mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 13:23:34

ئىمان ھالاۋىتى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقە

ئىمان ھالاۋىتى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقە

ئىمام ئىبن قەييىم رەھىمەھۇللاھ ئېيتىدۇ:
«ئىمان كۈچەيگەن ۋە ئىمان نۇرى قەلبتە زىيادە بولغانسېرى، ئىنسان ئۆز قەلبىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئېچىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۇيغۇلىرىنىڭ بارغانسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئىمان نۇرىنىڭ كىشى قەلبىگە سىڭىشى قانچىكى چوڭقۇرلاشسا، ئىمان دائىرىسىمۇ ئۇنىڭدا شۇنچىكى كېڭىيىپ بارىدۇ ۋە ئاستا-ئاستا تەدرىجى شەكىلدە ئىماننىڭ قەلبكە كېڭىيىشىدىكى كۆلىمى باشقىغا قارىغاندىكى كۆلىمىدىن نەچچە ھەسسە كەڭرى ھالەتكە كېلىدۇ. ئەنە شۇچاغدا ئىنسان ئۆز مەنىۋىيىتىدە مۇھىم بىر ئىشنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆمۈر لەھزىلىرىدىن شۇنداق بىر سائادەت لەھزىلىرىنىڭ قەلبىدە نامايان بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇ بولسىمۇ كىشىنىڭ قەلب ھەركىتى بىلەن تەڭ يۈرىكىدە تېز ۋە ئەنسىز سوقۇشلارنىڭ پەيدا بولىشىنى ھېس قېلىشى بولۇپ، بۇلار ئادەتتە «ھايات قەلبنىڭ دۇنياغا كېلىشى» ۋە ياكى بولمىسا «قايتا تۇغۇلۇش» دەپ ئاتىلىدۇ.
سەلەف سالىھلاردىن بىرى بۇخىل تۇيغۇنى تەسۋىرلەپ شۇنداق ئىيتقان: «بىر كۈنى بامدات نامىزىدا سەجدە قىلغان ھالەتتە ئىدىم، سەجدىدىن كىين ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكەن بولساممۇ، ئەمما قەلبىمنىڭ ھېلھەم ئۆز سەجدىسىدىن باش كۆتۈرمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم.»
يەنى دېمەكچىكى، بۇخىل لەھزەلەردە ئۇ خىل قەلب ئېگىسى ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان خۇشۇئ، ئىتائەت، ئۇنىڭ دەرگاھىغا يېقىلىش ۋە ئۆزىنى سەجدىگە باغلاش قاتارلىقلار ھاسىل بولىدىغان بولۇپ، بۇخىل ئەھۋالدا ئۇنىڭ تېنى گەرچە سەجدىدىن تۇرۇپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قەلبى تېخىچە ئاشۇ سەجدە ھالىتىدىن ئايرىلماي تۇرىدۇ. ئۇ ئەنە شۇنىڭدىن كىين تاكى ئۇ ئىككىنچى قېتىملىق نامىزىغا ۋە ياكى زىكرىگە، ۋەياكى مۇناجاتىغا ۋەياكى تەپەككۇرىدىكى ئاشۇ لەھزىلەرگە ئۇلاشقانغا قەدەر ئۆزىنىڭ ئەسلى تەبىئى ھالىتىگە قايتىپ تۇرىدۇ. ھەمدە بۇخىل ئەھۋال ئىنساننىڭ ئۆز ئىرادىسىغا باقمىغان ھالدا دائىم تەكرار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.»
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ئىزاھاتى شۇكى، ئىنسان قەلبى ئاشۇ خىل تۇيغۇلارنى ھاسىل قىلىشتىن ئېلگىرى ئۆزى بىلەن ئاللاھقا قۇلچىلىق كۆرسىتىش ئارىسىنى توسۇپ قويۇۋاتقان بىر قاتار نەرسىلەرگە باغلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، بۇ نەرسىلەر بەندە ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا كۈن ئۆتكۈزىدىغان تۈرمىنىڭ ۋەياكى بولمىسا ئۇنى مەھكەم باغلاپ تۇرغان كىشەننىڭ ئورنىدىدۇر. قاچانكى ئىمان ئۇنىڭ قەلبىدە يۈكسەلسە، ئۇنىڭدىكى كىشەن ۋە باغلارمۇ ئاجىزلاشقا، بوشاشقا باشلايدۇ. تاكى ئۇنىڭ قەلبى ئاشۇ باغ ۋە كىشەنلەردىن پۈتۈنلەي خالاس بولۇپ سائادەتلىك لەھزىلەرگە ئۇلاشقىنىدا ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ رەببىگىلا باغلىنىدىغان ئازاد بىرىگە ئايلىنىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەپتىن سەن ئۇنىڭ ئاللاھنى ئەسلىگەن، ئاڭا مۇناجات قىلغان ۋە ئۇنىڭغا زار-تەزەررۇلەر قىلغان ئانلىرىدا قورقۇش، ئىتائەت قىلىش ۋە قەلب لەرزىگە كېلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ ئۇنىڭ روھىيىتىدە يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقايسەن.
ئىمام ئىبن قەييىم ئۆز سۆزىنى تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دەيدۇ:
«ئىنسان روھىنىڭ بۇ ئالەمدە ئىككى خىل تەۋەللۇتى بولىدۇ. بىرى ھەممە بىلەن ئورتاق بولغان تەبىئى تەۋەللۇت. يەنە بىرى روھى جەھەتتىكى قەلبى تەۋەللۇتىدۇر. بۇخىل تەۋەللۇت ئارقىلىق ئۇنىڭ روھى قەلبى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ ۋە خۇددى ئۇنىڭ تېنى دۇنياغا كەلگەندە قورساقتىكى ھەمرىيىدىن ئاجرىغىنى كەبى، ئۇزىنىڭ تەبىئەت ھەمرىيىدىن ئاجرايدۇ.»
ئىبن قەييىم يەنە يۇقىرىقى سۆزىگە تولۇقلىما قىلىپ شۇنداق ئېيتىدۇ: «مەن شەيخۇل ئىسلام ئىبن تەيمىيە رەھىمەھۇللاھنىڭ شۇنداق ئېيتقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «ئەنە شۇلار بولسا، روھ ۋە قەلبلەرنىڭ ئۆز تەنلىرىدىن دۇنياغا كىلىشى، ھەمدە روھ ۋە قەلىبلەرنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىن ھالقىشى بولۇپ، بۇ گويا ئىنسان تېنى باشقا بىر تەندىن تۇغۇلۇپ، ئۇنىڭدىن ئاجرىغىنىغا ئوخشاش بىر ھالەتتۇر.»
ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى ۋە پەزلى بىلەن قەلبنىڭ ئۇشبۇ تەۋەللۇتى يۈز بەرگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتى باسقۇچلىرىدىن يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم ئالىدۇ-دە، ئۇنىڭ ئىزنالىرى ئۇشبۇ قەلب ساھىبىنىڭ ئەمەلىيىتىدە روشەن ئىپادىلىنىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان نەسىھەتلەر تېزلا تەسىر قىلىدىغان ۋە ئاللاھنىڭ زىكىرى بولغاندا دەرھال تەۋرىنىپ ئالاقزادە بولىدىغان يۇمشاق قەلب ئېگىسىگە ئايلىنىدۇ: «پەقەت ئاللاھ ياد ئېتىلسە دىللىرىدا قورقۇنچ پەيدا بولىدىغان، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنسا ئىمانى كۈچىيىدىغان، پەرۋەردىگارىغا تەۋەككۈل قىلىدىغان كىشىلەرلا (كامىل) مۆمىنلەردۇر »[ئەنفال سۈرىسى 2-ئايەت]

ئىمانى يۈكسىلىش ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقە

ھەر بىرىمىز باشقىلار بىلەن بولغان مۇئامىلىدە ئالاقىدىن خالى ئەمەسمىز. بۇ ئالاقىلەر ئادەتتە كۈچلۈكلۈك ۋە ئاجىزلىقتا، ئەمەل ۋە مەرتىۋىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىق ۋە ھەرخىل بولىدۇ. بەزىلەر بۇ ئالاقىدە بىرىنچى مەرتىۋىدە يەر ئالسا، يەنە بەزىلەر 10- مەرتىۋىدىن، يەنە بەزىلەر 50- مەرتىۋىدىن يەر ئالىدۇ. ھالبۇكى بۇخىل پەرقلىق دەرىجىلەرنىڭ تەرتىپلىنىشى مۇئامىلە قىلغان شۇ شەخىسنىڭ تۈرلۈك ئەمەلى تەجرىبىلىرى ئاساسىدا مۇكەممەللىشىپ بارىدىغان بولۇپ، بەلكى بۇخىل بىر-بىرىدىن پەرقلىق مەرتىۋە-دەرىجىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاشۇ كىشىنىڭ پائال تىرىشچانلىقلىرى، ئىشەنچى ۋە ئىچكى تۇيغۇلىرىنىڭ نەتىجىسى دېيىش مۇمكىن.
شۇنداقلا بۇ مەرتىۋىلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئۆز غەيرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدە كۆرۈنۈشلىرى ھەم بار بولۇپ، ئىنسانغا نىسبەتەن بىرىنچى مەرتىۋە ساھىبى بولغان كىشىگە قارىتا ئىلىپ ئېيتساق، ئۇ بۇخىل مەرتىۋىدە ئۆز ھەمراھىغا قارىتا سىرلىرىنى ئاسانلا بېرىۋىتىدۇ، ئۆزىنىڭ تۈرلۈك ئىچكى تۇيغۇلىرىنى ئۇنىڭ بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭغا يېقىن تۇرالىغانلىقىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىۋېلىش ئۈچۈن ھەرقانداق پۇرسەتنى چېڭ تۇتىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتىن ئۆزىنى بەختىيار ھېس قىلىدۇ. ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبەتداشلىقىنىڭ قانچىلىك ئۈزۈن سۈرگەن بولىشىدىن قەتئىينەزەر؛ ئارىلىرىدىكى سۆھبەتتىن ھېچ زېرىكىش ھېس قىلمايدۇ.
ئەمما مۇناسىۋەت دەرىجىسى 50- مەرتىۋىدىكى كىشىگە كەلسەك، ئۇنىڭدا ئىش تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
شۇنداق، گەرچە ئۇ قارشى تەرەپنى كۆرگىنىدىن خۇشاللىق ھېس قىلىدىغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدىن خۇشاللىق ئالىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچقاچان بىرىنچى مەرتىۋە ئېگىسىدەك بولالمايدۇ.
خوش، ئۇنداقتا ناۋادا ئارىمىزدىن بىرى ئۆز ئۆزىگە: «رەببىڭ بىلەن بولغان ئالاقەڭ قايسى دەرىجىدە؟ سەن بۇ ئالاقىدە قانچىنچى مەرتىۋىنى قولغا كەلتۈردۈڭ؟»-دەپ سۇئال قويغۇدەك بولسىچۇ؟
ئېنىقكى، بىز بۇ ئالاقىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئەمەلى كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ھېچبىرىنىڭ بىزدە مەۋجۇت بولمىغانلىقى تۈپەيلى بىرىنچى مەرتىۋىدە ئەمەسلىكىمىزدىن چۆچۈمەي قالمايمىز. بۇنداق بولىشىدا بىرى: بىز ئاللاھ تائالا بىلەن ئۇچرىشىشقا قارىتا ئۆزىمىزدە جىددى ئىشتىياقنى، ۋەياكى ئۇنىڭ مۇناجاتى ئۈچۈن سېغىنىشنى، ۋەياكى ئۇنىڭ بىلەن خىلۋەتتە بولغانلىقىمىزدىن ئۆزىمىزدە مەمنۇنىيەتنى ھېس قىلمايمىز.
يەنە بىرى: ئۇنى زىكىر قىلىپ ئەسلەپ تۇرۇش نېمىتىنى قولدىن بىرىپ قويۇۋاتىمىز.
مانا بۇلارنىڭ بەرى ئىمانىمىزنىڭ ئاجىزلىقى ۋە ئاللاھقا بولغان ئىشەنچىمىزنىڭ سۇسلىقى سەۋەبىدىندۇر.
قاچانكى قەلبتە ھەقىقى ئىمانى مەۋقە يېڭىلىنىدىكەن، ھەمدە ئىمان كۈچىيىپ ماڭىدىكەن، ئەنەشۇ چاغدا ئۇشبۇ ئالاقە تەدرىجى ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭىدۇ ۋە بىر مەرتىۋىدىن ئۇنىڭدىنمۇ يۈكسەكرەك يەنە بىر مەرتىۋىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ ماڭىدۇ.
قاچانكى ئىمان تاكى ئۇ بىرىنچى مەرتىۋىدىن ئورۇن ئالغانغا قەدەر قانچىكى زىيادە بولۇپ كۈچىيىپ ماڭغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان رىغبىتى، ئاڭا بولغان رازىلىقى، ھەمدە ئۇنىڭ جانابىغا بولغان يېقىنلىقى ۋە ئۇنىڭ زىكرىدىن ئالىدىغان ھالاۋىتى، شۇنداقلا ئۇ زاتنىڭ كالامىنى تىلاۋەت قىلغاندىكى ھۇزۇرى، ۋە ئۇزات بىلەن ئۆتكۈزىدىغان خىلۋەت ۋە مۇناجاتقا ئۆزىنى بېرىشى شۇقەدەر ئارتىپ ماڭىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ.
مانا بۇلار خۇددى ئىمام ئىبن رەجەب ھەنبەلى ئېيتقىنىدەك: دۇنيادا ئاللاھقا يېتىشنىڭ مەنىسىدۇر. ئۇ زات شۇنداق ئىيتىدۇ:
«ئاللاھقا يېتىش ئىككى تۈرلۈكتۇر. ئۇنىڭ بىرى دۇنيادا، يەنە بىرى ئاخىرەتتىدۇر. دۇنيالىقتا ئاللاھقا يېتىش دېگىنىمىزدە، چۈنكى قەلىبلەر ئۇنى تونۇش مەرىفىتىگە ئېرىشىدۇ. ھەمدە قاچان قەلب ئۇنى تونۇسا، ئۇنى ياخشى كۆرۈشكە باشلايدۇ ۋە ئۇنى سېغىنىپ ئۆتىدۇ. بۇھەقتە بەزى ئەسەرلەردە شۇنداق كەلگەن: «ئى ئادەم بالىسى! مېنى ئىزدىسەڭلا چوقۇم تاپىسەن. ناۋادا مېنى تاپقۇدەك بولساڭ، بىلگىنكى سەن ھەممە نەرسىنى تاپقان بولىسەن. ئەگەردە مەن ساڭا پەرۋا قىلمىغۇدەك بولسام، بىلىپ قويكى ساڭا ھېچ نەرسە پەرۋا قىلمايدۇ.»
ئەمدى ئاخىرەتتە ئاللاھقا يېتىشقا كەلسەك، ئۇ ئاللاھ تائالانىڭ ئۆز ئەۋلىيالىرىنى ھۆرمەتلەش ئۈچۈن تەييارلىغان جەننىتىگە كىرىشتىن ئىبارەت. ھالبۇكى ئاللاھقا يېقىن بولۇشتا جەننەتتىكىلەرنىڭمۇ دەرىجە-مەرتىۋىلىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، بۇخىل پەرقلەر ئۇلارنىڭ قەلبىلىرىنىڭ ئاللاھقا بولغان يېقىنلىقىدىكى پەرقلەر ئاساسىدا تۈرلۈك دەرىجىلەرگە ئايرىلغاندۇر. «(ئۈچىنچى پىرقە ياخشى ئىشلارنى) ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلار بولۇپ، (ئۇلار جەننەتكە) ئەڭ ئالدىدا كىرگۈچىلەردۇر. ئۇلار نازۇنېمەتلىك جەننەتلەردە ئاللاھقا يېقىن بولغۇچىلاردۇر.»[ۋاقىئە سۈرىسى 10-11-ئايەتلەر]»

ئاپتور: ئەمەتۇللاھ ئەلفاروق.
مەۋلانا تەرجىمىسى

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 16:06:35

ماندا تېمىلارنىمۇ تەستىقلاپ قوياڭلا پىنھانباي ...خىرىستىئان گۇيلارغا تۇتقان مۆتىدىل پوزىتسىيەڭلىگە ، ئىسلام توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەردە ئۆكتەملىك پۇراپ تۇرغان ئىنكاسلىرىڭلىغا قاراپ سىلىگە سەت ئۆچ بولۇپ كەتكەن . ئەمما ، يېقىننىڭياقى قارىسام مەن ئۆچ بولىدىغان تىپلاردىن ئەمەسكەنسىلە ... مىجەزىڭلا لۈكچەك مىجەز بولغىنى بىلەن مەردانە خاراكتىر باركەن سىلىدە . {:112:}

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 16:07:11

تەرجىماننىڭ ئەجرى ئۈچۈن ئاللاھدىن ئۇنىڭغا ئەجر تىلەيمەن .

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 17:54:16

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !

بۇنداق مەنىۋيىتىمىزنى بىيتىدىغان تىمىلارنى مەرىپەت يولى مۇنبىردىلا كۆرەتتىم ،بۇمۇنبەردىمۇ كۆرۈپ شۇنداق خۇش بولدۇم ،تىما مەزمۇنلۇق مىغىزلىق چىقىپتۇ ،جانابى ئاللاھ خالىسانە قىلغان ئەمگەكلىرىڭىز ئۈچۈن ئىشلىرىڭىزغا بەركەت بەرگەي .!

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 19:20:57

زادى ھازىر بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ھەدىس نەچچىگە يىتىدۇ؟بولسا ھەدىس ئىلكىتابلىرى بولسا يوللاپ بەرسەڭلار؟
چوڭئانام دائىم مەن كىچىكىمدە مەھەممەت مىسلىم دەمدۇ (بەلكىم توغرىسى مۇھەممەت مۇسلىمدۇ)ئازراق كۆرگەن
دەيدۇ ،بۇ زادى قانداق كىتاب،مەنزمۇنىچۇ؟ئىلكىتاب بولسا يوللاپ بەرسەڭلار؟

___________________________________________
«سۇپى ئاللايار»...قاتارلىق بىرمۇنچە كىتابلارنى چوڭلىرىمىز كىچىكىدە ئوقۇپتىكەن ،مۇشۇنداق كىتابلىرىمزنىڭ
ھازىرقى قىممىتى نەدە؟ئىلىككىتابى بارمۇ؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 19:23:10

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار
ئالدىنقى يىلى ئاكام بىنادىن ئۆي سېتىۋېلىپ زىننەتلىدى .كۆچۈپ كىرىشكە يېقىن قالغاندا بىزدە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىشتىن
ئىلگىرى «قۇرئان ئوقۇتىدىغان»ئىش بار دېدى.مەن بۇنى ئاڭلاپلا بۇنداق قىلماسلىقنى بۇ ئىشنىڭ دىنىمىزدا يوقلىقىنى دېسەم
باشقىلار قىلدى،بىز قىلساقمۇ ئوخشاشتۇ دېگەندەك گەپلەرنى دەپ بىر قارىم تۇغقىنىمىزنى تەكلىپ قىلپ راس دېگەندەك قۇرئان ئوقۇتتى.

يەنە بىر ئىش ئاكامنىڭ ئايالى تۇغماقچى ئىدى،بىر كۈنى تۇيۇقسىز تۇغۇتلۇق ئايال «بۇغىنىڭ كۆزىگە قالىسا »بالىنىڭ كۆزى شۇنداق
چىرايلىق بۇلىدىكەن،4،5ئايلىق بولغاندا دەپ،ئەمما ئۇ ئاكامنىڭ ئايالى تۇغۇشقا ئاز قالغانىدى.مەن بۇنى ئاڭلاپ شىرىك ئىشنى
ئاز قىلىڭلار،نەدىمۇ شۇنداق ئىش بار،ئۇنىڭدىن كۆرە بىرەر ئاجىز-ئۇرۇققا پۇل بېرىڭلار دېسەم جىمىپ قالدى.
ئەمدى سىلەردىن سورىماقچى بولغىنىم سىلەرچە يۇقاردىكى ئىككى ئىشقا دىنىمىز قانداق قارايدۇ؟مىنىڭ توسىغىنىم بوپتىمۇ؟

گېزى كەلگەندە سورىۋالاي مۇشۇ نامازدا سۈرە «فاتىھە»نى ئوقۇپ بۇلۇپ ئاۋۋال ئۇزۇن سۈرە،ئاندىن قىسقا سۈرۈ ئوقۇيمىزمۇ؟
بۇنداق قىلمىىغان بولساق قانداق بۇلىدۇ؟ يەنە قۇرئاندىكى ئۇزۇن سۈرىلەرنى «فاتىھە»دىن كىيىن ئوقۇغاندى كىيىن ئوقۇماقچى
بولغان سۈرىمىز چۇقۇم يەنە بىر سۈرىنىڭ بېشى بۇلىشى كېرەكمۇ ياكى ئوتتۇرىدىن قانچىلىك مىقداردا ئوقۇساق بۇلىدۇ؟
_______________________-يەنە بىرى بىلسەڭلار رامىزاندىكى نامازدىكى ئوقۇپ بۇلۇ پوپچە دەيدىغان سۈرىنى بولسا تەرجىمىسى
بولسا دەپ بەرسەڭلار؟
http://bbs.kangsay.com/read.php?tid=24158
بۇ ئىشلارغا قانداق قارايمىز ئۇستاز؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 21:37:33

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىيويۇرك قېرىندىشىم. سىز سورىغان سۇئاللارنى قىسقا ئۇچۇردا سورىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.تېمىدا ئۇ ھەقتە گەپ بولمىغاندىن كىيىن سۇئاللارمۇ تېمىدىن چەتنىمىگەن ياخشى.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 21:37:37

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم نىيويۇرك قېرىندىشىم. سىز سورىغان سۇئاللارنى قىسقا ئۇچۇردا سورىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.تېمىدا ئۇ ھەقتە گەپ بولمىغاندىن كىيىن سۇئاللارمۇ تېمىدىن چەتنىمىگەن ياخشى.

xahrulla55 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:02:30

ساقلىۋالاي

newkiran يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:09:53

ساقلىۋالاي ۋاقىت چىقىرىپ ئوقۇي

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:33:45

رەھمەت!

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 12:15:32

دوئالىرىدا ياد ئەتكەن قىرىنداشلارغا رەھمەت. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 12:30:28

قاسساپ ئەپەندىنىڭ تەكلىپى ئورۇنلۇق. ھەر تېمىدا شۇ تېماغا مۇناسىپ ئىنكاس بولسا يازايلى. بولمىسا تېمىنى ئوقۇپ مەنپەئەلەتنىپ تۇرساق كۇپايە. پەتىۋانى پەتىۋاغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا، ياكى پەتىۋا تور بېكەتلىرىدىن سورىۋالساق. ھەر ئىش ئۆز ئورنىدا بولغىنى تۈزۈك.

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 12:34:03

مۇشۇ باھانىدا سورىۋالاي


قايسى بەتتىن پەتىۋا سوراشقا بۇلار تۇغقانلار ؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 13:12:41

ساجىيەدىن سوراڭ. دوكتۇر ئابدۇلئەزىز رەھمۇتۇللاھ جاۋاپ بىرىدۇ. ئىشەنچىلىك.   Www.sajiye.org   ھەپىلىشىۋەرسىڭىز ئېچىلىدۇ. ياكى ۋاكالەتچى تور ئارقىلىق چىقىڭ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-2-2 17:50:25

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت! كۆڭلىڭىزگە كەلمىسە تۆۋەندىكى سۇئاللارنى سورىۋالسام:
يەنى،   قەلب، روھ، تۇيغۇ دىگەن ئۇقۇملار ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بەرگەن بولسىڭىز.

1. ماقالىنىڭ بىرىنچى بۆلىكىدە:ئىمان كۈچەيگەن ۋە ئىمان نۇرى قەلبتە زىيادە بولغانسېرى، ئىنسان ئۆز قەلبىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئېچىلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، تۇيغۇلىرىنىڭ بارغانسېرى تارىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ دېيىلگە يەرلەردىن قەلب بىلەن تۇيغۇ خۇددى يورۇقلۇق بىلەن قارانلىققا ئوخشاش زىت ئۇقۇم دېگەن مەنىنى چىقىرىشقا بولىدۇ؟

2. يەنە شۇ بۆلەكتىكى: ئىنسان روھىنىڭ بۇ ئالەمدە ئىككى خىل تەۋەللۇتى بولىدۇ. بىرى ھەممە بىلەن ئورتاق بولغان تەبىئى تەۋەللۇت. يەنە بىرى روھى جەھەتتىكى قەلبى تەۋەللۇتىدۇر. بۇخىل تەۋەللۇت ئارقىلىق ئۇنىڭ روھى قەلبى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ... دېيلگە يەرلەردىن قەلب بىلەن روھ بىر ئۇقۇم دېگەن مەنە چىقىرىشقا بولامدۇ؟ «روھى قەلبى دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ» دېگەن يەردىكى روھى قەلبى نېمە دېگەن گەپ؟

3. يەنە تېما بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋېتى بولمىغان بىر سۇئال:

يۈرەك بىلەن قەلب نىڭ قانداق مۇناسىۋېتى بار؟ بۇنداق سورىشىم،(1)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بالىلىقىدا يۈز بەرگەن «كۆكسىنىڭ يېرىلىش ۋەقەسى» دە ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ (ياكى ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى) (ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﻪ) ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻛﯚﻛﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ﯞﻩ ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﯞﻩﺳﯟﻩﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ، ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﻳﯘﻳﯘﭖ-ﺗﺎﺯﯨﻼﭖ، ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ئەمدى شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى نەدە بولىدۇ؟ يۈرەكتە بولامدۇ؟ قەلبتە بولامدۇ؟...

(2) نۇئمان ئىبنى بەشىر (النُّعْمَانِ بْنِ بَشِيرٍ) تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستنىڭ بىر قىسمىداپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: « ھەقىقەتەنمۇ، ئىنسان ھۇجۇدىدا بىر پارچە گۆش بار، ئۇ ساق بولسا پۈتۈن بەدەن ساق بولىدۇ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. ھەقىقەتەن ئۇ بولسىمۇ يۈرەك» [بۇخارى، مۇسلىم، 40 ھەدىس، 5، مەنبە: http://sunnah.com/nawawi40]

يۈرەك كونكىرىت بىر نەرسە، يەنى ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلاردىن تۈزۈلگەن، تۇغۇلغاندىن ، ئۆلگىچە توختىماي ھەرىكەتلىنىپ، قان ئايلىنىشنى كاپالەتلەندۈرىدىغان بىر ئەزا.. يۈرەكنى سوقتۇرىۋاتقان زادى نىمە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم قانائەتلىنەرلىك جاۋاپلىيالمىدى.. لېكىن مېنىڭ سورىماقچى بولغىنىم يۈرەك، قەلب، تۇيغۇ، روھ ئوتتۇرلىرىدا قانداق مۇناسىۋات بار؟ ئۇنىڭ ئىچىدىكى يۈرەك بىلەن تۇيغۇ بىر قەدەر كونكىرىت، يەنى ھېچ بولمىغاندا يۈرەكنىڭ گۆش ئىكەنلىكىنى، تۇيغۇنىڭ مېڭە ھۈجەيرىلىرى(نىڭ پائالىيتى) ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان سېزىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. روھ بىلەن قەلب ئېشىپ قالدى. روھنىڭ ماھىيىتىنى بىر اللە بىلىدۇ، شۇنداق بولغاندا قەلىبمۇ شۇمۇ؟ كۆپىنچىمىز قەلب، كۆڭۈل ۋە يۈرەكنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىمىز. «قەلبى ھاياجانغا تولدى» دېيىش ئارقىلىق قەلب بىلەن تۇيغۇنىمۇ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىمىز. شۇنداق بولغاندا تۇيغۇنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مېڭە بىلەن ئىمان نۇرى ئورۇنلاشقان قەلب ئوتتۇرىسىدا بىرەر باغلىنىش ياكى كۆۋرۈك بارمۇ قانداق؟ ..

سۇئاللىرىمغا جاۋاپ بەرمىسىڭىزمۇ مەيلى، پەقەت قەلبىمدىكى( ئېڭىمدىكى؟ ) مۇشۇ تۈگۈنلەرنى ئورتاقلىشىش ئۈچۈن تېمىڭىز ئاستىغا سۇئال شەكىلدە بۇ ئېنكاسلارنى يازدىم..

tamqa1 يوللانغان ۋاقتى 2014-2-2 19:28:12

بىلگى قىرىندىشىمىز سورغان سوئاللارغا جاۋاب بىرىلسە بەك ياخشى بولاتتى

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-2-4 09:08:27

قېرىندىشىمىز بىلىگ ناھايتى ياخشى سۇئاللارنى سوراپتۇ . مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتە تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشنى خالايمەن .

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 07:27:20

Bilig يوللىغان ۋاقتى2014-2-2 17:50 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

ئەجىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت! كۆڭلىڭىز ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام. ئىنكاسىڭىزغا ۋاقتىدا جاۋاب يېزىپ بولالمىدىم، ھەم كېچىكىپ كۆرۈپتىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈر ئېيتىمەن. مانا بۈگۈن كەمىنىگە ئارسال ۋاقىت بولغاچ جاۋاب يازاي دەپ كىرىشىم ئىدى، شۇغىنىسى ئىنكاسىڭىزدا ئوتتۇرغا قويغان مەزمۇنلارنى دەسلەپ كۆرگىنىمدە، سوئال قويۇش تەرىزىڭىزدىنلا سەمىمىي يۇسۇندا لايىقىدا پىكىر قاتناشتۇرغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولغان بولساممۇ، ئەمما بۈگۈن جاۋاب يېزىش ئۈچۈن كىرىپلا ئىنكاسىڭىزنى قايتا ئوقىغىنىمدا ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاخىرىنى: جاۋاب بەرمىسىڭىزمۇ مەيلى، پەقەت قەلبىمدىكى (ئېڭىمدىكى) تۈگۈنلەرنى ئورتاقلىشىش نىيتىدە بۇ ئىنكاسنى يېزىشىم-دەپ ئاخىرلاشتۇرىشىڭىز ماڭا نىسبەتەن جاۋاب يېزىشىمنىڭ سىز ئۈچۈن ئانچە ئەھمىيىتى يوقتەك، ئەگەردە سوئال سوئال پىتى قالسىمۇ، ياكى جاۋابى يېزىلسىمۇ سوئال ئېگىسى ئۈچۈن بەرىبىردەك بىر تۇيغۇنى سەل-پەل بىرىپ قالدى. شۇڭا، بۇ تۈگۈننىمۇ تولۇق يېشىۋېتپ ئاندىن كىلەيلى دەپ قالدىم.
مەن بىرگە سەمىمىيەت، يەنە بىرگە ئەستايىدىللىق ئارلاشمىغان ئىلىم سۆھبىتىگە داخىل بولۇشنى دېگەندەك خالاپ كەتمەيدىغان مېجەزىم بولغاچقىمىكىن ئىنكاسىڭىز گەرچە سەمىيمى شەكىلدە بولسىمۇ، ئەمما ماڭا دېگەندەك ئەستايىدىللىق ھېس قىلدۇرمىدى. شۇڭا بۇ ھەقتە كەمىنىدە ئېنىق بىر ئايدىڭلىق بولسا، ئاندىن جاۋاب يازسام.
ئەگەردە ئارتۇقچە تەسىرات ئېلىۋالغان بولسام، ئۈزۈر.





mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 07:52:07

قەلب، روھ، ئەقىل، نەپس قاتارلىقلارنىڭ سۆز مەنىلىرى گەرچە ئايرىم-ئايرىم بولسىمۇ، ئەمما ئاتالغۇدا، ئىستىمالغا كەلگەندە، ھەر بىرى بىر قانچە خىل مەنىلەردە قوللىنىلىدىغان، ياكى بىرى يۈكلىگەن مەنىنى يەنە بىرىمۇ ئۆزىگە يۈكلەپ مەنىداش ھالەتتە كىلىدىغان ھەرخىل ئەھۋاللار مەۋجۇت. كونكىرىت توختىلىش ئۈچۈن، ھەر بىرىنىڭ سۆز مەنىسى بىلەن ئىستىمال مەنىسىنى، ھەم ئۇلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ. قۇرئان كەرىمدىكى ۋە ھەدىسلەردىكى نەپس، روھ، قەلب قاتارلىق سۆزلەرنىڭ مەنسى ۋە قاراتمىلىقىنى بىلىشمۇ ئالدى بىلەن ئاشۇ نۇقتىلارنى بىلىشنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا يۇقىرىقى سۆزلەرنى چۈشۈنۈشتە يۈزەكىلىك ۋە مىتودولۇگىيلىك خاتالىق يۈز بېرىدۇ-دە، كىشى ئۇقۇملارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشتىن، خاتا ئىدىيە، خاتا چۈشەنچ ۋە ناتوغرا مەنھەجگە دەسسەپ قىلىشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇ توغرىدا ساغلام چۈشەنچ ھاسىل قىلىشتا يەنىلا بىزنىڭ سەلەف سالىھلىرىمىز، ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە يېتەكچىلىكىدە تونۇلغان ئىجتىھادكار ئەللامىلىرىمىز بىزلەرگە ئۈلگىدۇر.
بەت: [1] 2
: ئىمان ھالاۋىتى ۋە ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقە