history يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 13:47:29

ھەرگىز چېكىنمەڭ

ھەرگىز چېكىنمەڭ
(لىنكولىننىڭ كۆرەش تارىخى)
1816-يىلى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئەسلى ماكانىدىن قوغلاندى. ئۇ، ئىشلەپ ئائىلىسىنى بېقىشقا مەجبۇر بولدى.
1818-يىلى ئانىسى ئالەمدىن ئۆتتى .
1831-يىلى سودىدا مەغلۇب بولدى.
1832-يىلى پارلامېنت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ سايلىنالمىدى.
1832-يىلى خىزمىتىدىنمۇ قۇرۇق قالدى . قانۇن ئىنىستىتوتىغا كىرىپ ئوقۇمامچى بولىديۇ، ئوقۇشقىمۇ كىرەلمىدى.
1833-يىلى دوستلىرىدىن پۇل ئۆتنە ئېلىپ سودىغا كىرىشتىيۇ، يىل ئاخىرغىچە ۋەيران بولدى. گەدىنىدىكى قەرىزنى 16 يىل تۆلەپ قۇتۇلدى.
1834-يىلى پارلامېنت ئەزالىق سايلام رىقابىتىگە قاتنىشىپ يەڭدى.
1835-يىلى توي قىلىشقا پۈتۈشكەن بولغۇسى ئايالى ئالەمدىن ئۆتۈپ، يۈرىكىدە ساقايماس ھىجران قالدى.
1836-يىلى روھى جەھەتتىن پۈتۈنلەي بەربات بولۇپ ئالتە ئاي ياتتى .
1838-يىلى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ باياناتچىلىقىنى تالىشىپ مەغلۇب بولدى.
1840-يىلى سايلامغا قاتنىشىشقا بار كۈچى بىلەن تىرىشتىيۇ مەغلۇب بولدى.
1843-يىلى پارلامېنت چوڭ سايلىمىغا قاتناشتى، ئەمما سايلىنالمىدى.
1846-يىلى پارلامېنت چوڭ سايلىمىغا يەنە قاتىنىشىپ سايلاىدى ۋە ۋاشىنگىتوننى نىشانلاشقا باشلىدى، ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى.
1848-يلى پارلامېنت ئەزالىقىغا قايتا سايلىنىشقا تىرىشتىيۇ مەغلۇب بولدى.
1849-يىلى ئۆزى تۇرۇشلۇق شىتاتنىڭ يەر - زىمىن ئىدارىسىگە باشلىق بولۇش خىيالىدا چاپتىيۇ، رەت قىلىندى.
1954-يىلى ئامېرىكا ئالى پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىنى تالىشىپ سايلىنالمىدى.
1856-يىلى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋەكىللەر چوڭ يېغىنىدا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇققا كۆرسىتىلىشنى قولغا كەلتۈردى، ئەمما ئېرىشكەن بېلەت سانى يۈزگىمۇ يەتمىدى.
1858-يىلى يەنە بىر قېتىم ئامرىكا ئالىي پالاتاسىنىڭ ئەزالىقىنى تالىشىپ، يەنە سايلىنالمىدى.
1860-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى .
         بۇدەل ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ زور شۆھرەت قازانغان زۇڭتۇڭ لىنكولىندۇر ! «بۇ يول شۇقەدەر جاپالىق ھەم ئەگرى - توقاي بولدى. بىر پۇتۇم ئازراقلا تېيىپ كەتسە، يەنە بىر پۇتۇممۇ لىڭشىپ قالىدۇ، ئەمما مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىپ، ئۆز-ئۆزۈمگە شۇندق دەپ كەلدىم. بۇ ئازراقلا پۇت تېيىش، مۈدۈرۈپ كىتىش، ھەرگىزمۇ ئۈلۈش ياكى دۈم چۈشۈش ئەمەس!» لىنكولىن ئالىي پالاتا ئەزالىق سايلىمىدا مەغلۇب بولغاندىن كىيىن شۇنداق دىگەنىدى .   
       مۇۋەپپىقىيەتتە ھېچقانداق مەخپىيەت يوق. بار دىيىلسە : بىرىنجى، ئاخىرغىچە تىركىشىش، ۋاز كەچمەسلىك، مەغلۇب بولغىنىنى ھەرگىزمۇ تەن ئالماسلىق؛ ئىككىنجى، ۋاز كېچىش خىيالىغا كەپ قالغان چاغلاردا، ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ بىرىنجى مەخپىيەتكە قاراش؛ ئاخىرغىچە تىركىشىش، ۋاز كەچمەسلىك، مەغلۇب بولغىنىنى ھەرگىز تەن ئالماسلىق . قەتئىي ئىرادىل، قول سېلىپ ئىشلەشلا بولىدىكەن، مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق.

akida525 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 16:59:15

ئەلا
بەت: [1]
: ھەرگىز چېكىنمەڭ