waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 22:33:21

مەۋلان تۇرسۇن ئەل ئىچى مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 22:58  

2014-يىلى1-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچ، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئانا يۇرت بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۇلگەن  «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى »  نىڭ  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى  خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا  ئىلىپ بىرىلدى.  بۇ قىتىمقى  «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » گە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى،  داڭلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى مەۋلان تۇرسۇن، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ سابىق ئەزاسى خەن لېي، شىنجاڭ ئۇنۋىرستىتى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئالدى مەيدان ھۇجۇمچىسى تىيىپجان، شىنجاڭ ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سەيپىدىن ۋە كۆزگە كۈرۈنگەن يەرلىك ۋاسكىتبولچىلار بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشتى.
خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ  مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى  داڭلىق ئۇيغۇر ۋاسكىتبولچى مەۋلان تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى خوتەن كائىنات ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى بىلەن قاغىلىق ناھىيىسىدىكى يەرلىك ۋاسكىتبولچىلاردىن تەشكىللەنگەن  قاغىلىق فايسال ئۆي-مۈلۈك شىركىتى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلىپ، خوتەن كائىنات ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى 90-68 نەتىجە بىلەن قاغىلىق فايسال ئۆي-مۈلۈك شىركىتى  كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چىمپىيۇنلۇققا ئىرىشتى. ئۈچۇنچىلىكنى تالىشىش مۇسابىقىسى  خوتەندىكى يەرلىك ۋاسكىتبولچىلاردىن تەشكىللەنگەن خوتەن بۈدىنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى بىلەن  خوتەن دىلپاك دىلپاك ئىچىملىك شىركىتى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا ئىلىپ بىرىلىپ،  خوتەن بۈدىنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى  72-87 نەتىجە بىلەن خوتەن دىلپاك دىلپاك ئىچىملىك شىركىتى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
  2014-يىلى1-ئاينىڭ 25-كۈندىن 1-ئاينىڭ 28-كۈنگىچە ئىلىپ بىرىلغان «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » قىزغىن كەيپىيات ۋە ھاياجان ئىچىدە ئاخىرلاشتى.  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىدە  خوتەن كائىنات ئائىلە ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى چىمپىيۇنلۇققا، قاغىلىق فايسال ئۆي-مۈلۈك شىركىتى كوماندىسى ئىككىنچىلىككە،  خوتەن بۈدىنە ئالاھىدە قۇش تائاملىرى كوماندىسى ئۈچۇنچىلىككە ئىرىشتى. نەتىجىگە ئىرىشكەن كوماندىلار ئايرىم-ئايرىم 30 مىڭ يۇەن، 20 مىڭ يۇەن، 10 مىڭ يۇەن بىلەن مۇكاپاتلاندى.
مۇسابىقە داۋامىدا شىنجاڭ گۇاڭخۇي كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن شىرئەلىجان، خادىرسىن، سىڭگىردۇن قاتارلىق داڭلىق ۋاسكىتبولچىلار ئىمزا قويغان ئىككى دانە خاتىرە ۋاسكىتبولنى تالاشتۇرۇپ سىتىش پائالىيىتى ئىلىپ بىرىلىپ، ئايرىم-ئايرىم 2500 يۇەن ۋە 3000يۇەنگە سىتىلدى. مۇسابىقە ئارلىقىدا يەنە شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كۇلۇبىنىڭ خوتەندە تۇرۇشلۇق زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەش بازىسىدىكى ئۆسمۈرلەر ئۆزلىرىنىڭ دوكلات ماھارىتىنى كۆرسەتتى.
  مۇسابىقە داۋامىدا ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان ماھىرلار  خوتەندىكى ئۇيغۇر مىللى كارخانىلار خۇجايىنلىرى تەرىپىدىن نەخ پۇل بىلەن نەخ مەيداندا مۇكاپاتلاندى.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 12:54:47

خوتەن كارخانچىلىرىنىڭ بۇ روھىدىن ئۈگىنىشكە ئەرزىيدۇ،بۇندىن كىيىن بۇنداق مۇسابىقلارنىڭ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈپ،تېخىمۇ كۆپ مەۋلانلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!!!!
بەت: [1]
: مەۋلان تۇرسۇن ئەل ئىچى مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنى بولدى