bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 09:50:40

NASA: مارستىكى قەدىمقى ئىچكىلى بولىدىغان سۇنىڭ يېڭى ئىزى

مارستىكى قەدىمقى ئىچكىلى بولىدىغان سۇنىڭ يېڭى ئىزى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 29-يانۋار

ئامېرىكىنىڭ كورنېل ئۇنىۋېرسىتىتېتى (Cornell University) دىكى Steve Squyres، ۋە كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology) دىكى John Grotzinger قاتارلىق بىر گۇرۇپپا ئالىملار 2014-يىلى 24-يانۋار كۈنى «ئىلىم-پەن» (Science) ژورنىلىدا بىر پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى.  بۇ ماقالىدە دېيىلىشىچە، مارسنى تەكشۈرىۋاتقان «پۇرسەت» (Opportunity) ناملىق ماشىنا يېقىندا سېغىز توپىدىن تەشكىل تاپقان مىنېرال ماددىلارنى تاپقان بولۇپ، بۇ ماددىلار قەدىمقى بىر ۋاقىتلاردا مارسنىڭ يۈزىدە جانلىقلار ئىستىمال قىلسا بولىدىغان سۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.  ھازىرقى تەكشۈرۈشنى ئالىملار يەر يۈزىدە تۇرۇپ، «پۇرسەت» ئارقىلىق مارسنىڭ ئۈستىدە ئېلىپ بېرىۋاتقاچقا، مەزكۇر ماقالىدە ئۇنداق ئىچىملىك سۈيىنىڭ قايسى دەۋردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى ھەققىدە ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمەپتۇ.   

«پۇرسەت» ئۆتكەن يىل مارسنىڭ ئۈستىدە مىكروپلار ياشىيالايدىغان سېغىز توپا ماددىلىرىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇ ئىلىم-پەن ساھەسىدە بىر چوڭ خەۋەر بولۇپ كەتكەن ئىدى.  بۇ قېتىمقى بايقاش ئۆتكەن يىلقى بايقاشنىڭ بىر تەسادىپىي يۈز بەرگەن ئىش ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

تۆۋەندىكى رەسىملەر «پۇرسەت» بۇ قېتىم تارتقان مارسنىڭ ئۈستىدىكى سېغىز توپىنىڭ كۆرۈنىشلىرى.  

پايدىلىنىش ماتېرىيالى ۋە رەسىملەر:

Ten-year-old Opportunity rover finds old 'drinking water' on Mars

http://www.latimes.com/science/sciencenow/la-sci-sn-mars-water-life-opportunity-20140123,0,3420510.story#ixzz2rqYjPR9y

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 21:18:30

مارستا بۇرۇن يادرو ئۇرۇشى بولغانمۇ- يوق، بۇنىڭغا ئائىت ئۇچۇر بارمىدۇ؟ كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ.

«مارسقا ئاپا لازىم» دەپ بىر كارتۇن بار ئىدى، مارسلىقلار يەر ئاستىدا ياشايدىغان: mars needs mums.
بەت: [1]
: NASA: مارستىكى قەدىمقى ئىچكىلى بولىدىغان سۇنىڭ يېڭى ئىزى