mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 22:59:05

ئىبرەتتىن قىسمەت

ئىبرەتتىن قىسمەت

كۆرگەنلىرىدىن ئىبرەت ئالالمىغان كىشى، ئاڭلىغانلىرىدىنمۇ ئىبرەت ئالالمايدۇ. بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدا ۋە ئۆزى بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرسىدا پەردە بار بولۇپ، كىمكى ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلايدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلايدۇ.
بەندە ئاقىۋەتتە ھامان رەببى بىلەن يۈزلىشىدۇ، ئۆي-جاي ئۇنىڭ تۇرالغۇسىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بەندە رەببى بىلەن يۈزلىشىشتىن ئاۋۋال رەببىنى رازى قىلىشى، ئۆيىگە يەرلىشىشتىن ئاۋۋال ئۆيىنىڭ رىمونت ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈشى زۆرۈر.
ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزۈۋېتىش ئۆلگەندىن يامان. چۈنكى ئۆلۈم سىنى دۇنيا ۋە دۇنيا ئەھلىدىن ئايرىغىنى بىلەن، ۋاقىتىڭنىڭ زايە بولىشى سىنى ئاللاھتىن ۋە ئاخىرەت ماكانى بولغان جەننەتتىن ئايرىپ قويىدۇ.
دۇنيانىڭ ئۆزى ئەۋۋىلىدىن ئاخىرىغا قەدەر شۈنچىكى ۋاقىتلىق غەمگە پايلىمىغان يەردە، ئۆمۈرلۈك غەمگە قانداقمۇ ئار تۇرالىسۇن!؟
بۈگۈن سەن ئۈچۈن سۆيۈملۈك بىلىنگەن نەرسە، ئەتىگە ناخۇشلۇق ئىلىپ كېلىشى، بۈگۈن ناخۇش بىلىنگەن نەرسە ئەتىگە مەھبۇبقا ئايلىنىشى مۇمكىن.
دۇنيادا ئەڭ پايدا قالىدىغان تىجارەت: دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن ئەڭ ياخشى، ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن ئەڭ مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلار بىلەن ئۆزۈڭنى ھەر ۋاقىت مەشغۇل قىلىپ تۇرۇشۇڭدۇر.
جەننەت ۋە ئۇندىكى نىمەتلەرنى بىر سائەتلىك شەھۋەتكە تېگىشۋەتكەن كىشىنى قانداقمۇ ئاقىل ئادەم دېگىلى بولسۇن؟!
ئارىف كىشى دۇنيادىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ، ئىككى ئىش ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ، بىرى: ئۇنىڭ دائىم ئۆز ئەھۋالىدىن غەم يېشى، يەنە بىرى، رەببىگە ھەرۋاقىت ھەمدۇ-سانا ئىيتىشىدۇر.
مەخلۇقتىن قورققىنىڭدا ئۆزۈڭنى ئۇنىڭدىن تارتىپ ۋە ئۇنىڭدىن قېچىپلا ئۆتىسەن، ئاللاھ تائالا دىن قورققىنىڭدا بولسا ئۇنىڭ دوستى بولۇپ ئۇنىڭ يىنىدا بولىسەن.
ئەمەلسىز ئىلىم مەنپەئەت ئىلىپ كەلسە ئىدى، ئاللاھ تائالا ئەھلى كىتاب ئالىملىرىنى ئەيىبلىمەس ئىدى. ئىخلاسسىز ئەمەل پايدا قىلغان بولسا ئىدى مۇناپىقلار ئەيىبلەنمىگەن بولاتتى.
ناچار ئىشلارنى خىيال قىلىشتىن ئۆزۈڭنى قوغدا. ناۋادا قوغدانمىساڭ، ئېنىقكى ئۇ ئوي-پىكىرگە ئايلىنىدۇ. بۇخىل ئوي-پىكىردىن ئۆزۈڭنى تارتىشقا تىرىش. ئەگەر ئۇنىمۇ قىلالمىساڭ، بۇ چاغدا ئوي-پىكىر ھەۋەسكە ئايلىنىدۇ. ھەۋەسكە جەڭ ئېلان قىلغىن! ئەگەر ئۇنىمۇ قىلماي قويساڭ، ئۇ ئىرادىگە ۋە ھىممەتگە ئايلىنىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ ئۆزۈڭنى قوغدىمىساڭ، ئۇچاغدا ئۇ ئىش ھەركەت بولۇپ ئورتىغا چىقىدۇ.


شەمسۇددىن ئىمام ئىبن قەييىم ئەلجەۋزىيە
مەۋلانا تەرجىمىسى

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 09:12:19

‹‹پەردە ئاللىقاچان كۆتۈرۈلۈپ كىتىپتىكەن،لىكىن مەن بىلمەي قاپتىمەن››-(ئېلى رەزىياللاھۇ ئەنھۇ)

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:06:46

ماۋزۇ تەتۈر تۇرامدۇ نېمە، «قىسمەتتىن ئىبرەت» بولغىيدى؟
سەۋەب- نەتىجە مۇناسىۋىتى بويىچە، قىسمەتتىن ئىبرەت شەكىللىنىدۇ.

justone يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 17:45:32

كۆرگەنلىرىدىن ئىبرەت ئالالمىغان كىشى، ئاڭلىغانلىرىدىنمۇ ئىبرەت ئالالمايدۇ. بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرسىدا ۋە ئۆزى بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرسىدا پەردە بار بولۇپ، كىمكى ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلايدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلايدۇ..............



بۇ يەردىكى بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى پەردە ۋە ئۇنى يىرتىپ تاشلىشى دېگەنلىكنېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

QUYASH يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 18:03:47

شۇنداق قىلىپ پەردە نەچچە قات بولدى؟

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 19:18:23

ياخشى تەرجىمە بوپتۇ.

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 20:19:13

ئىبرەتتىن قىسمەت

justone يوللىغان ۋاقتى2014-1-29 17:45 static/image/common/back.gif
كۆرگەنلىرىدىن ئىبرەت ئالالمىغان كىشى، ئاڭلىغانلىرىدى ...

بۇ يەردىكى بەندىنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى پەردە ۋە ئۇنى يىرتىپ تاشلىشى دېگەنلىكنېمىنى كۆرسىتىدۇ؟

ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدىكى پەردىدىن مەقسەت، بەندىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى مەجبۇرىيتىنى بىلگىنىدىن كىين، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىدە سەمىمى بولىشى، ئۇنىڭ ھەرۋاقىت ئۆزىنى كۈزىتىپ تۇرىدىغانلىقى ۋە ھەممە ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىقى، ھەمدە بۇ ئاساستا، ئۇنىڭ چەكلىگەن ئىشلىرىنى قىلىپ سېلىشتىن ھايا قىلغان ھالدا ئۆزى بىلەن ئۇ ئارىسىدىكى مۇئامىلىدە ھەر ۋاقىت دېققەتلىك بولىشى كۆزدە تۇتۇلغاندۇر. ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدىكى پەردە ئاللاھنىڭ بەندىسىگە قىلغان رەھمىتىدىن بىرى بولۇپ، بۇ ئاللاھنىڭدۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە شۇ بەندىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئۇنى رەسۋە قىلماسلىقى، ئۇنى يۆگەش ئارقىلىق رەھمىتى ئېچىدە قىلىشى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. بەندە قاچانكى ئاللاھنىڭ شەرىئەت قىلىپ بىكىتكەن ئەمر-پەرمانى، نەھى قىلغان چەكلىمىلىرىگە مۇخالىپ ئىش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بۇ رەھمىتىنى، يۆگىشىنى كۆزگە ئىلمايدىكەن، ئەنە شۇ ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى بۇ پەردىنى يىرتىشى بولىدۇ. پەردىنى يېرتىش دېمەك، ئاللاھنىڭ چەكلىگەن ئىشلىرىنى قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى ئىشەنچنى دەخلگە ئۇچرۇتۇش، ئۇنىڭ رەھمەت سايىسىدىن ئورۇن ئالماي ئۇنىڭ نەپرەت بورانىغا ئۇچىراشقا سەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن توختىماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ھەر ۋاقىت بەندىسىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى بىلسىمۇ، ئۇنى ئالەمگە سازايە قىلىش، ياكى ئۇنىڭغا ئاخىرەتتە يۈزىگە سېلىش ئارقىلىق جازالاشقا ئالدىرمايدۇ. ئاللاھ بەندىسىگە تولىمۇ مىھرىباندۇر. بەلكى، ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىۋىلىشى، ئۇنىڭ توغرىغا يېنىشى ۋە ئۇنىڭ ئەسلى بەندىلىكىگە قايتىۋېلىشى ئۈچۈن مۆھلەت بىرىدۇ. مانا بۇ ئاللاھنىڭ پەردىسىدۇر. قاچانكى بەندە ئۇنى ھىمايە قىلىشقا تىرىشىدىكەن، ئاللاھمۇ ئۇنىڭغا رەھمىتىنى كەڭرى قىلىدۇ. قاچانكى، بەندە بۇنى ئاسرىمايدىكەن، ئۇنىڭ غەزىپىگە ئۆزىنى ئاتىدىكەن، بۇ ئۇنىڭ ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى پەردىنى يېرتقىنى بولۇپ، خالىسا ئۇنىڭغا دۇنيادا مۆھلەت بىرىپ ئاخىرەتتە تېگىشلىكىنى بىرىدۇ. ياكى خالىسا بۇدۇنيادىلا ئۇنى رەسۋا قىلىدۇ. (ئاللاھتىن ھەر ئىككىسى جۈملىسىدىن بولۇپ قىلىشتىن پاناھ تىلەيمىز!)
ئاللاھنىڭ بەندە بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى پەردىنى يېرتىشى دېگەنلىكمۇ دەل ئاللاھنىڭ ئۇنى رەسۋا قىلىشىنىڭ بىر كۆرۈنۈشىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: كىم بىر مۇسۇلماننى ياپقان بولسا، ئاللاھمۇ ئۇنى دۇنيادىمۇ، ئاخىرەتتىمۇ ياپىدۇ-دېگەن سۆزىگە قارىساقمۇ، ھەدىس بىزگە، ئاللاھ ئۆزى ئاشكارا قىلماي ياپقان نەرسىنى ياپقان كىشىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ يىپىشى ۋە ھىمايە قىلىش ئارقىلىق رەھمەتتىن بەھىرلىنىدىغانلىقى، ئەمما بىراۋنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بىۋاستە يەتكۈزۈپ قويۇشقا بولىدىغان، ئاشكارىلاش دەرىجىسىگە توشمىغان، دىنغا، مۇسۇلمانلارغا، ياكى ئىنسانلارغا ئالاھىدە زەرەرى بولمىغان ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق ئۇنى ئېچىپ تاشلاشقا، سازايە قىلىشقا ۋە رەسۋا قىلىشقا ئۇرۇنۇش ياكى شۇنداق ئىشلارنى قىلىشنىڭ قىيامەتتە ئالدىنقى ئەھۋالنىڭ ئەكسىچە رەھمەتتىن مەھرۇم قالىدىغانلىقى، بەلكى ئاللاھنىڭ ئاشۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن دۇنيادا بولسۇن، ياكى ئاخىرەتتە بولسۇن ئۇنى ياپمايدىغانلىقى، ۋە ئۇنىمۇ سازايە قىلىپ جازالايدىغانلىقى قاتارلىق ھېكمەتلەرگە ئىشارە قىلىدۇ. ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدىكى ۋە بەندە بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىكى پەردە ئەنە شۇنداق چەمبەرچەسلەنگەندۇر. شۇنداقلا ھايا دىن ئىبارەت بۈيۈك خىسلەتمۇ ئۆزىنىڭ كەڭرى مەنىسى بىلەن يۇقىرىدا ئىيتىلغان سۆزلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلالايدۇ ۋە پەردىنىڭ مەنىسىنى يورۇتۇپ بىرەلەيدۇ. بۇ ھەقتە سەلەف-سالىھلىرىمىز ئاللاھ بىلەن بەندە ئارىسىدىكى پەردىنى ئاسىراشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ ئۈلگۈلۈك يېتەكچىلىرىمىدىن ئىدى. بۇ ھەقتە تابىئىنلار سەردارى ھەسەن بەسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنۇ سۆزى يۇقىرىقى مەنىلەرنى چۈشۈنۈشكە ئەڭ مۇناسىپ ۋە ئاقىللار ئۈچۈن كۇپايەدۇر:
ئۇ زاتتىن: سىزنىڭ دۇنيادا تەقۋادار-زاھىدلاردىن بولۇشىڭىزنىڭ سىرى نېمىدە؟ دەپ سورالغاندا، ئۇ زات مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
رىزقىمنى مەندىن ئۆزگە ئالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىمدە، رىزقىمغا قارىتا كۆڭلۈمنى توق قىلدىم.
ئەمەللىرىمنى ئورنۇمدا بىراۋلارنىڭ قىلىپ قويالمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتىم ۋە ئۆزۈمنىڭ ئەمىلىنى ئۆزۈم قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدۇم.
ئاللاھ تائالانىڭ مېنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدىم ۋە رەببىمگە گۇناھ-مەئسىيەتلىرىم بىلەن يۈزلىشىشتىن ھايا قىلىپ كەلدىم.
ئۆلۈمنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدىم ۋە ئاللاھ بىلەن يۈزلىشىش سەپىرى ئۈچۈن ئوزۇق تۈلۈك ھازىرلاشقا كىرىشتىم.

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 20:26:05

مۇنبەر مەسئۇللىرىغا كىچىككىنە تەكلىۋېم:

مەندىكى تور كۆرگۈچتىلا شۇنداق كۆرۈنۈۋاتامدۇ، ياكى مۇنبەر خەت شەكلى شۇنداق تەڭشىلىپ قالدىمۇ بىلمىدىم، خەتلەر زىيادە ئۇششاق. تور كۆرگۈچنىڭ ئىكران يۈزىنى چوڭايتىش ھالىتىنى يۇقىرىلىتىپ تۇرۇپ كۆرۈشكە مەجبۇر قىلىۋاتىمەن. مۇنبەر خەت شەكلى ئەسلى شۇنداق تەڭشىلىپ قالغان بولسا، بىراز چوڭايتىپ قويۇلسا.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 21:03:27

ئەسسالامۇئەلەيكۇم مەۋلانە ئۇستاز
سىز بىلىدىغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىسلامى بىلىم مۇنبەرلىرىىنڭ ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟
بولسا بۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇنداق ئادەمگە يولباشچى،ئەقىل ئۆگىتىدىغان تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسا؟
بولسا ئەرەبچىنى ئۆگىنىش ،تەجۋىد قائىدىسى توغرۇلۇق دەرس ئۆتۈپ بەرگەن،تەرجرىبىلىرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز
بۇلاتتى؟

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 21:11:00

زادى ھازىر بىزگىچە يىتىپ كەلگەن ھەدىس نەچچىگە يىتىدۇ؟بولسا ھەدىس ئىلكىتابلىرى بولسا يوللاپ بەرسەڭلار؟
چوڭئانام دائىم مەن كىچىكىمدە مەھەممەت مىسلىم دەمدۇ (بەلكىم توغرىسى مۇھەممەت مۇسلىمدۇ)ئازراق كۆرگەن
دەيدۇ ،بۇ زادى قانداق كىتاب،مەنزمۇنىچۇ؟ئىلكىتاب بولسا يوللاپ بەرسەڭلار؟

___________________________________________
«سۇپى ئاللايار»...قاتارلىق بىرمۇنچە كىتابلارنى چوڭلىرىمىز كىچىكىدە ئوقۇپتىكەن ،مۇشۇنداق كىتابلىرىمزنىڭ
ھازىرقى قىممىتى نەدە؟ئىلىككىتابى بارمۇ؟

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 22:00:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   flashboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-29 22:52

ئىسلام دىنىدىكى ئىنسان بىلەن خۇدا ئوتتىرىسىدىكىپەردىنىڭ يىرتىلىشنىڭ قۇرئان ۋە ھەدىستىكى دەلىلى نىمىكىن ؟
42- سۈرە شۇرا
ﷲ ھەر قانداق ئادەمگە پەقەت ۋەھىي ئارقىلىق ياكى پەردە ئارقىسىدىنلا ياكى بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتىپ ئۆز ئىزنى بىلەن ئۇنىڭغا خالىغان ۋەھىينى قىلىش ئارقىلىقلا سۆز قىلغان. ﷲ ھەقىقەتەن (مەخلۇقلارنىڭ سۈپەتلىرىدىن) ئۈستۈندۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(51)
يۇقارقى ئايەت يۇقارقى ماقالىدىكى ئىنساننىڭ خۇدا ئوتتۇرىسىدىكىپەردە يىرتىشىنى ۋە خۇدانىڭمۇ ئىنسان ئوتتۇرىسىدىكى پەردىنى يىرتىشىنى ئىنكار قىلىدۇ.

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 22:05:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   flashboy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-29 22:13

لېكىن ئىنجىلدا مەسىھكىرىستقا مىخلانغان كۈنىمۇقەددەس ئىبادەتخانىدىكى پەردىنىڭ يىرتىلغانلىقى بايان قىلىنغان ،
(لۇقا 23-باپ 44-ئايەت)
بۇ پەردىنى ئىنسان ئەمەس ،مېھرىبان خۇداتەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزقۇدرىتى ئارقىلىق يىرتقان .
بەت: [1]
: ئىبرەتتىن قىسمەت