orhun1977 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 15:07:25

ۋىن دۇس 8 دىن ياردەم

مەن كۈزنەك 8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى بىردۇستۇمنىڭ ياردىمىدە سىتىۋالغان ئىدىم. كۇمپىيۇتىر تەخنىكام ياخشى بۇلمىغاچقا باشقىلار قاچىلاپ بەرگەن. كۈزنەك 8 نى سىتىۋالغان چىغىمدا سىتىۋالغان پارۇلنى يېزىۋالغان ئىدىم ئىھتىياتسىزلىقتىن يۇقۇتۇپ قۇيدۇم. بۇ پارۇلغا قايتا ئىرىشىش مۇمكىنمۇ؟ قانداق قىلسام بۇلىدۇ ياردەم قىلغان بۇلساڭلار

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 20:09:54

ئارغامچىدەك ئۇزۇن نومۇرنى دەمسىز، كۆزنەك 8 نى ئۆزىڭىز سېتىۋالغانمۇ؟
سېتىۋالغاندا تولدۇرغان ئېخەت ئادرىسىغا مىكروسوفتنىڭ نومۇر خېتى كېلىدۇ. شۇ خەتنى ئاچسىڭىز تاپىسىز.
ئامال بار ئىشلارنى ئۆزى قىلىشنىڭ ئۇسۇلى شۇكى، بىلمىسىمۇ ئېكراندىكى خەتلەرنى قايتا- قايتا ئوقۇپ، ئۆزى ھۆكۈم قىلىپ داۋاملاشتۇرۇش.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 20:10:57

كومپىيوتېر نىڭ خاسلىقىنى تەكشۈرسىڭىز قاچىلاش تەرتىپ  نۇمۇرى چىقىدۇ. ياكى سىزگە ياردەملىشىپ سېتىۋېلىشىپ بەرگەن دوستىڭىزنىڭ خەت ساندۇقىدا ساقلىنىپ تۇرىدۇ.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 21:24:23

ماۋۇ تېما سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن دەل چىقىدۇ ....
قاچىلانغان MicroSoft مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملاش نومۇرىنى كۆرۈش


http://www.uztaj.com/microsoft-produkey

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 21:29:17

AIDA64 دەپ بىر دېتال بار، توردىن تاپالايسىز، شۇنى چۈشۈرۈپ، قوزغىتىپ، سول تەرىپىدىكى كۆزنەكتىن 操作系统 دېگەن خەتنى باسسىڭىز، ئوڭ تەرىپىدىكى كۆزنىكىدە 产品密钥  دېگەننىڭ يېنىدىكىسى قاچىلاش تەرتىپ نۇمۇرى شۇ. يېزىۋېلىپ، قايتا سېستېما قاچىلىغاندا، شۇنى كىرگۈزسىڭىز، سېستېمىڭىز توردىن ئۆزى ئاپتوماتىك ئاكتىپلىنىدۇ. ئاپتوماتىك ئاكتىپلىنىش قېتىم سانى تۈگەپ كەتكەن بولسا، 1832-830-400 غا تېلفون قىلىپ ياردەم سورىسىڭىز، ئاكتىپلاش نۇمۇرىنى دەپ بېرىدۇ.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 21:43:40

پايدىلىق ئىنكاس بار ئىكەن ، ساقلىۋالاي.

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 21:57:08

slmgr.vbs -dlv
slmgr.vbs -dli
slmgr.vbs -xpr

eliborisi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 00:10:10

مەن كۆزنەك 9 نىڭ قانداق يىڭىلىقلارنى ئىلىپ كىلىدىغىنىغا قىزىقۋاتىمەن ، مەنچە بۇكۆزنەك  8 ئەينى ۋاقتىدىكى windows me،  ،windows vista قاتارلىقلارغا ئوخشاپراق قالامىكىن ، مۇكەممەللەشكىنى يۇق تىخى ، ئەگەر ئىنتىرنىت كەڭ دائىرىدە كۆلەملەشمىگەن بولسا كۆپ قولايسىزلىق كەلتۇرەتتىكەن ، ئەمما كۆزنەك 9 دا كۆزنەك 8 دە كۆرۈلگەن يۇچۇقلار ، كامچىللىقلار ئاساسى جەھەتتىن بىر تەرەپ بوپ كىتەمىكىن دەيمەن ، خۇددى windows me دىن كىيىنكى 2000 ياكى xp ،windows vista دىن كىيىنكى كۆزنەك 7 دەك ...

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 13:38:50

مىنىڭمۇ ياردەم سپرايدىغان ئىشىم بار ئىدى، كۈزنەك 8 نىڭ  قارا ئىكران بولىۋالىدىغان ئىشىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟
بەيدۇدىن ئىزلەپ  ئوڭشاش ئۇسۇللىرىنى تاپتىم لىكىن يەنىلا تۈپتىن ھەل بولمىدى. ئۈستەل يۈزىدىكى بەلگىلەر گاھىدا ھەممىسى ئوخشاش شەكىلگە ئايلىنىۋېلىۋاتىدۇ. ئىكران تەگلىك رەسىمى قاپ-قارا رەڭگە ئۆزگىرىۋېلىۋاتىدۇ.

orhun1977 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 13:58:33

رەھمەت قىرىنداشلار ياردەم قىلغان كۈڭۈل بۈلگەن قىرىنداشلاردىن ئاللا رازى بۇلسۇن
بەت: [1]
: ۋىن دۇس 8 دىن ياردەم