ilim@nur يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 01:09:08

بالىلار ئۈچۈن ياخشى ناخشا تېكىستلىرى

ﯪﻟﻼئاللاھ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﺪﯗﺭ

ﯪﻟﻼئاللاھ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﺪﯗﺭ
مەن ئاڭا ئامراق.
ئاڭا ماكان قەلبىمدۇر،
ئەسلەيمەن ھەرۋاق.

ﯪﻟﯪﻟﻼئاللاھ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﺪﯗﺭ
مېنى ياراتقان،
ھەقىقەتنى، ئىسلامنى،
دىلغا تاراتقان.

ﯪﻟﻼئاللاھ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﺪﯗﺭ
سۆزىدۇر قۇرئان،
تىلاۋىتى تىلىمدىن،
چۈشمەيدۇ ھەرئان.

ﯪﻟﻼئاللاھ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﺪﯗﺭ
چەكسىز مىھرىبان،
بەندىلەرگە شەپقەتلىك،
رەھىمۇ- رەھمان.

ﯪﻟﻼئاللاھ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﺪﯗﺭ
يەككە – يىگانە،
تەڭدىشى يوق ئالەمدە،
يالغۇر بىگانە.

ﯪﻟﻼئاللاھ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﺪﯗﺭ
نوقساندىن پاكتۇر،
ئەيىپ، سەھۋەن، كەمچىلىك،
ئۇندىن يىراقتۇر.

ﯪﻟﻼئاللاھ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺑﺒﯩﻤﺪﯗﺭ
نەقەدەر گۈزەل.
ئۇ مەن ئۈچۈن ھەممىدىن،
ھەممىدىن ئەۋزەل.

مەن ئۈگەندىم ئىماننى

مەن ئۈگەندىم بۈگۈن ئىماننى،
بولدى ماڭا بەش قولدەك ئايان.
ئاڭلاڭ سىزمۇ مەندىن قېرىنداش،
قىلاي سىزگە بىرمۇ- بىر بايان.

ئىمان دېمەك ئىشىنىش دېمەك،
ئىمان ئېيتقان بولۇر مۇسۇلمان.
ئىمان ئۈچۈن ئالتە نەرسىگە،
ئىسەنمەگلىك كېرەكتۇر شۇئان:

بىرىنچىسى ئاللاھ تائالا،
ئاڭا مەنسۇپ يەر- زىمىن، ئاسمان.
ئۇ تەڭداشسىز يەككە- يىگانە،
ئۇ مېھرىبان رەھىمۇ- رەھمان.

ئىككىنچىسى پەرىشتە، ئىشەن،
ئاللاھ ئۇنى نۇردىن ياراتقان.
پاكتۇر ئۇلار ئاللاھقا مەڭگۈ،
رۇكۇ سەجدە قىلغىنى قىلغان.

ئۈچىنچىسى مۇقەددەس كىتاب،
زەبۇر، تەۋرات، ئىنجىل ۋە قۇرئان.
قۇرئان كەرىم بىزگە يولباشچى،
ئايرىلمايمىز ئۇىىڭدىن ھەرئان

تۆتىنچىسى ئۇلۇغ پەيغەمبەر،
رەسۇلىمىز مۇھەممەد ھامان.
ئۇ ئاللاھنىڭ بەرھەق ئەلچىسى،
بۈگۈن، ئەتە، مەڭگۈ، ھەرزامان.

بەشىنچىسى دەۋرى قىيامەت،
ئاللاھ بىلەﺭ كىلىدۇ قاچان.
ياخشىلارغا جەننەت شاتلىقى،
مەھكۇم بولار دوزاخقا يامان.

ئالتىنچىسى قازا ۋە قەدەر،
ئاڭا بىزدە يوقتۇر ھېچ ئىمكان.
ئاللاھتىندۇر ياخشى- يامانلىق،
ئاغرىنمايمىز ئۇندىن ھېچقاچان.

مەن ئۈگەندىم بۈگۈن ئىماننى،
ھېچ بىرىگە قالمىدى گۇمان.
بەخىتلىكمەن بەخىتلىك، چۈنكى،
مەن ئىمانلىق، مەن بىر مۇسۇلمان.

ئۈگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى

ئۈگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى،
ئانا مېنى تۇرغۇز قېشىڭدا.
سەن كىچىك دەپ ھەيدىمە مېنى ،
ئاز قالدىمغۇ ناماز يېشىمغا.

دادا مەنمۇ ناماز ئوقۇيمەن،
ئېلىپ بارغىن بىللە مەسجىدكە.
تۇرالايمەن ئويغاتساڭ ئەگەر،
سەندىن بۇرۇن ئەتىگەنلىككە.

ئۇقىۋالدىم ناماز ۋاقتىنى،
سۈبھى تاڭدا بولاركەن بامدات.
بۇندا كىچە كۆزگە ئۇيقۇ يوق،
تەقەززامەن تاڭ ئاتقىن تاڭ ئات.

چۈشلۈك تاماق يەپ بولدۇم مانا.
ئېلىۋالاي دەرھال تاھارەت.
چۈنكى ھازىر بولىدۇ پىشىن،
ئوقۇۋالاي ئازادە- راھەت.

بالدۇر ئەكەل يەسلىدىن مېنى،
ئوقۇمىسام بولمايدۇ ئەسىر.
ئويۇن بىلەن بولمايمەن ھايال،
يەتكۈزمەيمەن نامازغا تەسىر.

قاراڭغۇلۇق باسسا جاھاننى،
بولىدىكەن نامازشام ۋاقتى.
ھەراس تېخى خۇپتەن بار ئىكەن،
تاس قاپتىمەن ئۇخلاپ قالغىلى.

ئۈگىنىمەن ناماز ئوقۇشنى،
ئۈگىتىڭلار ئاتا- ئانىلار.
ئىبادەتنى باشلايلى بىزمۇ،
ئۆتۈنىمىز ھەممە بالىلار.


شۈكۈر
تۇتۇش ئۈچۈن قول بەرگەن،
سۆزلەش ئۈچۈن تىل بەرگەن.
ھىدلاش ئۈچۈن گۈل بەرگەن،
رەببىم ساڭا كۆپ شۈكۈر.
مېڭىشقا ئاياق بەرگەن،
ئاڭلاشقا قۇلاق بەرگەن.
ئېغىز، چىش، تاماق بەرگەن،
رەببىم ساڭا كۆپ شۈكۈر.
شۇ گۈزەل چىچەك ئۈچۈن،
ئۇچقان كېپىنەك ئۈچۈن.
ئاسمانۇ- پەلەك ئۈچۈن،
رەببىم ساڭا كۆپ شۈكۈر.
ئاتام ۋە ئانام ئۈچۈن،
ئاجايىپ ئالەم ئۈچۈن.
بارچە نىمىتىڭ ئۈچۈن،
رەببىم ساڭا كۆپ شۈكۈر.
تاماقتىن بۇرۇنقى دۇئا
تائام يىيىشتىن ئالدىن،
قول ئاچتىم رەببىم ساڭا.
ساغلام ئەقىل، ساپ ئىمان،
گۈزەل ئەخلاق بەر ماڭا.
يىمىسەم ئۆسەلمەيمەن،
مەكتەپكە بارالمايمەن.
قېنى تېز- تېز يىيەيلى،
مەكتەپكە تېز كېتەيلى.
ياراتقان ﯪئاﻟﻼھىمغا،
دائىم دۇئا قىلايلى.



بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
بىسمىللا دەپ تۇرۇپ ئورنۇمدىن،
بىسمىللا دەپ ئالدىم تاھارەت.
بىسمىللا دەپ ئوقۇدۇم ناماز،
بىسمىللادىن باشلاپ قىرائەت.

بىسمىللا دەپ قىلدىم ناشتىنى،
دادام شۇنداق تاماق يەڭ دېدى.
بىسمىللادىن باشلاش ھەر ئىشنى،
مۇسۇلماننىڭ خىسلىتى دېدى.
ئەنە قاراڭ دادام ئىشىغا،
بىسمىللا دەپ كىتىۋاتمامدۇ!؟
ئانام ھەتتا چۈشلۈك تاماقنى،
بىسمىللا دەپ ئىتىۋاتمامدۇ!؟
يەنە تېخى كەچلىك ئۇيقۇنى،
بىسمىللا دەپ ئۇخلايدىكەنمەن.
بىسمىللادىن ئايرىلمىساملا،
ھېچنىمىدىن قورقمايدىكەنمەن.
بىسمىللاغا ئايلانسا تىلىم،
يۇرۇيدىكەن ئۇنىڭدىن دىلىم.
تىل تاتلىقىم، قەلب شاتلىقىم،
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم.

ناماز ئوقۇيمىز، تاھارەتلىك بىز
كەلگىن دوستۇم ئوقۇيلى ناماز،
ئېۋالايلى ئاۋۋال تاھارەت.
تاھارەتسىز ئوقۇغان ناماز،
ھېسابلانماس تائەت- ئىبادەت.
تاھارەت ئۇ ناماز ئاچقۇچى،
ناماز بولسا جەننەت كۆۋرۈكى.
ناماز بىلەن، تاھارەت بىلەن،
بەرپا بولار دىننىڭ تۈۋرۈكى.
بۇنىڭدىمۇ ئوقۇيمىز ئاۋۋال:
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم.
ئوڭ تەرەپتىن باشلا يۇيۇشنى،
ھەرئەزانى تولۇق ئۈچ قېتىم.
كەل قولۇڭنى يۇغىن ئالدىدا،
ئاندىن سۇدا ئېغىزنى چايقا.
پاكىزلىغىن ئاندىن بۇرنۇڭنى،
قېپقالمىسۇن ئۇنىڭدا ماڭقا.
ئەمدىن نۆۋەت كەلدى يۈزۈڭگە،
پاكىز يۇغىن بوپ كەتسۇن ئاپئاق.
كېلە قاراپ باقاي بوپتىمۇ؟
يەنە يۇغىن چىقماپتۇ شالتاق.
ئاپلا، قايتا سۇ توشقۇزۇپ كەل،
ئوڭدا قاپتۇ سۇ ئالغان چەينەك.
ئەمدى يۇغىن ئىككى بىلەكنى،
ھەرگىز قۇرۇق قالمىسۇن جەينەك.
ئەمدى ھۆل قىل سۇدا قولۇڭنى،
باشتىن- ئاخىر سىيلا بېشىڭنى.
ئەمدى يۇغىن ئىككى پۇتۇڭنى،
قوشۇپ يۇغىن ھۇشۇقلىرىڭنى.


ئەمدى تۇرغىن ئوقۇيلى ناماز،
تاھارەتلىك بولدۇق ئىككىمىز.
ساخاۋەتلىك ئاللاھ قوينىغا،
ناماز بىلەن كىرىپ كىتىمىز.

مەنبە:تور
بەت: [1]
: بالىلار ئۈچۈن ياخشى ناخشا تېكىستلىرى