Google دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز
دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۇچۇر ئىزدەش تور بېكىتىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ ئىسىم ھازىر Internet دېگەندەك داڭلىق سۆزگە ئايلاندى. بۇنىڭ مەنىسىنى بىلەمسىز؟
Google (گۇگېل) ئىنگلىزچە سۆز Googol (گۇگول)نىڭ ئىملاسىغا سەل ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ قوللىنىلغان ئىسىم بولۇپ، زىيادە چوڭ ساننى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ 10 نىڭ 100-دەرىجىسى (يەنى بىرنىڭ كەينىگە 100 دانە نۆل كەلگەن سان) دىن ئىبارەت.
ئۇ بەلكىم پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق زەرىچىلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىنمۇ چوڭ بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق مەزمۇندىكى سۆزنى تور بېكەت نامىغا ئىشلىتىشى ھەيران قالارلىق ئىش بولماستىن، ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان كىشى داڭلىق كومپيۇتېر ۋە ماتېماتىكا دوكتۇرى ئىدى.
Googol دېگەن سۆزنى ئەڭ دەسلەپتە ئامېرىكىلىق ماتېماتىكا ئالىمى Edward Kasner (ئېدۋارد كەسنېر)نىڭ 9 ياشلىق جىيەنى Milton Sirotta (مىلتون سىروتتا) ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇنىڭ بۇ ئىسىمنى شىركەت نامىغا ۋە تور بېكەت نامىغا قوللىنىشى Internet دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم ئىرادىسىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ. ئەمما، Google شىركىتى، Googol دېگەن ئىسىمنى ئىشلەتمىگەن، چۈنكى، Googol.com ئاللىبۇرۇن باشقىلار تەرىپىدىن تىزىملىۋېلىنغان بولۇپ، ئىملاسى خاتا بولغان Google نى ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولغان.
Googol زىيادە چوڭ ساننى بىلدۈرىدۇ، ئەمما، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ سان بار. كومپيۇتېر ئالىمى Frank Pilhofer (فرانك) ئوتتۇرىغا قويغان Googolplex دېگەن سان تېخىمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇ 10 نىڭ Googol -چى دەرىجىسىگە تەڭ. ناۋادا، ئۇنى قەغەزگە بېسىپ چىقارماقچى بولسىڭىز، 3.125*10^85 يىل ساقلايسىز بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك ئۇچۇركەن . تۈنۈگۈن گۇگول كۆز ئەينىكىنىڭ ئادەتتىكى كۆز ئەينەككە ئوخشاش نۇسخىسىنىڭ چىققانلىققغا دائىر خەۋەرنى كۆردۈم.ئۇنىڭ سۆرەتكە ئېلىش ۋە باشقا ئىقتىدارىدىن قارىغاندىمۇ دەۋىر بولگۈچئەھمىيەتكە ئىگە دەپ ئويلىدۇم .بىردىن ئېلىپ تاقىۋالساق ماۋۇ كۆزئەينىكلىكلەرنىڭ قورسىقىدىكى جىنلىرى چۈشۈپ قالسا . مۇنبەردە كۈندە ۋىدىيو ئويناپ كەتسەك . تىمىغا مۇناسىۋەتسىز بۇلسىمۇ بىر گەپنى سۇرسام رەنجىمىگەيسىز مەن كۈزنەك 8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى بىر دۇستۇمنىڭ ياردىمىنى بىلەن سىتىۋالغان ئىدىم. پارۇلنى پىرىنتى ئارقىلىق بىسىپ چىقىرىپ بەرگەن بىراق يۇقۇتۇپ قۇيدۇم. قانداق قىلسام پارۇلغا قايتا ئىرىشەلەيمەن. ياردىمىڭزنى ئايىمىغايسىز ئەسلى ئالماقچى بولغان نامدا بىر o كەمكەنمىشقۇ؟ لېكىنزە گوگول تور بېتىنى ئاجايىپ پايخان قىلىۋەتتى-دە ماۋۇ يېنىمىزدىكى بەدرەكلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hoopeelover تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-1 11:50
hoopeelover يوللىغان ۋاقتى2014-2-1 11:47 static/image/common/back.gif
مانا گوگىل مۇشۇكەن
10000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000000 مۇسۇلمان بولسىڭىز گوگىلنى ئىشلەتمەڭ دەيدىغان بىر گەپ بولۇنغان چېغى دەپ ئەنسىرەپ كېتىپتىمەن. گۇگېلنىڭ ئىقتىسادى كۈچلۈك بولغاندىكىن نىمىشقا توغرا تور نامىنى سېتىۋالمىغان بولغىيتى؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Estami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-2-5 02:47
Google نىڭ ھېكايسىنى ئاخىرى ئاڭلىدىم.نېمە مەزمۇنلۇق ئىسىم ،تور بېكتىگە شۇنداق ماس كەلگەن.
بەت:
[1]