bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 09:02:36

NASA: ئاسىيادىكى ھاۋا بۇلغىنىشى پۈتۈن يەر شارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئاسىيادىكى ھاۋا بۇلغىنىشى پۈتۈن يەر شارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 28-يانۋار

ناسا مەركىزى JPL نىڭ تور بېتىدە بۈگۈن ئېلان قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئا ۋە م ئۇنىۋېرسىتېتى (Texas A & M University) بىلەن JPL نىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىللە ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقات تۈرى نەتىجىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە ، ئاسىيا ھاۋاسىدىكى بۇلغۇنۇش پۈتۈن يەر شارىنىڭ كىلىماتىغا  تەسىر كۆرسىتىدىكەن.  بۇ يەكۈن 2014-يىلى 21-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ ئىككى ئورۇن 30 يىلنىڭ مابەينىدە يىغىلغان، ئىس-تۈتەك ۋە ھاۋا-رايىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى تەپسېلىي ئانالىز قىلغان.  ھەمدە ئاسىيا ھاۋاسىدىكى ئاساسلىقى جۇڭگو پەيدا قىلغان ھاۋا بۇلغىنىشىنىڭ پۈتۈن يەر شارىنىڭ ھاۋا ئالمىشىشىغا تەسىر كۆرستىۋاتقانلىقىنى بايقىغان.  بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئالدىنقى 30 يىل ئىچىدە ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ناھايىتى زور ساندىكى سانائەت قۇرۇلمىلىرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن.  بۇ سانائەت قۇرۇلمىلىرى بولسا ناھايىتى زور مىقتاردىكى ھاۋانى بۇلغايدىغان ماددىلارنى ئاتموسفراغا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇلۇت شەكىللەندۈرۈش ۋە يامغۇر يېغىش  جەريانى، بوران-چاپقۇننىڭ كۈچلۈكلىكى ۋە باشقا ئامىللارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئەڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ ھاۋا كىلىماتىغا تەسىر كۆرستىدىكەن. شۇڭلاشقا ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھاۋا كىلىماتى شەكلىدىكى ئۆزگىرىش شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىمۇ نامايان بولىدىكەن.

بۇ مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، بۇ ئىس-تۈتەكلەرنىڭ پۈتۈن يەر شارىغا قانداق تارقىلىدىغانلىقى ۋە دۇنيانىڭ ھاۋا كىلىماتىغا قانداق تەسىر كۆرستىدىغانلىقى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىش زۆرۈر ئىكەن.

= ========================================================= =
ستىۋىن ھاۋكىڭنىڭ يېقىنقى «قاراڭغۇ-ئۆنكۈر» ھەققىدىكى ماقالىسى توغرىسىدا

ماڭا بىر قانچە تورداشلار خەت يېزىپ، يۇقىرىدىكى ئىشنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى.  شۇڭا بۇ يەردە مەن بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قوياي.

دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى ستىۋىن ھاۋكىڭ (Steven Hawking) 22-يانۋار كۈنى توردا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ ، قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسى ھەققىدە بىر يېڭى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.  بۇ قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسى ھەققىدە ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 3-پەرەز بولۇپ، «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ بىر مۇخبىرى 24-يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە بىر خەۋەر يېزىپ، ئۇنى «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان.  شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان.  ئەمما، ھاۋكىڭنىڭ ماقالىسى پەقەت تورغا قويۇلغان ماقالە بولۇپ، ئۇ تېخى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن.  ئېھتىمال شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئىشنى ئامېرىكىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپ، بىرەر ئىلمىي تەتقىقات ئورنى، ياكى بىرەر ئىلمىي جەمئىيەتلەر تېخىچە خەۋەر قىلمىدى.  

قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسى ھەققىدىكى 3 پەرەزنىڭ بىرىنچىسىنى 1915-يىلى گېرمانىيىلىك ئالىم Karl Schwarzschild ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ چېگرا «ھادىسە دائىرىسى» (event horizon) دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق: «ھادىسە دائىرىسى» ئىچىگە كىرگەن ھەر قانداق نەرسە ئۇنىڭ ئىچىدىن قېچىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ.  نۇرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن، كالىفورنىيە شىتاتى سانتا باربارا شەھىرىگە جايلاشقان كاۋلى ئىنستىتۇتى (Kavli Institute) دىكى Polchinski باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئالىملار «توسما تام» (firewall) دەپ ئاتىلىدىغان 2-پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.  بۇ پەرەزدە ئالىملار مۇنداق بىر تەجرىبىنى قىياس قىلغان: ئەگەر بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى قارا-ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە ئوقماي كىرىپ قالسا، ئۇنىڭغا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟  ئەگەر «ھادىسە دائىرىسى» پەرىزى بويىچە بولغاندا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قانداق خېيىم-خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەي، «ھادىسە دائىرىسى» دىن بىمالال ئۆتۈپ كېتىدۇ.  ئەمما ئۇ قارا-ئۆڭكۈرنىڭ مەركىزىدىكى «غەيرى-نۇقتا» غا قاراپ تارتىلىپ، لەغمەن چۆپىدەك سۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەيرى-نۇقتىغا ئۇرۇلۇپ يەنچىلىپ كېتىدۇ.  

ئەمما، پولچىنسكىنىڭ گۇرۇپىسىدىكىلەر ئىنچىكىلەپ ئانالىز قىلىش جەريانىدا، كۋانت نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، «ھادىسە دائىرىسى» چوقۇم بىر يۇقىرى-ئېنېرگىيىلىك رايونغا، ياكى بىر «توسما تام» (firewall) غا ئايلىنىپ، ھېلىقى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.  لېكىن بۇ چۈشەنچە بۇ ئەينىشتېيىننىڭ ئومۇمىي نىسبىيلىق نەزەرىيىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن ھاۋكىڭ بۇ قېتىمقى 3-پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ پەرەز كۋانت مېخاينىكىسى بىلەن ئومۇمىي نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە زىت كەلمەيدىكەن.   بۇ پەرەزدە قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسىغا «مۈجىمەل دائىرە» (apparent horizon) دېگەن نام بېرىلگەن بولۇپ، ئەگەر نۇر قارا-ئۆڭكۈردىن قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدىكەن، مۇشۇ «مۈجىمەل دائىرە» ئىچىگە سولۇنۇپ قالىدىكەن.  ھاۋكىڭ 2013-يىلى 8-ئايدا كاۋلى ئىنستىتۇتىدا سكائىپې (Skype) ئارقىلىق بۇ ھەقتە بىر ئىلمىي دوكلاد بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم توردا ئېلان قىلغان ماقالىسى ئاشۇ دوكلاتقا ئاساسەن يېزىلغان ئىكەن.  

بىر قانچە ئالىملارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ 3-پەرەزمۇ ئالدىنقى 2 پەرەزلەر چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ھادىسىلەرنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىشتە خېلى چوڭ توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.  ھاۋكىڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ پەرىزىنى بىر ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە ئوخشاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ پەرەز قىلغان ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئەھتىماللىقى بار ئىكەن، ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇ  ئىشنى مەلۇم توغرۇلۇق سەۋىيىسىدە ۋۇجۇتقا چىقىرىش ناھايىتى قىيىن ئىكەن.

ئەگەر كېيىنچە مۇشۇ «مۈجىمەل دائىرە» دېگەن پەرەز قوبۇل قىلىنىپ قالسا، قارا-ئۆڭكۈرنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىكەن.  يەنى، «مۈجىمەل دائىرە» پەرىزى بويىچە بولغاندا، مەزكۇر دائىرە ئىچىگە كىرىپ قالغان نۇرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن چەكسىز يىراقلىققا قېچىپ چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، ئاشۇنداق بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا «قارا-ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس» بولۇپ قالىدىكەن.

دېمەك، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى پەقەت بىر پەرەز بولۇپ، ئۇ خەلقئارالىق ئاكادېمىيە ساھەسىدە تېخى رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ بولالمىدى.  بۇ پەرەز قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇ پەقەت قارا-ئۆڭكۈر چېگرىسىدا قانداق ھادىسىلەر يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىگە بىر ئاز ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەر بىر گالاكسىنىڭ مەركىزىدە بىردىن «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭلۇقتىكى قارا-ئۆڭكۈر» نىڭ بارلىقى، ھەمدە گالاكسىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭدىن كىچىكرەك قارا-ئۆڭكۈرلەردىنمۇ بىر قانچىسى بارلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي بايقاشنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.  ناسا ھازىرغىچە كۆپ ساندىكى قارا-ئۆڭكۈرلەرنى رەسىمگە ئېلىپ بولدى.

قوشۇمچە: ستىۋىن ھاۋكىڭ قارا-ئۆڭكۈر ۋە چوڭ پارتىلاش نەزەرىيىلىرىگە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئەينىشتېيىندىن كېيىنكى ئەڭ مەھشۇر فىزىكا ئالىمى، دەپ قارىلىدۇ.  ئەمما، ئەينىشتېيىندىن كېيىن نەچچىلىگەن فىزىكا ئالىملىرى قارا-ئۆڭكۈر ۋە چوڭ-پارتىلاش ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشىپ بولدى. ئەمما ھاۋكىڭ تېخىچە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى.  ھاۋكىڭ بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology, Caltech) نىڭ بىر مېھمان تەتقىقاتچىسى بولۇپ ، ئۇ ھەر يىلى بىر ئايدەك ۋاقىتنى مۇشۇ يەردە تەتقىقات بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

«Air pollution in Asia said having global effect on weather, climate»
http://www.upi.com/Science_News/2014/01/21/Air-pollution-in-Asia-said-having-global-effect-on-weather-climate/UPI-63421390337941/#ixzz2r9JSmBgo

Stephen Hawking: «There are no black holes»
http://www.nature.com/news/stephen-hawking-there-are-no-black-holes-1.14583

Stephen Hawking Public Lecture
http://www.caltech.edu/content/stephen-hawking-public-lecture

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:45:13

بۇرۇن ياۋرۇپا ،ئامېركىمۇ سانائەتلىشىش جەريانىدا ھاۋانى بۇلغىغانىدى ،ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى دەۋېرەمىز ھەقىچان ؟؟؟{:87:}

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:55:51

رايۇنىمىزدىكى بۇلغىنىش تېخىمۇ ئېغىرلىشىۋاتقاندەك تۇرىدۇ.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 11:02:06

مىنىڭ ئىشىم بىلەن سېنىڭ نېمە كارىڭ ، ئۇلۇغ مىلىتىمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرغا ئارلاشما دەۋېرمىز {:92:}

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 12:51:14

ئىنسانىيەت تارىخى تىمپىراتۇرانى خاتىرلەپ ماڭغاندىن بۇيان 10 قىتىم قاتتىق يۇقىرى تىمپىراتۇرا كۆرۈلگەن مۇشۇ 10 قىتىملىقنىڭ 5 ئى   يىقىنقى 15 يىلنىڭ ئىچىدە كۆرۈلگەن، 2013 -يىلىمۇ ئەڭ يۇقىرى ھاۋارايى ئىسسىق بولۇش مەزگىلى ، 2014-يىلىمۇ قاتتىق ئىسسىق بولۇپ رىكورىت يىڭلىنىدۇ دەيدۇ..   ھازىر گوتەندە 1-ئاي تۇرۇپ قاتتىق ئىىسسىق بولىۋاتىدۇ، 7- ، 8- ئايلاردا نىمە كارامەتلەرنى كۆرەرمىزكىن تاڭ:funk:

balahor يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 14:03:56

چاغاندا ئىش با تېخى.......

mart22 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 14:05:42

ستىۋىن ھاۋكىڭ ... ھاۋكىڭ ...{:90:}

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 15:59:55

يۇقىرىدىكى تېمىدىكى «خاۋكىڭ»  دېگەن سۆزنى «ھاۋكىڭ» دەپ يېزىپ قويۇپتىكەنمەن. ھازىر تەھرىرلەپ قوياي، دېسەم، مەن ئۇنداق قىلالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. شۇڭا بۇ يەرگە توغرىسىنى قايتا چاپلاپ قويدۇم:


ستىۋىن خاۋكىڭنىڭ يېقىنقى «قاراڭغۇ-ئۆنكۈر» ھەققىدىكى ماقالىسى توغرىسىدا

ماڭا بىر قانچە تورداشلار خەت يېزىپ، يۇقىرىدىكى ئىشنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى سورىدى.  شۇڭا بۇ يەردە مەن بۇ ھەقتە ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قوياي.

دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى ستىۋىن خاۋكىڭ (Steven Hawking) 22-يانۋار كۈنى توردا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ ، قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسى ھەققىدە بىر يېڭى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.  بۇ قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسى ھەققىدە ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان 3-پەرەز بولۇپ، «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ بىر مۇخبىرى 24-يانۋار كۈنى بۇ ھەقتە بىر خەۋەر يېزىپ، ئۇنى «تەبىئەت» ژورنىلىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان.  شۇنىڭ بىلەن بىر قانچە ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇ ئىشنى خەۋەر قىلغان.  ئەمما، خاۋكىڭنىڭ ماقالىسى پەقەت تورغا قويۇلغان ماقالە بولۇپ، ئۇ تېخى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتمىگەن.  ئېھتىمال شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ ئىشنى ئامېرىكىدىكى بىرەر ئالىي مەكتەپ، بىرەر ئىلمىي تەتقىقات ئورنى، ياكى بىرەر ئىلمىي جەمئىيەتلەر تېخىچە خەۋەر قىلمىدى.

قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسى ھەققىدىكى 3 پەرەزنىڭ بىرىنچىسىنى 1915-يىلى گېرمانىيىلىك ئالىم Karl Schwarzschild ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ چېگرا «ھادىسە دائىرىسى» (event horizon) دەپ ئاتىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى مۇنداق: «ھادىسە دائىرىسى» ئىچىگە كىرگەن ھەر قانداق نەرسە ئۇنىڭ ئىچىدىن قېچىپ چىقىپ كېتەلمەيدۇ.  نۇرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن، كالىفورنىيە شىتاتى سانتا باربارا شەھىرىگە جايلاشقان كاۋلى ئىنستىتۇتى (Kavli Institute) دىكى Polchinski باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئالىملار «توسما تام» (firewall) دەپ ئاتىلىدىغان 2-پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.  بۇ پەرەزدە ئالىملار مۇنداق بىر تەجرىبىنى قىياس قىلغان: ئەگەر بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى قارا-ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىگە ئوقماي كىرىپ قالسا، ئۇنىڭغا نېمە ئىش يۈز بېرىدۇ؟  ئەگەر «ھادىسە دائىرىسى» پەرىزى بويىچە بولغاندا، ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قانداق خېيىم-خەتەر ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەي، «ھادىسە دائىرىسى» دىن بىمالال ئۆتۈپ كېتىدۇ.  ئەمما ئۇ قارا-ئۆڭكۈرنىڭ مەركىزىدىكى «غەيرى-نۇقتا» غا قاراپ تارتىلىپ، لەغمەن چۆپىدەك سۇزۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا غەيرى-نۇقتىغا ئۇرۇلۇپ يەنچىلىپ كېتىدۇ.  

ئەمما، Polchnski نىڭ گۇرۇپىسىدىكىلەر ئىنچىكىلەپ ئانالىز قىلىش جەريانىدا، كۋانت نەزەرىيىسىگە ئاساسلانغاندا، «ھادىسە دائىرىسى» چوقۇم بىر يۇقىرى-ئېنېرگىيىلىك رايونغا، ياكى بىر «توسما تام» (firewall) غا ئايلىنىپ، ھېلىقى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى بايقىغان.  لېكىن بۇ چۈشەنچە بۇ ئەينىشتېيىننىڭ ئومۇمىي نىسبىيلىق نەزەرىيىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن خاۋكىڭ بۇ قېتىمقى 3-پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ پەرەز كۋانت مېخاينىكىسى بىلەن ئومۇمىي نىسبىيلىك نەزەرىيىسىگە زىت كەلمەيدىكەن.   بۇ پەرەزدە قارا-ئۆڭكۈرنىڭ چېگرىسىغا «مۈجىمەل دائىرە» (apparent horizon) دېگەن نام بېرىلگەن بولۇپ، ئەگەر نۇر قارا-ئۆڭكۈردىن قېچىپ چىقىپ كەتمەكچى بولىدىكەن، مۇشۇ «مۈجىمەل دائىرە» ئىچىگە سولۇنۇپ قالىدىكەن.  خاۋكىڭ 2013-يىلى 8-ئايدا كاۋلى ئىنستىتۇتىدا سكائىپې (Skype) ئارقىلىق بۇ ھەقتە بىر ئىلمىي دوكلاد بەرگەن بولۇپ، بۇ قېتىم توردا ئېلان قىلغان ماقالىسى ئاشۇ دوكلاتقا ئاساسەن يېزىلغان ئىكەن.  

بىر قانچە ئالىملارنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ 3-پەرەزمۇ ئالدىنقى 2 پەرەزلەر چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ھادىسىلەرنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىشتە خېلى چوڭ توسقۇنلۇقلارغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.  خاۋكىڭ بۇ قېتىمقى ماقالىسىدا ئۆزىنىڭ پەرىزىنى بىر ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىشكە ئوخشاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ پەرەز قىلغان ئىشنىڭ يۈز بېرىش ئەھتىماللىقى بار ئىكەن، ئەمما، ئەمەلىيەتتە ئۇ  ئىشنى مەلۇم توغرۇلۇق سەۋىيىسىدە ۋۇجۇتقا چىقىرىش ناھايىتى قىيىن ئىكەن.

ئەگەر كېيىنچە مۇشۇ «مۈجىمەل دائىرە» دېگەن پەرەز قوبۇل قىلىنىپ قالسا، قارا-ئۆڭكۈرنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىكەن.  يەنى، «مۈجىمەل دائىرە» پەرىزى بويىچە بولغاندا، مەزكۇر دائىرە ئىچىگە كىرىپ قالغان نۇرنىڭ كۈنلەرنىڭ بىرىدە قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن چەكسىز يىراقلىققا قېچىپ چىقىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار بولۇپ، ئاشۇنداق بىر مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا «قارا-ئۆڭكۈر مەۋجۇت ئەمەس» بولۇپ قالىدىكەن.

دېمەك، بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغىنى پەقەت بىر پەرەز بولۇپ، ئۇ خەلقئارالىق ئاكادېمىيە ساھەسىدە تېخى رەسمىي قوبۇل قىلىنىپ بولالمىدى.  بۇ پەرەز قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇ پەقەت قارا-ئۆڭكۈر چېگرىسىدا قانداق ھادىسىلەر يۈز بېرىدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىگە بىر ئاز ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ھەر بىر گالاكسىنىڭ مەركىزىدە بىردىن «دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭلۇقتىكى قارا-ئۆڭكۈر» نىڭ بارلىقى، ھەمدە گالاكسىنىڭ بىر قىسمىدا ئۇنىڭدىن كىچىكرەك قارا-ئۆڭكۈرلەردىنمۇ بىر قانچىسى بارلىقىدىن ئىبارەت ئىلمىي بايقاشنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.  ناسا ھازىرغىچە كۆپ ساندىكى قارا-ئۆڭكۈرلەرنى رەسىمگە ئېلىپ بولدى.

قوشۇمچە: ستىۋىن خاۋكىڭ قارا-ئۆڭكۈر ۋە چوڭ پارتىلاش نەزەرىيىلىرىگە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن ئەينىشتېيىندىن كېيىنكى ئەڭ مەھشۇر فىزىكا ئالىمى، دەپ قارىلىدۇ.  ئەمما، ئەينىشتېيىندىن كېيىن نەچچىلىگەن فىزىكا ئالىملىرى قارا-ئۆڭكۈر ۋە چوڭ-پارتىلاش ساھەسىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن نوبېل مۇكاپىتىغا ئېرىشىپ بولدى. ئەمما خاۋكىڭ تېخىچە بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى.  خاۋكىڭ بىزنىڭ باش ئىدارىمىز بولغان كالىفورنىيە تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتى (California Institute of Technology, Caltech) نىڭ بىر مېھمان تەتقىقاتچىسى بولۇپ ، ئۇ ھەر يىلى بىر ئايدەك ۋاقىتنى مۇشۇ يەردە تەتقىقات بىلەن ئۆتكۈزىدۇ.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

«Air pollution in Asia said having global effect on weather, climate»
http://www.upi.com/Science_News/2014/01/21/Air-pollution-in-Asia-said-having-global-effect-on-weather-climate/UPI-63421390337941/#ixzz2r9JSmBgo

Stephen Hawking: «There are no black holes»
http://www.nature.com/news/stephen-Xawking-there-are-no-black-holes-1.14583

Stephen Hawking Public Lecture
http://www.caltech.edu/content/stephen-Xawking-public-lecture

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 16:10:19

مۇھىت بۇلغايدىغان زاۋۇتلار ھازىر شىجاڭدا،

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 17:25:50

بۇلتۇر قىش بىر ئايدەك كۈن چىقمىدى

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 18:18:21

كۆردىغان كۈنىمىز بار ئوخشايدۇ ..........

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 21:05:42

Bayawan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 16:10 static/image/common/back.gif
مۇھىت بۇلغايدىغان زاۋۇتلار ھازىر شىجاڭدا،

شۇڭا بۇ يىل يۇرتىمىزدا قىشتا ئىسسىق بوپتۇ دە ؟

SABA7911 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 23:02:45

بۇ   ئىشقا قارىتا دىپلۇماتىيە مېنىستىرلىكىمىزنىڭ باياناتچىسى قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى، ۋە تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىدۇ، ھەقىچان.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 10:51:45

www.meripet.com
ئېچىلمايۋاتىدۇ ،ئالىمىمىزنىڭ  پۈتۈن يازمىلىرنى باشقا نەدىن تاپقىلى بولا ،word بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى...

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 10:56:35

bughra-oghli يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 10:51 static/image/common/back.gif
www.meripet.com
ئېچىلمايۋاتىدۇ ،ئالىمىمىزنىڭ  پۈتۈن يازمىلىر ...

بۇ تور بېتى چەت ئەلدە نورمال ئېچىلىدۇ. ئەمما جۇڭگودا ئېچىلمايدىغان قىلىپ قويدى.  

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 10:57:56

bughra-oghli يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 10:51 static/image/common/back.gif
www.meripet.com
ئېچىلمايۋاتىدۇ ،ئالىمىمىزنىڭ  پۈتۈن يازمىلىر ...


تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ:
سۆھبەت 1: http://book.menzil.biz/2013/05/18/1201.html
سۆھبەت 2: http://book.menzil.biz/2013/05/18/1201.html

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 11:16:29

bilimxumar يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 10:57 static/image/common/back.gif
تۆۋەندىكىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ:
سۆھبەت 1: http://book.menzil.biz/2013/0 ...

pdf كەن شۇنداقتىمۇ رەخمەت ،
wordنى تاپالىغان بولسام بەك ياخشى بولاتتى ،بىر قىرىندىشىمىز تىلفۇنغا كىتاب ئوقوغۇچ ياساپتىكەن ،شۇنىڭغا سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىز بىر كىتاب قىلىپ ياساي دىگەن،،
http://www.qutyar.net/mb/thread-7481-1-2.html
http://www.qutyar.net/mb/thread-7995-1-2.html

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 12:23:38

bughra-oghli يوللىغان ۋاقتى  2014-1-30 11:16 static/image/common/back.gif
pdf كەن شۇنداقتىمۇ رەخمەت ،
wordنى تاپالىغان بولسام بەك ي ...


مېنىڭ خېلى كۆپ ماقالىلىرىم مىسرانىمدا بار.  «بىلىمخۇمار» بىلەن ئىزدەپ بېقىڭ.  تاپالمىغانلىرىغا مەن بىر ئامال قىلىپ باقاي. بولسا ماڭا بىر ئېلخەت يېزىۋېتىڭ.
ئەجرىڭىزگە كوپ رەھمەت، ئۇكام!
bilimxumarmen@gmail.com

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 13:48:47

ئۇلار يېتىشمىگەندەك. چاغاندا جىن قوغلايمىز دەپمۇ يەر شارىنىڭ مۇھىتىنى ۋەيران قىلىدۇ تېخى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-2-28 21:58:03

يېقىندا 喂人民服雾 دەپ گەپ چىقتى.
بەت: [1]
: NASA: ئاسىيادىكى ھاۋا بۇلغىنىشى پۈتۈن يەر شارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ