قەدەر ئامان - ئېسەن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ھەربىي ئىشلار جەھەتتە، 1560 - يىلىدىن باشلاپ 15 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، شىمالىي ھىندىستاننى بىرلىككە كەلتۈردى؛ يەنە 16 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، زىمىن تەۋەلىكىنى يىراقتىكى غەربىي شىمال تەرەپلەرگىچە كېڭەيتتى؛ ئەڭ ئاخىرى يەنە ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، جەنۇب تەرەپتىكى بىر نەچچە پادىشاھلىقنى بېسىقتۇرۇپ، شۇ ئاساستا تېخىمۇ قۇدرەتلىك بولغان مۇغۇللار سۇلالىسىنى قۇردى.
1605 - يىلى 10 - ئايدا، ئەكبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جاھانغا شاھىجاھان ۋە ئەۋرەڭ زىپلار ئارقا - ئارقىدىن پادىشاھ بولدى. بۇ چاغلارمۇ مۇغۇللار سۇلالىسى يەنىلا ئەڭ قۇدرەتلىك تۇرغان دەۋر بولدى. ئەۋرەڭ زىپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، نەۋرە - چەۋرە ئارىسىدا تەخت تالىشىش ئەۋج ئېلىپ، داۋاملىق ئىچكى ئۇرۇش بولۇپ تۇردى. بۇنداق مالىمانچىلىق تاجاۋۇزچىلارغا سوقۇنۇپ كىرىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. 1764 - يىلى ئېنگلىزلار باستۇرۇپ كىرىپ، ھىندىستاننى ئىستىلا قىلدى ۋە ھىندى يېرىم ئارىلىنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلاندى. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇغۇللار سۇلالىسى ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ كەتتى.
مەنبە : بىلقۇت غەزىنىسى

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 18:47:00

ئەكبەر شاھزادە تۈرۈپ نىمىشقا ساۋاتسىز بولۇپ قالغان بولغىيتى؟

function يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 21:21:07

ساۋاتسىزلىقىغا مەنمۇ ئىشەنچ قىلمىدىم.

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 23:49:22

مەن تىخى كىنومىكىن دەپتىمەن، كىنوسىدا بۇنداق تەپسىلاتلار ئۇنداق تەپسىلىي ئەمەس.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 08:23:42

كىنوسى ئېسىل ئىشلىنىپتىكەن ، نەچچە رەت كۆرىۋەتتىم

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 12:57:12

بەزىلەر ئىمپىراتور ئەكبەرنى جودھا ئەكبەر، ئىمپىراتور ئەيكېبا دەپ ئاتايدىكەن.

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:01:32

كىنونىڭ ئادرىسى بىلەن تەمىنلەڭلاچۇ ....

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:04:27

پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن ھەممە دىندىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان، ئىسلام چەكلىگەن ئىشلارنىمۇ يولغا قويغان، ئۆز ئالدىغا دىننىي سېستىما ئىجات قىلغان ئىسلاھاتچى پادىشاھكەن دە.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:12:53

doctor يوللىغان ۋاقتى  2014-2-8 14:01 static/image/common/back.gif
كىنونىڭ ئادرىسى بىلەن تەمىنلەڭلاچۇ ....

جودھا ئەكبەر دەپ ئىزلىسىڭىز، تاپالايسىز.
بەت: [1]
: ئېمپىراتور ئەكبەر