waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 18:30:16

دىللارە دىلشات دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى

   
   سىنا تەنتەربىيە تورىنىڭ 27-يانۋار بەرگەن خەۋىرى؛ جۇڭگۇ ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى دۆلەت 17 ياشلىقلار قىزلار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ يىغىپ مەشىقلەندۇرىدىغان ئەزالار چوڭ تىزىملىگىنى رەسمىي ئىلان قىلدى.   ئۇيغۇر ئوتتۇرا ھۇجۇمچى دىلارە دىلشات بۇ قىتىم ئاساسلىق باشلامچى ئەزاسى سۈپىتىدە   دۆلەت 17 ياشلىقلار قىزلار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللاندى.  بۇ تىزىملىككە كىرگەن كۆپ سانلىق تەنھەركەتچىلەر 2013-يىلدىكى 16 ياشلىقلار قىزلار دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن تەركىپ تاپقان.
   16 ياشلىقلار قىزلار دۆلەت كوماندىسى 2013-يىلى سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە ئىلىپ بىرىلغان 3-نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار قىزلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە چىممپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈرۇپ،   2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار  دۇنيا قىزلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشكەن. ئۇيغۇر ئوتتۇرا ھۇجۇمچى دىلارە دىلشات ئوتتۇرچە 13.4 نۇمۇر، 6.3 قىتىم گاردىن قايتقان توپقا ئىرىشىپ، « ئاسىيا ۋاسكىتبول تورى » تەرىپىدىن ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى ۋە  ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ باھالىنىش شەرىپىگە ئىرىشكەن.
   ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات  1997-يىلى 1-ئاينىڭ7-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئىگىزلىكى 1.92 مىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 85 كىلوگىرام،  ئوتتۇرا ھۇجۇمچى، 2013-يىلى دىكابىردىن باشلاپ جۇڭگو ئاياللار ۋاسكېتبول بىرلەشمسىنىڭ شەنشى كوماندىسىدا توپ ئويناۋاتىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 21:00:14



   waskitbolئىچكىرىنىڭ قايسى بىر يىرىدە يەنە بىر 17ياقا كىرگەن ئادىلجان قۇربان ئىسىملىك بىر بالا
بارئىدى،ئاڭلىسام مۇشۇ ئارسلان بىلەن بىرگە مەشىق قىپتىكەن،ئۇ بالا ھازىر نەدە؟بۇلار قاچان ئا دەرىجىلىك
كوماندىلارغا كېرەلە؟
ھازىر سىز بىلىدىغان مەيلى ئۈرۈمچى،ئىچكىرى جايلار بولسۇن مەشىق قىلىۋاتقان ،توپ ئويناۋاتقان ئۇيغۇرلار
كىملەر بار؟
تور بىكىتىڭلار NBAكوماندا ناملىرى ،بۇرۇنقى چىمپىيونلۇق تارىخى ،.....قاتارلىقلار بارمۇ؟بولسا ئادىرىسىنى
قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟

TILSIMAT يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 12:57:34

شەنشىدىكى مايا موردىن ياخشى ئۈگۈنۈپ كەلگۈسىدە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن!!
بەت: [1]
: دىللارە دىلشات دۆلەت كوماندىسىغا تاللاندى