kaxtixim يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 07:05:07

چيەنلوڭ خان ۋە خوتەن قاشتېشى

چيەنلوڭ خان ۋە خوتەن قاشتېشى


ئاپتۇر:ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل



ئاساسى مەزمۇنى: چىڭ سۇلالىسى چىيەنلوڭ خان تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىنكى 52 يىل جەريانىدا خوتەن رايۇنىدا قېزىپ ئوردىغا يەتكۈزگەن قاشتاشلار، بۇ قاشتاشلارنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى، خوتەن رايۇنىدىكى قاشتېشى قېزىش ئەھۋالى، بۇ دەۋىردىكى خوتەن قاشتېشى قىزغىنلىقى.


ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: خوتەن قاشتېشى، چىيەنلوڭ خان، قاشتېشى ئالۋىڭى، قاشتېشى ئويما بۇيۇملىرى، خان ئامبال مەھكىمىسى، ھاكىم بەگ.


مىلادى 1616- يىلى ئايسىنگېرو نۇرخاچ تەرىپىدىن قۇرۇلغان كېيىنكى جىن سۇلالىسى مىلادى 1636- يىلى بەگلىك نامىنى «چىڭ»(清) غا ئۆزگەرتتى. مىلادى 1644- يىلى ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ، مىڭ سۇلالىسىنى يوقۇتۇپ، چىڭ خاندانلىقىنى تىكلىدى. مىلادى 1662- يىلى كاڭشى تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، قانۇن- تۈزۈملەرنى ئىسلاھ قىلىپ، دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈردى. چىيەنلوڭ (ئايسىنگېرو خوڭلى، مىلادى 1711- يىلىدىن 1799- يىلىغىچە ياشىغان. 1736- يىلىدىن 1795- يىلىغىچە خان بولغان) ئۇ تەخىتكە چىققان دەۋىرلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيىتى، تازا گۈللەنگەن دەۋىرلەر بولۇپ، ھازىرقى شىنجاڭدىكى بەگلىكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىگە بەيئەت قىلدۇرغان. چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنمۇ، ئوردىدا ۋە پۇقرالار ئارىسىدا خوتەن قاشتېشى يەنىلا «دۆلەت گۆھىرى»،«خان تېشى» بۇلۇپ كەلگەن. پادىشاھلار ئىلگىرىكى سۇلالىلاردىن قالغان قاشتېشى ئويما بۇيۇملىرىنى ئوردىغا يىغىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، غەربى يۇرتتىن كۆپلەپ قاشتېشى ۋە قاشتېشى ئويما بۇيۇملىرىنى كىرگۈزگەن.


چيەنلوڭ ئەسلى بىر خوتەن قاشتېشى مەستانىسى بولۇپ، خوتەن قاشتېشىغا بەكلا چوقۇناتتى. ئۇ تەخىتكە چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ خوتەن قاشتېشىغا بولغان ھەۋىسى ۋە قىزغىنلىقى ھەسسىلەپ ئېشىپ باردى. ئۇ جۇڭغارىيەدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر توپىلىڭىنى تىنجىتىپ، تارىم ۋادىسىدىكى چوڭ- كىچىك بەگلىكلەرنى ئۆزىگە بەئەت قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بۇ رايۇنلاردىمۇ ئۆز ھاكىمىيىتىنى يۈرگۈزۈپ، خوتەن قاشتېشىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ۋە خان ئوردىسىغا كۆپلەپ كىرىشىگە ئاساس سالدى. شۇ دەۋىرلەردە شىنجاڭ رايۇنى خان ئوردىسىغا خوتەن قاشتېشى ئۇلپاڭ تۆلىگەندىن باشقا، چىيەنلوڭ يەنە خوتەن رايۇنىغا ئەمەلدار ئەۋەتىپ، مىلادى 1761- يىلى يەركەندە «خان ئامبال مەھكىمىسى» قۇرۇپ، مەخسۇس قاشتېشى قازدۇرۇپ، ئوردىغا يۆتكىگەن. خان ئامباللار (办事大臣) خوتەن رايۇنىغا ئەمەلدار ۋە لەشكەر ئەۋەتىپ، «ھاكىم بەگ مەھكىمىسى» قۇرۇپ، بارلىق قاشتېشى چىقىدىغان ئېقىنلار ۋە كان رايۇنلىرىدىن كەڭ كۆلەمدە قاشتېشى قازدۇرغان. پەقەت يۇرۇڭقاش دەرياسىغىلا دەسلەپ ئون مىڭ گۇناھكارنى يىغىپ قاشتېشى قازدۇرغان. كېيىن ئادەم كۈچىنى كۆپەيتىپ، يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىكى دىھقانلارنى ھاشارغا تۇتۇپ، 30 مىڭ ئادەم يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئېقىن ئىچىنى 3 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ئومۇمى يۈزلۈك كولاپ، قاشتېشى قازغان. مىرداي كاندا يىل بويى ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 3 مىڭ ھاشارچى قاشتېشى قازغان. كېرىيە ناھيىسىدىكى لۈش كان رايۇنىدا يىل بويى ئوتتۇرۇچە 1200 ھاشارچى قاشتېشى قازغان. بۇلاردىن باشقا، قاراقاش دەرياسى، زەرەپشان دەرياسى، كېرىيە دەرياسى، ئاتچان دەرياسى، ئالتۇنتاغ قاشتېشى كان رايۇنى، گۇما ناھيىسىنىڭ سانجۇ قاشتېشى كان رايۇنى، قاراڭغۇ تاغ قاشتېشى كان رايۇنى… قاتارلىق جايلاردىمۇ ھاشارچىلار يىل بويى قاشتېشى قېزىش بىلەن بولغان. مانا بۇ خوتەن ۋە يەكەن، قاغىلىق رايۇنىدىكى كەڭ خەلققە ئېغىر بالايى ئاپەتلەرنى ۋە جەۋرى- جاپالارنى كەلتۈرگەن «قاشتېشى ئالۋىنى» بولۇپ، بۇ ئالۋان چيەنلوڭنىڭ 25- يىلى (مىلادى 1761- يىلى) دىن جياچىڭنىڭ 17- يىلى (مىلادى 1813- يىلى) غىچە ئۇدا 52 يىل داۋام قىلغان. مىلادى 1761- يىلىدىن 1766- يىلىغىچە بولغان 5 يىلدا يۇرۇڭقاش دەرياسى ۋادىسىدىكى قاشتېشى قېزىش ھاشىرىدا 5 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئات- ئۇلاق ئۆلگەن. مىرداي كاندا 3 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئات- ئۇلاق ئۆلگەن. باشقا كان رايۇنلىرىدىكى چىقىملارنىڭ سانى ئىنىق ئەمەس. لېكىن خەلق ئارىسىدا شۇ دەۋىردىكى قاشتېشى ئالۋىنىدا ئۆلگەنلەر ۋە قارشىلىق كۆرسىتىپ، جازالانغانلار توغرىسىدىكى رىۋايەتلەر كۆپ.


يەرلىك تەزكىرىلەردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 1761- يىلىدىن بۇرۇن خوتەن خەلقى چىڭ ھۆكۈمىتىگە ئالتۇن ئۇلپاڭ تۆلىگەن. شۇڭا پۇقرالارغا ئالتۇن سېلىغى قويۇلغان. مىلادى 1761- يىلىدىن باشلاپ، ئالتۇن ئۇلپاڭ تۆلەش قاشتېشى ئۇلپاڭ تۆلەشكە ئۆزگەرتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن پۇقرالارغا قاشتېشى سېلىغى قويۇلغان. لېكىن چىڭ ھۆكۈمىتىگە تۆلىنىدىغان قاشتېشى سېلىغىغا يۇرۇڭقاش دەرياسى ۋە قاراقاش دەرياسىدىن قاشتېشى سۈزۈشكە يول قويۇلمىغان. يەنى، پۇقرالارنىڭ دەريادىن قاشتېشى سۈزىشى مەنئى قىلىنىپ، پۈتۈنلەي قاشتېشى كانلىرىدىن قاشتېشى قېزىپ سېلىغ تۆلەش يولغا قويۇلغان. بۇنىڭ بىلەن دىھقانلار دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش پەسىللىرىدە (ياز پەسلىدە) قاشتېشى قېزىشقا تاققا چىقىپ كېتىپ، دىھقانچىلىققا زور زىيانلارنى كەلتۈرگەن. شۇ دەۋىرلىردە، توساللالىق ئابلا بەگنىڭ ئوغلى بەھرامبەگ ئاغىنىلىرى ھېلىمشا يۈز بېشى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، قاشتېشى ئالۋىنىغا قارشى توپىلاڭ پىلانلاپ، قاشتېشى ئالۋىڭىنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان دىھقانلارنى قوزغاپ، قاشتېشى ئالۋىنىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن. خوتەن شەھىرىنى خېلى ئۇزاق مۇھاسىرىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن شەھەرنى ئالالمىغان. بۇ چاغدا يەكەندىن ياردەمچى قوشۇن كېلىپ، ئىسيانچىلارنى چېكىندۈرگەن. ئىسيانچىلار خوتەننىڭ قاراڭغۇ تاغ تاغلىق رايۇنىغا چىقىۋېلىپ، ئۇدا 3 يىل تىركىشىپ تۇرغان. بۇ ئەھۋال ئوردىغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، چيەنلوڭخان بۇ توپىلاڭنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ، قاشتېشى ئالۋىنىغا قارشى توپىلاڭ ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، چىيەن لۇڭخان پەرمان چۈشۈرۈپ، پۇقرالارغا سېلىنىدىغان قاشتېشى سېلىغىنى بىكار قىلغان. ھەم ئىسيانچىلارنىڭ تىركىشىپ تۇرىۋاتقىنىغا 3 يىل بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، ”چېرىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا 3 يىل تاقابىل تۇرالىغان بولسا، ھەقىقى ئەزىمەت ئىكەن“ دەپ، ئىسيانچىلارنىڭ باشچىسى بەھرام بەگنى خوتەننىڭ ھاكىم بەگلىكىگە تەيىنلىگەن. بەھرام بەگكە پەرمان يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، ئۇ ئىسيانچىلارنى باشلاپ تاغدىن قايتىپ چۈشۈپ، ۋەزىپىدە ئولتۇرغان. ھەم ئىسيانغا قاتناشقان دوست- يارەنلىرىنى ھەرقايسى يۇرتلارغا بەگ قىلىپ تەيىنلىگەن. بۇ خوتەن تارىخىدا تۇنچى «ھاكىم بەگ» بولغان كىشى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.


بۇ قوزغىلاڭدىن كېيىن، ئاۋام پۇقراغا قويىلىدىغان قاشتېشى ئالۋىڭى بىكار قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن يەكەندە قۇرۇلغان خان ئامبال مەھكىمىسىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق ئەمەلدارلىرى دىھقانلارنى ھاشار ھىساۋىدا قاشتېشى قېزىش، قاشتېشى سۈزۈش- تىرىش ئىشلىرىغا سالغان. ھەم قاشتېشى ئالۋىنى بارغانچە ئەدەپ كەتكەن. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، پۇقرالارنىڭ دەريادىن قاشتېشى ئىزدىشى قاتتىق مەنئى قىلىنغان. تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يۇرۇڭقاش دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا 20 جايغا قاراۋۇلخانا قۇرۇلۇپ، دەرياغا كىرىپ چىققۇچىلارنى قاتتىق تەكشۈرگەن. جياچىڭنىڭ 4- يىلى (مىلادى 1799- يىلى)غا كەلگەندىلا، ئاندىن پۇقرالارنىڭ قاشتېشى ئىزدىشىگە ئاز- تولا يول قويۇلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ھۆكۈمەت تەرەپ، ئاندىن ئەمەلدارلار سۈزۈپ- تىرىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن پۇقرالارنىڭ قاشتېشى ئىزدىشىگە يول قويۇلغان. ھەتتا ھۆكۈمەت تەرەپ ۋە ئەمەلدارلار قاشتېشى ئىزدەيدىغان دائىرە بەلگىلىنىپ، بۇ دائىرىدە پۇقرالارنىڭ قاشتېشى ئىزدىشى مەنئى قىلىنغان. پۇقرالارنىڭ پەقەت بۇ دائىرىنىڭ سىرتىدىكى جايلاردىن قاشتېشى تېرىشكە رۇخسەت قىلىنغان.


بۇ دەۋىرلەردە قېزىلغان قاشتېشىنى ئېلىپ كېتىدىغان خان ئامبال، ۋەزىر، لەشكەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. قاشتېشى قېزىشتىن باشقا، قېزىلغان تاشلارنى خان ئوردىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۇنىڭدىنمۇ جاپالىق ھاشار ئىدى. بۇ ۋەزىپىمۇ يەنىلا ئاۋام پۇقرانىڭ بېشىغا كەلگەن بولۇپ، قاشتېشى توشۇش يولىدا ئۆلگەن ئادەم، ئات- تۆگىلەر ھەددى ھىساپسىز. مىلادى 1776- يىلى مىرداي كاندىن تۈۋرۈك سىمان غايەت زور بىر پارچە قاشتېشى قېزىلغان بولۇپ، ئېغىرلىقى 10 توننىدىن ئاشاتتى. بۇ تاشنى كان رايۇنىدىن قاغىلىققا يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن، 10 مىڭدىن ئارتۇق ھاشارچى تاڭ- تاڭ سوغۇق قىشتا تاغ يوللىرىغا سۇ چېچىپ مۇز تۇتقۇزۇپ، تاشنى مۇز ئۈستىدە سىرغىتىپ، ئادەم كۈچى ۋە ئات- ئۇلاق كۈچى بىلەن سۆرەپ- ئىتتىرىپ ئېلىپ ماڭغان. يېرىم يولغا كەلگەندە، تاش بىر ئازگالغا دومىلاپ كېتىپ، ئوتتۇرىسىدىن ئىككى پارچە بولۇپ چېقىلىپ كەتكەن. خان ئامبال مى دارىن بۇ سەۋەنلىك ئۈچۈن تاش يۆتكەشكە مەسئۇل  بولغان ئىككى نەپەر ئەمەلدارنىڭ بېشىنى ئالغان ۋە تاشنىڭ بىر پارچىسىنى شۇ ئازگالغا كۆمىۋېتىپ، بىر پارچىسىنى داۋاملىق ئېلىپ ماڭغان. 10 مىڭ ھاشارچىنىڭ ۋە نۇرغۇن ئات- ئۇلاغنىڭ 3 ئاي جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق 5 توننىدىن ئاشىدىغان بىر پارچە قاشتېشى قاغىلىققا ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ تاشنى خان ئوردىسىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، 300 ئات- ئۇلاغ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشقا سېلىنىپ، كۈنلىكى 5 چاقىرىمدىن 7~8 چاقىرىمغىچە يول يۈرۈپ، مىلادى 1777- يىلىدىن مىلادى 1780- يىلىغىچە بولغان 3 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا خان ئوردىسىغا يەتكۈزۈلگەن. يول بويى ئۆلگەن ئات- ئۇلاغ، ئادەمنىڭ ئورنىغا يول ئۈستىدىكى جايلاردىن ئادەم ۋە ئات- ئۇلاغ سەپلىنىپ ماڭغان. چيەنلوڭ خان بۇ تاشنى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان ۋە ياڭجۇدىن ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرنى ئوردىغا كەلتۈرۈپ، مىلادى 1781- يىلى ئويما لاھىيەلىنىپ، شۇ يىلى 5- ئايدا ياڭجۇغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئويۇشقا باشلانغان. 10 مىڭ سەردىن ئارتۇق كۈمۈش خەجلەپ، مىلادى 1787- يىلىغىچە 6 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، «دايۈنىڭ سۇ تىزگىنلىشى» ناملىق زور ئويمىنى ئويدۇرغان. مىلادى 1788- يىلى ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن. كېيىن چيەنلوڭ خان بۇ ئويمىغا بېغىشلاپ ئىككى قېتىم نەزمە يازغان. بۇ ئويمىنىڭ ئېغىرلىقى 5350 كلوگرام، ئىگىزلىكى 224 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 96 سانتىمېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە بىردىن بىر ئەڭ چوڭ قاشتېشى ئويمىدۇر.


مىلادى 1773- يىلى ئەتىيازدا خوتەن رايۇنىدىكى ھەرقايسى كانلاردىن قېزىلغان 6 پارچە چوڭ قاشتېشى نەچچە يۈز ئات- ئۇلاغ ۋە 100 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن كارۋان ئشقا سېلىنىپ، چيەنلوڭنىڭ 41- يىلى (مىلادى 1776- يىلى) ئوردىغا  ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ 6 پارچە چوڭ قاشتېشىنىڭ بېرىدە «توققۇز ئەجدىھالىق كۈپ» ئويۇلغان. ماتىرىيالى كۆك قاشتېشى بولۇپ، ئەسلى تاشنىڭ ئېغىرلىقى 4 مىڭ جىڭ. كۈپنىڭ ئىگىزلىكى 134 سانتىمېتىر، ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 117 سانتىمېتىر، 1776- يىلى 9- ئايدا ئويۇشقا باشلىنىپ، 1779- يىلى 12- ئايدا پۈتكەن. 9800 سەر كۆمۈچ سەرىپ قىلىنغان. بۇ كۈپمۇ خان ئوردىسىدا ساقلىنىۋاتقان ئېسىل گۆھەرلەرنىڭ بىرى. يەنە بىر پارچىسىدا «كۈزدىكى تاغ سەيلىسى» ناملىق ئەسەر ئويغۇزۇلغان. بۇ زور ئويما چيەنلوڭنىڭ 31- يىلى (مىلادى 1766- يىلى) ياڭجۇلۇق ئۇستىلار تەرىپىدىن ئويۇلغان. 5 يىل ۋاقىت، 20~30 مىڭ ئادەم قېتىم ئەمگەك كۈچى، 3 مىڭ سەردىن ئارتۇق كۈمۈش سەرىپ قىلىپ ئويۇلغان. ئىگىزلىكى 130 سانتىمېتىر، ئەڭ كەڭ جايى 74 سانتىمېتىر، ئەڭ قېلىن جايى 20 سانتىمېتىر. يەنە بىر پارچىسىدا «بۇلۇت ئەجدىھا نەقىشلىق كۈپ» ئويدۇرۇلغان. ئىشلىتىلگەن قاشتېشىنىڭ ئەسلى ئېغىرلىقى 4 مىڭ جىڭ. 1776- يىلى 6- ئايدىن 1780- يىلى 10- ئايغىچە ئىشلىنىپ، 4 يىلدا پۈتكەن. كۈپنىڭ ئىگىزلىكى 2 چى 5 سوڭ، كەڭلىكى 4 چى، ئىچىنىڭ ئىگىزلىكى 2 چى.


موللا مېر سالىھ كاشقەرىنىڭ «چىڭگىزنامە» دىگەن ئەسىرىدە ۋە شاھ مەھمۇت جوراسنىڭ «سەئىدىيە خانلىقى تارىخىغا دائىر ماتىرىياللار» (ئەسلى كىتاپقا ئىسىم قويۇلمىغان. 1989- يىلى مۇشۇ ئىسىم بىلەن نەشىر قىلىنغان) دىگەن ئەسىرىدە ئابدۇرەشىدخاننىڭ قاشتېشى كۆرگىلى چىقىپ، جامۇدانغا كەلگەندە قازا تاپقانلىقى بايان قىلىنغان. بىر قىسىم يەرلىك تەزكىرىلەردە بۇ ۋاقە بىر قەدەر تەپسىلى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئابدۇرەشىدخان خوتەنگە قەلەندەرچە ياسىنىپ ئىككى قېتىم كېلىپ كەتكەن. 3- قېتىم كەلگنىدە خوتەننىڭ بەگلىرى ئىستىقبالغا چىقىپ قارشى ئالغان. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تاغلىق رايۇندا ئىنتايىن چوڭ، ئېغىرلىقىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بىر پارچە قاشتېشىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، تاققا چىقىپ قاشتېشىنى تاماشا قىلغان. قايتىش سەپىرىدە جامۇدان (ھازىر تۇساللا يېزىسىنىڭ بىر كەنتى)غا كەلگەندە تۇيۇقسىز ۋاپات بولغان. چيەنلوڭخان دەۋرىدىكى قاشتېشى ئالۋىنى مەزگىلىدە، مەخسۇس چوڭ ھارۋا ياسىلىپ، بۇ قاشتېشىنىڭ يېنىدىن ئورەك قېزىلىپ، ھارۋىنى ئورەككە چۈشۈرۈپ تۇرۇپ، بۇ قاشتېشىنى ھارۋىغا بېسىپ، ئات- ئۇلاغ ۋە ئادەم كۈچى بىلەن خوتەنگە ئېلىپ كېلىپ، 3 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا خان ئوردىسىغا يەتكۈزۈپ بىرىلگەن. بەزى تارىخچىلار ”خان ئوردىسىدا ساقلىنىۋاتقان «دايۇنىڭ سۇ تىزگىنلىشى» ناملىق زور ئويما مۇشۇ قاشتېشىدا ئويۇلغان“ دەپ قارايدۇ. لېكىن چيەنلوڭخان دەۋرىدىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، «دايۈنىڭ سۇ تىزگىنلىشى» ناملىق زور ئويمىنىڭ خام ماتىرىيالى مىرداي كاندىن قېزىلغان كۆكۈش قاشتېشى ئىكەنلىكى ئىنىق. مىنىڭچە خوتەننىڭ كۆك قاشتېشىدا ئويۇلغان «توققۇز ئەجدىھالىق كۇپ» ياكى خوتەن كۆك قاشتېشىدا ئويۇلغان «كۈزدىكى تاغ سەيلىسى» ناملىق زور ئويما ئويۇلغان قاشتېشى مۇشۇ تاش بولسا كېرەك.


بۇ دەۋىرلەردە خوتەن تەۋەسىدىنلا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ، 10 دىن ئارتۇق ئورۇندىن نوقتىلىق قاشتېشى قېزىلغان. «بامبۇك راۋاقتىكى ئەبجەش خاتىرىلەر» (竹叶亭杂记) دىگەن كىتاپتا 5 ئورۇن خاتىرلىنىپ: ”خوتەندە قاشتېشى چىقىدىغان 5 جاي بار. ئۇلار يۇرۇڭقاش، قاراقاش، ساڭگۇشۇيا، (桑谷树雅  دەپ خاتىرىلەنگەن. قايسى جاي ئىكەنلىكى ئىنىق ئەمەس. گۇما ناھيىسىنىڭ سانجۇ تەۋەسى بولۇشى مۈمكىن) قاراڭغۇ، (哈琅圭  دەپ خاتىرىلەنگەن. قاراڭغۇ تاغنى كۆرسىتىدۇ) تاغ، (塔克 دەپ خاتىرىلەنگەن. ھازىرقى چىرا ناھيىسىنىڭ نۇرى يېزىسى تەۋەسىدە) دېيىلىدۇ. پەقەت يۇرۇڭقاش ۋە قاراقاشتىنلا ھەقىقى قاشتېشى چىقىدۇ“ دېيىلگەن. «غەربى دىيار ئېقىن خاتىرلىرى» دىگەن كىتاپتا: ”چيەنلوڭنىڭ 26- يىلى (مىلادى 1761- يىلى) شەرق، غەرىپتىكى ئىككى دەريا ۋە قاراڭغۇ تاغ (哈朗归山) دىن ھەر يىلى ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدە قاشتېشى قېزىلغان. 48- يىلى (مىلادى 1783- يىلى) ساڭگۇشۇيادىن قاشتېشى قېزىش قوشۇلدى. 52- يىلى (مىلادى 1787- يىلى) ئەتىيازدا قېزىش توختۇتۇلدى“ دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇلار ئاساسلىقى دەريادىن ۋە كانلاردىن قاشتېشى قېزىش نوقتىلىرىدۇر. يەنە لوپ ناھيىسىنىڭ چوڭ قۇمات ۋە كىچىك قۇمات (ھازىرقى قۇمات پاششىيىم) دىكى چۆلدىنمۇ توپا- تاشلارنى كولاپ قاشتېشى قېزىلغان. بۇ يەردىن ئەڭ ئېسىل بولغان قوي مېيى رەڭگىدىكى ئاق قاشتېشى قېزىلغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن شائىر شياۋ شىيۇڭ بىر شېئىرىنى ئىزاھلاپ مۇنداق يازغان: ”خوتەن شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىن 60 چاقىرىم نېرىدا كىچىك قۇمات بار. يەنە 60 چاقىرىم نېرىسىدا چوڭ قۇمات بار. بۇ ئىككى ئورۇندىن سىرتقى پوستى چىلاندەك قىزىل (قوي مېيى رەڭگىدىكى) ئاق قاشتېشى چىقىدۇ. چۆلنى كولاپ قېزىلىدۇ“. بۇلاردىن باشقا، چەرچەن ناھيسىدىمۇ نوقتىلىق قاشتېشى كانلىرى قېزىلغان. خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، بىر نەپەر خان ئامبال چەرچەنگە كېلىپ، ئارقا جاڭگال سايدىكى بۇرۇن موڭغۇللار ماكان تۇتقان بىر تاغ ئۆڭكۈرىدە بىر يىل تۇرۇپ، مەخسۇس قاشتېشى قازدۇرغان. شۇڭا بۇ جايدا قېزىلغان كان «خان ئامبال كان» دەپ ئاتالغان. قانچىلىك ھاشارچى سالغانلىقى، قانچىلىك قاشتېشى قازدۇرغانلىق توغرىسىدا ئىنىق مەلۇمات يوق.


شۇ دەۋىرلەردە كان رايۇنىدىن قاشتېشى قازىدىغان ھاشارچىلار، ئىش باشقۇرغۇچى، لەشكەرلەر ۋە ئەمەلدارلارنىڭ يىيىشى ئۈچۈن، يۇرت يۇرتلارغا ئاشلىق، مال- چارۋا ۋە قاشتېشى يۆتكەشكە ئېشەك، ئات- تۆگە ئالۋان قويۇلغان. يىغىلغان مال- چارۋىلار ۋە ئات- ئۇلاغلار كان رايۇنى ئەتراپىدىكى ياخشى يايلاقلار ئىگىلىنىپ بېقىلغان. شۇڭا مىرداي كان جايلاشقان رايۇندىكى چوڭ يايلاق، گۇما ناھيىسى كەڭقىر يېزىسىدىكى چوڭ يايلاق، خوتەن ناھيىسى قاراڭغۇ تاغ يېزىسىنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ يايلاق، كېرىيە ناھيىسىنىڭ ئالماس كان جايلاشقان رايۇندىكى چوڭ يايلاق، چەرچەن ناھيسىنىدىكى «خان ئامبال كان» ئەتراپىدىكى چوڭ يايلاق قاتارلىقلار «خان يايلاق» دەپ ئاتالغان. چىرا ناھيىسىنىڭ كان رايۇنىدىكى چوڭ يايلاققا جايلاشقان كىچىك مەھەللىدە شۇ دەۋىردىن باشلاپ ئادەم ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، «خان يۇرت» دەپ ئاتالغان. نىيە ناھيىسى يېيىق چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ 13 كلومېتىر جەنۇبىدىكى چوڭ يايلاق تەۋەسىدىكى كىچىك كەنت شۇ رايۇندىن قېزىلغان قاشتېشىنى يىغىدىغان ۋە ساقلايدىغان جاي قىلىنغاچقا، «خان دۆۋىسى» دەپ ئاتالغان. بۇ جايلار ھازىرمۇ شۇ نام بىلەن ئاتىلىۋاتىدۇ.


بۇ 52 يىل جەريانىدا، قېزىلغان قاشتېشىنىڭ مىقدارى ئىنىق ئەمەس. ئوردىغا يۆتكەلگەن قاشتېشىنىڭ مىقدارى توغرىسىدا شۇ دەۋىرلەردە يېزىلغان بىرقانچە كىتاپتا بىر قەدەر تەپسىلى سان- سېفىرلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بۇ خاتىرىلەرگە ئاساسەن، ئارخىلوگلار ۋە تارىخشۇناسلار: ”ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ھەر يىلى 4 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق قاشتېشى قېزىلغان، ئوردىغا جەمى 200 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق قاشتېشى يۆتكەلگەن“ دەپ مۆلچەرلىمەكتە. «غەربى دىيار ئېقىن خاتىرلىرى»دا خاتىرلىنىشىچە، ھەريىلى ئوردىغا ئېلپ كېلىنگەن قاشتېشى 4 مىڭ جىڭ ئەتراپىدا بولغان. يۇقارقى كىتاپ ۋە داۋ گۇاڭنىڭ 1- يىلى كۆچۈرۈلگەن خاتىرىلەردىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ جەرياندا ئوردىغا يۆتكەپ كېلىنگەن خوتەن قاشتېشىنىڭ خاتىرىگە ئېلىنغان قىسمىنىڭ سان- مىقدارى تۆۋەندىكىچە:


دەۋرى        ۋاختى        مىلادىيە        سانى (پارچە)        مىقدارى


چيەنلوڭ يىللىرى        25- يىلى        1760- يىلى        120        


        36- يىلى        1771- يىلى        12        4040 جىڭ


        37- يىلى        1772- يىلى        52        4092 جىڭ


        41- يىلى        1776- يىلى        6        20 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق


        44- يىلى        1779- يىلى        18143        


        45- يىلى        1780- يىلى        1        9 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق (ئەمەلىيەتتە 10700 جىڭدىن ئارتۇق)


        49- يىلى        1784- يىلى        800        4752 جىڭ (بۇنىڭدىن سىرت مۆھۈرلۈك 80 دانە)


        55- يىلى        1790- يىلى        72        


جياچىڭ يىللىرى        4- يىلى        1799- يىلى        3        چوڭى 10 مىڭ جىڭدىن، كىچىكى 3 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق


        11- يىلى        1806- يىلى        2132        3446 جىڭ 13 سەر


        14- يىلى        1809- يىلى        1956        4033 جىڭ 13 سەر 3 مىسقال 9 پۇڭ


        17- يىلى        1812- يىلى                2 مىڭ جىڭ


        18- يىلى        1813- يىلى        1240        2058 جىڭ 2 سەر 6 مىسقال


بۇ قاشتېشىلارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك ھەرخىل بۇيۇملار ئويدۇرۇلغان بولسىمۇ، كېيىنكى دەۋىرلەردە كىچىكرەكلىرى ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى ئوردىدىن چىقىپ كەتكەن. چوڭلىرى ۋە ئەتىۋارلىقلىرى ئوردىدا ساقلىنىپ قالغان. ساقلىنىپ قالغان بۇيۇملارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرمۇ خان سارىيى موزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.


تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، چيەنلوڭ خان دەۋرىدە يۇرۇڭقاش دەرياسىدىن نوقتىلىق ھالدا قاشتېشى قېزىش بىلەن بىرگە، قاراقاش دەرياسى، زەرەپشان دەرياسى ۋە كېرىيە دەريالىرىدىمۇ قاشتېشى ئىزلەنگەن. كان رايۇنلىرىدىن قاشتېشى قېزىشقا ناھايىتى زور كۈچ سەرىپ قىلىنغان. بۇ دەۋىرلەردە 8 ئورۇندىكى كان نوقتىلىق قېزىلغان بولۇپ، ئۇلار: تاشقورغاندىكى داتۇڭ قاشتېشى كانى، قاغىلىقتىكى مىرداي قاشتېشى كانى، گۇما ناھيىسىدىكى كەڭشىۋە قاشتېشى كانى، خوتەن ناھيسىدىكى قاراڭغۇ تاغ ئومىشا قاشتېشى كانى، چىرا ناھيىسىدىكى تاغ قاشتېشى كانى، كېرىيە ناھيىسىدىكى ئالماس قاشتېشى كانى، چەرچەن ناھيىسىدىكى تاتلىق سۇ قاشتېشى كانى ۋە تاش سېيىن قاشتېشى كانى ئىدى. بۇ كانلاردا شۇ دەۋىرلەردە قاشتېشى قېزىلغان ئۆڭكۈر- ئازگاللار ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.


چيەنلوڭ ۋە جياچىڭ يىللىرىدا ئويۇلغان زور ئويمىلارنىڭ قاشتېشى ماتىرىيالى ئاساسلىقى كان رايۇنلىرىدىن قېزىۋېلىنغان. چيەنلوڭ ۋە جياچىڭ يىللىرىدا ئويۇلغان، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن مەشھۇر قاشتېشى ئويما بۇيۇملىرىدىن باشتا سۆزلەپ ئۆتكەن بىر قىسىم قاشتېشى ئويما بۇيۇملىرىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكى زور ئويمىلار ئىنتايىن مەشھۇر:


چيەنلوڭ ۋە جياچىڭ يىللىرىدا ئويۇلغان زور ئويمىلارنىڭ قاشتېشى ماتىرىيالى ئاساسلىقى كان رايۇنلىرىدىن قېزىۋېلىنغان. چيەنلوڭ ۋە جياچىڭ يىللىرىدا ئويۇلغان، ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن مەشھۇر قاشتېشى ئويما بۇيۇملىرىدىن تۆۋەندىكى زور ئويمىلار ئىنتايىن مەشھۇر:


«كۈزدىكى تاغ سەيلىسى»،توققۇز ئەجدىھالىق كۈپ، بۇلۇت ئەجدىھا نەقىشلىق كۈپ، «ئۆمۈر تېغى»، «قىزىل سۇپىدا باھار مەنزىرىسى»، «شادىمان 9 پىشىۋا»، «دايۈنىڭ سۇ تىزگىنلىشى»،«كۈزدىكى تاغ سەيلىسى»… قاتارلىقلار.


يۇقارقى ئويمىلارنىڭ قاشتېشى ماتىرىيالى خوتەن ۋە قاغىلىق رايۇنلىرىدىن ئات- ئۇلاغ كۈچى ۋە ئادەم كۈچىگە تايىنىپ، خان ئوردىسىغا نەچچە يىلدا يەتكۈزۈلگەن. «غەربى دىيار ئېقىن خاتىرلىرى» دا خاتىرلىنىشىچە، جىياچىڭنىڭ 4- يىلى (مىلادى 1799- يىلى) يەنە مىرداي كاندىن 3 پارچە چوڭ قاشتېشى قېزىلغان بولۇپ، بىر پارچىسى كۆك، ئېغىرلقى 10 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق؛ يەنە بىرى سۇس كۆك (ئاققا ماھىل)، ئېغىرلىقى 8 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق؛ يەنە بىرى ئاق، ئېغىرلىقى 3 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق ئىكەن. بۇ ئۈچ پارچە قاشتېشىنى ئوردىغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئات- ئۇلاغ ۋە ئادەم كۈچى سەرىپ قىلىپ، مىڭ بىر جاپا- مۇشەققەتلەر بىلەن خوشۇت ناھيىسىنىڭ ئۇششاق تال يېزىسىغا كەلگەندە، جياچىڭ خاندىن قاشتېشىنى يۆتكىمەسلىك توغرىسىدا پەرمان كەلگەن (ئېھتىمال چيەنلوڭ خاننىڭ ۋاپاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك). بۇنىڭ بىلەن بۇ 3 پارچە قاشتېشى ئۇششاق تالدا تاشلىۋېتىلگەن. لىن زېشۈي شىنجاڭغا كېلىپ، داۋگۇاڭنىڭ 25- يىلى (مىلادى 1845- يىلى) يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بۇ قاشتاشلىرىنى كۆرگەن ۋە «ئۆتكەن ئىشلار خاتىرىسى» (乙已日记) دا: ”ئۇششاق تالغا كەلگەندە… بۇ يەردە 3 پارچە قاشتېشى بار. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، چيەنلوڭ دەۋرىدە خوتەندىن ئوردىغا تاپشۇرۇشقا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ، بۇ يەرگە كەلگەندە يۆتكەشكە ئامال بولمىغان. خان ئەمىر قىلىپ، يۆتكىمەسلىكنى بۇيرىغاندا، مۇشۇ يەردە قالدۇرۇپ قويۇلغان“ دەپ يازغان. گۇاڭ شۈ يىللىرىدا شى بۇخۇا جەنۇبى شىنجاڭنى ئىدارە قىلغاندا، بۇ يەردىن ئۆتۈپ، بۇ 3 پارچە قاشتېشىنى تېما قىلپ نەزمە يازغان. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شې پىن بۇ يەردىن ئۆتكەندە، پەقەت قېپ قالغان بىر پارچە كۆك قاشتېشىنىلا كۆرگەن. بۇ 3 پارچە قاشتېشىنىڭ قانداق يوقالغانلىقى ھازىرغىچە ئىنىق ئەمەس.


مىلادى 1761- يىلى باشلانغان «قاشتېشى ئالۋىنى» مىلادى 1813- يىلىغىچە 52 يىل داۋام قىلغان. جياچىڭ يىللىرىدا، بولۇپمۇ چيەنلوڭ خان ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى 14 يىلدا ھەرھالدا خېلىلا بېسىققان. بۇ جەرياندا خوتەن، قاغىلىق رايۇنلىرىدا قاشتېشى ئالۋىنىغا قارشى ھەرخىل ھەركەتلەر ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ھەممىسى ھەرخىل يوللار بىلەن بېسىقتۇرۇلغان.


چيەنلوڭ خان دەۋرىدە قېزىلغان ۋە ئوردىغا يۆتكەلگەن قاشتېشى سان- مىقدار جەھەتتىن تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان. چيەنلوڭ خان خوتەن قاشتېشىغا شۇ قەدەر ھىرىسمەن ئىدىكى، ئاش- تاماق يەيدىغان قاچىلرى، مەي- شاراپ ئىچىدىغان خۇمرا- قەدەھلىرى ۋە بېزەكلىرىگىچە خوتەن قاشتېشىدا ئويۇلغان بويۇملارنى ئىشلەتكەن. ھەمىشە باشمالتىقىغا خوتەن قاشتېشىدىن ئويۇلغان نەيچە سېلىپ يۈرگەن. نادىر قاشتېشى ئويما بۇيۇملىرىغا بېغىشلاپ نەزمە يازغان. ئۇ يەنە «قاشتېشى قېزىش» ناملىق زور ئويمىنىڭ كەينى تەرىپىگە ئۆز قەلىمى بىلەن بېغىشلىما يېزىپ ئويدۇرغان.


چيەنلوڭنىڭ 22- يىلى (مىلادى 1757- يىلى) جۇڭغار ئاق سۆڭەكلىرىدىن ئامورسانا قوزغىغان قوزغىلاڭ بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن، بىر پارچە نەزمە يېزىپ، ئوردىدا ساقلىنىۋاتقان چوڭ قاشتېشى لىگەننىڭ ئىچىگە ئويۇشقا بۇيرىغان. (بۇ لىگەن خوتەننىڭ يېشىل قاشتېشىدا ئويۇلغان بولۇپ، دىئامېتىرى 65.3 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 15 كلوگرام. ھازىر خان ئوردىسى موزىيىدا ساقلىنىۋاتىدۇ.) شېئىردا بۇ لىگەننىڭ كېلىش مەنبەسى ئىزاھلانغان. چيەنلوڭنىڭ 53- يىل (مىلادى 1788- يىلى) ئويدۇرغان ئېغىزىنىڭ دىئامېتىرى 25 سانتىمېتىر، ئىگىزلىكى 8.6 سانتىمېتىرلىق چوڭ قاشتېشى چىنىنىڭ ئەتراپىغا ئۆزىنىڭ بىر پارچە شېئىرىنى ۋە ئۆز ئىزاھاتىنى ئويدۇرغان.


چيەنلوڭنىڭ 43- يىلى (مىلادى 1778- يىلى) گاۋ پۇ خوتەن، قاغىلىق رايۇنلىرىنىڭ خان ئامباللىقىغا تەيىنلىنىپ، قاشتېشى قېزىشقا ۋە يۆتكەشكە مەسئۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ قازدۇرغان قاشتېشىلىرىنى ئوردىغا تولۇق ئۆتكۈزمەي، سۇجۇلۇق سودىگەر جاڭ لۈەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، بىر قىسىم قاشتاشلىرىنى سۇجۇغا يۆتكەپ، قاشتېشى بۇيۇملىرى ئويدۇرۇپ، ئارىدىن 120 مىڭ سەر كۆمۈچ پايدا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە چوڭ- كىچىك قاشتېشىدىن 100 پارچىدىن ئارتۇقنى جۇڭشەنگە يۇشۇرۇپ قويغان. شەنشى، گەنسۇ رايۇنلىرىغا 4 مىڭ جىڭدىن ئارتۇق قاشتېشىنى ئوغۇرلۇقچە يۆتكىگەن. بۇ ئىش خانغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، چيەنلوڭ خاننى قاتتىق غەزەپلەندۈرگەن. ئۇ بۇ دىلونى قاتتىق تەكشۈرۈپ سۈرۈشتۈرۈشنى ئەمىر قىلغان. گاۋ پۇنىڭ ھاممىسى چيەنلوڭ خاننىڭ ئەتىۋارلىق خانىشى، بوۋىسى، دادىسى، تاغىسى ھەممىسى ئوردىدىكى چوڭ ئەمەلدارلار بولسىمۇ، بېشىنىڭ چېپىلىشىدەك تەقدىردىن قېچىپ قۇتىلالمىغان. بۇ دىلوغا چېتىشلىق بولغان شەنشى، گەنسۇ، جىياڭئەن، جىياڭشىنىڭ ئىككى باش ۋالىسى ۋە شەنشى، سەنشى، سۇجۇنىڭ 3 مۇپەتتىش بىگى قاتارلىق ئەمەلدارلارمۇ جازالانغان.


بۇ دەۋىرلەردە گەرچە كان رايۇنلىرى قاتتىق قامال قىلىنىپ، قېزىلغان قاشتېشى ئومۇمى يۈزلۈك ئىدىتلىنىپ ئوردىغا يۆتكەلگەن، شەخسىلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا قاشتېشى قېزىشى، يۆتكىشى ۋە ئېلىپ- سېتىشى قاتتىق مەنئى قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن پۇقرالار ئارىسىدىكى قاشتېشى سودىسى يەنىلا داۋاملاشقان. بۇنى چيەنلوڭ خانمۇ ئېتىراپ قلىلغان.


چيەنلوڭ خان دەۋرىدىكى قاشتېشى ئالۋىنى ۋە زور مىقداردا قېزىلغان، ئوردىغا يەتكۈزۈلگەن قاشتېشى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشاۋاتقان خەلىقنىڭ زور قىزىقىشى ۋە خوتەنگە بولغان تەلپۈنۈشىنى ئاشۇرۇۋەتكەن. خەلق ئارىسىدا ”خوتەننىڭ پۈتۈن تاغلىرى قاشتېشى، دەريا- ئېقىنلاردىكى تاشلارنىڭ ھەممىسى قاشتېشى ئىكەن“ دىگەندەك رىۋايەت- ھىكايەتلەر كەڭ تارالغان. بۇ ھال ئىشلەمچىلەر ۋە بايلىق ئىزدىگۈچىلەرنى قاتتىق قىزىقتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن قاغىلىق، يەكەن، خوتەن رايۇنلىرىغا قاشتېشىغا ئېرىشىش مەقسىتىدە كەلگەن بايلىق ئىزدىگۈچىلەر ۋە ئىشلەمچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىگەن. ئاز بىرقىسمى ئازدۇر كۆپتۇر قاشتېشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى قاشتېشىغا ئېرىشەلمەي، قۇرۇق قول قايتىشقا مەجبۇر بولغان ياكى يۇرتىغا قايتالماي، بۇ رايۇنلاردا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ھەتتا بىر قىسىم ھۈنەرۋەن- كاسىپلار، پۇلدارلار بۇ رايۇنلارغا كېلىپ، نەچچە يىل ھۈنەر قىلىپ، تىجارەت قىلىپ، جازانىخورلۇق قىلىپ پۇل تاپقاندىن كېيىن، قاشتېشى سېتىۋېلىپ، يۇرتلىرىغا قايتىشقان. بولۇپمۇ «قاشتېشى ئالۋىنى» ئاخىرلىشىپ (خان قاشتېشى يۆتكىمەسلىكنى پەرمان قىلىپ)، قاشتېشى ئېلىم- سېتىم، يۆتكەش ئىشلىرى قويىۋېتىلگەندىن كېيىن، بۇرايۇنلارغا كېلىپ قاشتېشى ئىزدىگۈچىلە تېخىمۇ كۆپەيگەن. پۇلى بارلار يۇرۇڭقاش دەرياسى بۇيىغا كەپە تىكىپ، تاپقان قاشتېشىنى ئۆزىگە سېتىپ بېرىش شەرتى بىلەن كۈنلىكىگە پۇل بېرىپ، يەرلىك تاشچىلارنى ۋە دىھقانلارنى قاشتېشى تېپىشقا ياللاش نەچچە ئون يىلغىچە داۋاملاشقان. يۇرۇڭقاش دەرياسى بۇيىدىكى خوتەن – بۇيا تاشيولىنىڭ 30- كلومېتىرلىق لىنيىسىدە، دەريا بويىدىكى بىر قۇرام تاشقا «ئۇلۇغ چىڭ داۋگۇاڭنىڭ 21- 22- يىلىرى شەنشىنىڭ شىنجۇ ئايمىقى شۇاڭباۋ كەنتىدىن ۋاڭ يۈدې بۇ يەردە مۇشەققەت تارتتى» دىگەن خەنزۇچە خەت يېزىلغان. بۇ خەتنىڭ يىل نامىسى مىلادى 1842-، 1843- يىللىرىغا توغرا كېلىدۇ. خەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا، بايلىق ئىزدەپ ياكى خوتەن قاشتېشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلگەن بىر خەنزۇ قانداقتۇر مۈشكىلاتلارغا ۋە قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغانلىقى مەلۇم.


ئومۇمەن قىلغاندا، چىيەنلوڭ خان دەۋرىدىكى خوتەن قاشتېشى قىزغىنلىقى تارىختىكى 3- قېتىملىق قاشتېشى قىزغىنلىقى بولۇپ، بۇ دەۋىردە خوتەن قاشتېشىدىن ئىنتايىن ئېسىل، نادىر، تەڭداشسىز سەنئەت بۇيۇملىرى مەيدانغا كېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىنى بېيىتىشتا ئىنتايىن موھىم ئورۇن تۇتقان.



(ئاپتورنىڭ ئادرىسى: شىنجاڭ كېرىيە ناھىيەلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسى)

مەنبە:ئۇيغۇر قاشتېشى تورى  WWW.UYHQT.COM

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 13:35:40

بەزىدە ئويلاپ قالىمەن : مۇشۇ قاشتىشى خوتەندىن چىقماي ئىچكىردىن چىققان بولسىچۇ، دەپ.....
ئۇ چاغدا چىيەنلۇڭ غوجامنىڭ ئۇنچە كۆپ جاپا چىكىشىنىڭ ئورنى يوقتى:P

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 13:46:46

مۇشۇنداق «ئەزىز» شاھلارنىڭ نەزىرى چۈشكەچكە شۇڭا ھازىر قاشتېشى بىباھا بولۇپ كەتكەن جۇما (قېنى ماۋۇ قۇسقان چىراي)

Estami يوللانغان ۋاقتى 2014-2-5 02:51:14


دېمەك قاشتېشىنڭ نوچىسنى پايتەخىتىن تاپقىلى بولىدۇ دېگەن گەپ .
بەت: [1]
: چيەنلوڭ خان ۋە خوتەن قاشتېشى