ھېيىتنىڭ باللىرىمىز قەلبىدىكى ئورنىنى كۆتۇرەيلى
1. يېققىندا كورىيەدە بىر باللار رايى سىنغى ئېلىپ بېرىلىپتۇ .يەنى چاغاندا كورىيە باللىرى چاغاندا نەچچە پۇل چاغانلىققا ئېرىشىشنى خالايدۇ ، دىگەن بىر مەزموندابولۇپ ، كورىيە باللىرىنىڭ كۆپۇنچىسى ئەللىك مىڭ ۋون يەنى 280 كوي ئېرىشىشنىخالايدىكەن . دىمەك ھېيىتتا ھەممىنى خوش قىلىش بولۇپمۇ باللارنى خوشال خورام ھېيىت تۇيغۇسىغا چۆمدۇرۇش پۇتۇن دۇنيادىكى مىللەتلەرگە ئورتاق بولغان ئىش بولسا كېرەك .2. بالا ھېيىت كىلىشتىن بۇرۇنلا تاماسىنى باشلىۋېتىدۇ ، بۇۋام مومام ، چوڭ دادام چوڭنەم ، ئاپام دادام ، كىچىك ئاپام دىگەندەكبۇلار ماڭا مانچىلىك ھېيىتلىق بەرسە مەن بۇ پۇلنى مانداق خەشلىسەم ئانداق قىلسام دىگەندەك .ئەمدى بالا دىگە بالا، كىچىك بالا دىگەن ھېيىتتا ئەنە شۇنداق ئىشلاردىن مەنە تاپىدۇ .
3. بىر سورۇندا ئۆزەم ئانچە بەك ئىتراپ قىلىشنى خالىمايدىغانبىر ئشىنى ئاڭلاپ قالدىم . يەنە بىر دوستۇم كىچىك باللارنىڭ پارىڭىنى قىلىپ بەردى . ئۇ يىللاردا خەنلەر چاغاندا باللىرىغا ئون كوي يىگىرمە كوي بىرىۋاتقان ۋاقىتلار ئىكەنتۇق ، بىر بالىنىڭ بۇۋىسى بەش موچەن ھېيىتلىق بەرگەن بولۇپ بالا ئازراقمۇ خوشاللىق ھىس قىلماي ، يەنىلا خەنلەرنىڭ چاغىنى بىزنىڭ ھېيتىمىزدىن يوقۇرى تۇرىدىكەن دەپ ئويلىۋالغان . ھېلىقى دوستۇمنىڭ دىيىشىچە بۇ بۇۋاي نەۋرىسىگە 20 كوي بېرەلمىسىمۇ بەش كوي بەرگەن بولسا بالا بۇنچىلىك ئادالەتسىزلىك ھىس قىلىپ كەتمەيدىكەن .
سورۇندا كەيپىم بەك چۇشۇپ كەتتى ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بىز خەن مەدىنيىتىنىڭ كۇچلۇك رادىئاتسىيەسىگە ئۇچرايمىز ، باللىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق ، گەرچە بىز چوڭلار پۇل ھەممىنى ھەل قىلالمايدۇ ، پۇل بەلكىم بالىنى بۇزۇشى مۇمكىن دىگەندەك گەپلەرنى قىلدىكەنمىز ، ئەمما باللىرىمىزنىڭ ئاغىنىىسى بىلەن سېلىشقان يوقۇرقى پاراڭلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قويغان ياخشى .
4. ھېيىتنىڭ بولغىنىدىن بولدۇسى قىززىق دىگەن ماقال تەمسىلىنى ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ، ئەجداتلىرىمىز ھېيىت كىلىشتىن بىرەر ئاي بالدۇر دىگۇدەك ھېيىتلىق تەييارلىقلارغا كىرىشىپ كىتىدىكەن ، ئۆينى ئاقارتىش قۇربانلىقنى سېتىۋېلىش ۋە بېقىش ، ھېيتىلىق ساڭزا پىشرۇقلارنى تەييارلاش ، ھېيتىلىق كىيىم تەييارلاش ، ھېيىتقا ئاتاپ مەخسوس چىنا قاچا خىرىستال دىگەندەك ۋال ۋۇللارنى سېتىۋېلىش .....................ئىشقىلىپ ھېيىت ئۇچۇن ھېيىتنى خوشال ئۆتكۇزۇش ئۇچۇن خېلى كۇچەيدىكەنتۇق .
5. بىنالاشقا ئۇيغۇرلاردا ھېيىت كەلسە ئىككى كۇن ئىلگىرى ساڭزا چەپەك ئەڭ مۇھىمى قومۇلدا يەر بېشىغا ئېلىىپ چىقىدىغان يۇپقا چوۋاتنى تەييار قىلۋالساقلا بولىدىغاندەك ئاددىلىشىپ كەتكەندەك ھىس قىلىپ قالدىم . بۇدا ئاللا خالسا ھېيىت كىلىشتىن بۇرۇن بىر قەغەزگە بارلىق تەييارلىقلارنى يېزىپ ھەر بىر تەييارلىقنى قىلغاندا بالامغا بۇنى ھېيىت ئۇچۇن قىلىۋاتىمىز دەپ بالىغا تەپسىلى سۆزلەپ بەرسەم بولغۇدەك دەپ ئويلاپ قالدىم .
6. ئەلۋەتتە ھېيتىلىق پۇلغا كەلگەندە قازاننىڭ قاينىشىغا بالاڭنىڭ ئوينىشىغا باقىدىغان گەپ ، بۇ بالا زادى پۇلنى نىمىگە خەشلەيدۇ ، يىغامدۇ ، كىتاپ ئالامدۇ ، ئويۇنچۇق ئالامدۇ ،ياكى بەدخەج كۆنگەن بالىمۇئىشقلىپ بالىڭىز خەجلىگەن پۇلنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ بىلىپ تۇرىشڭىز مېنىڭچە ئىنتايىن مۇھىم ،
7.بەزىدە چەتئەللىكلەرنىڭ بالىسى ئارزۇ قىلغان نەرىسلەرنى موشۇنداق ھىيىت بايرام خاتىرە كۇنلەردە تۇيۇقسىز سوغا قىلىپ خۇش قىلۋېىتىدىغان ئادىتى باركەن . ئاللاھ خالىسا باللىرىمىزنىڭ ھېيىتنىڭ خوشاللىقى مەنسىنى توللۇق ھىس قىلىشى ئۈچۇن باش قاتۇرۇپ ئىمكان بار ئادەتتىكى كۇنلەر بىلەن ھېيىت كۇنلىىرنىڭ روشەن پەرقىنى باللارغا توللۇق ھىس قىلدۇرۇشقا كۇچەيلى ، چۇنكى بۇ جاھان بىر كۇنى باللىرىمىزغا قالىدۇ
ئەجەپ چاغاندا ھىيتنىڭ گەپلىرىنى دەپ يۈرىسىز ، بىزنىڭ ھىيىت كەلگۈچە بۇ گەپلەر ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ ئەمىسە بۇدا نورۇزغا بالامنىڭ ئىسدە قالغۇدەك تەييارلىق قىلىپ راۋرۇس ئۆتكۇزسەم بولغۇدەك ، نورۇزغا ئاز قالدىغۇ يىغىن خاتىرىسىدەك 1.، 2.، 3.، دەپ يازماي باشقىچىرەك يازغىلى بولماسمۇ؟!
بەت:
[1]