paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 21:24:32

مۇغۇل خاندانلىقىنىڭ بەرپا قىلىنىشى

ھىندىستان دىپلوماتلىرىنىڭ مۇراسىم كىيىملىرىنى كۆرگەنمىدىڭىز؟ شۇنداق قارايدىغان بولسىڭىز، ئۇلارنىڭ چاپىنى قارا، ئىشتىنى تار، مەيدە يانچۇقى يوق چاپىنىنىڭ ئالدى تىزىقتەك قاتار تۈگمىلەر بىلەن ئېتىلگەن ھالدا بەلنى قورۇپ تۇرغانلىقىنى، پاقالچىقى ئاق لاتا بىلەن ئورىۋېلىنغان بولۇپ، بەئەينى چەۋەندازلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرىسىز. بۇنداق كىيملەرنى كۆرسىڭىز، ئېھتىمال: ھىندىستان دېگەن ئىسسىق بەلباغ، پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى كەڭتاشا كىيىم كىيىشكە ئادەتلەنگەن تۇرسا، دىپلوماتلىرى نىمىشكە بۇنداق كىيىنىدىغاندۇ؟ دەپ ھەيران قالارسىز.
ئەسلىدە بۇ ھىندىستاننىڭ يەرلىك كىيىمى ئەمەس، بەلكى بۇنىڭدىن 400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى مۇغۇل خاندانلىقىنىڭ مۇراسىم كىيىملىرى ئىدى. مۇغۇل ئىمپېرىيىسىنى بەرپا قىلغۇچىلار ھىندىستانلىق ئەمەس. ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمال چېگرىسىنىڭ سىرتىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈركلەر ئىدى. بۇ كىيىملەر ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئاشۇ تۈركلەردىن ھىندىستانغا تارقالغان.
ئۇنداقتا، بۇ پوسوندىكى كىيىملەر ھىندىستانغا قانداق كىرگەن؟ مۇغۇل خاندانلىقى قانداق قۇرۇلغان؟ بۇ ۋەقەنى مىلادى 1505 - يىلدىن باشلاپ سۆزلەش كېرەك.
شۇ يىلى 1 - ئايدا، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەر مىللەت ئاتلىقلىرىدىن تەركىب تاپقان 4000 كىشلىك قوشۇن ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالدىكى ئېگىز تاغ - داۋانلاردىن ئۆتۈپ ھىندى دەرياسى ۋادىسىغا بېسىپ كىردى. بۇ ئاتلىقلار ھىندى پۇقرالىرىنىڭ چارۋا ۋە ئاشلىقلىرىنى بۇلاپ بولۇپلا يەنە قۇيۇندەك كېتىپ قالدى. بۇ قوشۇننىڭ باشلىقى زوھوردىن مۇھەممەت بابۇر ئىدى. ئۇ، 1483 - يىلى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تاشكەنت شەھىرىدە تۇغۇلغان، بابۇر ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى مۇڭغۇل بولمىسىمۇ، لېكىن بابۇر چاقىرىق قىلىشقا پايدىلىق بولۇشنى كۆزلەپ، ئۆزىنى ئانا جەمەتتە مۇڭغۇل چىڭگىزخانغا تۇتىشىدىغان قىلىپ كۆرسىتىپ: مەن ئاقساق تۆمۈرنىڭ 6 - نەۋرىسى دەۋالغاچقا، كېيىنكى كۈنلەردە كىشىلەر خاتا ھالدا مۇغۇل دەۋالغان. بابۇر كىچىكىدىنلا باتۇر ھەم قەيسەر بولۇپ، ئۆگىنىشكە تىرىشچان ئىدى. ئۇ 11 يېشىدا تاشكەنتتە ئەمىر بولغاندىن باشلاپ، تۈرك تىلى بىلەن كۈندىلىك خاتىرە يېزىپ، ئۆزىنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى مۇپەسسەل بايان قىلدى. كېيىنكىلەر ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىلىرىنى «بابۇرنلىق» ناملىق كىتاب قىلىپ رەتلەپ چىقتى. بۇ كىتابتا ئۇنىڭ 14 يېشىدا ئەسكەر باشلاپ بېرىپ، بۇرۇنقى تۆمۈرىلەر ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى سەمەرقەنتكە ھۇجۇم قىلغانلىقى، 1505 - يىلىدىن باشلاپ ھىندىستانغا تۆت قېتىم باستۇرۇپ كىرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
ئۇ 1525 - يىلى، ھىندىستانغا 4 - قېتىم باستۇرۇپ كىرگەندە، ھىندىستان پارچە - پارچە بۆلۈنمە ھالەتتىكى دۆلەت ئىدى. بۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ پايتەختى دېھلىدا تۇرۇشلۇق سۇلتان ئىبراھىم رود ئىدى. بۇ ناھايىتى زالىم سۇلتان بولۇپ، يېنىدىكى مەنسەپدارلارنى ئۆلتۈرۈپ تۈگىتىپ، يەنە پەنجاپنىڭ باش ۋالىيسىغا زىيانكەشلىك قىلىشنى قەستلىگەچكە، ئۇ باش ۋالىي بابۇرنىڭ ئالدىغا پاناھ ئىزدەپ كېلىشكە مەجبۇر بولغان. بابۇر مۇشۇ پۇرسەتتە 18 ياشلىق ئوغلى ھۇمايۇننى ئېلىپ ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، پەنجاپنىڭ مەركىزىنى ئىشغال قىلدى ھەمدە ئۆزىنى بۇ يەرگە باشلاپ كىرگەن پەنجەپنىڭ باش ۋالىيسىنى قاماپ قويۇپ، دېھلىنىڭ سۇلتانى بىلەن يانىپاتتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلدى.
بابۇر 25 مىڭ ئادەم باشلاپ بېرىپ يانىپاتنى ئاۋۋال ئىگەللىۋالدى. ئۇ ئوق - ياچى ۋە ماۋزۇچىلارغا شەخسەن ئۆزى باش بولۇپ ئوڭ قانات بولدى، ئوغلى ھۇمايۇننى ئاتلىقلارغا باش قىلىپ سول قانات قىلدى ھەمدە ئاكوپ ۋە ئورمانلارنى ئىھاتە قىلغان ھالدا قاپ ئوتتۇرىغا 700 دانە ئوغۇز توپ ھارۋىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، گېزى كەلگەندە ھەيدەشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ھەر ئىككىسى ھارۋىنى بىردىن گۇرۇپپا قىلىپ تاسما بىلەن چېتىپ قويدى.
بابۇر شۇ ھالەتتە سەككىز كۈن ساقلىدى، ئىبراھىم جەڭگە چىقمىدى. بابۇر تىت - تىت بولۇپ كېتىپ 4000 ئاتلىقنى ئەۋەتىپ جەڭ ئېلان قىلدى. ئىبراھىم تەخىر قىلىپ تۇرالماي 100 مىڭ ئادەم ۋە مىڭ پىل بىلەن جەڭگە چۈشتى.
1525 - يىل 4 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، تاڭ يورۇغان ھامان ئىككى تەرەپ ھەل قىلغۇچ جەڭنى باشلىۋەتتى.
«شەھەرگە ئاتاكا قىلىڭلار! بابۇرنى ماڭا تۇتۇپ بېرىڭلار!» - ئىبراھىم 200 مىڭ ئادەمگە قوماندانلىق قىلىپ ئوق ياغدۇردى. پارتلاتقۇچ دورىلار ھىندى ئەسكەرلىرىنىڭ ئارىسىغا كېلىپ پاراسلاپ ئېتىلىشقا باشلىدى. بابۇرنىڭ قوشۇنى تۈركلەر، پارسلار ۋا ئاففانلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھەم ئوق - يا ئېتىشقا ماھىر ئىدى. ھەم پارتلاتقۇچ دورىلارغا باي ئىدى. بىر سائەت ئۆتە - ئۆتمەيلا ھىندى ئارمىيىسىدىن نەچچە يۈزلەپ ئادەم ئۆلۈپ شەھەر يېنىغا يىقىلدى.
شەھەرنى ئالالمىغاندىن كېيىن، ئىبراھىم يەنە بەش تۈمەن كىشىنى ھۇمايۇن قوماندانلىقىدىكى سول قاناتقا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتتى.
_ ھودۇقماڭلار، تەمكىن تۇرۇڭلار، ئۇلار مېنىڭ قانداق ئەدەبلەيدىغانلىقىمىنى كۆرۈپ قويسۇن! - بابۇر بىر تەرەپتىن، ئوغلىغا شۇنداق دەپ ئىلھام بەرسە، بىر تەرەپتىن، 700 دانە توپ ھارۋىسىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئوت كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قايتۇرما ھۇجۇمنى باشلىدى ھەمدە ئوڭ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق بەردى. ھىندىستان ئارمىيىسى قورشاۋدا قالدى. ئەسكەرلىرى پاتىپاراق بولۇپ كەتتى ۋە پاجىئەلىك جاراھەتلەندى.
- سۇلتان جانابلىرى، ئەڭ خەۋپلىك پەيت يېتىپ كەلدى، ئەڭ ياخشىسى جانابلىرى جەڭ مەيدانىدىن چىقىپ كەتسىلە، - دېدى ئىبراھىمنىڭ ياساۋۇللىرى، - ئەگەر جانابلىرى ئامان قالسىلا، باشقا قوشۇن توپلاپ مۇغۇللار بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغىلى بولىدۇ.
- سۇلتان تۇرۇپ جەڭ مەيدانىدىن قېچىپ كېتىش ئىنتايىن چوڭ نومۇس قاراڭلار، ئەزىز مىللىتىم، ئوفىتسېرلىرىم، سىرداش دوستلىرىم قۇربان بەرمەكتە، ئېتىمنىڭ ئەپچانىمۇ قان بىلەن بويالدى، ئەمدى مەن قەيەرگە قاچىمەن؟ ... مەن دېگەن سۇلتان، دوستلىرىمغا ئوخشاش قان تۆكۈپ ئۆلىمەن!
ئۇ شۇنداق دېدى - دە، جامائەتنى باشلاپ يەنە جەڭگە كىردى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئارمىيىسى ئۈزۈل - كېسىل بىتچىت بولۇپ، ئارمىيىسىنىڭ 15 مىڭدىن كۆپرەكى جەسەتكە ئايلاندى، ئىبراھىممۇ جەڭ مەيدانىدىن قازا تاپتى، مانا - بۇ _ مەشھۇر پانىپات ئۇرۇشى.
جەڭ مەيدانىدا ئىبراھىم بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈپ كەتكەن يەنە بىر ئەمىر بولۇپ، ئۇنىڭ بىر نەچچە خوتۇنى ۋە بىر توپ ئوغۇل - قىزلىرى دېھلىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدىكى ئاگرا شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىدى. بابۇرلار دېھلى ۋە ئاگراغا غەلىبىسېرى يۈرۈش قىلغاندا ئۇلارنى تۇتۇۋالغان ئىدى. جەڭچىلەر ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ھۇمايۇن ۋەقەدىن خەۋەر تاپتى - دە، شۇ ھامانلا ئۇلارنى قوغداشقا بۇيرۇق بەردى. ئەمىرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھۇمايۇنگە سان - ساناقسىز ئۈنچە - مارجان، زىبۇ - زىننەتلەرنى ھەدىيە قىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھىندىستاندىن چىققان ئېغىرلىقى بىر سەر ئۈچ مىسقاك كېلىدىغان بىر يوغان ئالماسمۇ بار ئىدى. بۇ ئالماس، موغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ شىركەت ئۇنى ئايال پادىشاھ ۋىكتورىيىگە ھەدىيە قىلدى. ئۇ ھازىرمۇ لوندون مۇزېيخانىسىدا ساقلانماقتا.
مۇغۇللار دېھلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، دېھلىدىكى كاتتا مەسچىتتە ناماز ئوقۇلدى ۋە نامازدىن كېيىن بابۇرنىڭ ھىندىستاننىڭ بۈيۈك پادىشاھى بولغانلىقى جاكارلاندى. بۇ _ مۇغۇللار سۇلالىسىنىڭ باشلىنىشى بولدى.
بابۇر، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ مۇراسىم كىيىملىرىنى كىيىپ، ھىندىستاننىڭ جاي - جايلىرىدا سەييارە چۆگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل كىيىم ھىندىستاننىڭ مۇراسىم كىيىمىگە ئايلاندى.
ھىدىستان چوڭ دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما بابۇر بۇ يەرنىڭ ھېچنىمىسىگە قانائەت ھاسىل قىلمىدى. ئۇ سەييارە ئايلىنىپ كەلگەندىن كېيىن، كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازدى: «كۆرمىدىمغۇ بۇ دىياردا ئانا يۇرت تۇلپارىنى، شەربىتى تىلىنى يارار تەكلىرى قوغۇنلىنى. شىرىن خىيالىمدا ئۈزەر يۇرت تېنى، كەۋسەر سۈيى، خانغا راھەت مۇنچىسى ھەم تۈندە ماياك شاملىرى. مەن تۇرارمەن نەدىكى كۆزگە سىغماس جايلىرىدا، تەشنالىقىم ئوتتەك يانار، گۈل - چىمەن ئۆز باغلىغا.» شۇنىڭ بىلەن، ئۇ 1400 دىن ئارتۇق تاشچى ھەم بىناكارلىق ئۇستىسىنى ياللاپ ئېلىپ، ئاگرادا كاتتا ئىمارەت ۋە باغچىلارنى ياسىدى.
بابۇرنىڭ ئىمارەت ۋە گۈللۈك ياساش پىلانى ئوڭۇشلۇق بولمىدى. پۇقرالارغا قوشۇنلىرىدىن قورقۇپ ئارقا - ئارقىدىن يۇرتلارغا قېچىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، يېزا - قىشلاقلاردا قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئىسيانلار تەرەپ - تەرەپتىن كۆتىرىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسسىق شامال ئاپىتى بولۇپ، جەڭچىلەر ناھايىتى كۆپلەپ ئۆلۈپ كەتتى. يۇقىرىقىلار بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ قوشۇنلىرى نەگىلا بارسا جەسۇرانە قارشىلىققا ئۇچرىدى.
رادژپىتانا شەھىرىدە ھىندى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ران سانگام دەيدىغان بىر مەشھۇر ئەمىر بولۇپ، ئۇ كۆپلىگەن ئۇرۇشلارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، سەككىز قېتىم يارىلانغان، بىر كۆزى ۋە بىر قولىدىن ئايرىلغان، ئاقساق تۆمۈرگە ئوخشاش بىر پۇتى توكۇر ئادەم ئىدى. ئەمما ئۇ يەنىلا 800 ئادەم، 500 پىلغا قوماندانلىق قىلىپ، 1527 - يىلى 3- ئاينىڭ 16 - كۈنى، مۇغۇللار بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۈچ سىناشتى. بۇ چاغدا بابۇردىكى بار - يوق كۈچ ران سانگامدىكى كۈچنىڭ يەتتىدىن بىر قىسمىغا توغرا كېلەتتى. بۇلارنى كۆرگەن مۇغۇللار يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىدى. بابۇر سەركە جەڭچىلەرنى يىغىپ سۆزلىدى:
«باتۇرلار، ئاللىقاچان بىر مۇنچە قېرىنداشلىرىمىز قۇربان بولدى. شۇنچە بەدەل بېرىپ تۇرۇقلۇق يۇرتىمىزغا كېتىمىزمۇ؟ بىلىشىڭلار لازىمكى، زىمىنسىز، بايلىقسىز تۇرۇپ، دۇنياغا خوجا بولغىلى بولمايدۇ. باتۇرلار، قېنى ھەل قىلغۇچ بىر جەڭ قىلايلى!»
ئۇ شۇنداق دەپ بولۇپ، جامائەت ئالدىدا بىر قەدەھ كۆتەردى - دە، قەدەھتىكى شارابنى بىر سۈمۈرۈپلا ئىچىۋەتتى ھەمدە قەدەھنى يەرگە ئۇردى ۋە ئارقىسىدىنلا شاراب كوزىسىنىمۇ تېپىپ تاشلاپ، جان تىكىپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقا قەسەم قىلغانلىق ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
ئون سائەتلىك شىددەتلىك جەڭ ئارقىلىق ران سانگاملار بابۇرلارنىڭ ئوت كۈچىگە بەرداشلىق بېرەلمەي مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. بابۇر غەلبىسېرى ئىلگىرىلەپ رادژپپىتانا شەھىرىگە يۈرۈش قىلدى. شەھەرنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان ھىندى دىنىدىكى سەركەردىلەر ۋە ئەسكەرلەر ئۆزىنىڭ كۆپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ئالدى بىلەن پۈتۈن شەھەردىكى خوتۇن - قىزلار ۋە بالىلارنى ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ، ئاندىن ئېتىلىپ چىقىپ، دۈشمەن بىلەن ئېلىشىپ ئۆلدى.
بابۇر تۆت يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىملىق چوڭ ئۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا شىمالىي ھىدىستاننى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، دېھلىغا قايتىپ كېلىپ، كاتتا بىنا، باغچا ۋە سۇ يوللىرىنى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان سەمەرقەنت نۇسخىسىدا ياساپ چىقىشنى داۋاملاشتۇردى. ئەمما ئۇنىڭ ئۆمرى ئۇزاققا بارمىدى. يەنى 1530 - يىلى 12- ئايدا ئۇشتۇمتۇت كېزىك بولۇپ قېلىپ ئۆلۈپ كەتتى. شۇ چاغدا ئۇ ئاران 48 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇنىڭ جەسىتى ئۆزىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن ئۇ ھايات ۋاقتىدا تاللاپ قويغان كابۇلدىكى جايغا قويۇلدى. بۇ مازار تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە كابۇل خەلقىنىڭ تىۋىنىدىغان مازارى بولۇپ تۇرماقتا.
بابۇر ئۆلۈپ كەتكەن ھامان، شىمالىي ھىندىستاندا بۆلگۈنچىلىك ۋەزىيىتى شەكىللەندى. بابۇرنىڭ چوڭ ئوغلى ھۇمايۇن تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىچكى - تاشقى قىيىنچىلىققا بوغۇلغان پەيتتە ئاففانلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. ئاففانلار ھۇمايۇننىڭ پۈتكۈل زىمىنىنى تارتىۋېلىپ، سۈر سۇلالىسىنى قۇردى. مۇغۇل ئىمپېرىيىسى شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈلۈپ قالدى. ھۇمايۇن چەتئەلدە 15 يىل سەرگەردان بولۇپ يۈرۈپ، 1555 - يىلىغا كەلگەندە، يىڭىباشتىن قوشۇن توپلىدى ۋە سۈر سۇلالىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ماجرا بولغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ دېھلىگە قايتىپ كەلدى ھەمدە سۈر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇغۇل خانلىقىنىڭ تاجى - تەختىنى يېڭىۋاشتىن ئەسلىگە كەلتۈردى.
مىلادى 1542 - يىل 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، ھۇمايۇننىڭ كېنىزىكى، ئوردا ئۇسۇلچىسى بىر ئوغۇل تۇغدى، بۇ _ مۇغۇللار خاندانلىقىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى مەشھۇر خاقانى ئەكبەر ئىدى.

مەنبە : بىلقۇت غەزىنىسى
ئەسلى مەنبە ۋە ئاپتور ئەسكەرتىلمىگەن

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 14:13:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 14:21  

ياخشى تېما ئىكەن!
مەن بابۇرنى سەمەرقەنتتە تۇغۇلغان دەپ ئويلاتتىم، بۇ يەردە تاشكەنتتە دەپتۇ!
بۇ يەردە موڭغۇل سۆزى بىلەن «مۇغۇل» (ياكى مۇغال) سۆزى تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. كۆرسىتىدىغان كىشىلەر توپىمۇ قەتئىي ئوخشىمايدۇ. مۇغۇل سۆزى بەلكىم موڭغۇلدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن بۇنداق كېلىش مەنبەسىنى رەت قىلىدىغانلارمۇ بار.
ئاتالمىش مۇغۇللار ئەينى زاماندا دىيارىمىز بىلەن ئۆزبەكىستاننىڭ بىر بۆلەك زېمىنىدىكى خەلقلەرنى كۆرسىتىدۇ. شەرقتە قۇمۇلدىن، غەربتە تاشكەنتكىچە، شىمالدا ئىسسىق كۆلدىن جەنۇبتا خوتەنلەرگە بولغان كەڭ زېمىندىكى خەلقلەر مۇغۇل دەپ، مۇشۇ زېمىن مۇغۇلىستان دەپ ئاتىلاتتى.  قىسقىسى، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ 500 يىلدەك مۇغۇل دەپ ئاتىلىپ كەلدى.  ئۇ چاغلاردا ھازىرقى موڭغۇللارنىڭ ئەجدادلىرىنى قالماق دەپ ئاتايتتى.
شۇڭا بابۇرشاھمۇ ئۆزىنى مۇغۇل دەپ ئاتايدۇ، مۇغۇللارنى تۈرككە تەۋە دەپ بىلىدۇ. سەئىدىخانمۇ مۇغۇل. بابۇرشاھنى ئۆزبەك شايبانخان سەمەرقەنتتىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن، گەرچە بابۇرشاھ ئىككى قېتىم سەمەرقەنتنى قايتۇرۋېلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ، يەنىلا ئاخىرقى ھېساپتا سەمەرقەنت ئۆزبەكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى.
500 ئاۋۋالقى ئاشۇ ئۆزبەكلەرنىڭ تېگى تەكتىنى سۈرۈشتۈرسەك، ئۇلار ئاساسلىقى ئۇيغۇر (قەدىمكى ئۇيغۇر)، نايمان ۋە تۈركمەنلەردىن تەركىپ تاپقا بولىدۇ، سان جەھەتتىنمۇ شۇ بويىچە كېلىدۇ. بۇنى «شەجەرىئىي تۈرك» دېگەن كىتاپتىن ئېنىق كۆرگەن ئىدىم، ھەم يېنىشلاپ -يېنىشلاپ كۆردۈم. قزىق يېرى، ھازىرقى ئۆزبەك تىلىدىمۇ مۇشۇ 3 قەۋىمگە ئۇددۇل كېلىدىغان 3 خىل دىئالېكتىكا بار.  قەدىمكى ئۇيغۇرلار ئۆزبەكلەردىكى ئەڭ چوڭ تەركىب بولغاچقا، ھەمدە مەۋلانە ئەلشىر نەۋائىي كىتاپلاردا «ئۇيغۇر» دەپ يېزىلغاچقا، ئۆزبەكلەر ئارىدىكى جەرياننى چىقىرىۋېتىپ، مەۋلانەنى بىۋاستىلا ئۆزبەك دەپ جاكارلاۋاتقان بولسا كېرەك.
يەنە بىرسىگە، ھىندىستاندا مۇغال دەپ بىر مىللەت بار، ئۇلار ئەينى چاغدىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ، يەنى مۇغۇلىستاندىن چقىپ كەتكەن تۈركىي مىللەتلەر بولۇپ، ھىندىستاندىكى نومۇسى 1-2 مىليون كېلىدىغان ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشمىغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ھەممە يېرىگە چېچىلىپ جايلاشكەن ئىكەن، ئۇلار ھىندىستاندىكى مەرتىۋىسى يۇقىرى، پۇلدار، ھوقۇقدار كىشىلەر ئىكەن. قىزىقىدىغانلار joshuaproject.net دىن كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 15:18:59

بۇ يازمىنىڭ مەنبەسى يولداشلار يازغان «دۇنيانىڭ بەش مىڭ يىلى» دېگەن كىتاب. ماتېرىيال تېپىلمىغاندەك يولداشلارنىڭ يازمىسىنى كىرگۈزىۋالغىنىنى بىلقۇتنىڭ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 15:23:31

بابۇرنىڭ ئۆزى يازغان كىتابى «بابۇرنامە» . ماۋۇ يازمىدا «بابۇرنلىق» دەپ ئاتىۋاپتۇ.
كۆكتاش بابۇر ئۆزىنى موغۇل دېمىگەن، تۈرك دېگەن. شۇ دەۋردە تېمۇرىيلەر خانلىقى تەۋەسىدىكىلەر چاغاتايلار، موغۇلىستان تەرەپتىكىلەر موغۇل دەپ ئاتالغان.
موغۇل بىلەن موڭغۇل تۈپتىن پەرقلىنىدۇ دېگەن گەپ تازا ئاساسسىز گەپ. پارىسلار موغۇل دەپ ئاتىغانكەنغۇ.

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 15:54:37

توكۇر  ئەمىر ران سانگام نىڭ ئەسكىرى 800،   500پىل دەپتۇ ، بابۇرخان نىڭ ئۇنىڭ  يەتتىدىن بىرى كەن ، ئارقىدىن ئۇلارنى يېڭىپ يەنە بىر شەھەرنى ئاپتۇ ، شەھەر قوغدىغۇچىلىرى بابۇرخاننىڭ ئەسكەرلىرىدىن بەك ئاز بولغاچقا خوتۇن بالىلىرىنى ئۆلتۇرۋىتىپ ، ئۇرۇشۇپ تۇگەپتۇ ،
چۇشەنمىدىم  سانلىق مەلۇماتتا خاتالىق بارمۇ ياكى شۇ چاغدا شەھەر نوپۇسى شۇنچە ئازمۇ

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 16:11:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   durak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 16:17  

لېكىن ئوتتۇرا ئەسىردە  پارىسلار ئوتتۇرا ئاسىيادىن 2-چوڭ قۇرۇقلۇققا بېسىپ كىرگەن  مۇسۇلمانلارنى مۇشۇ مۇغال كەلىمىسى بىلەن ئاتايمىش .

فرانسىيەلىك دوختۇر Франсуа́ Бернье́فرانسوۋا بېرنېر (مىلادى 1620-1688 )دىگەن كىشى تەرىپىدىن يېزىلغان 1891 - يىلى نەشر قىلىنغان مۇغال ئىمپىرىيەسىگە ساياھەت ناملىق ئەسىرىدە ئۇلارنىڭ مۇتلەق ئاساسلىق قىسمى ئۇيغۇرلارغا قىسمەن ئۆزبەك ۋە تۈركمەنلەر ، پارىسلار قوشۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى  دەپ ئاتالغان بىر  توپنىڭ ئەۋلادلىرى ..دەپتۇ .

  قىزىقارلىق يېرى فرانسوۋا بېرنېر دىگەن كىشى دوختۇر ۋە پەيلاسوپ 1658- يىلىدىن 1667- يىلىغىچە مۇغال ئىمپىراتورى › شاھجاھاننىڭ ئوغلى ، ئەلەمگىر  1 دەپ ئاتالغان ئورلاڭزېبنىڭ خاس دوختۇرى بولغان ئىكەن ، شۇڭا مەلۇماتىنى ئىشەنچلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ مېنىڭچە .

بابۇر كىتاۋىدا ئۆزىنىڭ موڭغۇللارغا ناھايىتى ئۆچ ئىكەنلىگىنى يېزىپتىكەن ، بەلكىم ئۇلار غەيرى مۇسۇلمان بولغاچقا شۇنداقمىكىن ، ئومۇمەن مۇغال سۆزى پارسچە ئىكەن ، ئەسلى مەنىسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ‹

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 16:12:43

ماۋۇ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ئۇيغۇر ئەمەس موغۇل مىللىتىدەكلا ھېس قىلىپ قالدىم
خۇددى ئۇيغۇر دېگەن مەۋھۇم مىللەت نامى،موغۇللار بولسا بۈگۈنكى كۈندە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر دەپ ئاتىلىپ قالغان مىللەتنىڭ ھەقىقىي نامىدەكلا.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 16:17:57

ماڭا بەزىدە بىزگە قويۇلغان ئۇيغۇر دىگەن مىللەت نامى خاتا ياكى مەقسەتلىك قويۇلغاندەكلا تۇيۇلىدۇ،ئۇيغۇر دىگەن نام بىزنىڭ تارىخىمىزنىڭ ئازبىرقىسمىنىلا يۇرۇتۇپ بىرىدۇ،ئاساسلىق قىسمنى يۇرۇتۇپ بېرەلمەيدۇ دەپ قارايمەن.بىز راسلا ئۇيغۇرمۇ؟

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 16:27:35

ران سانگامنىڭ قوشۇنى 80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن. ئىككى نۆلنى چۈشۈرۈپ قويۇپتۇ.
durak بابۇرنىڭ موڭغۇللارغا ئۆچ بولۇشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ غەيرى مۇسۇلمان ئەمەس، بەلكى بەكلا تۇراقسىز، ساداقەتسىز، ۋىجدانسىز بولغانلىقىدا. موغۇللار بابۇرشاھقا بەك ئەسكىلىك قىلغان. موغۇللارنىڭ ھەممىسى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ۋاقتىدا ئىسلامغا كىرىپ بولغان.
موغۇللار ئاساسەن يايلاقتا تۇرىدىغان، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئاساسەن ئەسكەرلىكنى كەسپ قىلغان قەبىلىلەرنىڭ ئومۇمىي نامى بولۇشى كېرەك. ئولتۇراقلىشىپ دېھقانچىلىق قىلىدىغانلار موغۇل ئاتالمىغان. شەيبانىخان ئىستىلاسى ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىدە موغۇللار ئاساسەن ئۆزبېك بىلەن قازاققا قوشۇلۇپ كېتىپ موغۇلىستاندا موغۇل ئازلاپ كەتكەن ياكى يوق بولۇپ كەتكەن بولۇش ئېھتىماللىقى بار. تارىخىي رەشىدىدە شۇنداقراق مەلۇماتلار بېرىلگەن.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 16:32:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-7 16:35  

موغۇل دىگەن سۆز كۆپ قىسىم خەنزۇچە ماترىياللاردا ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان مۇڭغۇللار ››دىگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغۇ دەيمەن،‹‹تارىخى رەشىدى››دە ناھايىتى كۆپ تىلغا ئېلىندىغان موغۇللار ھىچ مۇڭغۇلچە سۆزلىشىدىغان ئادەملەر توپىغا ئوخشىمايدۇ،مۇڭغۇللارنى ئېنىق قىلىپ قالماق دەپ ئاتاپتىكەن بۇ كىتاپتا.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 16:43:14

باشقىلار يېزىپ بەرگەن تەييار تارىخنى ئاساس قىلىۋالماي، قەدىمدە ئۆزىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاپلارنى كۆپرەك كۆرۈپ بەرسەڭلار، ئىشلارنىڭ تېگى تەكتى ئايان بولىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 17:38:35

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-7 16:32 static/image/common/back.gif
موغۇل دىگەن سۆز كۆپ قىسىم خەنزۇچە ماترىياللاردا ‹‹ئوت ...

مەسىلە مۇشۇ شۇ دەۋردە ئوتۇرىغا چىققان موڭغۇل دېگەن ئاتالغۇنى ھازىر موڭغۇل مىللىتى بىلەن بىر دەپ قارىۋالغانلىقتا چىقىدىكەن. ئەينى دەۋردە چىڭگىزخان بويسۇندۇرغان يەرلىرىدىكى كۆچمەن قەبىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى موڭغۇل دېگەن ئومۇمىي نام بىلەن ئاتاشنى بۇيرۇق قىلغانىكەن.   

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 17:43:11

شۇنداقمىكىن niyazdixan ،  بابۇرنامە دىگەن كىتاپ ئىشكاپتا تۇرغىلى 8 يىلدەك بولدى ، ھىچ ئوقۇيدىغانغا ۋاقىت يوق ، بەلكىم قىزىقىشىم قالمىغان ئوخشايدۇ .

كىچىككىنە  بىر ھىكايە  سۆزلەپ بېرەي ئەمىسە ، ئامېرىكىدا يۈرگەن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ دىيىشىچە ئۇ ياشايدىغان خيۇستون دىگەن شەھەردە يۈسۈپ بەي ئىسىملىك بىر ئەزەربەيجان مىليونېر ياشايمىش ، شۇ شەھەردە ئۆي- مۈلۈك مەبلەغ سېلىپ بېيىپ كەتكەن ئىكەن ، ئاتا-ئانىسى ئىران ئىسلام ئىنقىلاۋىدىن بۇرۇن پەھلىۋى پادىشالىقىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان ئىكەن ، كېيىن 1979- يىلدىن كېيىن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن ، كېيىن بۇ يۈسۈپ بەي دىگەن كىشى نۇرغۇن پۇل چىقىرىپ فونت قۇرۇپ ئۆز جەمەت تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئەزەربەيجاندىكى باكۇ ئۇنۋېرسىتى ۋە ئامېرىكىدىكى كولومبىيە ئۇنۋېرسىتلىرىنىڭ تارىخ پوكولتىتلىرىغا پۇل ئىئانە قىلىپ جەمەت تارىخى تەتقىق  قىلدۇرۇپتىمىش ، نەتىجىدە بۇ ئوخشىمىغان ئۇنۋېرسىتېتنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى ئوخشاش چىققان بولۇپ بۇ كىشىنىڭ ئالاھىزەل 18 - ئەجدادى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەشقەر تەۋەلىگىدىن ئەزەربەيجانغا كۆچۈپ بارغان ئىكەنمىش ... شۇڭا بۇ كىشى نەدە ئۇيغۇر ئۇچراتسا ئۆيىگە باشلاپ ئاپىرىپ تەتقىقات نەتىجىسىنى كۆرسىتەرمىش . :lol

دىمەك قەدىمقى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى   مىللەتلەرنىڭ ئەجداتلىرىنى سۈرۈشتۈرسەك تەبىى ھالدا  شۇ ۋاقىتتىكى ناھايىتى چوڭ بىر توپ ئۇيغۇرلارغا تۇتىشىدىكەن .

قوشۇمچە ھەتتا چىڭگىزخاننىڭ پۈتۈن ۋە ساپ موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى سانى چوڭ -كىچىك قېرى -چۈرى ئەر- ئايال بولۇپ 8 تۈمەنگە بارماسمىش ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن ئەسكەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇرپان سېستىمىسىدىكى بۇددىسىت ئۇيغۇرلار ئىكەن . چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيانى ئالغاندىن كېيىن ھىندىقۇشتىن قار كۆچۈپ ئۆتەلمەي كەينىگە يېنىپ كەلگەندە  بۇ ئارىلىقتا 3 يىل ئۆتكەن ئىكەن ، شۇ يەردە قالغان موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ چىرايىدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ يىغلىۋەتكەن ئىكەنمىش ...

sindibad يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 19:42:44

قوشۇمچە ھەتتا چىڭگىزخاننىڭ پۈتۈن ۋە ساپ موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى سانى چوڭ -كىچىك قېرى -چۈرى ئەر- ئايال بولۇپ 8 تۈمەنگە بارماسمىش ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن ئەسكەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇرپان سېستىمىسىدىكى بۇددىسىت ئۇيغۇرلار ئىكەن . چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيانى ئالغاندىن كېيىن ھىندىقۇشتىن قار كۆچۈپ ئۆتەلمەي كەينىگە يېنىپ كەلگەندە  بۇ ئارىلىقتا 3 يىل ئۆتكەن ئىكەن ، شۇ يەردە قالغان موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ چىرايىدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ يىغلىۋەتكەن ئىكەنمىش ...

دۇرەكنىڭ ئىنكاسىغا ؛   توغرا..ياپونىيەلىك يېنى ئو ئې ياساشى دىگەن ئادەم يازغان [چىڭگىزخان] دىگەن كىتاپتا چىقىدۇ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 22:28:16

قوشۇمچە ھەتتا چىڭگىزخاننىڭ پۈتۈن ۋە ساپ موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى سانى چوڭ -كىچىك قېرى -چۈرى ئەر- ئايال بولۇپ 8 تۈمەنگە بارماسمىش ، ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرگەن ئەسكەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۇرپان سېستىمىسىدىكى بۇددىسىت ئۇيغۇرلار ئىكەن . چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيانى ئالغاندىن كېيىن ھىندىقۇشتىن قار كۆچۈپ ئۆتەلمەي كەينىگە يېنىپ كەلگەندە  بۇ ئارىلىقتا 3 يىل ئۆتكەن ئىكەن ، شۇ يەردە قالغان موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ چىرايىدىن باشقا ھەممە نەرسىسىنىڭ ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەنلىگىنى كۆرۈپ يىغلىۋەتكەن ئىكەنمىش ...
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
بۇ گەپنىڭ رىۋايەت تۇسى بەك قويۇق بولاپ كېتىپتۇ. تۇرپانلىق بۇددىست ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭگىزخاننىڭ يۇرۇشىگە بىر تۈمەن ئەسكەر قاتناشتۇرغانلىقى راست. ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ چىڭگىزخاننىڭ مۇتلەق كۆپ ئەسكىرىنى تەشكىل قىلغۇدەك ئۇيغۇر بولغان بولسا ئۇ ئۇيغۇرلار بىكاردىنلا چىڭگىزخانغا پانالىق تىلەپ بارماي ئۆزلىرىلا دۇنيانى ئىستىلا قىلاتتى.
چىڭگىزخان موڭغۇل ئىگىزلىكىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن قول ئاستىدىكى 129 مىڭ تۈتۈننى تۆت ئوغلىغا ئىنىلىرىگە بۆلۈپ بەرگەن. قېرى چۈرى بولاپ 8 تۈمەن دېگەن شۇ چىڭگىزخان تەۋە بولغان قەبىلىنىڭ ئادەم سانىنى كۆرسەتسە كېرەك.  

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 07:56:31

شۇنداقمۇ ، گەپنى چۈشىنىشلىك ئالاي دەپ پەقەت كىچىككىنە تۇرپان دىگەندەكلا  تەسىر  بېرىپتىمەن سىزگە ، ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى بۇرۇنقى كۆكتۈرك خانلىقى ، ئۇيغۇر ئۇرخۇن خانلىقى ۋە غەربىي تۈرك دۆلىتى دەپ ئاتالغان پۈتكۈل زىمىننىڭ ۋارىسلىرى بولغان ، قاراخانىلار دۆلىتى پەقەت ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر كىچىك ۋىلايىتى . ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئايرىلىپ چىققان بۇنى سىز  بىلىسىز ھەقاچان .

ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئافغانىستاندا ياشايدىغان خازارالار ۋە ھىندىستاندىكى مۇغال چۇغتاي دىگەندەك مىللەتلەرنىڭ گېنېتىكىلىق ئالاھىدىلىگىدە ئۇيغۇر ئالامىتى ئېنىق ئىكەن ، بۇنى قايسىدۇر بىر تېمىدا يازغاندەك قىلغان ، تۆۋەندىكى ئادرىسى :

http://bbs.izdinix.com/thread-51009-1-1.html

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 14:27:41

شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئويى. بىراق شۇ ۋاقىتتا ئىدىقۇت ئۇيغۇر دۆلىتى قارا ***لارغا بېقىندى ھالەتتە تۇرغان. سىز دېگەندەك قۇدرەتلىك، ھەم كەڭ زېمننىڭ ئىگىسى ئەمەس.
قاراخانىلارنى ئىدىقۇتنىڭ كىچىككىنە بىر ۋىلايىتى، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئايرىلىپ چىققان دەيدىغانغا تەسەۋۋررنى ئەمەس، تارىخىي پاكىتلارنى كەلتۈرسەك تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ھەرقانداق بىر گەپنى دېگىلى بولىدۇ، بىراق شۇنىڭغا چۇشلۇق ئىسپاتى بولۇشى، ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىسا ھەرقانداق بىر تەسەۋۋۇرى، گۈزەل ئارزۇلىرى بار ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تارىخچى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا قالتىس تارىخلارنى يارىتالايدۇ.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-8 16:15:51

دۇراك ئەپەندى،
يامان يەردىن تۇتۇلۇپ قالغاندەك تۇرۇسىز:lol. «قاراخانىلارنى ئىدىقۇتنىڭ كىچىككىنە بىر ۋىلايىتى، ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئايرىلىپ چىققان» دېگەننى بىر ئىسپاتلىسىڭىز ياخشى بولاتتى. مەن راستىنلا بۇ ھەقتە بىر نەرسە بىلمەيدىكەنمەن، چىن نىيىتىم بىلەن بىلىۋېلىشنى خالايمەن. مەن ئىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان ئادەم، سۆزلىرىمنى تەنىدەك چۈشەنمەڭ، سىزدىن ئىلتىماس (يالۋۇرۇش) تەلەپپۇزدا دەۋاتىمەن.
شۇنىڭغا قارىتا يەنە بىر ئىشنى دېگۈم كېلىۋاتىدۇ. ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ چىڭگىزخان ئىستېلاسىدىن كېيىن نابۇت بولۇشى ئاساسلىقى خەلقتىن ئايرىلىپ قالغانلىقتىن بولغان. خەلق ئۇ چاغدا ئاساسەن ئىسلاملىشىپ بولغان، لېكىن تەختتىكى خانلار تېخىچە بۇددا دىنىدىن مېھرىنى ئۈزەلمىگەن، بۇنىڭلىق بىلەن، خەلق خاننىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدىغان، بوي سۇنمايدىغان بولۇپ قالغان، خان ئىلاجسىز گەنسۇ تەرەپكە كېتىشكە مەجبۇر بولغان. بۇنى خەنزۇچە تارىخلاردا «سىرتتا تۇرۇپ دۆلەتنى باشقۇرۇش» دەپ چىرايلىق ئاتىغان.
بەت: [1]
: مۇغۇل خاندانلىقىنىڭ بەرپا قىلىنىشى