izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 02:04:02

جوڭگو ۋە ھىندىستان روسىيەنىڭ قۇرال-ياراق چوڭ خېرىدارى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izdinixazasi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-2-1 02:06  

                                             
                       «روسسىيە : جوڭگو ئۆز دۆلەت كۆرەشچى ئايروپىلانى ئۈچۇن يەنە نەچچە يۇز مىليون دوللەرلىق ماتور سېتۋالدۇ»
«يەرشارى تورى ئۇنۋېرسال خەۋىرى» روسىيە خەۋەر ئاگىنتلىقى 2014-يىلى 01-ئاينىڭ 27-كۇنى خەۋىرى ، روسىيە دۆلەت مۇداپىيە مەھسۇلات ئىكىسپورت شىركىتىنىڭ 2013-يىلدىكى قۇرال-ياراق سېتىش سومىسى 13,200,000,000 «ئون ئۈچ مىليارت ئىككى يۇز مىليون» دوللەرگە يەتكەن ، بىراق قىسقا مۇددەت ئىچىدە بۇ ساندا چوڭ قوشۇلۇش بولمايدىكەن .
  روسسىيە دۆلەت مۇداپىيە مەھسۇلات ئىكىسپورۇت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورنىڭ بىلدۇرۇشىچە ، كەلگۇسى ئىككى ئۈچ يىلدا ، ۋەزىپىمىز قۇرال - ياراق ئىكىسپورۇتتىنى ئون ئۈچ مىليارت دوللەردە ساقلاش ، يۇشۇرۇن خېرىدارلار قىزىقىدىغان يېڭى قۇرال - ياراقلار ئاۋال روسىيە ئارمىيەسىدە ئىشلىتىلدۇ ،
مۇشۇنداق بولغاچقا ، بۇ ئىكىسپورۇت سوممىسىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇقەرەر قىيىلىقى بار .
  روسسىيە دۆلەت مۇداپىيە شىركىتى ، بۇلتۇر 1202 پارچە قۇرال - ياراق ئىكىسپوت قىلىش توختامى ئىمزالىغان ھەم 60 دىن كۆپرەك دۆلەتلەرگە قۇرال - ياراق تاپشۇرغان . جوڭگو ، ھىندىستان ،ھىندىنوزىيە ،  ۋېنېسۇئېلا ،ئالجىرىيە ، مالايسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر روسسىيەنىڭ قۇرال - ياراق ئىكىسپوت قىلدىغان ئاساسلىق دۆلەتلىرى . كۆرەسچى ئايروپىلان بارلىق قورال - ياراق ئىسكىپورتىنىڭ 40% تىنى ، ھاۋا مۇداپىيە سېستىمىسى 25% تىن يۇقىرى نىسپىتىنى ئىگەلەيدۇ  .

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 11:38:46


دۇنيادىكى %37 ساۋاتسىز نوپۇس ھىندىستاندا ئىكەن


شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 29-يانۋاردىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان دۇنيا بويىچە ساۋاتسىزلار ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن ساۋاتسىزلار 287 مىليون ئادەمگە يېتىپ پۈتۈن دۇنيادىكى ساۋاتسىزلارنىڭ %37 نى ئىگەللىگەن. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، مائارىپ كىرزىسى ھىندىستاندىكى كېيىنكى بىر نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرگە ناچار تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدىكەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتى شۇ كۈنى ئېلان قىلغان « دۇنيا مائارىپ ئەھۋالى دوكلاتى » دا ئېيتىلىشىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى %72 ساۋاتسىز نوپۇس ئاساسلىقى 10 دۆلەتكە يىغىلغان بولۇپ، بۇ دۆلەتلەردىكى ساۋاتسىزلار سانى جەمئىي 557 مىليون بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە ھىندىستان بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ھىندىستاندىكى ساۋاتلىقلار نىسبىتى 1991-يىلىدىكى %48 دىن 2006-يىلى %63 كە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ساۋاتسىزلار نوپۇس تېخىمۇ ئۆرلىگەن.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ قارىشىچە، گەرچە ھىندىستاندا مەجبۇرىي مائارىپ قانۇنى بولسىمۇ لېكىن مائارىپنىڭ سۈپىتىدە ئېغىر مەسىلە ساقلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ كەم بولىشى ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدىكەن. ھىندىستاندىكى بۇ خىل مائارىپ كىرزىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئەۋلادنىڭ تۇرمۇششىغا يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستاندىكى ئەڭ نامرات خەلىقلەرنىڭ بۇ كىرزىسنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىشى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىكەن.

مەنبە: نۇر تورى

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 19:42:02

دۆلىتىمىز پەقەت ماتورنىلا سېتىۋېلىپ باشقا ئېلىكتىرون ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆزىنىكىنى ئىشلىتىدۇ دەپ ئاڭلىغان
تېخى روسىيەنىكىدىن ئىلغار چىقارمىش

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 20:37:02

بۇنداق دىگەن بىلەن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزمۇ ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرىقنى قۇرال بىلەن تەمىنلەيدۇ:lol
بەت: [1]
: جوڭگو ۋە ھىندىستان روسىيەنىڭ قۇرال-ياراق چوڭ خېرىدارى