bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 08:49:44

NASA: ئالەم ئۇچقۇرى «كاسسىنى» تارتقان ساتۇرننىڭ ئاجايىپ رەسىمى

ئالەم ئۇچقۇرى «كاسسىنى» تارتقان ساتۇرننىڭ ئاجايىپ رەسىمى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 30-يانۋار

ئىلاۋە: بىزنىڭ ئىدارىنىڭ تور بېتىگە بەزى ھەپتىلىرى ناسا ھەققىدىكى قىزىقارلىق خەۋەرلەردىن بىرەرسىمۇ چىقمايدۇ.  بەزى ھەپتىلىرى بولسا قىزىقارلىق خەۋەرلەر ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ قالىدۇ.  بۇ ھەپتە مانا ئاشۇنداق قىزىرقارلىق خەۋەرلەر بىر قەدەر كۆپ بولغان ھەپتە بولۇپ قالدى.  گەرچە مەن ئىنتايىن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتسەممۇ، دىيارىمىزدىكى قىززىققۇچىلارنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن، بۇ ھەپتە ناسا ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى سەل كۆپ يېزىپ قالدىم.  مەزكۇر خەۋەر مەن بۇ ھەپتە يازغان 3-يازما بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشى ئۈچۈن مەزكۇر ئىزاھاتنى يېزىپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.  ئەگەر مەن بەزى ھەپتىلىرى ناسا توغرۇلۇق ھېچ نېمە يازمىسام، ئۇ كۆپۈنچە ئەھۋالدا ياخشى خەۋەرنىڭ يوقلۇقىدىن  بولىدۇ.  بەزىدە مەن ھەددىدىن زىيادە ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، كۈنىگە 15 سائەتتىن كۆپرەك ئىشلەشكە توغرا كېلىپ قالىدۇ (15 سائەتتىن كۆپرەك ئىشلىگەندىن باشقا، ئويدىن ئىشقا بېرىپ-كېلىش ئۈچۈن 2 سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ).  شۇنداق ۋاقىتلاردىمۇ خەۋەر يازالمايمەن.  ئەمما، ناھايىتى قىزىقارلىق خەۋەرلەر بولسا كېيىنچە تولۇقلاپ قويىمەن.

* * *
بۈگۈن (2014-يىلى 30-يانۋار كۈنى) JPL نىڭ تور بېتىگە «كاسسىنى تارتقان ساتۇرننىڭ بىر ھەم غەلىتە ھەم ئاجايىپ رەسىمى» دېگەن بىر پارچە ماقالە چىقتى.  ئۇ ماقالىدە چۈشەندۈرۈلگىنى ئالەم ئۇچقۇرى «كاسسىنى» (Cassini) تارتقان ساتۇرننىڭ شىمالىي قۇتۇبىنىڭ رەسىمى بولۇپ، تۆۋەندە مەن ئۇنى 1- ۋە 2-رەسىم قىلىپ چاپلاپ قويدۇم.

ساتۇرن پۈتۈنلەي گازدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەگەر بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرسە، ئۇ ئۇتتۇرلا ساتۇرننىڭ مەركىزىگە بېرىپ قالىدۇ.  ساتۇرننىڭ شىمالىي قۇتۇبىدا بىر غايەت زور قۇيۇن گاز ئېقىمى بار بولۇپ، 1981-يىلىدىن باشلاپلا ئالىملار بۇ گاز قۇيۇنىنىڭ بىر 6 قىرلىق شەكىل ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان ئىدى.  ئەمما بۇرۇنقى رەسىملەرنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ناھايىتى تۆۋەن بولغان ئىدى.  كاسسىنى 2012-يىلىدىن باشلاپ بۇ رايوننى ئىنتايىن يۇقىرى ئېنىقلىق بىلەن رەسىمگە ئالغان بولۇپ، تۆۋەندە كۆرسىتىلگىنى مۇتەخەسسىسلەر ئاشۇ رەسىملەرنى كىرىشتۈرۈپ ياساش بىلەن ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن رەسىمدۇر.  

2013-يىلى 19-ئىيۇل كۈنى كاسسىنى ساتۇرن، يەر شارى، ئاي، ۋېنىرا ۋە مارسلارنى بىرلا ۋاقىتتا رەسىمگە ئالغان بولۇپ، مەن ئۇنى تۆۋەندە 3-رەسىم قىلىپ قىستۇرۇپ قويدۇم.  كاسسىنى بۇ رەسىمنى تارتقاندا، قۇياش ساتۇرننىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بولۇپ، ساتۇرن قۇياش نۇرىنى پۈتۈنلەي توسۇپ تۇرغان.  

كاسسىنى ئالەم ئۇچقۇرىنى ناسا مەركىزى JPL باشقۇرىدۇ. تۆۋەندىكى 4-رەسىمدىكىسى كاسسىنىنىڭ بىر كۆرىنىشى.

پايدىلىنىش ماتېرىيالى:

Cassini’s View of Weird & Wonderful Saturn

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 12:27:02

نىمە ئۈچۈن قاچىدىكى ئايلىنىۋاتقان چاي شامىسى ھالەتتە بولماي، ئالتە قىرلىق ھالەتتە بولىدىغاندۇ؟
ساتۇرىننىڭ پۈتۈنلەي گازا ھالەتتىكى نەرسە ئىكەنلىكىنى بۇ تېمىدىن بىلىپتىمەن..
ساتۇرىنغا چۆكۈپ كەتكەن بىرەر ئۇچقۇر بارمۇ؟ ئەگەر بولسا، سېگنال تارقىتىشى قانچىلىك چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ؟

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 19:12:56

يەر شارىدىن قالسا ئالەمدىكى ئەڭ چىرايلىق ئاسمان جىسىمى.مۇشۇ ساتۇرىنمىكىن دەيمەن. ساتۇرىننىڭ بىر قانچە ھەمرالېرى ھەم نۇر ھالقىسى بار. ساتۇرىن تارتىش كۈچى بىلەن مۇشۇ بىر قانچە ئايشارى بىلەن نۇر ھالقىسىنى تۇتۇپ تۇرغانكەن دىمەك ساتۇرىن گازدىن تۈزۈلگەن بولسىمۇ مەركىزى قىسمى يەنىلا قاتتىق ماددىلاردىن تۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن ياكى مەركىزى قىسىملېرىنىڭ زىچلىقى يۈز قىسمىدىن كۆپ يۇقۇرى بولۇشى مۇمكىن. بولمىسا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغان بولغاچ مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدىن ئەتراپقا چېچىلىپ كىچىكلەپ كەتمەسمۇ؟

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 20:03:29

بۇنىڭ نىمە ئەھمىيىتى باردۇر.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-2-1 20:27:51

ماۋزونى ئوقۇپ ناسانىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ كاسسىسىنى رەسىمگە تارتىپ ئېلان قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن:L
ئۇچقۇرنىڭ ئىسىمى كاسسىنىكەندە:lol

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-2 00:23:18

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-2-1 20:27 static/image/common/back.gif
ماۋزونى ئوقۇپ ناسانىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ كاسسىسىنى رە ...

ئۇف شۈكرى  خۇدايىم  شۇكرى ئۇزۇن بوپتىكەن مۇنداق كۈلمىگىلى
بەت: [1]
: NASA: ئالەم ئۇچقۇرى «كاسسىنى» تارتقان ساتۇرننىڭ ئاجايىپ رەسىمى