بىر يۈرۈش قۇمۇل خەلق ناخشىلىرى
ئىزدىنىش ئەزالىرى چارچاپمۇ قالغانسىلەر!؟ يېڭىدىن تورغا يوللانغان بىر يۈرۈش قۇمۇل خەلق ناخشىلىرىنى ھوزۇرىڭلارغا سۇنغۇم كېلىپ قالدى.(ئەسكەرتىش: قىزلار ئۇنداق ئۇسۇل ئويناپتۇ، كىيىمى مۇنداقكەن، مەنزىرە چىقارماپتۇ دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازماڭ. ياقتۇرمىسىڭىز كۆرمىسىڭىزلا بولىدۇ)
چىم مودەن:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNzM3Mzg4/v.swf
تۆمۈر خەلپە:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNjU3MDEy/v.swf
دوستلار ئەلەم دادەي:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNzM4MDYw/v.swf
ئون بەش ياشىم:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNzQxMDgw/v.swf
شىڭشىڭشا:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNjUzNjI0/v.swf
ساماۋەرىم بولسىدى
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNzAxMzM2/v.swf
سەن سەن مېنى سەن نەي:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNjk3NzU2/v.swf
شاد خورام ئويناڭ:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNjYyNjc2/v.swf
ئاق بوز ئات:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNzU4NTY4/v.swf
رامىزان ناخشىسى:
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjYzNzA5OTAw/v.swf
مېنىڭكىدە چىقمىدىغۇ؟360نىڭ تور كۆرگۈسى ئىدى. yawuzbag يوللىغان ۋاقتى2014-2-1 13:32 static/image/common/back.gif
مېنىڭكىدە چىقمىدىغۇ؟360نىڭ تور كۆرگۈسى ئىدى.
بۇ ئەسلى مەنزىلىنى سىناپ بېقىڭ:
http://v.youku.com/v_show/id_XNjYzNzM3Mzg4.html
شۇ بەتنىڭ ئوڭ تەرىپىدە باشقا ناخشىلارمۇ بار ... قۇمۇل ئاھاڭىغا بىر يېرىم كۈيىدۇ.
يۇمشاق؟
يېقىشلىق؟
توغرا ئىپادىلىيەلمىدىم يەنە
مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان سۆزگۈلەر بىلەن تەمىنلىسەڭلەر بوپتىكەن،بىرنى تاللىۋالاي:lol يىمشاق
مۇڭلۇق
غېرىپ
لەرزن
سۈزۈك
نازۇك tadubeg يوللىغان ۋاقتى2014-2-1 20:39 static/image/common/back.gif
يىمشاق
مۇڭلۇق
غېرىپ
يەنە بارمۇ:lol توڭ قىش ئاياقلىشىپ ئەتىيازنىڭ مەيىن شامال سىپاپ ئۈتۈپ كەتكەندىكى ھېسياتنى قانداق ئىپادىلەيمىز:Q /ئىزغىرىن شامال زىيالىنىڭ خىزمەت بىسىمى يىىكلەپ قالغان ئوخشىايدۇ ؟خېلى بولغان يوقاپ كەتكىلى نەچچە كۇنىنىڭ ياقى يۇمۇرلۇق پاراڭلىرى ئاۋۇپ قېلۋاتىدۇ:P:P رامىزاننى مەن تېخى لوپنۇر ناخشىسى دەپتىكەنمەن ئەجىبا ئۇنداقئەمەسما ؟{:87:} uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى2014-2-2 15:42 static/image/common/back.gif
رامىزاننى مەن تېخى لوپنۇر ناخشىسى دەپتىكەنمەن ئەجىبا ...
رامىزان ناخشىسىنىڭ لوپنۇردا بار- يوقلۇقىنى بىلمەيلەن، لېكىن بۇ ناخشىنى كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاڭلاپ كېلىۋاتىمىز.
ھەر رامىزاننىڭ ئاخىرىدا، بىر توپ كىشىلەر يېرىم كېچىدە رامىزان ناخشىسىنى ئېيتىپ، كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولىدۇ، ئۆي ئىگىسى ئويغىنىپ ئۆيدە نېمە بولسا شۇنىڭدىن ئازراق بېرىدۇ، مەسىلەن: نان، پۇل- پىچەك، كېيىم، ھەتتا ئۇلاغ دېگەندەك. ئەتىسى بۇ نەرسىلەر شۇ يۇرتتىكى نامرات ۋە ئورۇق ئاجىزلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىلىدۇ. مانا بۇ بايلاردىن ئېلىپ يوقسۇللارغا بېرىدىغان، قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ- ئادەت. شۇڭا قۇمۇل تەۋەلىكىدە يەرلىك تىلەمچى يوق. مېنىڭ بىلىشىمچە، دىيارىمىزدا يەنە ئاتۇش ۋە تۇرپاندىمۇ يەرلىك تىلەمچى يوق ئىكەن.
ئەگەر لوپنۇردىمۇ رامىزان ناخشىسى بار دېيىلسىمۇ، بەلكىم قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ باردى- كەلدى قىلىش جەريانىدا ئۆز-ئارا ئۆگەنگەن ۋە تارقالغان بولۇشى مۇمكىن. ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-2-1 20:42 static/image/common/back.gif
توڭ قىش ئاياقلىشىپ ئەتىيازنىڭ مەيىن شامال سىپاپ ئۈتۈپ...
لەرزان دېيىش بەك ماس كېلىدۇ. :P يەنە مەقسىدىمنى ئۇقتۇرالمىغان ئوخشايمەن.
مۇنداق گەپ
ئادەم تىمپىراتورىسى ئادەتتە نورمال بولغىنىدا 35تىن 37گىرادوس ئەتراپىدا بولىدۇ.
بۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا ئىسسىق،تۆۋەن بولسا سوغۇق ھېس قىلىمىز.مۇشۇ تىمپىراتورىغا يېقىن بولغان سۇنى ئادەم بەدىنى ھېچقانداق يەكلىمەيدۇ ياكى ھېس قىلمايدۇ.
دىمەكچى بولغىنىم مۇشۇنىڭغا ئوخشاپراق كىتىدىغان ھېسيات.
ئانا تېنىدە 9/10ئاي تۇرغان بوۋاق تۇغۇلغىنىدابوۋاقنى بېقىش ئۈچۈن يەنە شۇ ئانا سۈتى ئەڭ ياخشى بولسا كېرەك.ئانا سۈتىگە تەقلىد قىلىنىپ ياسالغان يىمەكلىكلەرنى يىگۈزگىنىدە يا ئۇنداق يا مۇنداق،يا ئىچى سۈرىدۇ يا چۆگەي……
دىمەكچى بولغىنىم شۇنىڭغا ئوخشاش ھېسيات
بۇنى بەلكىم ھېسيات دىمەيمىز……
ئۆز كۆرۈش؟
يەنە بىر يېرى كەم تۇيۇلدى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا koktash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-3 07:24
ziyali يوللىغان ۋاقتى2014-2-2 20:57 static/image/common/back.gif
يەنە مەقسىدىمنى ئۇقتۇرالمىغان ئوخشايمەن.
مۇنداق گەپ
ئ ...
مەين شامالدىكى «مەين»نى دېمەكچىغۇ دەيمەن. مەين شامالنىڭ ھارارىتى ئىسسىقمۇ ئەمەس، ئىلمانمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس، سوغۇق دېگەندىمۇ ئادەمنىڭ قىزىغان جايلىرىغا بېرىپ بىر خىل ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ، ئادەمگە 35-37 گرادوس ئارىلىقىدا راھەت بېغىشلايدۇ.
يەنە «ئەللەي»مۇ بار، بوۋاقنى پەقەت ئۆز ئانىسى ئەللەيلىگەندىلا ئاندىن بىخارامان ئۇخلايدۇ، ئانىسىنىڭكىدىن ئۆزگە ئاۋازلارنى مەيلى ئۇ قانداق ئېسىل ئەللەي ناخشىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بوۋاق بۇنى سەل يەكلەيدۇ، بۇ ئېسىل ئەللەيدىن بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، لېكىن ئۆز ئاپىسىنىڭ ئەللەيى تۈگۈل، ئادەتتىكى ئاۋازىمۇ بوۋاققا راھەتلىك بېغىشلايدۇ.
مەين شامالدەك ئەللەي بۆشۈكىدە تەۋرىتىپ، كۆرۈنۈشى يەڭگىل، لېكىن ئىچ- ئىچىدىن ئۇرغۇپ چىققان بىر خىل لەرزان مۇڭ، بۇ خىل مۇڭ كىشىنى كۈي رېتىمىغاقۇلاقتىن ئەمەس، بەلكى قەلىبتىن سۆرەپ كىرىدۇ. كىشى بۇ كۈيلەرنى سىرتتىن بىرسى ئېيتىپ بېرىۋاتقاندەك ئەمەس، بەلكى ئىچىدىكى بارلىق ئاھۇ- مۇڭلىرىنى ئۆزى تۆكىۋاتقاندەك، خۇددى بۇ ناخشىلارنى ئۆزى ئىچىدىن ئۇرغۇتۇپ ئېيتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
قىسقىسى، مەن ئۆزەم شۇنداق ھېس قىلىمەن. دېگەنلىرىم ئازراق بولسىمۇ زىيالىنىڭ ھېس قىلغان يېرىگە باردىمىكىن، بىلمىدىم. koktash يوللىغان ۋاقتى2014-2-2 16:36 static/image/common/back.gif
رامىزان ناخشىسىنىڭ لوپنۇردا بار- يوقلۇقىنى بىلمەيلەن ...
رامىزان ناخشىسىنى تۇرپاندىمۇ، جۈملىدىن بىزنىڭ توقسۇندىمۇ تارىختىن بۇيان ئېيتىپ كەلگەن. بۇ يەردە رامىزان ناخشىسى شىۋە بويىچە «روزاڭ» دېيىلىدۇ. بۇرۇن چوڭلار روزاڭ ئېيتىپ كېلەتتى. ھازىر ئاساسەن كىچىك بالىلار ئېيتىدىغان بولدى. ئاساسەن داس، تەلەڭگە، چېلەكلەرنى داراڭشىتىپ چېلىشىپ كېلىشىدۇ. كىشىلەر بىر نەچچە نان، مېۋە - چېۋە، پۇل - پىچەك بېرىدۇ. كۆپ نەرسە بەرمەيدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەرنى بۇرۇنقىغا ئوخشاش كەمبەغەللەرگە بۆلۈپ بەرمەستىن ئۆزلىرىلا بىر تەرەپ قىلىشىدۇ. ھەتتا بەزى بالىلار شۇ نەرسىلەرنى تالىشىپ كوچىدىلا جەڭگى - جېدەل چىقىرىشىپ كىشىلەرنى ئۇخلاتمايدۇ. ئەسلى ياخشى بولغان بۇ ئۆرپ - ئادەت بارغانسېرى ئۆز رولىنى يوقىتىپ قېلىۋاتىدۇ. بالىلارمۇ لايىقىدا ئېلىپ بېرىپ، يىغىلغان نەرسىلەرنى لايىقىدا ئىشلەتكەن بولسا ھەم سائەت 10 دىن بۇرۇن تارقىلىپ كەتكەن بولسا ياخشى بولاتتى.
دېگىنىڭىز توغرا، تۇرپاندا يەرلىك تىلەمچى يوق. لېكىن تىلەمچى بار، ھەممىسى سىرتتىن كەلگەنلەر.
قازاقتا تىلەمچى يوق، تاجىكتا ئوغرى يوق دېگەن گەپ راستتىمۇ؟
بەت:
[1]