NASA: يېڭى پەن – مەكرو-سىستېم ئېكولوگىيىسى
يېڭى پەن – مەكرو-سىستېم ئېكولوگىيىسىبىلىمخۇمار
2014-يىلى 5-فېۋرال
ئۇچۇر مىقتارىنىڭ ئۇچقاندەك كۆپىيىشىگە بىلەن، ئالىملار بىر يېڭى ئىلىم-پەن ساھەسىنى بەرپا قىلىشقا تەييارلىق كۆرىۋاتىدۇ. بۇ پەننىڭ ئىسمى «مەكرو-سىستېم ئېكولوگىيىسى» بولۇپ، بۇ ئىش مۇشۇ 3-فېۋرال كۈنى ناسا مەركىزى JPL نىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكىنىڭ مەملىكەت ئىلىم-پەن فوند جەمئىيىتى (National Science Foundation) مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، جپل دىكى سوراننو بىلەن دەيۋ شىمېل (Dave Schimel) باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا مۇتەخەسسىسلەرنى بۇ يېڭى ئىلىمگە ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئېكولوگىيەشۇناسلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلارنى ئۈنۈملۇك ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئىستراتېگىيىلەرنى ھازىرلاپ چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇ ئىككى مۇتەخەسسىس يېقىندا باش مۇھەررىرلىكنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئامېرىكا ئېكولوگىيە جەمئىيىتى تەرىپىدىن چىقىرىلىدىغان «ئېكولوگىيە بىلەن مۇھىتنىڭ ئالدىنقى سېپى» (Frontiers in Ecology and Environment) دېگەن ژورنالدا بىر مەخسۇس سان ئىشلەپ، ئۇنىڭدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ھازىرغىچە ئېلىپ بارغان مۇشۇ ساھەدىكى ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ يېڭى ئىلىمنىڭ ئېكولوگىيە ساھەسىگە يېڭى مۇمكىنچىلىكلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.
پايدىلىنىش ماتېرىيالى:
New scientific field looks at the big picture
رەسىم مەنبەسى:
http://phys.org/news131631136.html#nRlv
http://cdn.physorg.com/newman/gfx/news/2008/largescaleex.jpg
يىڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭزغا كۆپ رەھمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-6 20:16
پىلانېتلاردىكى ھاياتلىق سستېمىسىنى چۈشىنىش بىلەن، يېڭى پىلانېتتا زور ھاياتلىق سىسستېمىسنى بەرپا قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋېتىپتۇ-دە.
ئەگەر، ساتۇرىننىڭ چىرايلىق نۇر ھالقىسىدىكى زور مۇزلارنى مارىسقا ئالەم كېمىسى بىلەن يۆتكەپ تاشلاپ، زور قاپقا ياساپ، يەرگە ئوخشاش ھاۋا بېسىم ۋە نۇر كۈچى ياساپ چىقسا، مارس يەر شارىنىڭ كىچىك ئۇكىسىغا ئايلىنىدۇ.
بىر پىلانېتتا ئادەم ياشاش ئۈچۈن، يىمەكلىك زەنجىرى بەرپا قىلىش كېرەك. يەر شارىدەك مۇكەممەل زەنجىر ئۈچۈن، مىلىيونلاپ جانلىقلارنى مارستا ماكانلاشتۇرۇشقا توغرا كېلەمدىكىن. ئىككى خىل جانلىق بولسا كۇپايە بىرسى چاشقان بىرسى چىۋىن hoopeelover يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 11:24 static/image/common/back.gif
ئىككى خىل جانلىق بولسا كۇپايە بىرسى چاشقان بىرسى چىۋىن
چىۋىنمۇ شالتىقى بار يەر بولمىسا ياشىمايدۇ...بىر چاغدا خەۋەردە ئۆسۈش ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقۇرى بىر خىل ئۆسۈملىكنىڭ تەتقىقاتىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ كەلگۈسىدە مارىس يەر يۈزىدە كۆپلەپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىق توغرىلىق بىر ماقالە ئوقۇغانتىم. مۇھىمى باچكا دىگەندەك سۇنىڭ ئامالىنى قىلىدىغان ئىش. سۇ بولمىسا ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ. ساتورىنغا قارىغاندا يەنىلا يەر شارى جىق يىقىن سۇ يۆتكەيدىغان ئىش بولسا يەنىلا يەر شارىدىن يۆتكەيدىغان ئىش بولار. بولمىسا ساتۇرىننىڭ ئاۋۇ سۇ بار ھەمراھى تىتانغۇ دەيمەن. شۇنىڭدىن يۆتكەيدىغان ئىشمىكىن... kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى 2014-2-7 12:22 static/image/common/back.gif
چىۋىنمۇ شالتىقى بار يەر بولمىسا ياشىمايدۇ...بىر چاغدا ...
مارىستىمۇ سۇ بار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-7 22:09
ئەسسالامۇ ئەليكۇم، ئەركىن سىدىق ئۇستاز.
تىلىم كۆيۈپ تۇرسىمۇ سىزدىن يازمىڭىزنىڭ ماۋزۇسى توغرۇلۇق بىر گەپنى سورۇغۇم كېلىۋاتىدۇ. ئاتىكاچىلىقىمنى كەچۈرگەيسىز.
تىما ماۋزۇسىدىكى «مەكرۇ» سۆزى
بۇ سۆزنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن ئۇچ خىل شەكلى بولۇپ:
1. مەكرۇ - «بۇ قوينىڭ گۆشى مەكرۇ.» دىگەن جۈملىدىكى،
2. ماكرۇ - ماكرۇ ئىگىلىك، ماكرۇلۇق تەڭشەش، دىگەن سۆز بىرىكمىلىرىدىكى،
3. مىكرو - مىكرو ھىكايە، مىكرولۇق تۈزۈلۈشى، دىگەن سۆز بىرىكمىلىرىدىكى.
ئەمەلىيەتتە 1- سىنىڭ مەنىسى ئايرىم بولسىمۇ لېكىن 2-، 3- سىنىڭ مەنىسى ئوخشاش بولۇپ، يازمىڭىزدىكى «مەكرۇ» سۆزىنىڭ قايسى خىل مەنىدە كەلگەنلىكى ئېنىقسىزراق بولۇپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
بەت:
[1]