koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 15:07:09

چىيەنلۇڭ زامانىدىكى جۇڭگونىڭ باي-نامراتلىق پەرقى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-3 15:30

18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، دۆلەت كۈچى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئەنگلىيە شەرقتىكى گېگانت ئىمپېرىيە بولغان جۇڭگونى چىكىپ باقماق بولۇپ، داڭلىق دىپلومات ماكارتنى باشچىلىقىدىكى 700 كىشىلىك ئەلچىلەر ئۆمىكىنى جۇڭگوغا ئەۋەتىپتۇ.
مەزكۇر ئەلچىلەر ئۆمىكى يول بويى چىيەنلۇڭخاننىڭ شاھانە ئىلتىپاتلىرىغا ئېرىشىپ كەپتۇ. ئۇلار داجىكۇغا كېلىشىگە، ئىككى جۇڭگولۇق ئەمەلدار زور مىقداردىكى يېمەكلىكلەرنى سوۋغا سۈپىتىدا ئېلىپ، ئەلچىلەرنىڭ ئالدىغان چىقىپتۇ. بۇ سوۋغا ئەنگلىيىلىكلەرنى ھەيرانۇ- ھەس قالدۇرۇپتۇ. بۇنداق مول سوۋغاتتىن ئۇلار ماركىپولو قەلىمى ئاستىدىكى جۇڭگونىڭ ھەقىقەتەنمۇ باياشات ئىكەنلىكىگە ئىشىنىپتۇ. لېكىن ئويلىمىغان يەردىن، جۇڭگو كېمىلىرى كېتىشى ھامان، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يەنە بىر مەنزىرە سادىر بوپتۇ: جۇڭگو ئەمەلدارلىرى ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكلەر زىيادە كۆپ بولغانلىقتىن،بەزى چوشقا ۋە ئۆي قۇشلىرى كېمىدە قىستىلىشىپ ئۆلۈپ قاپتۇ، ئەنگىلىيىكلەر بىر قىسىم ئۆلۈك چوشقا ۋە توخۇلارنى دېڭىزغا تاشلىۋېتىپتۇ، ئەتراپتا تاماشا كۆرۈپ تۇرغان جۇڭگولۇقلار بۇنى كۆرۈپ، بەس- بەس بىلەن ئۆزلىرىنى دېڭىزغا ئېتىپ، تاشلىۋېتىلگەن تاپلارنى تالىشىپ دىگۈدەك سۈزۈپ ئېلىشقا باشلاپتۇ. بۇنىڭدىن جۇڭگولۇقلارنىڭ يەنە بىر تەرىپى ئاشكارە بولۇشقا باشلاپتۇ.
جۇڭگوغا كەلگەندىن كېيىن، ئەنگلىيىلىك ئەلچىلەرنى يەنە بىر قېتىم ھەيران قالدۇرغىنى باياشات ئوبراز ئاستىدىكى نامراتلىق بوپتۇ.
ئەنگىلىيىلىك ئەلچىلەر جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىت گۆشى يەيدىغانلىقىنى ھەيرانلىق بىلەن بايقاپتۇ، چۈنكى غەرب ئەللىرىدە ئومومەن ئىت گۆشى يېيىلمەيتتى. ئەلۋەتتە، جۇڭگولۇقلار پەقەت ئىت گۆشىلا ئەمەس، ئىشقىلىپ گۆشلا بولىدىكەن، ھەتتاكى سېسىپ كەتكەن گۆشلەرنىمۇ بوش قويىۋەتمەيدىكەن.
تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلار ھەممىلا يەردە ئۇچراپ تۇرىدىكەن. يولنىڭ ئىككى چېتىدە، دەريانىڭ ئىچىدە، ئەخلەت دۆۋىلىرىدە بوۋاقلارنىڭ چىقىپ قالغان قوللىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. خىرىستيان دىنىدا بوۋاقلارنى تاشلىۋېتىش گۇناھى كەبىرلەردىن ھېساپلىنىدۇ، لېكىن جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە بۇ بىر ئادەتتىكى ئىش ئىكەن.ئەلچىلەر ئۆمىكىدىكى جون باروۋ مۇنداق دەيدۇ: «ئاستانە شەھىرىدە يىلدا 9000 غا يېقىن بوۋاق تاشلىۋېتىلىدۇ.... مەن بۇرۇن بىر بوۋاق جەسىتىنىڭ جۇجياڭ دەرياسىدىكى كېمىلەر ئارىسىدا لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. كىشىلەر خۇددى بىر ئىتنىڭ جەسىتىدەك بۇنىڭغا ئىرەن قىلىپ كەتمەيتتى، لېكىن بۇ بوۋاقنىڭ جەسىتى ئورنىدا بىر ئىتنىڭ جەسىتى بولغان بولسا، بەلكىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى».

ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ئەمەلدار بولۇشتىن ئىبارەت.
تۆۋەن قاتلامدىكى نامراتلىق بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكى باياشاتلىق روشەن بىر سېلىشتۇرما بولالايدۇ. ئەنگلىيىكلەر شۇنى بايقىدىكى، جۇڭگولۇق ئەمەلدارلار غىزالىنىشتىمۇ زىيادە راھەت- پاراغەت قوغلىشىدىكەن، ئۇلار كۈندە نەچچە ۋاق تاماق يەيدىكەن، ھەر بىر ۋاق تامىقىدا نۇرغۇن قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەر بار ئىكەن.
مۇئاۋىن ئەلچى ستانتىننىڭ دېيىشىچە، ئۇ جۇڭگودا پەقەت ئىككى خىللا ئۆينى كۆرۈپتۇ، بىرسى بايلارنىڭ ئۆيى، يەنە بىرسى نامراتلارنىڭ ئۆيى. بارغانلىكى جايلاردىكى ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسى توپا تام ۋە ئوتلاردىن يېپىلغان ئىكەن، ئاز قىسىم ئۆيلەر ئىگىز قوپۇرۇلغان، سىرلاردىن نەقىشلەنگەن بولۇپ، بۇلار بايلارنىڭ تۇرالغۇسى ئىكەن. لېكىن ئوتتۇرا قاتلامدىكى كىشىلارنىڭ ئۆيلىرى ناھايىتى شالاڭ.
ستانتىن يەكۈنلەپ مۇنداق دەيدۇ: جۇڭگودىكى باي- نامراتلىق پەرقى بىز كۆرگەن بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئېغىر ئىكەن.
ئەنگىلىيىكلەر جۇڭگودىكى بارلىق بايلارنىڭ يەنە كېلىپ ھوقۇقدار كىشىلەر ئىكەنلىكىنىمۇ ناھايىتى ئاسانلا چۈشۈنۈپ يېتىپتۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ بايلىقى ئاساسەن ھوقۇق كۈچىگە تايىنىپ يىغىلىدىكەن. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى يۈكسەك، لېكىن ئىقتىساد مەڭگۈ سىياسەتكە باش ئىگىدىكەن. نامرات دەۋاگەرلەر ئەمەلدارلارنىڭ تەھدىتى ئاسىتدا بولىدىكەن، ئۇلارنىڭ دەرت ئېيتقۇدەك پۇرسىتى يوق ئىكەن. شۇڭا، جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن، ئەمەلدار بولۇش ئېتىقادتىن دېرەك بېرىدىكەن.
بۇنداق سىياسىي كەيپىيات ئاستىدا، قانۇننىڭ شەخسىي مۈلۈكلەرنى قوغدىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش مۈمكىن ئەمەس. ماكارتنىنىڭ قارشىچە، ھاكىممۇتلەقلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ۋەيران قىلىۋىتىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە پايدىلىق بولغان بارلىق ئامىللارنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ.

ئەمەلدار بولمىغان سوراۇندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن نورمال بولىدىكەن.
ئەنگلىيىكلەرنى ئىقتىسادى نامراتلىقتىنمۇ بەكرەك ھەيران قالدۇرغىنى سىياسىي جەھەتتىكى نامراتلىق بولدى.
جۇڭگونىڭ سىياسىتىنى ھۆرمەتلەيدىغان ياۋرۇپا ئەدىبلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدا، جۇڭگو جەمئىيىتىنى ئىنتايىن ئىناق، تېنچ ۋە رېتىملىق دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئەلۋەتتە، ھوقۇقنىڭ ھەيۋىسىدىن بېيجىڭدىكى ئىشلار ئىنتايىن تەرتىپلىك ماڭىدۇ. ئەنگلىيىكلەر جۇڭگو ئەمەلدارلىرى بىلەن باردى- كەلدى قىلىش جەريانىدا، ئۇلارنىڭ بۇ ئىمپېرىيىنىڭ تەرتىپىنى ساقلاشتىكى ئاساسلىق ۋاستىسىنى كۆرۈپ يەتتى.
ئەنگىلىيىلەر بېيجىڭدىن تيەنجىنگە بېرىش سەپىرىدە، شەندۇڭنىڭ دېڭجۇ ئايمىقىدا ۋاقتىنچە تۇرۇپ قالدى. دېڭجۇ مەھكىمىسىنىڭ ۋالىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا كۈتۈۋېلىشقا چىقتى. «ۋالىي نۇرغۇن خادىملىرىنى تەڭ ئېلىپ چىقىپتۇ، ۋالىي بىر خادىمدىن سۇئال سورىۋىدى، ئۇ خادىم دەرھال تىزلىنىپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى ... ۋالىي بولسا بۇ خىل سالامنى تەبئىي ھالدا قوبۇل قىلدى، قارىماققا بۇلار ئوتتۇرسىدىكى سۆزلىشىش ئىزچىل مۇشۇنداق يوسۇندا بولىدىغاندەك تۇراتتى....» بۇنداق ئادەت ئەنگلىيىكلەرنىڭ ئەقلىگە سىغمىدى.
ئەنگىلىيىكلەر تېخىمۇ قوبۇل قىلالمايدىغان بىر قائىدە شۇ بولدىكى، ھەر قانداق سورۇندا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدا تۆۋەن دەرىجىلىكنى دەررە ئۇرالايتتى. كىشىلىك ئىززەت- ھۆرمەت ۋە شان- شەرەپكە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئەنگىلىيىكلەر بۇنى قەتئى ئەقلىگە سىغدۇرالمىدى، ھەمدە ئىنتايىن ئاچچىقلاندى.
ئەنگلىيىكلەر جۇڭگوغا كېلىشتىن ئىلگىرى، جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى ئوبرازى ئاساسەن ئىجابىي بولۇپ، بىردەك «دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ ئەدەپلىك مىللەت» دەپ قارىلاتتى. لەبنىز مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلار باشلىقىغا بوي سۇنىدۇ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدۇ، پەرزەنتلىرى قانداق ئۆسۈپ- يېتىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتا-ئانىسىنى دىننى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەتلەيدۇ، قوپال سۆزلەرنى قىلمايدۇ ....». گود مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ يەردىكى ھەممە ئىشلار بىزنىڭكىگە قارىغاندا ئېنىق، پاك ۋە ئەخلاقلىق». فورتاي ئۆزىنىڭ «جۇڭگولۇق يېتىم» دېگەن ئەسىرىدە جۇڭگولۇقلارغا بولغان قارشىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: «ۋاپادار، سادىق، ئەخلاقلىق ۋە نومۇسچان بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى».
يۇقارقى تەسۋىرلەشلەر ئەمەلىيەتتىن سەل يىراقلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ خىزمىتىدە بولغان جۇڭگولۇقلار ئۇلارغا مۇنداق تەسىرات قالدۇردى: «يالغانچى، ساختىپەز، تېز ئوغۇرلاپ تېز تۆۋە قىلىدىغان، ھەمدە قىلچىمۇ يۈزى قىزارمايدىغانلار»، «بىر قېتىم بىز تاماق يېمەكچى بولغاندا، بىزنىڭ ئاشپېزىمىز قىلچە نومۇس قىلمىغان ھالدا بىزنى ئالدىماقچى بولدى. ئۇ بىزگە ئىككى توخۇ پۇشۇرۇپ ئېلىپ كەلدى، ھەر بىر توخۇنىڭ بىردىن پاچىقى يوق ئىدى. بىز ئۇنىڭدىن توخۇلارنىڭ پاچىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ھىجىيىپ تۇرۇپ كەم قالغان توخۇ پاچاقلىرىنى ئېلىپ كەلدى».

ئەنگىلىيىكلەر شۇنى بايقىدىكى، ئەمەلدار بوق سورۇندا، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن نۇرمال بولىدىكەن. ئەمەلدار پەيدا بولغان ھامان، دەرھال مۇلايىملىشىپ كېتىدىكەن. باروۋ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىشلاردىن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلىگەن ئەخلاقىي پەزىلەتلىرىدە غايەت زور نۇقسان بارلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ»، «ھازىرقى ھاكىمىيەت (چىڭ خاندانلىقى) بويىچە ئېيتقاندا، بۇ مىللەتنى بېسىم ئىشلىتىپ بوي سۇندۇرغىلى، ھەمدە مىللىي خاراكتېرىنى ئۆزى خالىغان رەۋىشتە ياساپ چىققىلى بولىدىكەن».
باروۋنىڭ قارىشىچە، جۇڭگولۇقلاردا غورۇر كەمچىل ئىكەن، چۈنكى ھۆكۈمەت ئەزەلدىن پۇقرالارنى قۇرامىغا يەتكەنلەر قاتارىدا كۆرمەي، بەلكى بالا ياكى قۇل قاتارىدا كۆرىدىكەن. بۇنداق تۈزۈمدىكى دۆلەتتە، ھەممە ئادەم قۇلغا ئايلىنىپ كېتىشى، ھەر قانداق ئادەم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى بىر ئەمەلدارنىڭ باش لىڭىشتىپ قويۇشى بىلەن دەررە يېيىشى، يەنە تېخى ئۆزىنى ئۇرغان توقماق، قامچا ياكى باشقا جازالاش قۇراللىرىنى مەجبۇرى سۆيۈشى، ھەمدە تىزلىنىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە تەربىيە قىلىش ئۈچۈن ئەمەلدارنى ئاۋارە قىلغانلىقىتىن گۇناھىنى تىلىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇنداق قىلىپ غورۇر ۋە شەرەپتىن ئېغىز ئېچىش مۇمكن بولمايلا قالماي، يەنە كىشىلىك ئىززەت -ئابروي ئۇستىلىق بىلەن يوقىتىلىدىكەن.

مەنبە: نۇر تورى
ئەسلى مەنبە: شىنلاڭ تورى

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 18:47:13

بۇ چىڭ سۇلالىسىدىكى جۇڭگونىڭ ئەھۋالىمىكەن ياكى ھازىرقى يېڭى جۇڭگونىڭ ئەھۋالىمىكەن؟
ئوقۇغانلار خۇددى ھازىرقى ۋەزىيەتنى يازغاندەك تۇرىدىكەن ئوقۇسا.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 19:04:32

بۇ خەقنىڭ تۈنۈگۈنى بىلەن بۈگۈنىنىڭ پەرقى يوق :D

Uyghuran يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 19:12:48

ئەنگىلىيىلەر بېيجىڭدىن تيەنجىنگە بېرىش سەپىرىدە، شەندۇڭنىڭ دېڭجۇ ئايمىقىدا ۋاقتىنچە تۇرۇپ قالدى.
-------------------------------
بۇ قانداق گەپ، بېيجىڭدىن تيەنجىنگە بېرىش ئۈچۈن شەندۇڭدىن ئۆتەمدىكەن؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 22:51:13

parakende يوللىغان ۋاقتى2014-2-3 19:04 static/image/common/back.gif
بۇ خەقنىڭ تۈنۈگۈنى بىلەن بۈگۈنىنىڭ پەرقى يوق

قوللايمەن

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 10:58:52

خەتكۇچ

galita يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 11:06:37

ھازىر ئەمەلدارغىلا ئەمەس بايلىغىمۇ ئىڭىشىۋىرىدۇ!
بەت: [1]
: چىيەنلۇڭ زامانىدىكى جۇڭگونىڭ باي-نامراتلىق پەرقى