ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 18:41:16

سۆزنىڭ ئورامى

تاققا - تۇققۇ خىياللىرىمنى ئورتاقلىشاي دەپ بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. ئەمەلىيەتتە ئانچىۋالا مۇھىممۇ ئەمەس.

مەن ھازىر ئىشلەۋەتقان شىركەتنىڭ خىزمەتچىلىرى كۆپ مىللەتلىك، خەن، خۇي، ئۇيغۇر، قازاق دىگەندەك.
نەچچە يىل جەريانىدا خەن ۋە خۇيلار بىلەن پەقەتلا گەپ تالىشىپ، قىزىرىشىپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بەرمەپتۇ. لىكىن ئۇيغۇر، قازاق بۇرادەرلەر بىلەن قىزىرىشىپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ قالىدۇ.
خەنلەرنىڭ ئىچىدە ئورنى مەندىن يۇقۇرىلارمۇ بار، تۆۋەنلەرمۇ بار. ھەممىسىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىكەنمەن.
شىركەتتىكى كۆپ ساندىكى كىشىلەر بىلەن ئەپ ئۆتمەيدىغان بىر خەن تېخنىك بار، لىكىن مەن بىلەن مۇناسىۋېتى يامان ئەمەس.
ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتتىكى بۇ مەسىلە دىققىتىمنى تارتتى. نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ دەپ ئويلىنىپ باقسام، ئەڭ مۇھىم سەۋەپلەرنىڭ بىرى سۆز ئورامى ئىكەن.
مەسىلەن ئالايلى، بىرى مېنى «ئۇ بەك ياخشىغۇ» دىگەن بولسا، سۆز قىلغاندىكى ئاھاڭ تۈپەيلى بۇ سۆز ئۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى دىگەن مەنىنى ۋە ياكى بولمىسا ناچار گۇيتى ئۇ دەپ تەنە قىلغان مەنىنى بىلدۈرىشى مۇمكىن.
ئۆزەمنىڭ شىركەتتىكى ئەھۋاللىرىمدىن يەكۈنلەپ چىقسام، ئۆز ئانا تىلىدا پاراڭلاشقاندا بىلگىلى بولىدىغان گەپ سۆز ئورامىنى يات تىلدا پاراڭلاشقاندا تازا ياخشى بىلمەسلىك تۈپەيلى تالاش-تارتىش، قىزىرىشىپ قىلىش ئاز كۆرۈلىدىكەن.
يات مىللەتلەر بىلەن پاراڭلاشقان چاغدىمۇ ئوخشاشلا سۆز ئورامىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىش كۆرۈلسە كېرەك، خەن شوپۇرىمىزغا ئوخشاش بىر گەپنى قىلسام ئاچچىغى كەلمەيدۇ، ئەمما شۇ گەپنى باشقا بىر خەن دىسە ئاچچىغى كەپ كېتىدۇ.:lol
بەلكىم چەتئەللەردە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزمۇ مۇشۇ مەسىلىنى ھېس قىلغان بولىشى مۇمكىن.

قارىسام خېلى كۈنلەر بولدى، تولا مۇنازىرە قىلىپ ھېرىپ كېتىپ بارىسىلەر، تاققا-تۇققۇ گەپلەر بىلەن دىققىتىڭلارنى چېچىپ قوياي دەپ بۇ تېمىنى
يوللاپ قويدۇم ئالاھىدە مەخسەت يوق.

osmanturpan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 22:30:42

شۇنداقدەك قىلامدۇ نېمە؟ مەنمۇ يولۇققاندەك يادىمدا، ياتلارغا تەنە گەپنى ئۇقتۇرماق تەس.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 23:35:21

ماڭا ئامال يوق ياتلار بىلەن ئاسانلا سوقۇشۇپ قالىمەن، توردا ئۇنى بۇنى دەپ قويغىنىم بىلەن، ئۇيغۇر بىلەن گەپ تالىشىپ قىزىرىشىپ قېلىشتىن نۇمۇس قىلىمەن. ئامال بار يول قويۇپ بولدى قىلىمەن.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 23:58:50

مەنمۇ كۆپ يىل خەنزۇلار بىلەن خىزمەت قىلدىم،،خەنزۇتىلىنى ياخشىراق بىلگەن بولسام خەنزۇلارنىمۇ چۈشەنسەم،ئۇلاردىن دوست تۇتسام دەپ ئويلايتتىم...

لىكىن مەن خەنزۇلارنىڭ ئالدىدا بەك مەغرۇر ئىدىم،خەنزۇلارنى ماختاپ ئالدىدا ياخشىچاقمۇ بولمايتتىم...لىكىن ئۇرۇشۇپ باقماپتىمەن،ئاساسەن ئىناق ئۆتۈپ كەلدىم...

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 00:43:18

مېنىڭچە بۇ سۆز ئۇرامى ئەمەس... بەلكى ئاڭلىغۇچىنىڭ پوزېتسىيەسى. يات تىللىقلار ئاڭلىغۇچىنىڭ تىلىدا سۆزلىگەندە، ئاڭلىغۇچىدا ئۇنىڭغا بولغان تەبئىي ھۆرمەت شەكىللىنىدۇ. شۇڭا بەزى سۆزلەر قوپال ئېيتىلىپ قالسىمۇ، قارشى تەرەپنى ئۆگەنگۈچى دەپ ئويلاپ، قوپال تەرىپىنى نەزەرگە ئالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، تىللىرى ئوخشاش بولمىغان ئىككى مىللەت كىشىسى پاراڭلاشقاندا، مەقسەتنى چۈشىنىش ئاساس بولۇپ، سۆز-جۈملىنىڭ پاساھىتى نەزەرگە ئېلىنمايدۇ.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 08:04:19

سۆز ئورامى ئەمەس سۆزلەرنىڭ تۈس مەنىسى دەيمىز. بۇ ئېستىلىسىتكىدا تەلەپپۇز(ئاھاڭ) ئۆزگىرىشى تۈپەيلى مەنە ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ھادىسىدۇر.ئادەتتە ئاھاڭداش سۆزلەردىن پەرقلىنىدۇ.يېزىقتا ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ،پەقەت ئاھاڭدىلا مۇئەييەن تۈسكە ئىگە بولىدۇ.بۇ چوقۇم دىققەت قىلىدىغان ئىشلار.
بەت: [1]
: سۆزنىڭ ئورامى