كېيىنكى ئەۋلاد Windows سېستىمىسى پىلانى
مىكروسوفت Windows 8.1 نى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئەۋلاد Windows سېستىمىسى پىلانى يېقىندا ئاشكارىلاندى .ئىگلىنىشچە يېڭى سېستىمىنىڭ ۋاكالەت ئىسمى Threshold بولۇپ ، Windows、Windows Phone ۋە Xbox One نى بىرلەشتۈرمەكچى .
ئىگلىنىشچە مىكروسوفتنىڭ مۇئاۋىن باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى Terry Myerson مەشغۇلات سېستىمىسىنى بىرلەشتۈرۈش ھەققىدىكى بىر پارچە ئىچكى پوچتا يوللانمىسىدا Threshold دېگەن ۋاكالەت ئىسمىنى تىلغا ئالغان ، ئىگلىنىشچە بۇ بىر يۇلتۇزنىڭ ئسمىدىن كەلگەن .
پىلانغا ئاساسلانغاندا ، Windows、Windows Phone ۋە Xbox One نى بىرلەشتۈرۈلۈپ دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكچى ، بۇنىڭ بۇ ئۈچ مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى ھەمبەھرلىشىگە ياردىمى بار . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مىكروسوفت كۆپ خىل سېستىمىغا بىرلىككە كەلگەن بىر دېتال دۇكىنى قۇرۇپ ، بۇ ئۈچ چوڭ سېستىمىنىڭ ئېچىش قورالىنى تېخىمۇ كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە قىلماقچى ، ئەگەر تەتقىقات ئوڭۇشلۇق بولسا 2015-يىلى باھاردا سىرتقا قارىتا ئېلان قىلىنىدۇ.
خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا مىكروسوفت Threshold ئارقىلىق سېستىما ھالقىپ ئوخشاش يادروغا ئىگە
«يۇقىرى قىممەتلىك پائالىيەت»لەرنى قوللىماقچى . ئاتالمىش «يۇقىرى قىممەتلىك پائالىيەت»expression/documents ، سىياسەت ۋە ۋەزىپە تاماملاش ، IT باشقۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
Threshold يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى مىكروسوفت كېلەر يىلى باھاردىن يازغىچە Windows 8.1 ۋە Windows Phone Blueنىڭ يېڭىلانمىسىنى ئېلان قىلماقچى . Threshold قا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار خەۋەرلەرگە نىسبەتەن مىكروسوفت ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان . ما كاتتا خەۋەركەن ، بۇنداق بولغاندا بىر پىرۇگراممىنى (دىتالنى ) كۆمپىيۇتىردىمۇ ،تىلفۇندىمۇ ئوخشاشلا ئىشلەتكىنى بولىدۇ دىگەن گەپ ، ھەرقايسىسىغا ئايرىم -ئايرىم لايھەەلشنىڭ ئورنى قالمايدۇ .. مەسىلەن ئۇندىدارنى تىلفۇنغا قاچىلاشقا ھەم كومپىيۇتىرغىمۇ قاچىلاشقا بولىدۇ دىگەن گەپ .. كومپىيۇتىر نۇسخىسى ، تىلفۇن نۇسخىسى دىگەن گەپلەر كۆزنەك مۇھىتى ئىشلىتىدىغانلارغا يۇقايدىكەن بۇنداق بولسا .. ئەمدىغۇ كەم پۈتەردىكى يېزىقلىرىم كود ئالماشتۇرمىساممۇ بۇلىدىكەن .لىكىن ساقلايمەندەبىريىل . 8.1 نىڭ يىڭىلاش بولقىمۇ ئاشكارلاندى.
eliborisi يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 14:53 static/image/common/back.gif
ما كاتتا خەۋەركەن ، بۇنداق بولغاندا بىر پىرۇگراممىنى ( ...
ھازىرمۇ كومپىيۇتىرغا ئاندىرويىد مۇھىتى ھازىرلاپ ئۈندىدار قاچىلۋالسىڭىز بولىۋېرىدۇ
ئىقىم مىقدارىدىن ئەنسىرەشنىڭمۇ ھاجىتى يوق بۇ ios بىلەن andiroid قا نىسبەتەن چوڭ تەھدىت. hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 19:54 static/image/common/back.gif
ھازىرمۇ كومپىيۇتىرغا ئاندىرويىد مۇھىتى ھازىرلاپ ئۈن ...
ئۇنى مەن سىناپ باققان ، مەۋھۇم ئاندىرۇيد مۇھىتى ياساپمۇ قىلغۇلى بولىدۇ ،ئورگان تارقاتقان تور بەت شەكىلدە قۇزغاتقۇچىسىمۇ بار ، ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاپ چىققىلى بولىدۇ .. بىراق ماۋۇ ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىدە ، يۇقۇرقى ئىشلارنى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، تىلفۇنغا قاچىلاش پىرۇگراممىسىنى بىۋاستە كومپىيۇتىرغىمۇ قاچىلىغىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ ... eliborisi يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 21:49 static/image/common/back.gif
ئۇنى مەن سىناپ باققان ، مەۋھۇم ئاندىرۇيد مۇھىتى ياساپ ...
توغرا شەرھىلەپسىز . :victory: يېڭى سى ئى ئو نېمىلەرنى قىلىپ كېتەر ئەمدى... hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 19:54 static/image/common/back.gif
ھازىرمۇ كومپىيۇتىرغا ئاندىرويىد مۇھىتى ھازىرلاپ ئۈن ...
كومپىيۇتىرغا ئاندرويىد مۇھىتىنى قانداق ھازىرلايمىز؟ ۋىن 8 گە بولامدۇ؟ tanha19 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 11:28 static/image/common/back.gif
كومپىيۇتىرغا ئاندرويىد مۇھىتىنى قانداق ھازىرلايمىز؟ ...
ماۋۇ سۇئالغا تىزراق جاۋاپ بەرسۇنلار:D ئېكسپىدىن مىھرىمنى ئۈزەلمەيۋاتسام نىمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ بۇ خەق، ھېلى ۋىستا، يەتتە، سەككىز دەپ ئاقماس بىر نىمىلەرگە زىھنىنى ئۇپراتقىچە ئىكىسپىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرسە بولمامدۇ yawuzbag يوللىغان ۋاقتى 2014-2-9 11:38 static/image/common/back.gif
ماۋۇ سۇئالغا تىزراق جاۋاپ بەرسۇنلار
توردىن BlueStacks دەپ ئىزدەپ بىقىڭ.يانفۇنغا ئوخشاشلا مەشغۇلات قىلالايسىز. ئېكىسپىنىڭ ئەسلى ۋااقتى 4-ئايدا توشماقچى، ئامما نۇرغۇن كىشلەرنىڭ قىيالمايۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، يەنە 15 ئاي ئۇزارتىلىپتۇ. 2015-يىلى 7-ئايدا يېڭىلاشنى توختىدىكەن.
يېڭى چىققان ceo سى xboxنى سېتىۋېتمەكچى دىگەن خەۋەرنى ئاڭلايمەنغۇ ئۇيۇن ساھەسىنى تاشلاپ تېخىمۇ كەسپىيلەشمەكچىكەن
بەت:
[1]