imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 18:59:22

چوڭ -كىچىك قېرىنداشلارغا تەتىللىك سوۋغا

ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار سىلەرگە بېرىدىغان بىر سوۋغا بار ئىدى.
بۇ نېمىدۇ دەپ بەك ئالدىراپ كەتتىڭىزغۇ دەيمەن ھە ؟   ئەمەلىيەتتە بۇ سىز ھارغان -چارچىغان ، زېرىككەن ۋاقتىڭىزدا ئىچ -پۇشۇقىڭىزنى چىقىرىدىغان بىر كومپيۇتېر ئويۇنى. لېكىن ئۇنداق-مۇنداق ئويۇن ئەمەس رەسمىي كاللا ئىشلىتىپ ئوينايدىغان ئويۇن ، چوڭ-كىچىك ھەممەيلەنگە ماس كېلىدۇ.
بالىلارنى كومپىيۇتېر ئويۇنى ئويناتمايلى دېگەن گەپ قۇلاققا خوشاقسىمۇ ئەمما ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدۇ. بۇ ئويۇن  خۇددى ماتېماتىكىدىن ھېساب ئىشلىگەندەكلا ئادەمنىڭ ئەقىل ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىدىغان تەپەككۇر ئويۇنى.
ئويۇننى پىرىستىن يېشىپ Chvjelerim نى قوش چەكسىڭىزلا ئىجرا بولىدۇ. سىغىمى كىچىك ئەمما بۇ ئويۇن ھەقىقەتەن قىزىقارلىق.
ئويۇننى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://pan.baidu.com/s/1o6sItsA
بۇ ئويۇن  ئەسلى Capcom شىركىتى تەرىپىدىن 2001 -يىلى ياسالغان  ۋە  Two Tribes B.V شىركىتى تەرەققىي قىلدۇرغان  ھەقلىق ئويۇن بولۇپ بىز بۇنىڭ  بىرىنچى قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ ھەقسىز تارقاتتۇق ، ئەگەر ياقتۇرغان بولسىڭىز ئىككىنچى قىسمىنى سېتىۋېلىپ ئوينىشىڭىزنى تەشەببۇس قىلىمىز.
ئويۇن ياسىغان ئورگان تورى   
http://twotribes.com

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 12:16:21

رەھمەت جۇمۇ، ئەلادىن بىرى كەتتى !

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 12:19:02

كاللا ئىشلىتىدىغان ئۇيۇنلاردىن يەنە :

ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇمارى بارلار :  杀手  تۆت بۆلۈم چىقىپ بولدى.
ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى مەزمۇنىدىكى ئۇيۇن : 盟军敢死队  باشتىكى ئۈچ بۆلۈم خىلى يامان ئەمەس.

لېكىن ئۇيۇننىڭ نوچىسى  خەلقئارا شاھمەت ...

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 13:04:53

ئويۇن ئوينىمايدىغانلىقىمنى بىلىپ يوللىدىڭىزما ، ھـــــــــــــە :curse:

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 13:59:43

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 13:04 static/image/common/back.gif
ئويۇن ئوينىمايدىغانلىقىمنى بىلىپ يوللىدىڭىزما ، ھـــ ...

ئۇنداق -مۇنداق ئويۇنلارنى چىقىرىپ ئولتۇرمايمىز دەيمە  ھې -ھې !
كاللا ئىشلىتىشنىڭ تەپەككۇر ئېچىشنىڭمۇ ھەرخىل ئۇسۇللىرى بار،
مەنمۇئەمەلىيەتتە سىزدەك ئويۇن ئويناشقا ئانچە بەك قىزىقىپ كەتمەيمەن،  مەن سۈرئەتلا تەلەپ قىلىپ ئادەمنىڭ كاللىسىنى كېرەكتىن چىقىرىدىغان يەجۇجى-مەجۇجىلار چىقىدىغان ئويۇنلارنى ئوينىغىلى بەك ئۆچ. بۇ ئۆمرۈمدە قىزىقىپ ئوينىغان ئويۇنلاردىن  كۆزنەك 98 دە موتو بىلەن جانبازلىق ئويۇنىغا قىزىققان ، ئاندىن كېيىن قىزىل تروۋىكىنى بىر تەتىل ئوينىغان،  ئۆتكەن يىلى مۇشۇ تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان « چۈجەلەرىم » دېگەن ئويۇننى شۇنداق قىزىقىپ بىر ھەپتە ئويناپ 98 ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ چۈجىلىرىمنى كاتەككە مۇۋەپپىقىيەتلىك سولىۋېتىپ ئويۇن ئوينىمىدىم، بۇ ئويۇن شۇنداق قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ تەرجىمە قىلىپ قويدۇم،
بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئاچىدىغان ناھايىتى ياخشى ئويۇن،
ئەمما لېكىن بىراق قىزىقمىسىڭىز بۇنىڭغىمۇ ئامال يوق، ئۆتكەندە زىرىكىپ مەلىنىڭ يوللىرىغا چىقىپ شۇنداق قارىساممۇ چاققا بىلەن كۆك توپ ئوينايتقان بىرەر بالىنى ئۇچراتمىدىم،

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 14:05:29

dadash يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 12:16 static/image/common/back.gif
رەھمەت جۇمۇ، ئەلادىن بىرى كەتتى !

سىزگىمۇ رەھمەت ، ئاللاھ بالىڭىزنىڭ ئەقلىنى زىيادە قىلسۇن!
ئويناپ باققان قېرىنداشلار بىر چاڭ چىقىرۋەتمەسلەر  ئىككىنچى ئۆتكەلنى قانداق ئوينايدۇ دەپ ؟ ئويۇن ئوينىمايدىغانلارنى بىر ھەيرانۇ ھەريان قالدۇرۋېتەيلى.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 14:41:04

imirghazi يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 13:59 static/image/common/back.gif
ئۇنداق -مۇنداق ئويۇنلارنى چىقىرىپ ئولتۇرمايمىز دەيم ...

ھە ، مەن ئويۇن ئويناشقا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن . قىلدىغانغا ئىش تاپالمىغاننىڭ سىرتىدا

yawoz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 15:17:28

ئەسسالامۇ ئەلەيكوم دۇستلار مەن يىقىندا 6000مىڭ يۇۋەنگە بىرخاتىرە كومپىيۇتىر سىتۋالغان ئىدىم . بىراق 360تىكى 腾讯دىكى极品飞车ۋە使命召唤قاتارلىق ئويۇنلارنى چۇشۇردۇم بىراق ۋىندۇۋۇس 8.1رەت قىلدىمۇ ئويۇننى ئاچالمىدىم .قانداق ئۇسۇلدا ئاچقىلى بۇلىدۇ

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 12:04:14

yawoz يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 15:17 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكوم دۇستلار مەن يىقىندا 6000مىڭ يۇۋەنگە  ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بۇ ھەقتە مەن جېق مەلۇمەتقا ئىگە ئەمەس، كۆزنەك 8 نى يىنىكلىتىش ئۈچۈن ئىلگىركى بەزى سىستېما ھۆججەتلىرىنى قىسقارتىۋەتكەن، شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر كۆزنەك 7 گە كۆچىۋالدى، بىر يىل بۇرۇن خەنسۇچە بىر تور بەتتە قىسقارتىۋەتكەن ئاشۇ سىستېما ھۆججەتلىرىنى چىقىرىپ قويۇپتىكەن، مەن ساقلاپ قويغانتىم ، ئەمما مەن ئادەتتە سىز دېگەندەك ئويۇنلارنى ئوينىمايدىغان بولغاچقا بۇنى قانداق قىلىشنى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.
لېكىن مەن چىقىرىپ قويغان « چۈجەلەرىم » دېگەن بۇ ئويۇن كۆزنەك 8 ۋە 8.1 دە باشقا سىستېمىلارغا قارىغاندا پەچەت چىقىدۇ، ھەم قاچىلاش ھاجەتسىز ، پەقەت قوش چىكىپ قويسىلا ئىجرا بولىدىغان بارماق دىسكىغا كۆچۈرۈپ قويۇپمۇ ھەرقانداق كومپىيۇتېردا ئوينىغىلى بولىدىغان سىغىمى كىچىك بولغان بىلەن 100 دەك ئۆتكەل بار تەپەككۇر ئويۇنى.
سىز دېگەن ئويۇنلارنى قانداق قىلىشنى مەنمۇ بىلمىدىم، يەنە كېلىپ قاچىلانماسلىقىدىكى سەۋەبىنى تەپسىلىي دېمەپسىز.
سىز  كومپيۇتېردا قاچىلانمىغاندا نىمە دەپ ئۇچۇر چىقتى شۇنىڭغا ئاساسەن ئىزدىنىپ كۆرۈڭ ياكى مۇشۇ يەردە خەت قالدۇرۇپ قويۇڭ ، بىلىدىغانلار بولسا دەپ بېرىشى مۇمكىن.

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 12:15:39

ئويۇننى چۈشۈرۈش ئادرىسى بىكار بوپ كېتىپتۇ ، سەۋەبىنى بىلمىدىم ، بۇ يېڭى چۈشۈرۈش ئادرىسى:
http://pan.baidu.com/s/1i3DRlMP

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 17:26:03

ماۋۇ ئويۇننى ئوينىغانلار بارمۇ؟6ياشلىق ئوغلۇم قىزىق ئۇسۇل تېپىپ ئويناپتۇ،يەنى ھەر ئۆتكەلدە ئەۋەل تۇخۇمدىن چىقىدىغان چۆجىنىڭ يولىنى توسۇپ،راۋان يولنى بىر بىرلەپ ئېچىپ،ئاندىن راۋان بولغان چۆجە توسىقىنى بىر بىرلەپ ئېچىپ،ئۇۋىسىغا باشلاپ كىرىپتۇ،بۇنداق تەتۈرىچە ئوينىسا جىددىلەشمەي بىمالال ئۆتكەلدىن ئۆتەلەيدىكەن،ئاساسەن بىر قېتىمدىلا غالبە بىلەن ئۆتكەلدىن ئۆتكىلى بولىدىكەن.
ئەسلى چۆجە تۇىۇمدىن چىققاندىن باشلاپ راۋان يول ياساپ بېرىدىغان ئۇسۇلنى تاللىسا،جىددىلىشىپ غەلبە قىلىش نىسبىتى تۆۋەن بولىدىكەن،ئەمما تەتۈرىچە يول تۇتسا جىددىلەشمەيدىكەن،ئۆتكەلمۇ تەس بولمايدىكەن،پەقەت ئويۇنغا قىزىقمايىتتىم،بالامنىڭ ئوينىغان ئۇسۇلىغا قاراپ بىر دەم تەھلىل قىلىپ باقسام،بۇ بالىنىڭ ئۇسۇلى بولىدىكەن.كىچىك باللىنىڭ تەپەككۇرى بىز ئويلىغاندىن ھەقىقەتەن ياخشىكەن.
تېما يوللىغان ئىمىزغازى ئۇكىمىزنى تور ئارقىلىق بىلگەندىن باشلاپ،تەپەككۇرغا باي دەپ ئويلىغان،شۇڭا بۇ ئويۇننى تەۋسىيە قىلىپيىكەن،ئىككىلەنمەي بالامغا قاچىلاپ بەرگەن.
مەن ئادەتتە باللىرىمغا تېلىۋېزور،تور دىگەنلەردىن مەن بېكىتىپ بەرگەن پروگرامما ۋە تور تۈرلىرىدىن باشقا ھەممىنى چەكلەيدىغان مۇتىئەسسىپتىن بىرسى،ئۆيدە سىملىق تېلىۋېزىيە يوق،كومپىيوتېر ئادەم بېشىغا بىردىن،تور 360 كۈن بار بار تۈرۈقلۇق باللىلار بەلگىلىمىدىن ھالقىپ كېتەلمەيدۇ مەندەك مۇتىئەسسىپنىڭ چەكلىمىسىدىن.

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 17:58:09

بۇ ئويۇننى ئاسانكەن.چۈنكى چۈجىلەر تۇخۇمدىن قىققان ھامان يېنىغا قىش بىلەن توسۇق قويسا بولىدىكەن،سانى ھەرقانچە جىك بولسىمۇ توسۇق ئىچىدە ساق تۇرىدىكەن،مەسىلەن ئۈچ ئۇۋا بولسا ئۈچ توسۇقنى قويۇپ،بارلىق بېرىلگەن قوراللار بىلەن ئەۋەل بىر يولنى راۋانلاشتۇرۇپ،ئاندىن بۇ يولدا چۈجىنى بىخەتەر يوللىۋېتىپ،ئاندىن ئىككىنچى يولنى راۋانلاشتۇرسا بولىدىكەن،بۇنداقتا ھەر يول ئۈچۈن بېرىلگەن قوراللارنى ئازادە ئىشلىتىپ ۋەزىپە تامام بولىدىكەن.بۇ ئۇسۇل بېرىلگەن قورال بىلەن ھەممە يولنى بىراقلا راۋانلاشتۇرۇشقا نىسبەتەن ئاسان بولىدىكەن،چۈنكى ئارتۇق بېرىلمىگەن قورالنى ھەممىسىنى ئىشلىتىپ،بىر يولغا بىراقلا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن،بىر يولدىكى چۈجە تۈگۈسە ئۇنىڭ قورالىنى يەنە تەكرار ئىشلىتىشكە بولىدىكەن،ئەمما ۋاقىت چەكلىمىسى بولسا بۇ ئۇسۇل ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىكەن،چۈنكى چۈجىلەر بەك ئاستا نىشانغا بارىدىكەن.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 20:18:36

بۇ ئويۇننىڭ كاساپىتدىن خاتىرە كومپيۇتېرىمدىن ئايرىلدىم ، بالام ھەممە ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ بولاي دېدى...

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-6 20:54:56

:lol

imirghazi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 13:40:34

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2014-2-6 17:58 static/image/common/back.gif
بۇ ئويۇننى ئاسانكەن.چۈنكى چۈجىلەر تۇخۇمدىن قىققان ھام ...

سىز ئېكراننىڭ سول تەرەپ يۇقىرى بۇرجىكىگە قارىسىڭىز بىر تېزلىتىش سىنبەلگىسى بار ، شۇنى بېسىپ قويسىڭىز چۈجىلىرىڭىز ئالامەت يۈگىرەيدۇ *^-^*
بەت: [1]
: چوڭ -كىچىك قېرىنداشلارغا تەتىللىك سوۋغا