GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 15:59:10

jQuery دىن ئەپچىل پايدىلىنىش

تور بەت گەۋدىسىنى قوراشتۇرۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان بىر قانچە خىل تېخنىكا بولۇپ، زادى بىلمىسە بولمايدىغانلىرىدىن HTML, CSS, JavaScript قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن. تېخىمۇ كۆركەم ۋە مۇكەممەل قىلاتتىم دىگۈچىلەر يۇقارقىلارغا قوشۇپ jQuery, Ajax ۋە ext-js قاتارلىقلارنى ئۆگىنىدۇ.
Ajax ۋە jQuery ھەققىدە ماتېرىياللار بەك كۆپ، ۋە بۇ ھەقتە تور بەتلەردە كۆپ توختالدى. بىر چاغلاردا ext-js ھەققىدە ئازراق ماتېرىيال كۆرىۋېدىم. لېكىن بۇ تېخنىكىدن پايدىلىنىپ بىرەر نەرسە ياساپ بېقىشقا پۇرسەت بولمىغانتى، قارىسام ئىزدىنىشنىڭ كۆپ يەرلىرىدە بۇ تېخنىكا ئىشلىتىلگەندەكلا قىلىدۇ، بۈگۈن ئولتۇرۇپ ئازراق بىكارچىلىقتا مۇشۇ ھەقتە ماتېرىيال كۆرۈپ باقاي دەپ ext-js نىڭ ئورگان تور بېكىتى http://extjs.org.cn غا كىرسەم، jQuery نىڭ ناھايتىمۇ قولاي بىر خىل ئىشلىتىش قۇرۇلمىسىنى ئۇچىرتىپ قالدىم. ئۇلىنىش ئادرېسى: http://www.miniui.com/  قىزىققانلار ئۇلىنىشتىن تەپسىلاتىنى كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ، ئىشقىلىپ مەن بەك ياقتۇردۇم. تور بېكەت تىلى خەنسوچە، ئازراق ساۋادىڭلار بولسىلا پايدىلىنالايسىلەر.
چولام تەگسە، ext-js ھەققىدە تۆت ئېغىز پاراڭ سېلىپ بېرىشىم مۇمكىن، ئالدىرىغانلار ئورگان تور بېتىگە كىرىپ ئىزىدىنىپ باقساڭلار بولىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 20:01:25

جىقۇئەري توغۇرلۇق پارىڭىڭىزغا تەشنامىز.

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 20:23:26

مەن ئادەتتە EasyUI نى جىق ئىشلىتىدىكەنمەن ...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 20:45:15

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 20:01 static/image/common/back.gif
جىقۇئەري توغۇرلۇق پارىڭىڭىزغا تەشنامىز.

چاتاق يېرى بۇ تېخنىكا بىلەن گۆش پاچىلىغىلى بوممايدۇ ئەمەسما

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 21:28:10

مەن تېخى سىلى بىلەن ھەمكارلىشىپ كومپىيوتىردا قوي سويۇش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىمەن دەپ يۈرگەن پىرىم. بۇ تەتقىقات تېمىسى توغۇرلۇق تەپسىلى دوكىلات يېزىپ سىلىگە كۆرسىتەي دەپ تۇرغان.  ئادەمنى ماندا زاڭلىق قىغىلى تۇرساڭلا سىلى بىلەن ھەمكارلىشىپ بولغىلى بولمىغىدەك.  بۇ تۈر پۈتۈپ قالسا ئۇيغۇر كومپىيوتىر-ھۈنەرۋەنچىلىكىدە زور بۆسۈش ھاسىل بولاتتى.  مەن ئاددى قاسساپ تۇرۇپ مىللەت غېمىدە يۈرسەم، سىلى زىيالى قوللىماقتا يوق ئەدەم زاڭلىق قىلساڭلا.  
يەنىلا تادۇبەگ بىلەن ھەمكارلىشىۋىرەي.  

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:23:46

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 21:28 static/image/common/back.gif
مەن تېخى سىلى بىلەن ھەمكارلىشىپ كومپىيوتىردا قوي سويۇ ...

تادۇبەگ بىلەن بولغان ھەمكارلىقىڭلىغا ئۇتۇق تىلەيمەن:lol

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 23:30:01

پىچاق سۈرىدىغان يەرنى  GPSتا بەلگىلەش دىگەندەك تۈرلەرنى ئېچىشتا ھەمكارلىشامسىلەر؟ ئۇنداق قىلساڭلار پاكلان قوي گۆشلىرى بولاپ قالار.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 10:01:52

QUYASH يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 23:30 static/image/common/back.gif
پىچاق سۈرىدىغان يەرنى  GPSتا بەلگىلەش دىگەندەك تۈرلەرنى ...

:lol  كۈلۈنۈپ كەتتىم دېسە !
بەت: [1]
: jQuery دىن ئەپچىل پايدىلىنىش