charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 18:42:23

دارۋېننىڭ ئاجايىپ كۆز-قاراشلىرى(تەرجىمە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   charwichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-3 18:49  

دارۋېننىڭ ئاجايىپ كۆز-قاراشلىرى
ئەسەر مەنبەسى:
比尔·布莱森(Bill Bryson) يازغان 万物简史 ناملىق كىتاپنىڭ 25-باب دارۋېننىڭ ئاجايىپ كۆز-قاراشلىرى
كىتاپ ئىسمىلىرى:
ئېنگلىزچە: A SHORT HISTORY OF NEARLY EVERYTHING
خەنزۇچە: 万物简史
تۈركچە: HEMEN HER ŞEYİN KISA TARİHİ
ئەسلى كىتاپ  2003-يىلى ئامېرىكىدا نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن، ئۇزۇن ۋاقىت ئەڭ كۆپ سېتىلىدىغان كىتاپلار تىزىملىكىدە تۇرغان.
ھازىرغىچە كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان.

1859-يىلى يازنىڭ ئاخىرى،كۈزنىڭ باشلىرىدا، ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق بىر ژورنال بولغان ‹‹پەسىللىك ئوبزور›› ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى Whitwell Elwin تەبىئەتشۇناس چارلىز دارۋېننىڭ يېڭى كىتابىنىڭ ئارگىنالىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. Elwin كىتاپ ئورگىنالىنى قىزىقىش بىلەن ئوقۇپ چىقىپ، بەلگىلىك قىممىتى بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بىراق كىتاپ مەزمۇننىڭ تار دائىرىدە بولۇپ قېلىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالماسلىقتىن ئەنسىرەيدۇ.ئۇ قىزغىنلىق بىلەن دارۋېنغا كەپتەر توغرىسىدا بىر كىتاپ يېزىش تەكلىبىنى بېرىدۇ.‹‹ھەممە ئادەم كەپتەرگە قىزىقىدۇ›› دەيدۇ ئۇ. Elwin نىڭ قىزغىن تەكلىبى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. 1859-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى >> تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى تەبىئى تاللاشنىڭ نەتىجىسىدىن ياكى ئېسىل تۈرلەرنىڭ ياشاش رىقابىتىدە ساقلىنىپ قېلىشىدىن كەلگەن›› ناملىق كىتاپ 15 شىللىڭ باھادا نەشىردىن چىقىدۇ. بۇ كىتاپنىڭ 1-نەشىرى بازارغا سېلىنغان تۇنجى كۈنى 1250 نۇسخا سېتىلىدۇ. شۇندىن ئىتىۋارەن قايتا-قايتا نەشىر قىلىنىدۇ. بۇ كىتاپ ئېلىپ كەلگەن بەس-مۇنازىرە ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ. سازاڭغا قىزىقىدىغان بىر ئادەمنىڭ بىر دەملىك ھاياجان بىلەن دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىنى تاماملىمىغان بولسا، بەلكىم ئۆمۈر بويى يېزىدا پوپ بولۇپ ياشايدىغان ئاددى بىر ئىنسان ئۈچۈن، بۇ ئىنتايىن قالتىس بىر ئىش ئىدى.
Charles Robert Darwin 1809-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېنگلاندنىڭ ئوتتۇرا-غەرپ قىسمىدىكى Shrewsbury دىگەن يېزا بازىرىدا تۇغۇلغان (بۇ كۈن تارىختىكى قۇتلۇق بىر  كۈن بولۇپ،  سابىق ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ئابراخام لىنكولنمۇ مۇشۇ كۈندە ئامېرىكىنىڭ كېنتاكى شىتاتىدا تۇغۇلغان). ئۇنىڭ دادىسى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىچكى كېسەللىكلەر دوختورى ئىدى. ئاپىسى بولسا فارفور بويۇملارنى ياسايدىغان داڭلىق Josiah Wedgwood جەمەتىدىن بولۇپ، دارۋېن 8 ياشقا كىرگەن يىلى قازا قىلغان ئىدى.
  دارۋېن كىچىكىدىن باشلاپ ئەۋزەل ئائىلە شارائىتىدا چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئۈگىنىش نەتىجىسى ئادەتتىكىچە ئىدى. دارۋېننىڭ بۇنداق ئەھۋالى،جۆرىسىدىن ئايرىلغان دادىسىنى بەك ئازاپلايتى.دادىسى بىر قېتىم ‹‹سەن ئوۋ مىلتىقىنى ئويناشنى، ئىت بىلەن ئوينىشىشنى، چاشقان قوغلاشتىن باشقىنى بىلمەيسەن. كىيىن چوقۇم ئۆزەڭنىڭ ۋە جەمەتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن›› دەپ يازغان ئىدى. دارۋېننىڭ بالىلىق مەزگىللىرىدە،دائىم مۇشۇنداق ديالوگلار بولۇپ ئۆتكەن ئىدى. گەرچە دارۋېن تەبىئەت تارىخىغا قىزىقىدىغان بولسىمۇ، دادىسىنىڭ چىڭ تۇرىۋېلىشى بىلەن، Edinburgh ئۇنۋېرسىتىتىغا مىدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇشقا كىردى. لىكىن ئۇ قاننى كۆرسىلا كۆڭلى ئىلىشىپ كېتەتتى، بىمارلارنىڭ ئازاپلىنىۋاتقىنىنى كۆرگىنىدە، نېرۋىسى قاتتىق جىددىلىشىپ كېتەتتى.ئۇ بىر قېتىم بىر كىچىك بالىنىڭ ئوپىراتسىيەسىنى كۆرگەن، ئۇ ۋاقىتلاردا مەست قىلىش دورىسى ئىجاد قىلىنمىغان بولغاچقا، كىچىك بالىنىڭ ئازاپلانغىنىدىن چىدىيالماي  ۋاقىراپ-جاقىراشلىرى ئۇنىڭ قەلبىگە مەڭگۈلۇك ئازاپنى سالغان ئىدى. مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇ  قانون كەسپىگە ئالمىشىپ ئوقۇماقچى بولدى، لىكىن ناھايىتى تىزلا قانون كەسپىنىڭ ئىنتايىن زېرىكىشلىك ئىكەنلىگىنى ھېس قىلدى. ئاخىرىدا ئۇ ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان ئاساستا، Cambridge ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئىلاھىيەت فاكولتىتىدىن ئۇنۋان ئېلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولدى.
 يېزا-قىشلاقلاردا پوپ بولۇش دارۋېننىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەندەك قىلاتتى. بۇ ۋاقىتتا ئىنتايىن ياخشى بىر پۇرسەت كەلدى.ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ HMS Beagle ناملىق پاراخوتىنىڭ كاپىتانى Robert FitzRoy دارۋېننى دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىگە تەكلىپ قىلدى. FitzRoy نىڭ سالاھىيىتىدىن تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىدىغىنى چىقىپ تۇراتتى. ئەمەلىيەتتە دارۋېن FitzRoy نىڭ سەپەر جەريانىدا بىللە تاماقلىنىغان ھەمرىيى ئىدى. FitzRoy ئىنتايىن غەلىتە ئادەم بولۇپ، ئۇ دارۋېننىڭ بۇرنىنى ياقتۇرۇپ قالغاچقا، ئۇنى تاللىغان ئىدى.( مىجەز خاراكتىرى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ بۇرنى مۇشۇنداق شەكىلدە بولىدۇ دەيتى FitzRoy). دارۋېن FitzRoy نىڭ تۇنجى تاللىغان ئادىمى ئەمەس بولۇپ، ئۇ دەسلەپتە تاللىغان كىشى بىللە سەپەرگە چىقمىغاچقا، دارۋېننى يارىتىپ قالغان ئىدى. بۈگۈنكى نۇقتىنەزەر بىلەن قارىغاندا، بۇ ئىككىيلەننىڭ ئورتاق بولغان روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ناھايىتى ياش ئىدى. ئۇلار يولغا چىققان ۋاقىتتا، FitzRoy 23 ياشقا كىرگەن، دارۋېن بولسا ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن ئىدى.
FitzRoy نىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى-دېڭىز قىرغىقىغا يېقىن رايونلارنىڭ سۇ قاتنىشى خەرتىسىنى سىزىپ چىقىش ئىدى. بىراق ئۇنىڭ قىزىقىشى بولسا، ‹‹ئىنجىل›› دا خاتىرىلەنگەن خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقانلىقى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا ئىسپات ئىزدەش ئىدى. دارۋېنمۇ ئىلاھىيەت تەربىيىسىنى ئالغان بولغاچقا، بۇمۇ FitzRoy نىڭ ئۇنى بىرگە ئېلىپ يۈرۈشىدىكى مۇھىم سەۋەپ ئىدى. بىراق دارۋېننىڭ كىيىنچە لېبىرال ئوي-پىكىرلەردە بولىشى، پۈتۈن نىيەت-مەقسەت بىلەن خىرىستىيان دىنىنىڭ ئەمىر-مەرۇپلىرىنى بىجا كەلتۇرمەسلىكى، ئىككىيلەن ئوتتۇرسىدىكى تۈگىمەس توقۇنۇشنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى.
1831-يىلىدىن 1836-يىلىغىچە، دارۋېن HMS Beagle ناملىق پاراخوتتا بولدى. بۇ قارىماققا دارۋېن ئۈچۈن چوڭ بىر ئۈگىنىش پۈرسىتى، شۇنداقلا جاپا-مۇشەققەتكە تولغان سەپەر بولۇپ قالدى. ئۇ كاپىتان FitzRoy بىلەن پاراخوتنىڭ كىچىك بولمىسىدە قىستىلىپ بىرگە تۇرىشى ئاسان ئەمەس ئىدى.چۈنكى FitzRoyنىڭ دائىم ئاچچىقى كېلىپ تۇراتتى، ئۇلار دائىم جىدەللىشىپ تۇرىشاتتى، دارۋېن كىيىن ئەسلەپ، ‹‹بىز تالاش-تارتىش قىلىپ ساراڭ بولاي دىگەن ئىدۇق›› دىگەن ئىدى. يىراق ئوكيانلارغا سەپەرگە چىقىشنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولغىنىدەك، كىشىنى بىئارام قىلىدىغان ۋاقىتلىرىمۇ بولاتتى. HMS Beagle ناملىق پاراخوتنىڭ ئىلگىركى كاپىتانى يالغۇزلۇق ۋە قايغۇ-ئازاپ ئىچىدە تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىدى. FitzRoyنىڭ جەمەتىدىمۇ يالغۇزسىراش كېسىلى بار بولۇپ، 10 يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ تاغىسى Viscount Castlereagh ئەنگىلىيە مالىيە ۋەزىرى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە،ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلىۋالغان ئىدى. (1885 –يىلى FitzRoy مۇ ئۆزىنى بوغۇزلاپ ئۆلىۋالدى) .كەيپىياتى تۇراقلىق بولغان ۋاقىتتىمۇ FitzRoy نى چۈشەنگىلى بولمايتى. ئۇلارنىڭ يىراق ئوكيانلاردىكى سەپىرى ئاياقلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، FitzRoy ئۇزۇن يىللار ياخشى كۆرىشىپ كەلگەن قىز بىلەن توي قىلغاندا، دارۋېن قاتتىق ھەيران قالغان ئىدى. چۈنكى بەش يىللىق بىرگە سەپەرداش بولۇش جەريانىدا، FitzRoy ئۆزىنىڭ سۆيگۈسى توغرىسىدا تىنمىغان ئىدى، ھەتتا سۆيگىنىنىڭ ئىسمىنىمۇ تىلغا ئېلىپ باقمىغان ئىدى.
بىراق باشقا تەرەپلەردىن ئېيىتقاندا، HMS Beagle ناملىق پاراخوتتىكى سەپەر مۇۋەپپىقىيەتلىك سەپەر بولغان ئىدى. دارۋېننىڭ سەپەر جەريانىدا يېتىلدۈرگەن تەۋەككۇلچىلىك روھى ئۇنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە داۋاملىشىپ كەلدى، سەپەر جەريانىدا توپلىغان نۇرغۇن ئەۋرىشكىلىرى ئۆمۈر بويى تەتقىق قىلىشىغا يېتىپ ئاشاتتى ھەم ئۇنىڭ ئىناۋېتىنى تىكلىگەن ئىدى. ئۇ نۇرغۇن تاشقا ئايلانغان قىممەتلىك ئەۋرىشكىلەرنى توپلىدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە ئەڭ مۇكەممەل بولغان ھايۋان ئەۋرىشكىسى- Megatherium دۇر.  چىلىدىكى سەپىرىدە بىر قېتىملىق چوڭ يەر تەۋرەشنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ئۇ يەنە دېلفېننىڭ يېڭى بىر تۈرىنى بايقاپ،  FitzRoy نىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن،  Delphinus fitzroyi دەپ نام بەردى. ئۇ پۈتكۇل ئاندېس تاغلىرىنىڭ ئىنتايىن تەپسىلى بولغان گىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خەرىتىسىنى سىزىپ چىقتى. يەنە مارجان خادا تاشلىرىنىڭ شەكىللىنىشگە ئائىت يېڭى نەزىرىيىنى ئوتتۇرىغا قويدى.باشقىلار زور ھۆرمىتى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشكەن بۇ نەزىرىيىدە ئۇ مارجان خادا تاشلىرىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىگە مىليون يىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى(ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىك بولغىنى شۇكى، دارۋېن 1-قېتىم يەر شارىدىكى ھاياتلىقلارنىڭ تەرەققىيات جەريانىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق ۋاقىتتىن باشلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى).1836-يىلى، يۇرتىدىن ئايرىلىغىنىغا 5 يىل 2 كۈن بولغاندا، دارۋېن قايتىدىن يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ 27 ياشقا كىرگەن ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىۋارەن دارۋېن ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ باقمىدى.
يىراق ئوكيانلاردىكى سەپەر جەريانىدا دارۋېن تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان(ھەم باشقا نەزىرىيەلارنىمۇ شۇنداق) . تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى بىر ئۇقۇم سۈپىتىدە، 19-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ، نەچچە ئون يىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىدى. دارۋېننىڭ بوۋېلىرىدىن بىرسى- Erasmus ئۆزىنىڭ ‹‹تەبىئەتنىڭ قەسىرى›› ناملىق سەۋىيەسى ئانچە يۇقۇرى بولمىغان بىر شېئىرىدا،  تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسىنى ماختاپ يۇرگەندە دارۋېن تېخى تۇغۇلمىغان ئىدى. ياش دارۋېن ئەنگىلىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كىيىن، Thomas Malthus نىڭ ‹‹نوپۇس نەزەرىيەسى›› نى ئوقۇغاندىن كىيىن، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىريەسى ئۇنىڭ كاللىسىدا بىخ سۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. (يەنى ‹‹نوپۇس نەزەرىيەسى›› دىكى ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەمىنلىنىش سۈرئىتى بىلەن نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ماس كەلمەيدۇ) .دارۋېننىڭ قارىشىچە، ھاياتلىق-ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان رىقابەت جەريانىدۇر، تەبىئى تاللىنىش ئارقىلىق بەزى تۈرلەر روناق تاپىدۇ، بەزى تۈرلەر ۋەيران بولىدۇ. كونكىرىت قىلىپ ئېيىتقاندا،يەنى دارۋېننىڭ كۈزەتكىنى بويىچە ئېيتقاندا، بارلىق ھاياتلىق بايلىق تالىشىش ئۈچۈن، بىر –بىرى بىلەن رىقابەتلىشىدۇ، تۇغۇلىشىدىنلا ئۈستۈنلۈككە ئىگە جانلىقلار كۆپىيىپ روناق تاپالايدۇ، ھەم بۇنداق ئۈستۈنلۈك-ئەۋزەللىكنى كىيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئېرسىيەت قالدۇرىدۇ. بۇنداق ئۇسۇل بىلەن، جانلىقلار ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ ماڭىدۇ.
بۇ قارىماققا، ئىنتايىن ئاددى بولغان كۆز-قاراش ئىدى-بۇ ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئاددى كۆز-قاراش بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان بولغاچقا، دارۋېن پۈتۈن ئۆمرىنى مۇشۇ نەزىرىيە ئۈچۈن بېغىشلىماقچى بولدى.‹‹تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى›› نى ئوقۇغاندىن كىيىن، T. H. Huxley ‹‹مەن نىمە دىگەن دۆت ئادەم، مۇشۇنچىلىك ئاددى نەرسىنىمۇ ئويلاپ يېتەلمەپتىمەن›، دەپ ۋاقىراپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىن، بۇنداق سادالار ئۈزلۈكسىز ياڭراپ تۇردى.
(داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىلىدۇ)

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 07:12:05

ئەگەر دارۋىن ئىلاھى قانۇنىيەتنى ئىنكار قىلمىغان بولسا ئىدى، ئۇنىڭ بەزى قاراشلىرى ھەقىقەتەنمۇ تەتقىق قىلىشىمىزغا ئەرزىيتتى.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 10:03:02

داۋامى ........
مەن تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئال سوراپ باقسام ، ئى . پ  ئادرىسى ( ئىنگىلىزچە خەت شەكلى بويىچە تاللىسام كاتەكچە چىقىۋالدى ) قانداق ئەھۋال ئاسىتىدا چەكلىنىدۇ ، قانداق ئەسلىگە كېلىدۇ ؟

galita يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 11:09:02

بۇنىڭ كۆزقارىشى ئاللىقاچان خاتالىقى ئىسپاتلىنپ سەھنىدىن چۈشۈپ بولدىغۇ!    بىزلەرنىڭ مايەدە ئەمدى دەرسلىك كىتاپقا كىرگۈزۈپ سۆزلەپ يۈرگەن بىلەن!

bariber يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 13:27:45

ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن نەزىرىيە.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 13:30:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilig2010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-4 13:32  

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 07:12 static/image/common/back.gif
ئەگەر دارۋىن ئىلاھى قانۇنىيەتنى ئىنكار قىلمىغان بولسا ...

دارۋېننىڭ ئنكار قىلغىنى خىرستىئان دىننىڭ تەرغىپ قىلغان ئىلاھى قانۇنىيەتلىرى ،دارۋىن ئەزەلدىن ئسلام دىن بىلەن ئۇچىرشىپ باقمىغان. ئسلام دىننىڭ  تەرغىپ قىلغان ئىلاھى قانۇنىيەتلىرى بىلەن خىرىستىئان دىننىڭ تەرغىپ قىلغان ئىلاھى قانۇنىيەتلىرى تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ.
تەدىرجى تەرەققىيات نەزىرىيسىنىڭ پاكىتلىرى ئەمىلىيەتكە ئۇيغۇن دەپ قارايمەن.بۇ بىر تۇغرا نەزىرىيە.
ئنجىلنى  ئوقۇپ كۆرسىڭىز خىرىستىئانلارنىڭ نىمە ئۈچۇن تەدىرجى تەرەققىيات نەزىرىيسىنى ئۆرىۋەتمەكچى بولۋاتقانلىقىنى بىلەلەيسىلەر ،ئنجىلدا ئىنىق قىلىپ خۇدا ئىككى قولى بىلەن  تۇنجى ئادەمنى لايدىن ياساپ چىققاندىن كىيىن بۇ رنىدىن ھاياتلىق نەپسى پۇۋلەپ  ئادەم ھەيكىلىگە جان كىرگۇزگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. تەدىرجى تەرەققىيات نەزىرىيسى ئىنجىلدىكى بۇ مەزمۇنلارنى ئنكار قىلىپ خىرىستىئان دىنىغا ئىغىر زەربە بەرگەن.
قۇرئاندا دىيىلگەن ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ھىچ ئوخشىشى يوقتۇر،ئاللاھنىڭ ھىچ ئھتىياجى يوق، ئاللاھ ئنسانغا ئوخشاش ئىككى قولغا ئھتىياجى يوق،شۇنداقلا ئىنساننى ئىككى قولى بىلەن لايدىن ياسىشىنىڭ ھاجىتى يوق.   قۇرئاندا ئىنىق قىلىپ ئىنسانلارنى تۇپىراقتى ياراتتۇق دىگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ كىلىپ چىقىش مەنبەسىنى تۇپىراق دەپ كۆرسەتكەن.بۇ بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۈگەنگەن بىئۇلۇگىيە كىتاپتىكى يەر شارىدىكى ئەڭ دەسلەپكى  بىر ھۈجەيرىلىك  توفلىكا  جانلىقلارنىڭ تۇپىراق سۇ ئارلاشمىسىدا پەيدا بولغانلىقتەك دەرىسلىكلەر بىلەن ماھىيەت جەھەتتە بىردەك.
قۇرئاندا يەنە ئاللاھنىڭ ھەرۋاقىت مەۋجۇت ئىكەنلىكى ،ئنسانلار شەكىللىنىشتىن بۇرۇنمۇ بارلىقى ،ئنسان شەكىللەنگەندىن كىيىنمۇ بارلىقى ،ئنسانلار قىيامەت قايىم بولۇپ يەر شارىدىن يۇقالغاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق مەۋجۇت بولىدىغانلىقى سۆزلەنگەن.
بىز خىرىستىئان دىندىن مىھرىنى ئۈزەممەيۋاتقان ياۋرۇپا ئامىركا ئەقىلدارلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قارىغۇلارچە ئەگىشىپ پاكىت بىلەن يىزىپ چىققان نەزىرىيەلەرگە پاكىت كۆرسەتمەيلا قارىشى تۇرساق توغرا ئەمەس.



bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 13:39:52

خوراپاتلىقلىرىمىز ، خاتالىقلىرمىز ۋە گاڭگىراشقا تولغان مەدەنىيتىمىز

مۇھەممەد ئەلى

     مەن ئەسلى بىرنەرسە دېمەي دېگەن ئىدىم، بىراق ئادالەت بىلەن خوراپات سەل ئارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، ئەجداتلىرىمىز، «چالا موللا ئادەم ئۆلتۈرەر!» دەپ بىكار ئېيتمىغانكەن.
قاسىم سىددىق مۇئەللىمنىڭ بىرتورداش (كەڭسايدا)يوللىغان « ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسۇلنىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى »  تېمىسىدىكى يازمىسىغا بەرگەن باھاسى  ناھايىتى ئورۇنلۇق بىلىندى، ناخشا مۇزىكىنڭ ھالال ھاراملىقى توغرىسىدىكى بەس مۇنازىرە قىززىپ كەتتى،بۇ كىشىنى سەل ئويغا سالىدۇ.
قاسىم سىددىق مۇئەللىم بىلەن ئىككىمىز،  ئۇنىڭ «شەكىل نەزەرىيەسى» ھەققىدىكى پەرىزى ئۇقۇملار توغرىسىدا مۇنازىرلىشىۋاتقىلى ئاز كەم 2يىل بولدى، گەپ بىرباشقا چىقمىغان بولسىمۇ لېكىن مەن ئۇ كىشىدىن تولىمۇ مەمنۇن، چۈنكى ئۇ ئادەم گەرچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ تەبئىي پەن ئۇستىدە ئىزدىنىشنى زادىلا توختاتمىدى. ئۈچىنىچى بىركىم  چىقىپ ھەقىقى فىزىكا  نۇقتىسىدىن بۇ گەپكە ئارلىشىشقا جۇرئەت قىلالمىدى  ياكى يۈزەلا ئارلىشىپ بولدى قىلدى. چۇنكى فىزىكا ئۇنداق پەتىۋا بىلەن پۇتىدىغان پەن ئەمەستى،كۈچلۇك نەزىريە ئاساسى ۋە تەجىرىبە پاكىتى بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى!
مەن (قىسمەن لەرنى ھېساپقا ئالمىغاندا) بىزدە تەبىئي پەننىڭ بارلىقىدىن گومانلاندىم، ئۇنۋېرستىت كىشىلىرى(ئاتالمىش فىروففىسورلىرىمىز) ئۇقۇغۇچىلىرىغا ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا، قايسى بىرچاغدا تەييارلىۋالغان لېكسىيەلىرىنى كۆزئەينىكىنى بۇرنىغا چۈشۇرۇپ قويۇپ ئوقۇپ بېرىدۇ!  سىنپلاردا «ئۈندېدار» ئاشىق ئاۋارە.
مەشھۇرلىرىمىزدىن جامالىددىن ئافغانى «ئاللاھ بىزگە ئىككى كىتاب بەردى بىرسى قۇرئان كەرىم يەنە بىرسى كەڭ تەبىئەت دۇنياسى» دەپ ناھايىتى توغرا سۈپەتلىگەن ئىدى، سىلەر بەلكىم ئۇلۇق ئالىم، نوبىل فىزىكا مۇكاپاتى ساھىبى دوكتۇر ئابدۇسسالامنى بەك بىلمىساڭلەر كېرەك، ئۇ كىشى  بىر ئۆمۇر قۇرئاننى يېنىدا ساقلاپ، بوشاشماي تىرىشىپ،سالام ئېففىكتىنى ئىختىرقىلىپ ئىسلام ئەللىرىنىڭ 1000يىللىق نۇمۇسىنى يۇيدى،ئۇنىڭ مەشھۇر« ئەرەپ ئىسلام ئەللىرنىڭ پەن تېخنىكا كۇچ قۇدرىتى»دېگەن ئەسىرىنى ئۇقۇپ بېقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاۋۇ ئوتتۇرا ئەسىر ئالىملىرنىڭ كىتاۋىغىلا ئېسىلىۋالماي، ما زامانىمىز ئاۋانگارتلىرىنى تونۇپ قويايلى، ئەسلى دىنىمىز بولسا  پاك، مەزھەپسىز، شەرتلىرى ئىنتايىن ئاددى، چۈشۈنىشلىك بولغان مەرىپەت پەرۋەر ئېتقاد شەكلى ئىدى. شۇڭا كىشىلەر تۇشمۇ -تۇشتىن پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىپ تىللاردا داستان بولغان نەمۇنىلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. مىلادى 1000-يىللار ئىسلامنىڭ تازا گۇللەنگەن دەۋرى بولدى، باغدات خەلىپىلكى مەرىپەتچىلىك ھەركىتنى قانات يايدۇردى ، مەشھۇر مەكتەپ مەدرىسىلەر يامغۇردىن كېيىكى بامبۇك نوتىسىدەك جاي جايلاردا قەد كۆتۈردى،نۇرغۇ ئالىملار يېتىشىپ چىقتى، ئالگېبرا پېنىنىڭ كەشپىياتچىسى مۇھەممەد ئەل خارازىمىي (ھازىرقى ئوزبىكىستان تەۋەسىدە) دەل مەغرىپكە ئەرەب رەقىمىنى تونۇشتۇردى.يەنە نېمە دەي، شەرقى قۇمۇل شىڭشىڭشادىن غەرىبى ماۋرىتانىيەگىچە، شىمالى كاۋكاز تاغلىرىدىن جەنۇبى ھىندىستان دېھلىغىچە بولغان يەر شارىنىڭ ئاز كەم  3تىن1قىسمى بىر خەلىپە بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشقان ئىدى، مەھمۇد بوۋىمىزمۇ ئاشۇ مەرىپەتلىك يىللارنىڭ مەھسۇلى ئىدى ،ھارۇن رەشىد ناھايىتى بىلىملىك مەردانە زات بولۇپ ئەدلى ئادالەت بىلەن شەرىئەتنى يۇرگۇزگەن ئىدى. قاچانىكى مۇشۇ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن شەخسىيەتچى  سوپىلار ئەۋىج ئالدى، شۇنىڭ بىلەن قۇرئان ۋە ھەدىستىن باشقىسى ئۆتمەس بولۇپ قالدى، نەدىكى بىر مەزھەپلەر  ئوزئاراقىرغىن قىلىشىپ ئاۋام پۇخرا ئىستىغبار ھويلىسىغا بەند قىلىندى، غوجىلار ئەۋلادلىرى ھەققىدىكى كىتاپلار تۇرۇپتۇ مانا، پەيغەمبەر نامىنى سۇي ئىستىمال قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى.
بۇنىڭغا نېمە دېگۇلۇك، پەيغەمبىرىمىزنىڭ  100مەشھۇرنىڭ بىرىنچىسى(ئىنسانىيەت ئالىمىدە ئالدىنقىسى)  ئىكەنلىگىدە شەك يوق، ئەگەرئۇ ھازىر ھايات بولۇپ مونۇ مەزھەپچىلىكلەرنى كۆرسە نىمەدەر ئىدى؟ئۇ ئاددى ساددا سويۇملۇك پەيغەمبىرىمىز خالاس،مېنىڭ نەزىرىمدىكى پەيغەمبىرىمىز ئۇنداق تەپرىقىچى، قىلنى قىرىق يارىدىغان، قىلغىنىدن دىگىنى كوپ، ھېسياتنى ئەقىلنىڭ ئالدىغا قويۇۋالىدىغان كىشىلەرنى زادىلا ياخشى كۆرمەيدۇ!
بەس، 1200-مىلادىدىن كېيىن قانداق بولدى ؟ !
«نىمىشقا پۇتىغا مەسىھ قىلسا ئاياقنىڭ چەمەگە قىلماي ئۇستىگەقىلىدۇ؟ قىرغىزنىڭ قالپىقىنى كىيىش مۇباھمۇ؟ قۇرئان مەخلۇقمۇ؟...»دېگەندەك نەدىكى بىمەنە سوئاللار بىلەن مەدرىسلەر خارابلاشتى، يەرلىك خاقانلار ئوز نەپسىگە كۆرە شەرىئەت پەيدا قىلىشتى. دىيارىمىزدا مادامىكى ئابدىقادىر داموللام «ئۇسسۇلى جەدىد جائىزدۇر» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ (يەرلىك موللىلارنىڭ زيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان) ، ئابدىخالىق ئۇيغۇر  ئاچچىق نىدا قىلغان ...غا قەدەر خەلقىمىز كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە نادانلىقتاقالدى، 4 خانىلىق ساننى 4 ئەمەل بويىچە ھېساپلاش قىيىن بولدى،كوپچىلىك بەك بىلىدۇ مانا مۇشۇنداق بولدى!
ئەمدى نېمە دەيمىز، نىسپىلىك نەزىريىسىنى كىم چۇشۇنىدۇ؟ئالدىڭىزدىكى خەت مۇشۇ ئىنكاس،  سىم بىلەن ھاۋا بىلەن  يەنە بىراۋنىڭ سىن ساندۇقىغا(ئېكرانىغا) قانداق شەكىلدە  بارىدۇ؟ ئالما تېلىفونى قانداق رەڭدار، پېنسېللىن يامان مۇ ياكى قوۋزاق دارچىنمۇ، ئوكسىگېن بولمىسا جىددى كېسەلنى قانداق قۇتقۇزىدۇ؟ ئىنسۇلىن بولمىسا قەنت سىيگەنلەر قانداق قلىدۇ.....؟ئۇچرىغان بىرقىسىم ئادالەتسىزلىكلەرنى كورۇپ،ئىللەتنى ئۆزىمزىدىن ئىزدىمەي، سولچىللىق پاتقىقىغا پېتىۋالساق قانداق بولىدۇ؟! تورداشلار تېخى بىزنى 3 پىرقىغە بۆلۈپ ئۈلگۈرۈپتۇ.مەنچە بىزدە سەزگۇرلۈك بەك ئېشىپ كەتتى، قاخشىغانغا ئىش پۈتەمدۇ؟ يىراقتىكى قانداقتۇر غۇۋا ئۇلۇق ئىشلارغا ئېسىلىۋالماي، ئەتراپىمىزدىكى ئاددى ئەمەلىي ئىشتىن ئىككى- ئۈچنى قىلپ ، كىشىلەرگە ۋە ئوزىمىزگە پايدا يەتكۇزسەك، باشقىلارنىمۇ ئۆزىمىزنىمۇ سەرخۇش تۇرمۇش ئىزىغا سالالىسىق،بولدى! مۇشۇ بىزگە ئارام بەخىش بولىدۇ ، مۇشۇ كىچىىكىنىە مۇۋەپپەقىيتىمىز بىزگە ئىلھام بولىدۇ.
بىرقىسىم بۇلۇتقا مۇش ئاتىدىغان نوچىلار  روھى غالىبىيەتچىلەردۇر، «سۇيۇق ئاشنى ياراتماي، پولۇ ئاشنى تاپالماي ئوماچ ئىچكەن بارات بايلار» دۇر.
تورغا قاراپ چۆچۈپ قالدىم، مۇنازىرە كوپ، بىر تور بېتىدە مۇزىكىنى قەتئىي ھارامغا چىقىرىپ، 12مۇقام،نورۇز،مەشرەپ،دوپپا ئۆرىمە چاچلار ...ئەيتاۋۇر بىرقىسىم  مىللى مەدەنىيتىمىز ئىتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئەرزىمەس نەرسىە قاتارىغا چىقىرىلىپتۇ.ئۇلار ئىجتىھاتتا بەك يىراقلاپ كېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە مۇقام تېكىستلىرىنىڭ كۆپى ئۇلۇق ئىسلام ئالىمى نىزامىددىن ئەلشىر ناۋايى ۋە ئەخمەد يۇكنەكى قاتارلىق پىشىۋا لىرىمىزنىڭ، قالغىنى ئەمگەكچان خەلقىمىز ئۇزاق تارىخ جەريانىدا ھاسىل قلىغان دۇر دانىلاردۇر.مۇشۇ پەتىۋانى بەرگەنلەر ئومەر ھەييامىنىڭ مەي، رەنا توغرىسىدىكى(شېئر مىسرالىرىدىكى) گېپىنى ئەتىمالىم تۇزۇسىگىلا چۇشۇنىپ ئۇ زاتنىمۇ كافىرغا چىقاردى ھەقاچان.بىرقىسىملار ھەدىسلەرنى چالا كۆرۇۋېلپلا مۇجتەھىد بولۇۋېلىپ كىشىنى گاڭگىراتماڭلار، سىلەر بىلگەننى باشقىلارمۇ بىلىدۇ.
بىر مىسال ئالاي : مەنمۇ بىرچاغلاردا ئاشۇنداق ئوڭچىل ئىدىم،قەتىئيچى ئىدىم،بىر بۇرادىرىم ناماز دېگەننى 25ياشقىچە پەقەتلا ئوقۇپ باقماپتىكەن، ھاراق تاماكا ئۇنىڭ كۈنى! شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ئاران تەستە «سۈرە فاتىھە» بىلەن «رەببىنا» دۇئاسىنى ئۆگۇتىپ تاھارەتكە كەلگەندە ئىسىنجا قىلىشقا پەقەتلا كۆنەلمىدى،كېيىن تېىخى تاھارەت ئالغىلى ئۇنىمىدى،شۇ چاغدىكى ئەلپازىم بويىچە بولغاندا ئۇنى تەرك ئەتمەكچىمۇ بولغان،لېكىن بىر مويسىپىت ھەمسۆھبىتىم ئىشنى ئاددىيدىن قىلىش،سەۋرىچان بولۇشنى تەكىتكىدى.ئەگەر مەن ئۇنى شۇئان كافىرغا چىقارغان بولسام ،ئۇ ئاللا قاچان باتىل يولنىڭ قۇربانى بولاتتى.ھازىر ئاستا-ئاستا  ئۆگۈنىۋاتىدۇ، گەرچە ئىبادەتتە چولتا بولسىمۇ ئوزى تۇز، قولىدىن ئىش كېلىدۇ.
مىللى مەدەنىيەت دېگەن نىمە؟ئۇنى قانداق قوغدايمىز؟ ئۇ بىدئەتمۇ؟ سىز قۇرئاننى قانچىلىك چۇشىنىسىز؟ سۈرە تەۋبىنىڭ باشلىنىشدا نىمىشقا بىسمىللا كەلىمىسى يوق؟ نمىشقا 100ئېغىز گېپىڭلارنىڭ بىرەرسىدە بولسىمۇ  ماۋۇ تەبىئەت پەنلىرىنىڭ گېپى يوق؟ بىر قىسىم تور موللىلىرى ماۋۇ  ئىشقا تولا چاقچاق قىلىپ يەڭگلتەكلىك بىلەن پەتىۋا بەرمەڭلار! نىمىشقا ئومەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئۆز ۋاقتىدا مىسىر ئەلئېھرام توپىدىكى سىىفىنكىس(ئادەم باش شىر تەنلىك)ھەيكىلىنى چاقمىغانلىقنى ئويلاڭلار؟!
دېمەك بىز قۇرئان كەرىمدىن ئىبارەت بىر قاناتغا (قارغۇلارچە)ئېسىلىۋېلىپ ، ئاللاھ بىزگە سېخىلىق بىلەن ئاتا قالغان كاتتا تەبىئەت دۇنياسىدىن ئىبارت يەنە بىر قاناتنى  بىر چەتكە قايرىپ قويدۇق،( ئەلبەتتە ئىككىلىسىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك)، شۇنىڭ بىلەن تەبىئەت ئۆگەنگەن يەھۇدىلار كوز ئالدىمىزدىلا پەلەستىنگە بېسىپ كىردى، ئىككى كوزىمىزنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇردۇق شۇ! پەلەستىنىلىك قېرىداشلىرىمىز تۇرمىدىن بەتتەر كۇننى كورىۋاتىدۇ.
ئەمدى بولا!
ئىمام ئەزەم ،ئىمام شافىي...لار ئالەملىك تارتىشىش قانۇنىنى بىلەمدۇ؟ ئۇلار دىننى مەزھەپكە ئايرىشنى بلىدۇ. شىمالى قۇتۇپتا 3ئايغا سوزۇلىدىغان   قۇتۇپ كېچىسى بولغاندا   بىز ئانتراكتىكىدا  بولساق پېشىن نامىزىنى قايسى ۋاقىتتا ئوقۇيمىز؟كوسىنوس تېئۇرمىسىنى ئۇلار   بىلەمدۇ؟ دوكتۇر ئابدۇسسالام بىلىدۇ! ھەر ئىككىلسىنى بىلدۇ.
ھەق دېگەنلىك ھەقىقەت دېگەنلىكتۇر، ئىسلام دىنى ھەق دىندۇر!

مىلادىي 2013-يىل 3-باھار         شەھرى شاڭخەي
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=23873
بۇ ئەسەر بەك ياخشىكەن كۆرۇپ بىقىڭلار ، تىما ئىگىسىنىڭ روخسىتىنىمۇ ئاممىدىم، بۇنچىلىك بىلىمى با تىما ئىگىسى رەنجىمەس رەنجىپمۇ كەتمەس دەپلا ئويلىدىم.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 13:46:42

دارۋېننىڭ ئنكار قىلغىنى خىرستىئان دىننىڭ تەرغىپ قىلغان ئىلاھى قانۇنىيەتلىرى ،دارۋىن ئەزەلدىن ئسلام دىن بىلەن ئۇچىرشىپ باقمىغان. ئسلام دىننىڭ  تەرغىپ قىلغان ئىلاھى قانۇنىيەتلىرى بىلەن خىرىستىئان دىننىڭ تەرغىپ قىلغان ئىلاھى قانۇنىيەتلىرى تۈپتىن پەرىقلىنىدۇ.
------------------------------------------------------------
ئەمما خىرىستىيان دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ ھەتتا يەھۇدى دىنى ۋە زەردۆش دىنلىرىنىڭ ئاساسلىق كىتاپلىرى ئوخشاشلا بىر ئاللا تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان بولغاچقا ئۇلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىلاھى قانۇنىيەتلەر ئوخشاش بولىدۇ. بىراق كېيىن زەبۇر، تەۋرات ۋە ئىنجىل ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا دىگىنىڭىزدەك پەرىقلەر كېلىپ چىققان. شۇڭا بۇ جەھەتتە يەنىمۇ ئىزدىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 14:37:35

مەن پەرەز قىلغاندەك بۇ تېما يەنە دىنىي تالاش-تارتىشقا ئېغىپ كېتىپ بارىدۇ. ئاسلىدە تەرجىمىنىڭ ھەممە قىسمىنى كۆرۈپ بولۇپ، ئاندىن پىكىر بەرسەڭلارمۇ بولاتتى.
تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى ئۇنداق ئاددى ھالدا، ئادەم مايمۇندىن پەيدا بولغان دىگەن بىر جۈملە گەپ بىلەنلا تۈگىگەن ئەمەس.
ئاشۇ دارۋېن ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى مېندېل ۋە باشقا ئالىملارنىڭ ھەممىسى مۇنتىزىم دىنىي تەربىيە ئالغان پوپلار ئىدى.  ھىچبولمىغاندا ئۇلارنىڭ ئىلم-پەن ئۈچۈن ئىزدىنىشى، تەۋەككۈل قىلىشى، ئۆمۈر بويى ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى بىزنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىمىزگە ئەرزىيدۇ.
ئىلم-پەندە ھەرقانداق بىر پەرەز، نەزىرىيە ۋە كۆز-قاراش بەلگىلىك لوگىكىلىق تەپەككۇر، ئىلمىي تەجرىبە نەتىجىىسى، ئىسپات-پاكىت، باشقىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل ۋە يوللار بىلەن ئىسپاتلىشى بىلەن قۇبۇل قىلىنىدۇ ياكى ئىنكار قىلىنىدۇ. ھەرقانداق بىر پەرەز، نەزىرىيە ۋە كۆز-قاراش تەرەققىي قىلىدۇ ياكى يېڭى  بىر پەرەز، نەزىرىيە ۋە كۆز-قاراش  ئۇنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.
ھازىرقى دۇنيادا يۇقۇرى سەۋىيىدىكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان ئالىملارنىڭ سانى، تەتقىقات نەتىجىسى، تۆھپىسى، شان-شەرىپى، مۇسۇلمان ئالىملاردىن يۇقۇرى.
ئاددىسى ماۋۇ كومپيۇتېر، يان تېلىفون، ھەتتا مۇشۇ ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئەسلى پروگراممىسىنىمۇ مۇسۇلمانلار يازغان ئەمەس.
نيۇتون ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن داڭلىق ئالىم ئىدى، كىيىنچە ئېينىشتىيىن تەرىپىدىن بىر تۈركۈم يېڭى نەزىرىيە-كۆز-قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، فىزىكا پەنلىرى چوڭ تەرەققىياتقا ئېرىشىپ كەلدى. ئىلىم-پەن دىگەن مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىدۇ.
شۇڭا ۋاقتى ئۆتكەن، خاتا، بۇرمىلانغان ...دىگەندەك ئاددى ئىنكارچىلىقنى ئازراق قىلىپ، كۆپرەك كىتاپ-ماتېريال كۆرەيلى. نىمىشقا ۋاقتى ئۆتكەن دەيمىز؟ نىمىشقا خاتا بولىدۇ؟ نىمىشقا دىنىي ئەقىدىلەرنى بۇرمىلايدۇ؟ بۇلارنى ئاددى ھالدا دىنىي دەستۇرلاردىن نەقىل كەلتۇرۇپلا قالماي، ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلىساق ،قايىل قىلىش كۈچى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدۇ.
مەنمۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، داۋامىنى تەرجىمە قىلىۋېتەي.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 15:05:42

قىزىقارلىق بولغىنى، دارۋېن بارلىق ئەسەرلىرىدە، ‹‹ماسلىشالايدىغانلار ھايات قالىدۇ›› دىگەن گەپنى قىلىمىغان ئىدى، گەرچە ئۇ بۇ گەپتىن ناھايىتى زوقلانغان بولسىمۇ، 1864-يىلى Herbert Spencer ‹‹بىئولوگىيەنىڭ پىرىنسىپلىرى›› دىگەن كىتابىدا تۇنجى ئوتتۇرىغا قويغان(يەنى دارۋېننىڭ ‹‹تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى›› دىگەن كىتابى ئېلان قىلىنىپ 5 يىلدىن كىيىن).دارۋېن يەنە ‹‹تەدرىجى تەرەققىيات›› دىگەن سۆزنىمۇ ئىشلەتمىگەن ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ‹‹تەدرىجى تەرەققىيات›› دىگەن سۆزنى باشقىلار كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، جەلىپ قىلىش كۈچى زور ئىدى. دارۋېننىڭ ‹‹تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى›› دىگەن كىتابىنىڭ 6-نەشرىدىن باشلاپ، بۇ سۆز ئىشلىتىلگەن. بولۇپمۇ دارۋېن Galapagos  ئارىلىنى تەكشۈرگەن ۋاقىتتىكى قۇشلارنىڭ تۇمشۇقىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق بۇنداق خۇلاسىگە ئېرىشىلگەن ئەمەس ئىدى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەسلىشىگە قارىغاندا، دارۋېن نۇرغۇن ئاراللاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ۋاقىتلاردا، ئاشۇ ئاراللاردىكى قۇشلارنىڭ تۇمشۇقىنىڭ تۈزۇلىشى(ئۇزۇن-قىسقىلىقى،ئىنچىكە-توملىقى) ئۆزى ياشاۋاتقان ئاراللاردىكى ئوزۇقلۇق بايلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بەزى ئاراللاردىكى قۇشلارنىڭ تۇمشۇقى قىسقا ھەم توم بولۇپ، قاتتىق پوستلىق مېۋە ئۇرۇقچىلىرىنى يىيىشكە ماس كېلەتتى، بەزى ئاراللاردىكى قۇشلارنىڭ تۇمشۇقى ئېنچىكە ھەم ئۇزۇن بولۇپ، تاش ئارىسىدىكى قۇلۇلە ...قاتارلىق ھايۋانلارنى يىيىشكە ماس كېلەتتى.بۇنداق ھادىسىلەرنى كۈزەتكەندىن كىيىن، دارۋېن دەسلەپتە، قۇشلار بۇرۇندىن تارتىپ تۇغۇلىشىدىلا مۇشۇنداق تۇمشۇقى بار بولغان ئەمەس، مەلۇم تەرەپتىن ئېيىتقاندا قۇشلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەرققىياتىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
ئەمەلىيەتتە، قۇشلار ھەقىقەتەن ئۆزلىرىنى شۇنداق ياراتقان ئىدى، بىراق بۇنداق يەكۈنگە كەلگەن كىشى دارۋېن بىر ئادەم ئەمەس ئىدى. HMS Beagle ناملىق پاراخوتتا سەپەردە يۈرگەندە دارۋېن ئەمدىلا مەكتەپنى يېڭى پۈتتۇرگەن بولۇپ، مۇنتىزىم تەبىئەت پەنلىرى تەربىيىسىنى ئالمىغان ئىدى.شۇڭلاشقا ئۇ Galapagos  ئارىلىدىكى قۇشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئوخشاش بىر تۈرگە تەۋە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالمىغان.دارۋېننىڭ دوستى John Gould بۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە دارۋېننىڭ بايقىغىنى ئوخشاش بولمىغان ئىقتىدارغا ئىگە قۇشلار ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، تەجرىبىسى كەمچىل بولغانچقا، دارۋېن بۇ قۇشلارنىڭ زادى قايسى ئارالغا تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلەلمىگەن( كىيىن دارۋېن تاشپاقىلارنى كۈزەتكەندىمۇ ئوخشاش خاتالىقنى سادىر قىلغان) بۇنداق قالايمىقان ئەھۋاللارنى تۈگىتىش ئۈچۈن، دارۋېن ناھايىتى كۆپ ۋاقىت سەرىپ قىلغان ئىدى.
مۇشۇنداق خاتالىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن، HMS Beagle ناملىق پاراخوت بىلەن ئېلىپ كەلگەن ساندۇق-ساندۇق ئەۋرىشكىلەرنى تۈرگە ئايرىپ رەتلەش بىلەن بەنت بولۇپ كېتىپ، 1842-يىلىغا بارغاندا، يەنى HMS Beagle ناملىق پاراخوتتىن قايتىپ 5 يىلدىن كىيىن ، ئاندىن دارۋېن ئۆز نەزىرىيىسىنىڭ دەسلەپكى رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 15:07:20

bilig2010 يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 13:30 static/image/common/back.gif
دارۋېننىڭ ئنكار قىلغىنى خىرستىئان دىننىڭ تەرغىپ قىلغ ...

سىز يەنە ئاللاھنىڭ قۇرئاندا :بىز ئىنسانلارنى چەكسە جاراڭلايدىغان ساپالدىن ياراتتۇق دېگەن ئايىتىنىمۇ ئوقىمىغان بولسىڭىز كېرەك.گەرچە ئىككى دىننىڭ كۆپ قىسىم ئىدىيىۋى قىسىملىرى ئوخشىمىسىمۇ ئەمما ئىنجىلنىڭ كونا ئەھدە :يارىتىلىش بابى ئاساسەن ئىسلام دىنىدىكى قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن پەرقلەنمەيدۇ.
تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنىڭ ئىلمىيسىزلىكى بىئولوگىيىنى تولۇق ئۆگەنگەنلەر ئىنكار قىلالايدىغان ئەڭ ئاددىي ئۇقۇم.بۇنى بۇ يەردە ئىلمىي دېيىشىڭىزدە ئاۋۋال پاكىت كۆرسىتىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 15:23:25

ئىككى يىلدىن كىيىن  ئۇنىڭ نەزىرىيەسى كېڭىيىپ 230 بەتلىك بىر قوللانما بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇ كىشىلەرنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىشنى قىلغان: يەنى بارلىق خاتىرە دەپتەرلىرىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويۇپ، كىيىنكى 15 يىلدا باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولغان. دارۋېن ئۆيلىنىپ 10 بالىغا ئاتا بولغان. دارۋېن غەلىتە بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، دائىم ماغدۇرسىزلىنىپ، بېشى قېيىپ، دىققىتىنى يىغالماس بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ دائىم كۆڭلى ئىلىشىدىكەن، يۈرەك سوقۇشى نورمال بولماي، بېشى ئاغرەپ، ھارغىنلىق ھېس قىلىدىكەن. نەپەسلىنىشى جىددىلىشىپ، بېشى ئىنتايىن يېنىك ھالەتتە تۇرىدىكەن. كەيپىياتىمۇ ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قالىدىكەن. دارۋېننىڭ كېسىلىگە قارىتا، ھازىرغىچە بىرلىككە كەلگەن پىكىر يوق. كىشىلەرنىڭ پەرەز قىلىشىچە دارۋېن Chagas¡s كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن، بەلكىم جەنۇبى ئامېرىكىدا يۈرگەن مەزگىلىدە پارازىت قۇرۇتلارنىڭ (Benchuga bug)چېقىۋېلىشى بىلەن پەيدا بولغان بولىشى مۇمكىن. يەنە بىر ئەمىلىراق قاراش بولسا، داۋېن روھىي كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن. مەيلى قانداق كېسەل بولسۇن،كىشىنى ئىنتايىن ئازاپلايدىغان كېسەل بولۇپ، دارۋېن ئادەتتە 20 مىنۇتتىن ئارتۇق (ھەتتا ئۇنىڭدىن قىسقا ۋاقىت) خىزمەت قىلالمايدىكەن.دارۋېن كىيىنكى ئۆمرىدە نۇرغۇن ‹‹غەلىتە›› داۋالىنىشلارنى قۇبۇل قىلغان. مۇزدەك سۇدا يۇيىنىش، ئاچچىق سۇغا چىلىنىش، توك بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار.ئۇ ئۆيىدە بېكىنىپ دىگۈدەك ياشىغان بولۇپ، Kent تىكى ئۆيىدىن ئايرىلىپ باقمىغان ئىدى. دارۋېننىڭ ئۆي كۆچكەندىن قىلىدىغان تۈنجى ئىشى-كىتاپخانا ئۆيىنىڭ سىرتىغا يوغان بىر ئەينەكنى قويۇپ ، ئۆيگە كەلگەنلەرنى ئالدىن كۆرۈپ تۇراتتى ۋە بەزىدە زىيارەتچىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا قولايلىق بولاتتى.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 15:45:21

دارۋېن ئۆزىنىڭ نەزىرىيسىنى دەرھاللا ئاشكارىلاشنى خالىمىغان، چۈنكى ئۇ بۇ نەزىرىيىنىڭ جەمىيەت ۋە كىشىلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان غايەت زور زەربىسىنى ھېس قىلالايتى. 1844-يىلى، دارۋېن خاتىرە دەپتەرلىرىنى ئىشكاپقا سولاپ قويغان يىلى، ‹‹يارىلىشنىڭ تەبىئەت تارىخىدىكى ئىزنالىرى›› ناملىق بىر كىتاپ نەشىردىن چىقىپ، زىيالىلار ساھەسىنى قاتتىق غەزەپلەندۇرىدۇ. چۈنكى بۇ كىتاپتا، ئىنسانلار بەلكىم تۆۋەن دەرىجىدىكى پرىماتلار ئائىلىسىدىن تەرەققىي قىلىپ كەلگەن. بۇ جەرياندا ياراتقۇچى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بولمىغان دىگەن ئىدىيە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.كىتاپنىڭ ئاپتورى كىشىلەرنىڭ بۇنداق غەزەپ-نەپرىتىگە قالىدىغانلىقىنى ئالدىن پەملىگەچكە، ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن يۇشۇرغان ئىدى. بۇ مەخپىيەتلىك 40 يىلدىن ئارتۇق ساقلىنىپ قالدى. بەزىلەر پەرەز قىلىپ، بۇ كىتاپنى داۋېن يازغان دىيىشتى، بەزىلەر شاھزادە Albert يازغان دىيىشتى. ئەمەلىيەتتە، بۇ كىتاپنىڭ ئاپتورى شوتلاندىيەدە سودىدا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان نەشرىيات سودىگىرى Robert Chambers بولۇپ، ئۇ مەخسۇس ‹‹ئىنجىل›› نەشىر قىلىپ تارقىتىدىغان داڭلىق شېركەت قۇرغان ئىدى. ‹‹يارىلىشنىڭ تەبىئەت تارىخىدىكى ئىزنالىرى›› ناملىق كىتاپ ئەنگىلىيە ۋە چەتئەللەرىكى دىنىي ساھەدىكىلەرلا ئەمەس، يەنە ئىلىېم-پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ قاتتىق تەنقىت قىلىشىغا ئۇچرىدى. Edinburgh Review ناملىق ژورنال 85 بەت سەھىپە بىلەن پۈتۈن بىر سان ژورنالدا تەنقىد قىلىپ، ۋەت-ۋەرىكىنى چىقىرىۋەتتى. ھەتتا تەدرىجى تەررەققىيات نەزىرىيەسىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن بولغان T. H. Huxley بۇ كىتاپنى ئىنتايىن ئۆتكۈر تىل بىلەن قاتتىق تەنقىد قىلدى، بىراق ئۇ شۇ ۋاقىتتا كىتاپ ئاپتورىنىڭ ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى(دارۋېن بۇ كىتاپنىڭ ئاپتورىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى توغرا پەرەز قىلغان كىشىلەرنىڭ بىرسى ئىدى، دارۋېن بۇ كىتاپنىڭ 6-نەشرىنىڭ ئارگىنالىنى كۆرىۋاتقاندا،   Chambers نى يوقلاپ كۆرۈشكىلى بارغان ئىدى، بىراق ئىككىسى بۇ كىتاپ توغرىسىدا پاراڭ سېلىشمىغان بولسىمۇ، Chambers)  نىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىتاپ تەھرىرلىكنى ئىشلەۋاتقاندىكى روھىي ھالىتى بۇ مەخپىيەتلىكنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى.)

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 16:08:51

دارۋېن بەلكىم ئۆزىنىڭ خاتىرەلىرىنى ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئېلان قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى، بىراق بىر كۈتۈلمىگەن ئىش ئۇنى قاتتىق ھەيران قالدۇردى. 1858-تىلى يازنىڭ باشلىرىدا، دارۋېن يىراق شەرقتىن ئەۋەتىلگەن بىر پوسۇلكىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ. پوسۇلكا ئىچىدە Alfred Russel Wallace ئىسىملىك بىر ياش تەبىئەتشۇناسنىڭ دوستانە يېزىلغان بىر پارچە خېتى بار ئىدى، شۇنداقلا ‹‹ئۆزگەرگەن تۈر بىلەن ئەسلى تۈرنىڭ مەڭگۈلۈك ئايرىلىنىش يۈزلىنىشلىرى›› ناملىق ئىلمىي ماقالىمۇ بار ئىدى. بۇ ماقالىدا تەبىئى تاللىنىش نەزىرىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، دارۋېننىڭ ئىشكاپقا سولاپ قويغان خاتىرەلىرى بىلەن بىردەك ئىدى، ھەتتا بەزى سۆز-جۈملىلەر پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىدى. ‹‹مەن ئەزەلدىن بۇنداق پۈتۈنلەي ئۇدۇل كېلىپ قېلىشنى كۆرمىگەن ئىدىم›› دەيدۇ دارۋېن ئازاپلانغان ھالدا.‹‹ ئەگەر مەن ۋاللاسقا 1842-يىلى يازغان خاتىرەلىرىمنى بەرگەن تەغدىردىمۇ، ۋاللاس بۇنداق مېغىزلىق خۇلاسە چىقىرالمايتى››. بىراق ۋاللاس بەزىدە ئۇنداق قارىمىغان، ئۇ تۇيۇقسىزلا دارۋېننىڭ تۇرمۇشىغا بۆسۈپ كىردى. بۇ ئىككىيلەن دائىم خەت-ئالاقە قىلىشىپ تۇرغان، ۋاللاس يەنە ئەھمىيەتلىك دەپ قارىغان ئەۋرىشكىلىرىنى دارۋېنغا ئەۋەتىپ تۇرغان ئىدى. دارۋېن يازغان خەتلىرىدە، گەپنى سەل ئەگىتىپ، تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھادىسىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات تېمىسى قىلغانلىقنى ئېيىتقان.‹‹مەن بۇ يىل يازدا بۇ ئىشنى قىلىۋاتقىلى دەل 20 يىل بولىدۇ›› دەپ يازىدۇ دارۋېن. مەن 20 يىل بۇرۇنقى تۈنجى خاتىرەمنى تېخى ئېچىپ باقمىدىم، ئۇ خاتىرەمدە تۈرلەر ۋە ئۆزگەرگەن تۈرلەرنىڭ قانداق ئوخشىمايدىغانلىقىنى تەپسىلى بايان قىلغان ئىدىم››. يەنە ئۇ ۋاللاسقا يازغان خېتىدە‹‹ مەن ئەسىرىمنى نەشىر قىلدۇرماقچى بولىۋاتىمەن›› دەپ يازىدۇ. ئەمەلىيەتتە دارۋېننىڭ نەشىر قىلدۇرۇش خىيالى يوق ئىدى.
بىراق ۋاللاس دارۋېننىڭ ئوي-پىكرىنى چۈشەنمەي قالىدۇ. مەيلى قانداق دىمەيلى، ئۇ ئۆزىنىڭ نەزىرىيىسىنىڭ دارۋېننىڭ 20 يىلدىن بېرى تەتقىق قىلىۋاتقان نەزىرىيە بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكىنى قانداق بىلسۇن؟
دارۋېن ئىككى ئوتتۇرىدا تەڭلىكتە قالىدۇ. ئەگەر ئۇ ۋاللاستىن بۇرۇن ئۆز ئەسىرىنى ئالدى بىلەن ئېلان قىلىۋالسا، ئۇ بەلكىم ئۇزاق تاغ-دەريالار سىرتىدىكى ئۆزىنىڭ سەبى،غۇبارسىز چوقۇنغۇچىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر دارۋېن چېكىنسە، يەنى ئالىجاناپ مۆتىۋەرلەردەك ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۆزى ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلغان نەتىجىلەردىن ۋاز كەچكەن بولاتتى.ۋاللاس ئۆزىمۇ كىيىن ، ئۆز نەزىرىيەسىنىڭ بىردەملىك ئىلھام بىلەن كەلگەنلىكىنى ، دارۋېننىڭ بولسا نەچچە ئون يىل ئىنچىكىلىك بىلەن تەتقىق قىلىشنىڭ،ئەتراپلىق تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.شۇڭلاشقا بۇنداق بولغاندا ئادىل بولمايتى.

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 16:18:49

   مانا بۇ رەسىم بىزنىڭ بىئولوگىيە كىتابىمىزدا ھاياتلىقنىڭ تۆۋەن ئاددى دەرىجىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى تۈرلەرگە تەرەققى قىلىدىغانلىق نەزىرىيەسىنىڭ ئوبرازلاشتۇرۇلغان رەسىمى ، يەنى « تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسى » نىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى :



  ئالىملار  بەزىلىرى دارۋېننى ھازىرقى زامان بىئولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسىنى سالغان دىيىشسە يەنە بەزىلىرى نۇرغۇن سەپسەتەۋىي ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى  قالماشمىغان ياكى ئاشقۇن ئىدىيىۋى ئېقىملارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى دەپ قارايدۇ ، مەسىلەن   ئۇنىڭ «  تەبىئىي تاللىنىش ، ماسلىشالىغان ھايات قالىدۇ » نى ئاساس قىلغان نەزىرىيەسى جوڭگولۇق يەنفۇ ئىسىملىك كىشى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن جوڭگودا يېقىنقى زامان مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىغان دىيىلىدۇ ، بۇ ئەلبەتتە ھازىر  « جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى » دىگەن  شۇئاردا ئۆزىنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بولىشى  مۈمكىن ، لېكىن  « ئىرقلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتلىشىش نەزىرىيەسى » ، « سوتسىيال دارۋېنىزىم » قاتارلىق نەزىرىيەنىڭ كېلىپ چىقىشىى، يېقىنقى زامان فاشىزىمى ، ئىرقچىلىق ئىدىيەسى ، « ھاياتىي ماكان 生存空间 » قاتارلىق ئىدىيەۋىي ئېقىملارنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە  باغلىنىشلىق ۋە ھازىرقى زامان ئىنسانىيەت تېراگىدىيەسىنىڭ ئىدىيەۋىي كېلىپ چىقىش مەنبەسى   دەپ قارالغاچقا نۇرغۇن تالاش- تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

ئەلبەتتە دارۋېن ھايات ۋاقتىدا بۇنداق تېراگىدىيەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئويلىمىغان ۋە كۈتمىگەن ئەلبەتتە ، لېكىن بۇ يېقىنقى زامان تارىخمىزدا مۇشۇنداق ئىدىيەلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا دەستەك بولدىيۇ ئۇ يەنە بىر پەرەز ھالىتىدە ئىسپاتلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ .

مانا بۇ « تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسى » ھەققىدىكى تالاش- تارتىشنىڭ مەنبەيى . لېكىن بۇ نەزىرىيەنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى ( ئەگەر بار دىيىلسە) بۇ تېمىنىڭ ساھىبى charwichi ، يەنە بىلگەجان قاتارلىق بىئولوگىيە ساھەسىدىكى تورداشلارنىڭ ئېزىپ چۈشەندۈرىشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ .

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 16:19:09

   مانا بۇ رەسىم بىزنىڭ بىئولوگىيە كىتابىمىزدا ھاياتلىقنىڭ تۆۋەن ئاددى دەرىجىدىن يۇقۇرى دەرىجىلىك سۈت ئەمگۈچى تۈرلەرگە تەرەققى قىلىدىغانلىق نەزىرىيەسىنىڭ ئوبرازلاشتۇرۇلغان رەسىمى ، يەنى « تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسى » نىڭ يادرولۇق ئىدىيەسى :



  ئالىملار  بەزىلىرى دارۋېننى ھازىرقى زامان بىئولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسىنى سالغان دىيىشسە يەنە بەزىلىرى نۇرغۇن سەپسەتەۋىي ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى  قالماشمىغان ياكى ئاشقۇن ئىدىيىۋى ئېقىملارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى دەپ قارايدۇ ، مەسىلەن   ئۇنىڭ «  تەبىئىي تاللىنىش ، ماسلىشالىغان ھايات قالىدۇ » نى ئاساس قىلغان نەزىرىيەسى جوڭگولۇق يەنفۇ ئىسىملىك كىشى تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن جوڭگودا يېقىنقى زامان مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىغان دىيىلىدۇ ، بۇ ئەلبەتتە ھازىر  « جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشى » دىگەن  شۇئاردا ئۆزىنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى كۆرسىتىۋاتقان بولىشى  مۈمكىن ، لېكىن  « ئىرقلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتلىشىش نەزىرىيەسى » ، « سوتسىيال دارۋېنىزىم » قاتارلىق نەزىرىيەنىڭ كېلىپ چىقىشىى، يېقىنقى زامان فاشىزىمى ، ئىرقچىلىق ئىدىيەسى ، « ھاياتىي ماكان 生存空间 » قاتارلىق ئىدىيەۋىي ئېقىملارنىڭ كېلىپ چىقىشى بىلەن مەلۇم دەرىجىدە  باغلىنىشلىق ۋە ھازىرقى زامان ئىنسانىيەت تېراگىدىيەسىنىڭ ئىدىيەۋىي كېلىپ چىقىش مەنبەسى   دەپ قارالغاچقا نۇرغۇن تالاش- تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .

ئەلبەتتە دارۋېن ھايات ۋاقتىدا بۇنداق تېراگىدىيەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئويلىمىغان ۋە كۈتمىگەن ئەلبەتتە ، لېكىن بۇ يېقىنقى زامان تارىخمىزدا مۇشۇنداق ئىدىيەلەرنىڭ راۋاجلىنىشىغا دەستەك بولدىيۇ ئۇ يەنە بىر پەرەز ھالىتىدە ئىسپاتلىنىشنى كۈتۈپ تۇرىۋاتىدۇ .

مانا بۇ « تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيەسى » ھەققىدىكى تالاش- تارتىشنىڭ مەنبەيى . لېكىن بۇ نەزىرىيەنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى ( ئەگەر بار دىيىلسە) بۇ تېمىنىڭ ساھىبى charwichi ، يەنە بىلگەجان قاتارلىق بىئولوگىيە ساھەسىدىكى تورداشلارنىڭ ئېزىپ چۈشەندۈرىشىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ .

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 16:29:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   charwichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-4 16:31  

خۇددى دارۋېنغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويغان كىچىك ئوغلى چارلېس scarlet fever كېسىلى بولۇپ قېلىپ، كېىسەللىك ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ. 6-ئاينىڭ 28-كۈنى كىچىك چارلېس ئۆلۈپ كېتىدۇ. مۇشۇنداق قايغۇ ئازاپلىق كۈندىمۇ دارۋېن دوستلىرى Charles Lyell ۋە Joseph Hooker غا ئالدىراش خەت يېزىپ، ۋاللاسقا پۇرسەتنى ئۆتىنىپ بەرمەكچى بولىدۇ. بىراق دارۋېن بۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ بارلىق تەتقىقات قانچىلىك ئەھمىيەتلىك بولىشىدىن قەتئىنەزەر خىزمەتلىرى يوققا چىقاتتى. Charles Lyell ۋە Joseph Hooker ‹‹كاۋاپمۇ ۋە زىقمۇ كۆيمەيدىغان›› ئامال تېپىپ چىقىدۇ. يەنى ئۇلار دارۋېن ۋە ۋاللاسنىڭ نام-شەرىپى بىللە يېزىلغان نەزىرىيە تىزىسىنى بىرلا ۋاقىتتا Linnaean ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا سۇنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىلمىي جەمىئيەت ئۆزىنىڭ ئىلىم-پەن تەتقىقاتىدىكى نوپوزلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتاتتى. 1858-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ، دارۋېن ۋە ۋاللاسنىڭ نەزىرىيسى جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.دارۋېن ئۆزى بۇ يىغىنغا قاتناشمايدۇ. يېىغىن ئېچىلغان ئۇ كۈنى ، دارۋېن ئايالى بىلەن كىچىك ئوغلى چارلېسنى دەپنە قىلىۋاتقان ئىدى.
دارۋېن ۋە ۋاللاسنىڭ ئىلمىي ماقالىسى شۇ كۈندىكى يىغىنغا تاپشۇرۇلغان 7 پارچە ماقالىنىڭ بىرسى بولۇپ، باشقا ماقالىلاردىن يەنە ئانگولادىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلغان ماقالىمۇ بار ئىدى. يىغىنغا تەخمىنەن 30 دەك ئادەەم قاتناشقان ئىدى. گەرچە كىشىلەر شۇ ئەسىردىكى كىشىنى ئەڭ ھاياجانغا سالىدىغان تەتقىقات نەتىجىسىگە گۇۋاھچى بولسىمۇ، لىكىن ھىچكىم ھاياجانلىنىپ كەتمىدى. ماقالە ئوقۇلغاندىن كىيىن، مۇھاكىمە قىلىش بولمىدى، جەمىيەتتىمۇ غۈل-غۇلا قوزغىمىدى. دارۋېن كىيىنچە پەقەت بىر كىشىنىڭ ئۆز ئەسىرىدە بۇ ئىككى ماقالىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكىدىن بەكمۇ خوشال بولغان ئىدى. ئۇ كىشى بېرلىندىن كەلگەن Haughton دىگەن پروفېسسور بولۇپ، ئۇ كىشى مۇنداق خۇلاسە چىقارغان ئىدى‹‹ بۇ ئىككى ماقالىدا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلارنىڭ ھەممىسى خاتا، كونا قاراشلارنىڭ ھەممىسى توغرا›› .
ۋاللاس بۇ ۋاقىتتا يەنىلا يىراق شەرقتە بولۇپ، ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن ئاندىن بۇ ئەھۋاللاردىن خەۋەر تاپقان. ۋاللاس ھاياجانلىنىپ كەتمەي، تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسى بايقىغانلار سېپىدىن ئورۇن ئالغانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال بولغان ئىدى. ئۇ كىيىنچە ئىزچىل ھالدا بۇ نەزىرىيىنى ‹‹دارۋېنىزىم›› دەپ ئاتىغان ئىدى.

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 16:42:19



charwichi تورداشنىڭ :
... ئاشۇ دارۋېن ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى مېندېل ۋە باشقا ئالىملارنىڭ ھەممىسى مۇنتىزىم دىنىي تەربىيە ئالغان پوپلار ئىدى.


لېكىن دارۋېننىڭ ئۆزى يازغان تەرجىمىھالىدا تۆۋەندىكىدەك دىيىلگەن ئىكەن ، سىزنىڭ يازمىڭىز بىلەن سەال زىتلىق بار ئىكەن  :

  事实上达尔文死时不仅不信神,甚至对基督教极其反感。他生前不愿公开他的宗教立场,一方面是因为他不愿参与争端,另一方面也是因为他认为不信神的立场只适合于有教养的人,让普通大众接受无神论的时机还不成熟。但是在私下场合,达尔文并不隐瞒他反对基督教的立场。这有他晚年写的自传为证。在自传中,他用一章专门阐述自己的信仰,批驳各种有关上帝存在的证据,认为没有任何理由相信上帝存在,并介绍了自己唾弃基督教的经过。他甚至抨击基督教的教义“真是一种可咒诅的教义”。

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 16:47:56

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 16:19 static/image/common/back.gif
مانا بۇ رەسىم بىزنىڭ بىئولوگىيە كىتابىمىزدا ھاياتلى ...

بۇ تېما پەقەت ئەسلى مەنبەدىن تەرجىمە قىلىنغان. ھىچقانداق شەخسىي-پىكىر كۆز-قاراشلار قوشۇلمىغان.
ئاۋال ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ،داۋامىنى تەرجىمە قىلىۋېتەي، ئاندىن ۋاقىت چىقىرىپ سىز سورىغان سۇئاللارغا بىلگىنىمچە جاۋاپ بېرەي.
ئاۋال شۇ نەرسە ئاڭدىڭ بولۇپ كەتسۇن:
بۇ يەردە دىن، ئىرىق، مىللەت، دۆلەت...... رامكىسى ئىچىدە تۇرۇپ ئەمەس، مۆتىدىل ئورۇندا تۇرۇپ ئويلىشىمىز كېرەك.
دارۋېن دىننى ئىنكار قىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ نەزىرىيىسى خاتا دەپ ئاۋال خۇلاسە چىقىرىۋېلىپ، ئاندىن مەسىلىلەرنى ئويلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى بولمايدۇ.
تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنىڭ مۇۋاپىق تەرەپلىرىمۇ بار، بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى دىنلارنىڭ ئورنى، نوپوزى ۋە باشقا تەرەپلەرگە سەلبىي تەسىرى بولمايدۇ.
گەپ ئاشۇ نەزىرىيىنى قانداق چۈشىنىش، قانداق پايدىلىنىشتا.
ئاددى قىلىپ ئېيىتقاندا، ئالدى بىلەن دارۋېننى ‹‹دىننىڭ دۇشمىنى››، ‹‹ئىنسانىيەتكە زور-بالايى ئاپەت ئېلىپ كەلگۈچى›› دەپ ئاددىلا ئويلىماي، بىرنىڭ ئىككىگە بۆلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولماقمۇ، ھەممىنى ئىنكار قىلىدىغان، ياكى ھەممىنى قۇبۇل قىلىدىغان ئەھۋاللاردىن ساقلىنايلى.
بىزدە ھازىر كەم بولىۋاتقىنى ‹critical thinking批判性思维‹,  ،يەنى ئۇزۇن مۇددەتلىك مەكتەپ تەربىيىسى كەلتۇرۇپ چىقارغان.
ئەگەر بىرەرسى ئالىم شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، ھەتتا يوققا چىقارسا بۇمۇ نورمال ئەھۋال ئىلىم-پەندە. ئۇنى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرنىڭ دۇشمىنى دىيىشكە بولمايدۇ.

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 16:49:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   charwichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-4 16:50  

durak يوللىغان ۋاقتى  2014-2-4 16:42 static/image/common/back.gif
charwichi تورداشنىڭ :
... ئاشۇ دارۋېن ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى م ...

مۇشۇ تەرجىمھالنىڭ مەنبەسىنى تەپسىلى تەمىنلىسىڭىز.
ئەگەر دارۋېن ئۆزى يازغان بولسا، نىمە دەپ ‹‹ئۇ›› دەپ 3*-شەخس تىلىدا يازىدۇ؟
دارۋېن توغرىسىدا يېزىلغان كىتاپلار كۆپ.
مۇمكىن بولسا، مۆتىدىل مەيداندا يېزىلغان كىتاپلارنى كۆرۈپ باقايلى.

بەت: [1] 2
: دارۋېننىڭ ئاجايىپ كۆز-قاراشلىرى(تەرجىمە)