sayaq1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 15:53:11

بېلىق ۋە قاقىر

بېلىق ۋە قاقىر

( ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ )
مەنبە: ( ئۆسمۈرلەر گېزىتى،2013-يىل  10-ئاينىڭ 16-كۈنى، 3105-سان )
تور مەنبەسى: ئۇيغۇر شېئىرىيەت مۇنبىرى (http://www.uypoem.com)

ئۆز يۇرتىنى كىمكى قىلسا گەر تەرك،
يوقالغاي ئۇندىن بەخت، شادلىق، ئەرك.
« ئەگەردە ئانا يۇرتۇڭ بولسا ئامان،
بولمايدۇ رەڭگى روھىڭ ھەرگىز سامان ».

بىر كۆلچەك بولغانىكەن شۇنچە تەبىئىي،
سۇلىرى جىمىرلاركەن زۇمرەت كەبى.
ھاۋاسى زەپ يېقىشلىق، سۈيى كەۋسەر،
ئەتراپى بۈك-باراقسان يېشىل گۆھەر.

كېلەركەن سۇ ئىچكىلى بۇغا-مارال،
ئۇچار قۇش، بۇلۇت ھەتتا يورغا شامال.
بويىدا ھۇزۇرلىنىپ ئېلىپ ئارام،
ئويناركەن شۇنچە قىزغىن، خۇشال-خۇرام.

قىشمۇ ياز مۇزلىماسكەن، قوزغاركەن زوق،
بېلىقلار ئوينار ئىكەن پىلتىڭلاپ شوخ.
ياشاركەن شۇنچە ئېجىل، ئۆم ۋە ئىناق،
قۇت-بەخت تۇيغۇسىدا غەمدىن يىراق.

كېلەركەن تەرىپىگە ئاجىز قەلەم،
چېكەركەن سۆز تاپالماي شائىر ئەلەم.
بىر كۈنى كۆل بويىغا بىر قاقىرا
قونۇپتۇ سۇ ئىچكىلى ( كۆڭلى قارا ).

بەك ئاۋاق، پاخپاق قانات، پېيى تىكەن،
تۇرقى زەپ بەتبەشىرە، جۇلدۇر كېپەن.
ئۇچقۇدەك تېنىدە ماغدۇر قالمىغان،
ئەسكى تاملىق بەلكى ئۇنى باقمىغان.

زېرىككەن تۇرسا قاقىر باياۋاندىن،
يۈرىكى يېرىلمامدۇ ھاياجاندىن.
بولۇپتۇ چىمەنلىككە شۇنچە مەپتۇن،
« توۋا !» دەپ ئۆز-ئۆزىگە ئوقۇپ ئەپسۇن.

ساپ ھاۋادىن قېنىپ-قېنىپ ئاپتۇ نەپەس،
كۆلچەككە ۋۇجۇدىدا قايناپ ھەۋەس.
سان-ساناقسىز بېلىقلارنى كۆرۈپ بىردىن،
ئېقىپتۇ شۆلگەيلىرى ئېغىزىدىن.

شۇ ھامان يۈرىكىدە قۇتراپ يىلان،
بىر مۇدھىش ئىشقا دەرھال تۈزۈپ پىلان.
خىيالغا چۆمۈپ بىردەم سۈرۈپتۇ ئوي،
( بېلىققا ماتەم، ئەمما ئۆزىگە توي ).

تۇيۇقسىز ھۆڭرەك ئېتىپ، تۆكۈپ كۆز ياش،
پالاقلاپ دومىلاپتۇ، چوقۇپتۇ تاش.
پەيلىرى يۇلۇنۇپتۇ، ئاغزى قاناپ،
تۇمشۇقى يېرىلىپتۇ، تىلى چايناپ.

بېلىقلار نالىسىگە بولۇپ ھەيران،
كېلىپتۇ ئۈزۈپ دەرھال قىرغاق تامان.
سوراپتۇ :« ھالىڭ نېچۈك، بۇنچە خاراب،
سەۋەبىنى ئېيتقىنا تېز، بەرگىن جاۋاب؟»

قاقىرا سۆزگە كەپتۇ تىترەپ دىر-دىر،
( مەقسىتى ئىشقا ئاشاي دەپتۇ بىر-بىر ).
« كۆز نۇرۇم، بېلىقلىرىم، جىگەرلىرىم،
سىلەرگە قاراپ شۇنچە كۆڭلۈم يېرىم.

قاراڭلار مۇنۇ زەيكەش ئۆيۈڭلارغا،
قاراڭلار، مۇنۇ ئالتۇن بويۇڭلارغا!
گۆھەرنى لەش يۇندىغا تاشلىغاندەك،
بۇلبۇلنى ئەسكى تامغا باشلىغاندەك.

سىلەرگە قانداق كۈن بۇ، قانداق قىسمەت؟
ئاھ، ئىگەم كۆرسەتمەپتۇ قىلچە ھىممەت.
بار-يوقى ماكانىڭلار ئون بەش قەدەم،
ھاۋاسى بەك بۇرۇقتۇم، سۈيى بىتەم.

پاقىلار كۇرۇلدىشىپ ئاغرىتسا باش،
پاشا ھەم كۇمۇتىلار ئوينىسا شاش.
قانداقمۇ يۈرەلەيمەن سىلەر ئۈچۈن،
ۋادەرىخ، قايغۇرماستىن باغرىم پۈتۈن!

بېكىنىپ كىچىككىنە زەيكەش تامان،
دەمسىلەر شۇ ئىكەن ئالەم-جاھان؟
ئاھ دېڭىز، قانداق ھەيۋەت، يوقتۇر چېكى،
كۆرۈنمەس شۇڭغىسىمۇ ئەسلا تېگى.

پاھ، ئۇندا ئۈزۈپ ئويناش قانچە ھۇزۇر،
ئۆتىدۇ ھايات دېگەن شۇنچە پۇزۇر.
گەر خالىسا كىمكى باشلاپ باراي،
ساخاۋەت، ياخشىلىقتا نام قالدۇراي!».

بېلىقلار ھاياجاندىن پىلتىڭلىشىپ،
گەپ بېرىشمەي ئۆز-ئارا شىلتىڭ ئېتىپ.
« مەن باراي، مېنى ئاۋال! » دەپ ۋارقىراپ،
بېشىغا كىيىپتۇ كۆلنى جارقىراپ.

چوڭلىرى قىلسا نەسىھەت ئاڭلىماي،
كەلگۈسى مەنزىلنى ھېچ چاغلىماي.
بەسلىشىپ نۆۋەت بىلەن تارتىپتۇ چەك،
ئارقىدا قالغانلىرى رەنجىپتۇ بەك.

قاقىرا بوپتۇ توشۇماق كۈندە ئۈچ،
بولمىسا قالماس ئىمىش تېنىدە كۈچ.
ھەر قېتىمدا بىر بېلىق چىشلەيدىكەن،
ھارماستىن ئۇچىدىكەن، ئىشلەيدىكەن.

بارمايلا ئۇ كۆلچەكتىن ئانچە ئۇزاق،
بېلىقنى قىلار ئىكەن بىر ۋاخ تاماق.
ھەر قېتىم قايتقاندا كۆلچەك تامان،
دەيدىكەن: « بولدى سەپەر تىنچ-ئامان.

باشقىلار ئۈزۈشمەكتە شۇنچە خۇشال،
سېغىنىپ يولۇڭلارغا بەك ئىنتىزار.
ھە، قېنى كەلمەمسىلەر، بارايلى تېز،
كۈتمەكتە باغرى كەڭرى چەكسىز دېڭىز! ».

بېلىقلار قىلىشاركەن زور تەنتەنە،
كېلەركەن قايسىغىدۇر نۆۋەت يەنە.
شۇ يوسۇندا ھەر كۈنى ئۈچتىن بېلىق،
قاقىرانىڭ گېلىغا يەم بولۇپ سىلىق.

رەڭ تۈزۈپتۇ قاقىرا يېڭىۋاشتىن،
ئەسەر يوق شۇ كۆرۈمسىز ئۈستۋاشتىن.
كۈن ئۆتۈپ، ئايلار توشۇپ، پۈتكەچ پەسىل،
كۆلدە ئاز قاپتۇ بېلىق، قۇرۇپ نەسىل.

...     ....     ....     ....

تۈگىدى بۇ چۆچىكىم كۆز ياش بىلەن،
ئويلىغىن بالام، سەندە ئەقىل تېرەن.
بېلىقلار قىسمىتىدىن ساۋاق ئالغىن،
بېزەلسۇن ئۆمرۈڭ بېتى پاراسەتتىن.

بەدنىيەتنىڭ سۆزلىرىگە بوپ يۈرمە گول،
ئۆز ۋەتىنىڭ بېھىش، گۈلزار، بولسىمۇ چۆل.
ۋەتەننىڭ تۇپرىقىغا باغرىڭ ياققىن،
ئوتىدا كۆي، سۇلىرىدا كۆيۈپ ئاققىن!



( ئەسلى مەنبەدىكى بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىملاسى « مۇئەللىم ئېلېكترون لۇغىتى » ئاساسىدا قايتا تۈزىتىلدى )

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 22:55:32

بەك ياخشى شىئىر ئىكەن، تىيىپجان ئىلىيوف، ئابدىرىھىم ئۆتكۇرلەردەك يىزىپتۇ ،  نادىر شىئرلىرىمزنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلساق بولاتتى

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 11:27:33

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى چوڭقۇر شېئىرى چۆچەككەن. ئاپتۇرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىگە ئاپىرىن!

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 11:43:20

قاقىر دىگەن قانداق قۇش ؟  قاقىرنىڭ باشقىا مەنىلىرىمۇ بارمۇ ، قاقىر چۆل ، قاقىر ساي دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغاندەك تۇرىمەن

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 11:35:40

«كەلىلە ۋە دىمىنە » دىگەن توم كىتاپتا مۇشۇنداق بىر مەزمۇن باردەك ئېسىمدە
لىكىنغۇ مەسەلدىن شئېرلاشتۇرۇشمۇ ئاسان ئىش ئەمەس

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-2-7 12:19:09

ئادەمنىڭ ئىچى سېرىلغۇدەك ۋەقەلىكتە بۇ...:(
بەت: [1]
: بېلىق ۋە قاقىر