waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 03:13:25

شىرئەلىجان 20 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ فوشەن كوماندىسىنى يەڭدى

ئۈرۈمچى ۋاقتى 2- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو ئەرلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ  29- ئايلانما باسقۇچىدىكى مۇسابىقىسى ئۇمۇميۈزلۈك ئىلىپ بېرىلدى، بۇ باھار بايرىمىدىن كىيىن ئىلىپ بىرىلغان تۈنجى مەيدان مۇسابىقە بۇلۇپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قىزىل تاغ تەنتەربىيە مەيدانىدا فوشەن ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن  مۇسابىقە ئىلىپ  باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئۈچ ئەزا 20 دىن كۆپ نۇمۇر ئىلىشى بىلەن ئاخىرى ئۇلار 109-101 نەتىجە بىلەن فوشەن ۋاسكېتبول كوماندىسنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بۇلۇش ھالىتىگە خاتىمە بىرىش بىلەن بىرگە ئالدىدىن پەسىلدىن كىيىنكى مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىش سالاھىيىتىگە ئىرىشتى.  نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 22 مەيدان غەلبە قىلىش 7 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى؛ كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 22 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ شىرئەلىجان 20 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى، 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛   سېنگېلدون 21 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سۇۋىي 9 نۇمۇر، 4 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  تاڭ جىڭدۇڭ 12 نۇمۇر، 7 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇشۇنەن 11 نۇمۇر ئالدى؛ ياڭ جىمىڭ 6 نۇمۇر، 5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
فوشەن كوماندىسىدىن رېن جۈنۋېي 16 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شى خۇڭفېي 17 نومۇر، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جىڭ جۈن 13 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شۈي گوچىڭ 13 نومۇر ئالدى، توماس 28 نومۇر، 12 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 7- فېۋرال داۋاملىق ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا لىياۋنىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php


yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 11:28:05

شىرئەلىجانمۇ 卖萌قىلغىلى تۇرۇپتىغۇ:lol
مۇشۇ گەپنى نىم دەيتۇقيا
بەت: [1]
: شىرئەلىجان 20 نۇمۇر ئىلىپ شىنجاڭ فوشەن كوماندىسىنى يەڭدى