سېرىنگۈل ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى
سېرىنگۈل تۈۋىدىن شاخلىنىپ تىك ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى تۈز ، تولۇق گىرۋەكلىك ، تۇخۇم شەكىللىك كېلىدۇ، گۈلى سۆسۈن رەڭدە ئېچىلىدۇ. خۇش پۇراق چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، يەنە ئاق ئېچىلىدىغىنى بۇلۇپ ، پۇرىقى قويۇق ، گۈلى كىچىك ، يوپۇرمىقىمۇ كىچىكرەك بۇلىدۇ. ئۆستۈرۈلۈۋاتقان تۈرلەردىن كەڭ بەرگىلىك، يۆگەشمە بەرگىلىك ، كۆپ قاتلىق تۈرلىرى بار.
سېرىنگۈل يورۇقپەرەس، ئەمما سايىغىمۇ چىدايدۇ. نەمخۇش ، مىۇنبەت ، سۈيى چىقىپ كىتەلەيدىغان ئەت تۇپراقنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۈنۈمسىز تۇپراقتىمۇ ئۆسەلەيدۇ، سوغۇققا چىدايدۇ، يازدىكى قۇرغاق كىلىماتتىن باشا ۋاقىتتا كۆپ سۇغۇرۇشقا بولمايدۇ. لېكىن، ئۇزاق ۋاقىت ، يەنى بىرەر ئايغىچە سۇغىرىلمىسا يوپۇرماقلىرى سولىشىپ قۇرۇپ قالىدۇ. بىراق ، يامغۇر ياغسىلا يەنە ئەسلىگە كىلىدۇ.
كۆپەيتىش :
سېرىنگۈل ئۇرۇقىنى تېرىش ،شېخىنى قەلەمچە قىلىپ تىكىش ، ئۇلاش ۋە شاخ باستۇرۇش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. ئۇرۇق تېرىغاندا ، كۆچەتخانا تېمپىراتۇرىسى20 ~ 30 سېلسىيە گرادۇس ، نەملىكى 80 پرسەنت ئەتراپىدا بولغاندا ئۈنۈپ چىقىدۇ. قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئادەتتە يوپۇرماق تاشلىغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدۇ. يەنى شاخلار كېسىىپ ئېلىنىپ قۇمدا ساقلىنىپ ئەتىيازدا تىكىلىدۇ. ئۇلىغاندا بۇرجۇن كۆچىتى ئۇلاق ئاستى قىلىنىپ ، ئىسكىنە ئۇلاق ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ.شاخ باستۇرۇشتا تۈۋىگە توپا يۆلەپ باستۇرۇش ، شاخنى ئېگىپ باستۇرۇش ۋە ئېگىزلىكتە شاخ باستۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ قايسىسى قوللىنىلسا بۇلىۋىرىدۇ.
سېرىنگۈلنىڭ گۈلى ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن ئۇرۇقى ئېلىنمىسا ، گۈل بېشى ئىككى تال بىخ بىلەن كېسىۋىتىلسە ھەمدە زىچ بولۇپ كەتكەن شاخلار شالاڭلىتىلسا ، تۈپلەرنىڭ كۆركەملىكىنى ساقلاپ ، يورۇقلۇق ئۆتۈشتۈرگىلى بۇلىدۇ. ھەر يىلى بەك زىچ بولۇپ كەتكەن ، ئاجىز ، قۇرۇپ قالغان شاخلار كېسىۋىتىلسە ، شۇ يىلى ۋە 2- يىلى كۆپ گۈل ئېچىلىشقا پايدىلىق.
مەنبە: ئەلچى گۈلچىلىكى
تاڭلېي نىڭ سېرىنگۈل دېگەن ناخشىسىنى خەنسۇلا دائىم قويۇۋالسا مەجبۇرىئاڭلاپ قانداقراق گۈل بولغىيتى دەپ قالغانىدىم، ئەسلى مۇشۇنداق گۈلكەندە... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hazritili تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-3 21:57
baydowlat يوللىغان ۋاقتى2014-2-3 19:58 static/image/common/back.gif
بىز تەرەپتە بەك جىق. كوچىلاردا دەرەخ ئورنىدا ئۆستۈرىدۇ ...
كەچۇرۇڭ، تىبابەتتىن خەۋرىم يوق ، ھەم سېرىنگۈلنىڭ تەبئىتى ھەققىدىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. بۇ ھەقتىكى مەسلىھەتنى يەنىلا ئىزدىنىشتىكى تىۋىپلاردىن سۇراپ كۆرسىڭىز بۇلارمىكىن.:P بۇرۇن غۇلجا شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىچىدە دەرۋازىدىن كىرگەندىن تارتىپ تاكى ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىغىچە ئىككى رەت سىرىنگۈل بار ئىدى . بەك چىرايلىق ئېچىلىپ كېتەتتى . كېيىن خېلى يىللارغىچە بۇ گۈل غۇلجىدا ئازلاپ كەتكەن . ھازىر خەلىق باغچىسىنىڭ ئىچىدىكى بىر يول ۋە ياشلار يولىنىڭ ئىككى قاسنىقى ۋە شەرقىي ئايلانما يول قاتارلىق يوللاردا مەنزىرە دەرىخى ئورنىدا ئۆستۈرۈلىۋاتىدۇ . پۇرىقى بەك يېقىملىق .
بەت:
[1]