yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 14:00:07

شىئەندە ئۇيغۇر شاھزادەنىڭ قەبرە تەزكىرىسى بايقالدى

تۈركىيە، فڧىنلاندىيە ۋەجۇڭگودىن بولۇپ 8 ئارخىلوگ يېقىندا شىئەننىڭ بۈيۈك تاڭ غەربى شەھەر موزىيىدا، تاڭدەۋرىگە مەنسۇپ ئۇيغۇر شاھزادەنىڭ قەبرە تەزكىرىسىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق،ھەقىقەتەن تاڭ دەۋرىگە مەنسۇپ ئۇيغۇر شاھزادە گېچوۋنىڭ قەبرە تەزكىرىسى ئىكەنلىكى،تاڭ خانلىقى ئۇيغۇر شاھزادە ئۈچۈن ئۇيدۇرغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى. بۇ ھازىرغىچەبايقالغان بىردىن بىر خەن- رونىك يازىقىدىكى قوش تىللىق تەزكىرە ئىكەن. قەدىمىي تۈرك يازىقىنىڭ شەرقى ئاسىيادىكى ھۆججەت كەملىكى، ئۇيغۇر- تاڭ مۇناسىۋىتى، ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئەھمىيېتى زور. بۇ تاش تەزكىرە چاسا بولۇپ،تەرەپ ئۇزۇنلىقى 40 سانتىمېتىر، خەتلىرى ئېنىق. تەزكىرىدە خاتىرىلىنىشىچە، شاھزادەگېچوۋ جەمەتى توپىلاڭنى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن. مىلادى 795- يىلى شاھزادەگېچوۋ چاڭئەندە كېسەل بىلەن قازا قىلغان. تەزكىرەنىڭ خەنچە قىسمى ياخشى ساقلانغانبولۇپ، گېچوۋنىڭ ئاتاسى "ئۆڭلۈك- سۆيگىن" توپىلېڭىنى باستۇرغان. تەزكىرىدەقەبرە ئىگېسىنىڭ بوۋىسى، ئاتىسى، ئاغىسىنىڭ ئىسمى؛ دەپىن قىلىنغان ۋاقتى يازىلغانھەمدە تاڭ دېزوڭ ئۆزى باش بولۇپ، دەپىن قىلغانلىقى خاتېرىلەنگەن.
تەرجىمە قىلغۇچى : باغداش تورىدىن:emit

مەنبە:http://news.bagdax.cn/china/2014/0126/1529.html

yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 12:23:46

2014-يىلى2-ئاينىڭ 1-كۈنى يوللىغان تىمام بۈگۈن تەستىقلىنىپتۇ.خۇداغا شۈكرى:lol

izqi1991 يوللانغان ۋاقتى 2014-3-24 16:46:52

باشقۇرغۇچىلار ھۆكىمەتنىڭ بىسىلىپ قالغان ئىشلارنى ھەل قىلىش چاقىرقىغا ئاۋاز قوشقان ئوخشايدۇ ،  مىنىڭمۇ تىىمىللىرىم تەستىقلانغانلىق ھەققىدە ئۈچۈر كەلدى ، ئەمما توردا يوققۇ
بەت: [1]
: شىئەندە ئۇيغۇر شاھزادەنىڭ قەبرە تەزكىرىسى بايقالدى