bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 18:39:03

قايسى خىل قۇرئان دىتالىنى ئىشلىتىسىز؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bughra-oghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 18:49  

ھازىر توردا ئاندىروئىدنىڭ قۇرئانغا ئائىت ئەپلىرى خېلە كۆپ ،ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق ئالاھىدىلىكى بار، نۇرغۇن كىشىلىرىمىز چۈشەنمەي قايسىسىنى چۈشۈرۈشنى بىلمەي قىلۋاتىدۇ ،شۇڭا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن ،شۇنداقلا ئۈزەم ياخشى دەپ قارىغان ئۈچ خىل ئەپنى ئىلىپ كەلدىم ،ئالاھىدىلىكلىرىنى سېلىشتۇرۇش مەقسىتىدە قىسقىچلا شەرھلىدىم ، ئەسلىي مەنبەگە كىرىپ ئەتراپلىق چۈشۈنۈپ چۈشۈرۈشۈڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
1.كۆپ تىللىق قۇرئان(iquran)
ئەسلى مەنبە:
http://alip.biz/thread-2977-1-1.html
ئەڭ يىڭى نەشىرى2.5.1
http://alip.biz/thread-24432-1-5.html
ئالاھىدىلىكى :
1.كۆپ خىل تىل تاللىيالايسىز ،(ئۇيغۇر تىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان20گە  يېقىن تەرجىمىسى تەمىنلەنگەن)
2.ئاۋازلىق ئوقۇش ئىقتىدارى بار ،(8قارىمنىڭ قىرائەت ھۆججىتىنى تاللاپ چۈشۈرەلەيسىز)
3.مۇكەممەل بولغان خەتكۈچ ئىقتىدارى (سىزنىڭ ئوقۇپ قايسى سۈرە قايسى ئايەتكە كەلگەنلىكىڭىزگە بەلگە سالالايسىز)
4. تەجۋىد قائىدىسى قوشۇلغان
http://pan.baidu.com/s/1jG7J1Y2-مەخپى نومۇرv4np


2.تۆت تىللىق قۇرئان
Tirikjasatقېرىندىشىمىز تۈزگەن
مەنبە:
http://alip.biz/thread-25063-1-2.html
ئالاھىدىلىكى:
1.يەڭگىل (پەقەت يېزىقلا بولۇپ ئاۋاز ھۆججىتى قېتىلمىغان)
2. بارلىق ئاندىروئىد تېلفونلاردا ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتىدۇ (تېلفونىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللاش-قوللىماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت ئاندىروئىد نەشرى 2.3 دىن ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسىلا بولىدۇ)
3.تۈت خىل تىل (ئەرەبچە ،ئۇيغۇرچە ،خەنچە ،ئىنگىلىزچە)نى بىرلا ۋاقىتتا كۆرسەتكىلى بولىدۇ ،
http://yunpan.cn/QpJmLGEg7CydL  访问密码 b498



3.قۇرئان ئاندرويىد(Quran Android)
مەنبە:
https://play.google.com/store/apps/details?id=com.quran.labs.androidquran

ئالاھىدىلىكى:
1.باش بېتى تولۇق ھالەتتىكى ئەرەبچە قۇرئان ،ھەربىر ئايەتنى ئۇزاق بىسىپ تۇرۇش ئارقىلىق باشقا تەرجىمىسىنى تاللاپ قوشۇمچە كىچىك ئېكران ھالەتتە كۆرگىلى بولىدۇ،
2. 30 دىن ئاتۇق تىلنىڭ تەرجىمىسىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ ،(ئايەتمۇئايەت ،بىۋاستە ئەمەس)
3.20 گە يېقىن قارىمنىڭ قىرائەت ھۆججىتىنى چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
كەمچىللىكى:
مەنبەدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن توردىن يەنە ھۆججەت چۈشۈرۈدۇ ،ئىگىلەيدىغان ئورنى بىرئاز چوڭ ،ھېچقانداق تىل ۋە ئاۋاز چۈشۈرمىگەن ھالەتتە 80م ب ئورۇننى ئىگەللەيدۇ ،
گوگول ھىساۋاتىڭىز بولمىسا بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ
http://yunpan.cn/QpJQEFfbnyvLe  访问密码 3991


ئىش تامام، ياردەم كىرەك بولسا ئىنكاس ئارقىلىق دىيىشەيلى،ئۈزەم ياقتۇرىدىغان توربەت ئالىپنىڭ ئېلانىنى بېرىۋىتەي
http://alip.biz/forum-125-1.html

باشقۇرغۇچىلار رەسىملەر چىقمىسا تەھرىرلەپ ،ئۇلىنىش ئادرېسلىرىنى تۈزەپ قويساڭلار رەھمەت

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 18:42:36

ئورۇن ئېلىپ قوياي

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 20:16:30

قۇرئان كەرىمنىڭ كۆپ خىل كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە ئىشلەنگىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئەھۋال، ئەمما بىزنىڭ پروگراممېر قېرىنداشلىرىمىز پىروگرامما قىسمىغا كۈچەپ سانداننىڭ توغۇرلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ بولالمايۋاتىدۇ....
دىمەك، ھەممىمىزنىڭ ساۋاپلىق ئىش قىلىغۇمىز، قۇرئان كەرىمنى ھەرخىل ئۇسۇلدا بولسىمۇ كۆپلەپ تارقاتقۇمىز بار...
ئەمما شۇ پىروگراممىنى ئىشلىگۈچىلەر ئىچىدە بىسىپ ئولتۇرۇپ سانداننى بىر باشتىن تەكشۈرۈپ چىققانلاردىن كىم بار؟
ئاللاھ خالىسا پات ئارىدا مۇھەممەت سالىھ ھاجىم تەرجىمە قىلغان نۇسقىنىڭ ئەينەن (بىر تال سۆز ئۇيان بۇيان بولمىغان نۇسقىسى) كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ....
مۇھەممەد سالىھ ھاجىم تەرجىمە قىلغان قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى نەشىردا بىر سۆز خاتالىقى بولۇپ كىيىن تۈزتىلگەن، كىيىنكىسىدە بولسا پەقەت بىريەردە ئايەت نومۇرى ئالمىشىپ قالغان ئەھۋال بار، شۇنداقتىمۇ بۇ ئالىمىمىزغا ئاللاھ رەھمەت قىلغاي....
قۇرئان ۋە باشقا ئىسلامىي دېتال ئىشلەۋاتقان پىروگراممېر قېرىنداشلىرىمىزغا ئاللاھ ياخشى كود يازىدىغان ئەقىلنى بەرگەندەك ھەم كۆپلەپ قۇرئان ئوقۇيدىغان ۋە بەش نامازنى جايىدا ئوقۇيدىغان، ئەگەر ناماز ئوقۇمىسا ئىشنىڭ چاتاق بولىدىغانلىقىنى بىلگۈدەك ئەقىل بەرگەي خۇدايىم!

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 23:24:34

قاراپ باقسىڭىز , ئال ئىمران سۈرىسى84-ئايىتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئىساغا بېرىلگەنگە  دىگەن سۆز بارمۇ يوق ,يەنى تىرناق ئىچىدىكى ئىنجىلغا دىگەن سۆزنىڭ ئالدىدا .

amanpahri يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 23:39:53

ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە تەرجىمىسى چىقمىدى،ئىككىلى نۇسخنى قاچىلاپ سىنىدىم،قانداق ئىش بۇ.

Alanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 00:52:20

رەھمەت

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 07:58:33

gewala يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 23:24 static/image/common/back.gif
قاراپ باقسىڭىز , ئال ئىمران سۈرىسى84-ئايىتىنىڭ ئۇيغۇرچە ...

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، مۇساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز».
www.xsada.com   

قاراپ باقسام ، سىز دىگەن ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى چۈشۈپ قاپتۇ .   ئەسلى ئەرەبچىسىگە ، يەنى قۇرئاندىكى ئەسلى تېكستكە قارىسام ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى باركەن .  

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 09:10:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bughra-oghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 09:12  

@gewala@
1-ئەپ

2-ئەپ

3-ئەپ


1-3-ئەپتە ئازراق خاتالىق باركەن ، 2-ئەپ توغرىكەن

(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى «بىز ئاللاھغا ئىمان ئېيتتۇق بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا) ئىبراھىمغا ئىسمائىلغا ئىسھاققا يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىگە مۇسابا بېرىلگەنگە (يەنى تەۋراتقا) ئىساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق ئۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى ئايرىۋەتمايمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز) بىز ئاللاھغا بويسۇنغۇچىلارمىز
3-سۈرە ئال ئىمران 84-ئايەت

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 09:18:47

amanpahri يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 23:39 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە،خەنزۇچە تەرجىمىسى چىقمىدى،ئىككىلى نۇسخنى قا ...

كۆپ تىللىق قۇرئاندا ئاۋال 2.3.3نەشىرىنى چۈشۈرۈڭ
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=393903&uk=2081747221
2.5.1نى قاچىلىغاندا ئاۋال 2.3.3نى قاچىلاپ ئاندىن يۇيۋىتىپ قالدۇق ھۆججەتلىرىنى تازلىماي2.5.1نى قاچىلايسىز ،بىۋاستە 2.5.1نى قاچىلسىڭىز ئۇيغۇرچىنى تونىمايدۇ ،،
بەزى قىرائەت ھۆججىتى چۈشمەسلىكتەك خاتالىقلار 2.5.1دە ئوڭشىلدىكەن.

karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 09:26:30

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karquga تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-31 10:13  

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 07:58 static/image/common/back.gif
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ﷲ غا ئىمان ئېيت ...


ئەمما شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغان  «قۇرئان كەرىم›› نىڭ ئۇيغۇرچە نوسقىسىدا، ئەسلى مەزمۇن - ئاساسى جەھەتتىن توغىرا  ۋە سۈپەتلىك شۇنداقلا ناھايىتى ئوبىرازلىق تەرجىمە قىلىنىپتۇ.



تولۇقلىما مەزمۇن (2014-2-2 10:52):
tخەت نوسقىسى: UKIJ Tuz Gezit

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 11:12:25

كۆپ   رەھمەت

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 11:47:18

karquga يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 09:26 static/image/common/back.gif
ئەمما شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغ ...

ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىستىدە بۇنىڭدىن باشقىمۇ بىر ئىككى ئورۇندا مۇشۇنداق خاتالىق يۈز بەرگەن ، بۇ بېسىشتىكى خاتالىق،
بەزىلەرنىڭ ئارتۇقچە ئويلاپ كەتكىنىدەك ئىش يوق ...

يەنە كېلىپ بۇ خاتالىق ،  يەنى :  ئال ئىمران سۈرىسى 84 - ئايەتنىڭ تەرجىمىسىدىكى  «  ( يەنى ئىنجىلغا ) دىگەن تىرناق ئىچىدىكى ئىزاھنىڭ ئالدىدىكى  ئېسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمى ، ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىدىن كىيىن تىرناق ئىچىگە بېرىلگەن ( يەنى تەۋراتقا ) دىگەن ئىزاھات  ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىمنىڭ سەئۈدى ئەرەبىستاندا كىيىن نەشىر قىلىنغان كىچىك نۇسخىدا چۈشۈپ قالغان ،  تور دۇنياسىدا ۋە كىيىن تۈزۈلگەن كومپىيۇتېر ، يانفۇن ئەپلىرىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە قۇرئان تەرجىمە تېكىستىگە دەل مۇشۇ سەئۇدى نۇسخدىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە ئىشلىتىلگەچكە ، مەزكۇر ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە چۈشۈپ قالغان يۇقارقى سۆزلەر تۈزۈتۈلمەستىنلا ئىشلىتىلگەچكە بۇ ئەھۋال كۆرۈلگەن .

يەنە دىدىم ،  بۇ باسمىدىكى خاتالىق .     

مەن « gewala  »   نىڭ ئىنكاسىغا قاراپ ، بەلكىم بۇ ئايەتتە ئاشۇ سۆزنىڭ باسمىدا چۈشۈپ قالغانلىغىنى ئەسكەرتكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلىغان ،
قارچۇغا نىڭ ئىنكاسىغا قاراپ بىلدىمكى ، بەزىلەر بۇ ئايەتتىىكى ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمىنىڭ چۈشۈپ قېلىشىنى ، ھۆرمەتكە سازاۋەر  مەشھۇر دىنى ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم قەستەن تاشلىۋەتكەن ، يوشۇرغان دەپ ئويلايدىكەن .

مەندە 1984 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى تارقاتقان تۇنجى نۇسخىدىكى يېشىل تاشلىق ، چوڭ ھەجىمدىكى ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىممۇ بار ئىدى ، ئەسلى نۇسخىسى ،    شۇ ئايەتنى ئېچىپ سېلىشتۇرۇپ باقسام ،  ئۇ نۇسخىدا يۇقارقى چۈشۈپ قالغان سۆزلەر تولۇق ئېلىنغان ئىكەن .
يەنى :  «  ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز ﷲ غا ئىمان ئېيتتۇق، بىزگە نازىل قىلىنغانغا (يەنى قۇرئانغا)، ئىبراھىمغا، ئىسمائىلغا، ئىسھاققا، يەئقۇبقا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا نازىل قىلىنغان ۋەھىگە، مۇساغا بېرىلگەنگە ( يەنى تەۋراتقا ) ، ئىساغا بېرىلگەنگە (يەنى ئىنجىلغا) ۋە پەيغەمبەرلەرگە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بېرىلگەنگە (يەنى كىتابلارغا) ئىمان ئېيتتۇق، ئۇلارنىڭ ھېچبىرىنى ئايرىۋەتمەيمىز (يەنى ئۇلارنىڭ بەزىسىگە ئىمان ئېيتىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلمايمىز)، بىز ﷲ غا بويسۇنغۇچىلارمىز». دەپ ئېلىنغانكەن .

قولىدا ئاشۇ تۇنجى نۇسخا ، يېشىل تاشلىق ئۇيغۇرچە قورئان كەرىم بار بولغان تورداشلار ، ئال ئىمران سۈرىسى 84 - ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسگە قاراپ دەلىللىۋېتىڭلار ،   

ئىشەنمىگۈچىلەر ،  سېلىشتۇرۇپ باقساڭلار بولىدۇ .  

gewala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 15:19:13

bughra-oghli يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 09:10 static/image/common/back.gif
@gewala@
1-ئەپ



مەن تېخى تور دۇنياسىدا بىرلا مەنبەنى ئىشلەتكەچكە  ھەممە ئەپلەردە شۇ سۆز چۈشۈپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ، 2-ئەپتە تولۇق بولۇشى ،قارىغاندا  مەنبە بىرلا ئەمەس ئوخشايدۇ،يا كى يېڭىلىنىش جەريانىدا قوشۇلغان ئوخشايدۇ ،بولسا  مەنبە ئىگىسى بىلەن ئالاقە قىلغىلى بولسا  مۇشۇنداق كىرگۈزۈش جەريانىدا  چۈشۈپ قالغان سۆزلەرنى قوشقۇزۇپ قويساق ياخشى بولاتتى .
2-ئەپنىڭ تولۇق ئىسمى بىلەن  ئىشلۈگۈچىنى ئەۋەتىپ قويسىڭىز ، wp8دا بولسا چۈشۈرۋالاي.

orhun1977 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 16:04:04

ناھايتى ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن ئاللا رەھمەت قىلسۇن. بۇلسا سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بىسىلغان تۇم خەتلىك ئەرەپچە قۇرئاننىڭ ئاندىرۇئت نۇسخىسى بۇلغان بۇلسا بەكمۇ ياخشى بۇلاتتى. چۈنكى ھازىرقى قۇرئاننىڭ ئاندىرۇئىت نۇسقىسىدىكى ئەرەپچە ھەپتىيەتكىكىگە ئانچە ئۇخشىمايدىكەن. يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ھەپتىيەتتىكىگە ئۇخشاش نۇسقىسى بۇلسا بەك ياخشى ئىدى.

sekine يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 18:15:04

ئاۋازلىق قۇرئان دىتالىنىڭ ياخشىراقى بولسا تونۇشتۇرسىڭىز.  ئىش قىلغاچ ئاڭلاي دىگەن. ئوقۇش ئەپسىز چاغلاردا. ئالما تېلفۇننى ئىشلەتكەندە قۇرئان مەجىد نىڭ ئاۋازلىقىدىن ياخشى پايدىلانغان. ھازىر ئاندىرويد تېلفۇنغا ياخشىراق ئاۋازلىق قۇرئان تاپالمىدىم. كۆپ تىللىق قۇرئاننى چۈشۈرگەن. ئەمما ئاڭلاي دىسەم بەك ئاستا. ۋاقتىمنى ئېپ كىتىدىكەن. قۇرئان مەجىدتە بەك تېز ئىدى. ۋايفاي بولغاچ بەك قولاي ئاڭلىسام.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 18:31:19

gewala يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 15:19 static/image/common/back.gif
مەن تېخى تور دۇنياسىدا بىرلا مەنبەنى ئىشلەتكەچكە  ھەم ...

2-ئەپنى ئالىپ ۋە قۇتيار مۇنبىردىكى تىرىك جەسەت قېرىندىشمىز تۈزگەن wpنىڭ بارمۇ يوق بىلمەيدىكەنمەن ،
بولسا ئەسلى ئادىرىسقا كىرىپ خەت قالدۇرسىڭىز ياكى ئىلخەت بىلەن ئالاقىلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ ،
مۇشۇ ئىككى تىمىنىڭ ئىگىسى
http://www.qutyar.net/mb/thread-8077-1-1.html
http://alip.biz/thread-25063-1-2.html

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 18:34:05

sekine يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 18:15 static/image/common/back.gif
ئاۋازلىق قۇرئان دىتالىنىڭ ياخشىراقى بولسا تونۇشتۇرسى ...

سۈكۈت ھالەتتىكى قارىينىڭ ئوقۇشى ئاستا شۇڭا باشقا قارىلارنى سىناپ بىقىڭ،
مەن مىشارى رەشىد قارىي بىلەن غامدىي قارىينىڭكىنى چۈشۈرۈپ ئىشلىتۋاتىمەن ،مۇشۇلارنى تەۋسىيە قىلىمەن

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 19:47:00

مۇشۇ تىمىدا تونۇشتۇرۇلغان 1-نۇمۇرلۇق قۇرئان خىلى ياخشى مەن شۇنى ئىشلىتىۋاتمەن .{:112:}

karquga يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 21:29:10

mohsin يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 11:47 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تېكىستىدە بۇنىڭدى ...

مەن سىز دېگەندەك ئويلايمەن بۇرادەر:
مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ ئىسلامغا بولغان ئەقىدىسى، بىر تەرەپلىمە ھالدا باشقا مۇقەددەس كىتابلارغا بولغان ئىنكارچىلىق پوزىتسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇ سەۋەبلىك ئەسلى نوسقىدىكى بەزى مەزمۇنلارنى بىر تەرەپلىمە تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن : ‹بۇرمىلاش› دېگەن سۈزنى ‹ئۆزگەرتىش› دەپ ئېلىنغان دېگەندەك.....يەنە  كۆپ ئايەتلەرگە ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى قىستۇرۇپ قويغان. بۇ ئەلىۋەتتە چوڭ خاتالىق.

مەن يوللىغان ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ ۋورد نوسقىسى - مەن نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ ، خەنزۇچە قۇرئان كەرىمگە ئاساسەن رەتلەپ چىققان، مەن بىلىدىغان ئەڭ توغىرا تەرجىمە.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-1-31 22:04:54

karquga يوللىغان ۋاقتى  2014-1-31 21:29 static/image/common/back.gif
مەن سىز دېگەندەك ئويلايمەن بۇرادەر:
مۇھەممەت سالىھ دا ...

مەن بۇ گېپىڭىزگە قوشۇلالمايمەن

يۇقارقى ئىنكاسىڭىز ئۆز - ئۆزىدىنلا زىت ئىنكاس بولۇپ قاپتۇ .  مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ ئۇيغۇر جەمىيتىدىكى تەسىرىنى ھەممىمىز بىلىمىز .
ئىسلامغا بولغان ساپ ئەقىدە ھەرگىزمۇ باشقا مۇقەددەس كىتابلارغا بولغان ئىنكارچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ ، بەلكى ئەكسىچە مۇقەددەس كىتابلارغا بولغان ئىشەنىچ ، تەستىق ، ۋە ھۆرمەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .   قۇرئانغا قارىسىڭىزلا ،  بەلكى يۇقارقى ئىنكاسلاردا نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئال ئىمران سۈرىسى 84 - ئايەتكە قاراپ باقساقلا ئىسلامنىڭ بۇ ھەقتە نەقەدەر ئادىل ، نەقەدەر ئالىيجاناب يول تۇتقانلىغىنى كۆرىمىز .
ھېچبىر مۇسۇلمان تەۋراتنى ، ئىنجىلنى ئىنكار قىلغىنى يوق ، بۇ كىتابلارنى ساماۋى كىتاب ئەمەس دىگىنى يوق ،  پەقەت بۇ كىتابلارنىڭ ئەسلى ھالىتىدە ساقلىنىپ قالمىغانلىغىنى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە خەۋەر بەرگەنلىگى ئۈچۈن ، مۇسۇلمانلار ئېھتىيادچان پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى ،  بۇ ھەقتە ئىسلامىيەت كۆرسەتكەن ئېنىق كۆرسەتمىلەر بار ، يەنى :  قۇرئانغا ئۇيغۇن كەلگىنىنى تەستىقلاش ، قارشى كەلگىنىنى ئىنكار قىلىش .  چۈنكى ، ساماۋى كىتابلار ئەسلى بىر مەنبەدىن بولغىنى ئۈچۈن تەۋھىد ئەقىدىللىرىدەك تۈپكى مەسىلىلەردە ئىختىلاپ كۆرۈلمەيتى ئەسلى ، ئىبادەت خاراكتىرلىك مەسىلىلەردە ئوخشىماسلىق بولىشى بۇ باشقا مەسىلە ،
دىمەك ، مانا مۇشۇ تۈپكى مەسىلىدە قۇرئان بىلەن زىتلىق كۆرۈلگەنكەن ، دىمەك ئۇ ئەسلى ھالىتى ئەمەس ،  بىزنىڭ مەيدانىمىز مۇشۇ ،
تەۋرات ، ئىنجىلنىڭ ئاللاھ تەرەپتىن ئاللاھنىڭ ئىككى ئۇلۇغ پەيغەمبىرى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ئىككى مۇقەددەس كىتاۋى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز . ئەمما بۇ  بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئوخشىمىغان نۇسخىللىرى بولغان « تەۋرات » ، « ئىنجىل » لارغا ھەم ئىشىنىشمىزنى بىلدۈرمەيدۇ .  مۇسۇلمانلار ھېلىمۇ كۆپ ئىنساپلىق يول تۇتىدۇ .  يەھۇدىلار ، خىرىستىئانلار ، كۆڭلىدە ھەقلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ( ياكى بىلمەس ) قۇرئاننىڭ يۇقارقى ئىككى كىتابنى تەستىقلىغۇچى ۋە ئۇنىڭغا شاھىد بولغۇچى بىرساماۋى كىتاب ئىكەنلىكىگە ئىقرار قىلماسلىغى ۋە  ھەر خىل چېكىدىن ئاشقان ، قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن دەل يۇقارقى مۇقەددەس كىتابلاردا كېلىشى خەۋەر بېرىلگەن ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد  ئەلەيھىسسالامغا ھاقارەت قىلىشلىرىنىڭ ئەكسىچە ، بىرەر مۇسۇلمان تېخى بۇ كىتابلارنى ئىنكار قىلغىنى ، ئەيسا ئەلەيھىسسالام ، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھەر قانداق بىر شەكىلدە ھاقارەت قىلغىنى يوق ، ( بۇنداق قىلىشتىن ئاللاھ ساقلىسۇن ) ،   
ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ ئىسمىنى « ئەلەيھىسسالام » نى قوشماي تىلغا ئالمايدۇ ،   
ئىسلامىيەتنىڭ مەيدانى مۇشۇ تۇرسا ،  مەندەك بىر ئاددى مۇسۇلماننىڭ مەيدانى مۇشۇنداق تۇرغان يەردە مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمدەك بىر تەقۋادار ئالىم كىشىنىڭ  « ئىسلامغا بولغان ئەقىدىسى، بىر تەرەپلىمە ھالدا باشقا مۇقەددەس كىتابلارغا بولغان ئىنكارچىلىق پوزىتسىيىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، » بولىشى مومكىنمۇ ،  كۈلكىلىك گەپقۇ بۇ ...
بەت: [1] 2 3
: قايسى خىل قۇرئان دىتالىنى ئىشلىتىسىز؟