[ بوزقىر] جۇ يوڭكاڭ ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەر
جۇ يوڭكاڭ ئىچكىي جەھەتتىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنىپتۇ، 2-ئاينىڭ 11-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە سىرىتقا ئاشكارىلىنىدىكەنبوزقىر تەرجىمىسى
[ شىياڭگاڭ ئۇنۋېرسال خەۋىرى] گە قارىغاندا ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سابىق دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي سېياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ يوڭكاڭنىڭ چىرىكلىك مەسىلىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئىچكىي جەھەتتىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغان. شىياڭگاڭ« جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقۇرى دەرىجىلىكلەرگە يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى جۇ يوڭكاڭنى تەكشۈرۈشنىڭ يىپ ئۇچلىرىنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالغان.
بۇ ھەقتىكى ئەھۋالدىن خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە ، جۇ يوڭكاڭنىڭ سابىق كاتىپى، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى گو يوڭشىياڭنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى يۇقۇرى دەرىجىلىكلەرگە يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن جۇ يوڭكاڭنى تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىلغان.
كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى لى چۇنچېڭ تىلغا ئېلىنمىغان. سىرىتتىكىلەر لى چۇنچېڭ 2012-يىلى 12-ئايدا ئېغىر ئىنتىزامسىزلىق قىلمىشىغا چېتىلىپ قېلىپ تەكشۈرۈلگەندە ، ئەمدى جۇ يوڭكاڭدىن « ئىش چىقىدۇ» دەپ قاراپ كەلگەنىدى.
يۇقۇرقى خەۋەرنى يەتكۈزگەن ئەربابنىڭ بىلدۈرىشىچە ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئاغزاكى يەتكۈزۈلگەن بولۇپ، مەزمۇنى ئىنتايىن ئىخچام بولسىمۇ ئەمما ، جۇ يوڭكاڭ سېياسىي ئامىللارغا چېتىلمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
« جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتى» مەركەزنىڭ جۇ يوڭكاڭنى ئىچكىي جەھەتتىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلغىنىغا قاراپ، چاغانلىق دەم ئېلىش ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئۇنى جەمئيەتكە ئاشكارە ئېلان قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
سىنگاپور « بىرلەشمە سەھەر گېزىتى» نىڭ باشقا يوللاردىن ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا ، جۇ يوڭكاڭنىڭ ئىشى 2-ئاينىڭ 11-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە سىرىتقا ئاشكارىلىنىدىكەن.
ئۆتكەن يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇ يوڭكاڭنىڭ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئۈزمەي ئېلان قىلىپ كەلگەنىدى. بۇ جۇ يوڭكاڭنى چىرىكلىك سادىر قىلىپ موللاق ئاتقان سابىق سېياسىي بىيرونىڭ دائىمىي ئەزاسى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا ج ك پ نىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا « دائىمىي ئەزا» لارغىمۇ مۇشىت ئاتالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىغا مىسال بولۇشى ، يۇقۇرى دەرىجىلىكلەر مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىرادىسىنى تېخىمۇ نامايەن قىلىشى مۇمكىن.
چەت ئەل تاراتقۇلىرى جۇ يوڭكاڭنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرىدا نەزەربەنىت قىلىنغانلىقىنى ، ئوغلى جۇ بىڭنىڭمۇ تەكشۈرىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
ۋەھالەنكى ، ھۆكۈمەت تەرەپ ھازىرغا قەدەر جۇ يوڭكاڭدىن « ئىش چىققان» لىقىنى دەلىللىمىگەنىدى. ئەمما ، ئالدىنقى كۈنلەردە ھۆكۈمەت تاراتقۇسى بولغان شىنخۇا ئاگېنىتلىقىنىڭ جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ چاغان ھارپىسىدا ج ك پ نىڭ موھىم ئەربابلىرىنى يوقلىغانلىق ھەققىدىكى ئۇچۇرىنى خەۋەر قىلغاندا ، « پىشقەدەم يولداش» لىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدەك تەپسىلىي ئاشكارىلىمىدى. بەلكىم چىرىكلىك سادىر قىلىپ تەكشۈرۈلگەن جۇ يوڭكاڭنىڭ ئىشى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىغا قولايسىزلىق پەيدا قىلغاچقا شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن.
http://www.zaobao.com/news/china/story20140130-305142
ئەسلى مەنبە :http://www.xahtur.com/bbs/forum.php
ھوقوق مەيدانى داۋالغۇپ تۇرىدۇ -دە ،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-2-1 22:49
ئىككى يىلدىن ئاشتى بۇ گەپكە.
ئىككى يىلدىن بېرى كۈتتۇق ئاشۇ كىلەر ھەپتىنى.
ئەمەلىيەتتە كېلەر ھەپتىدىمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ. نېفىت ساھەسىدىكىلەردىن چاتاق چىققاندىن كىيىن ئاشكارىلاندىغۇ بۇ كاتتىۋاشنىڭ سېسىقلىرى.ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاساسەن ئۆسەك سۆزلەر،دەپ قاراپ كەلگەنتۇق بۇنىڭغا.
مەيلى كېلەر ھەپتە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، جۇ يوڭكاڭنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى مۇقىملاشتىغۇ دەيمەن.
قۇيرۇقىنى كۆتۈرگەن موزاي چىچماي قالمايدۇ. بىزىم ئۇلۇغ رەھبىرىمىز شى يولداشقا قەس قىلغاننىڭ جاجىسىنى تاتىدۇ بۇ توڭگۇز شىنجاڭلىقلاردىن مۇشۇ كىشى ۋە مىڭ جىيەنجۇ ۋە يەنە ... نىڭ ئىسمىنى بىلمەيدىغانلار بولمىسا كىرەك ... ياۋ پانا، شىنجاڭدىكى ئىشلارنى مانا مۇشۇ كىشىلەر بىرتەرەپ قىلىپتىكەن. ئەسەد دىگەن لەنىتى ھاكىمىيەتنى جان-جەھلى بىلەن قوغداش بەدىلىگە، نەچچە يۈزمىڭ بىگۇناھ پۇقرانىڭ قېنىنى ئاققۇزىۋاتىدۇ....
بىز ھېلىمۇ تىنىچ، دۆلىتىمىزدە ئىس-تۈتەكسىز جەڭ بۇلىۋاتىدۇ.... ئۈسكىنىلەرنى يىڭىلاپ ،سىستىمىنىڭ نەشىرنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنىڭ تەلپى ھەم جۇڭگۇنىڭ زۆرۈر ئىھتىياجى بولسا كىرەك ،،،مىرلىيارىدتىن ئاشىدىغان پۇقراسى بار دۆلتەكە نىسبەتەن كىرزىس زىديەت،ۋەھىمە ھەممىسىگە
ھۆكىمەت سەۋەپچى دىگەن يەكۈن چىقىرلىپ قىلۋاتسا ھۆكىمەت دائىرلىرى بۇنچىلىك ھەركەتكە كەلمىسە بولماس {:107:} بۇمۇ بىر ئۆتكۈنچى شامالغۇ. بۇ ئادەمنى قانداق بىر تەرەپ قىلار ئەمدى؟ 2009 - يىلى شىنجاڭنى تۈزەشكە ئۆزى ئاتايىتەن كەلگەن نوچى باشلىق شۇدۇ ھە؟ umun99 يوللىغان ۋاقتى 2014-2-2 04:10 static/image/common/back.gif
بىزىم ئۇلۇغ رەھبىرىمىز شى يولداشقا قەس قىلغاننىڭ جاجى ...
قايسى شى يولداش ئۇ ئۇنچىۋالا ئۇلۇغ دەپكەتكۈدەك ياڭ گاڭ بىر تەرەپ بولدى ...... ئاكىسى توغرىلىق گەپ يوقيا ...............
بەت:
[1]