kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 09:23:51

مۇنبەرگە ئۈندىدارغا ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى

ئۈندىدارغا ئادەتلەنگەن تورداشلارنىڭ تېما ئوقۇشىغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مۇنبىرىمىزدىكى ئىلان قىلىنغان تىمىلارنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللاش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق، ئۆزىمىز كۆرىۋاتقان تېمىلارنى ناھايىتى تىز سۈرئەتتە، ئۆزىمىزنىڭ ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىيالايمىز. ئۇنىڭدىن باشقا مۇنبەرگە ئەزا سۈپىتىدە كىرگەندىن كىيىن، ئاندىن دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىغان بولساق، شۇ تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قىتىم سانىغا ئاساسەن، يوللىغۇچىغا مۇنبەر تەڭگىسى مۇكاپات قىلىپ بىرىلىدۇ.

كونكىرىت مەشغۇلات تەرتىپى تۆۋەندىكىچە:
ھەر بىر يوللانغان تېمىدا، تېما يوللىغۇچىنىڭ باش سۈرىتى ئاستىغا قارىساق، بىر پارچە «ئىككى ئۆلچەملىك كود»نى كۆرىمىز.


يانفونىمىزدا ئۈندىدارنى ئاچقاندىن كىيىن، ئاستى تىزىملىكتىن «بايقاش» (发现)نى، ئاندىن «سىكەنىرلەش» (扫一扫)نى بىسىپ، كۆرىۋاتقان تېمىڭىزنىڭ ئىككىلىك كودىنى سىكانىرلايمىز.


بۇ ۋاقىتتا يانفونىمىزدا، كۆرىۋاتقان تېمىمىزنىڭ يانفۇن نۇسقىسى ئېچلىدۇ.
ئېچىلغان كۆزنەكتە يانفۇن ئىكرانىنىڭ ئوپ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى ئىستىرىلكىنى چىكىمىز.


چىققان كۆزنەكتە «دوستلار چەمبىرىكىگە ھەمبەھىرلەش» (分享到朋友圈)نى باسساقلا، ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يوللىنىدۇ.

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 09:34:25

بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، ئىزدىنىشنىڭ مونەۋۋەر يازمىلىرىدىن ئۈندىدار ھەۋەسكارلىرىمۇ بەھىرلەنسۇن- دە!
ئەمما ئۈمۈدۈم: ئۈندىدارغا ھەمبەھرلىمەكچى بولغان تورداشلار بەك بەك ئويلىنپ، مەزمۇننى تاللاپ تۇرۇپ ھەمبەھرلىسەڭلار. بولسا، تېما ئىزدىنىشتا 3-2كۈن تۇرۇپ، رەسمى بەس- مۇنازىرىدە تاۋلىنىپ چىققاندىن كېيىن ھەمبەھرلەنسە. چۈنكى ئۈندىدارنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى، ئوقۇرمەنلىرى كومپىيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئىزدىنىشتىن پەرقلىنىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 10:06:20

نەچچە تەڭگە ئۇ بېرىدىغىنى {:101:}

birxan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 11:17:59

مۇشۇ تىمىنى يوللاپ پۇل تاپايمىكىن..:lol

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 13:32:49

tadubeg يوللىغان ۋاقتى  2014-2-3 10:06 static/image/common/back.gif
نەچچە تەڭگە ئۇ بېرىدىغىنى

ھازىر بەش تەڭگە بىرىلىدۇ، جىقراق تەڭگە تاپساڭلار، ئتتىك ئۆسىسىلە. :lol

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 15:04:13

بۇنىڭ يەنە بىر يېرى كەم قالغاندەك تۇرىدۇ.
بەزىدە يانفوندا زىيارەت قىلىمىز ئىزدىنىشنى (m.izdinix.com بەك پەيزىكەن). يانفوندا زىيارەت قىلغاندا، شۇ يانفوننىڭ ئۆزىدە تېمىغا ئاپپاراتنى توغرىلىغىلى بولمايدۇ. شۇڭا... ئورتاقلىشىش كۇنۇپكىلىرى قوشۇلسا، ياخشى بولاركەن.
ئاندىن...
بۇرۇن m.izdinix.com دا «يېڭى تېمىلار»، «يېڭى ئىنكاسلىق تېمىلار» دېگەن سەھىپىلەرنىڭ ئاستىدا 10 نەچچىدىن تېما كۆرۈنەتتى. ھازىر 4 تىنلا تېما كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالدى... بۇنىڭغا بىر قاراپ باقساڭلار بوپتىكەن. ھازىر تېلېفوننىڭ ئېكرانى يوغىناپ كەتتى...

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 15:23:35

مەن كۆپىنچە يانفۇندا چىقىمەن ، ياخشى يازمىلارنى  تور كۆرگۈچ ئارقىلىق تور ئادىرىسىنى كۆچۈرۇپ  ئۇندىدارغا چاپلايمەن ، ئۇندىداردىن ئۇ ئادرىسنى باسسام ئۇندىدارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى تور كۆرگۈچ شۇ يازمىنى ئۇلاپ بىرىدۇ، ئاندىن ئوڭ تەرەپ يۇقىرىسىنى بىسپ چەمبىرەككە ھەمنەھىرلايمەن، سىز دىگەندەك ئىككلىك كودنى سىكاننىرلىغاندىن تور ئادرىسىنى ككچۈرىۋىلپ بەھىرلەش قۇلاي

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 15:25:04

يانفون بېتىنى ئوڭشاڭلار بى :lol

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 15:33:17

يەنە بىر مەسىلىنى ئىنكاس قىلىپ قوياي . ئىزدىنىش يانفۇن نۇسخسىنى سونىي تىلىفۇنغا قاچىلانغان كىروم تور كۆرگۇدە ئاچسام (تولۇق نۇسىخسىنىمۇ  ) خەتلىرى ئۇلانماي خاپا قىلدى ....
ئەمما ئىزدىنىشنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىسىدا خەتلەر ناھايتى چىرايلىق ھەم ياخشى ئۇلىنىپ چىقاتتى ....

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 16:08:27

مەنمۇ كىروم قاچىلانغان سونىدا چىقىۋاتىمەن خەت پەچەت چىقىۋاتىدىغۇ

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 16:11:43

ئىزچىنىڭ دېگىنىدەك قىلسا تېخىمۇ تېز ھەم قولاي، مەنمۇ شۇنداق قىلاتتىم.
بىرھون قاتارلىق تورداشلار ئىنكاس قىلغاندەك مەنمۇ ئىزدىنىشنىڭ يانفون نۇسخىسىنى تېخىمۇ ياخشىلانسا دەيمەن.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 16:32:59

تېما سانى بىردەمدە كۆپەيدىغۇ.  ئەمدى بەك پەيزى بوپ كەتتى

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 18:01:57

مەنمۇ سونىدا كۆرىمەن، خەتلىرى پەچەتقۇ، ئەمما يانفون بېتىدە بەزىدە تۆت بەزىدە  ئىككى تېما چىقىۋېلىپ، كومپيۇتېر  بېتىگە ئالمىشىمەن ئامالسىز...

Rachel يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 21:56:28

مۇنبەر  پۇلىنى نىمىگە ئىشلىتىدۇ؟

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-3 22:15:47

مەن UCتور كۆرگۈنى ئىشلىتىمەن ، سىلەرچە يانفۇن ئۈچۈن قايسى تور كۆرگۈ ئەڭ ياخشى؟
بەت: [1]
: مۇنبەرگە ئۈندىدارغا ھەمبەھىرلەش ئىقتىدارى قوشۇلدى