tvman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 17:14:11

جۇڭگۇ رەت قىلىندى، ھېندىستان سەزگۈر رايۈننى ئېچىشقا ياپۇنيىنى ت...

(يەرشارى ۋاقىت گىزىتى ھېنداستاندا تۇرۇشلۇق تەكلىپلىك مۇخبىر چېن شىنشېىڭ ،دىڭ لىياڭخېڭ يازمىسى)ياپۇنىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزو 27-يانىۋار ھېندىستان زىيارىتىنى ئاخرلاشتۇردى ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ   ياپۇنىيە ھېندىستان، ياپۇنىيە جۇڭگۇ، ھېندىسنتان جۇڭگۇ مۇناسىۋىتىگە بولغان تەسىرى ھېلى ھەم  مۇنازىرە قۇزغىماقتا. ياپۇنىيە «كىيوتو خەۋەرلىرى»27-يانىۋار ماقالە ئېلان قىلىپ   ئابى شىنزو ھاكىمىيەت بىشىغا چىققاندىن بۇيان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنى يېنىغا تارتىپ »جۇڭگۇنى تىزگىنلەش«خىيالىدا بولدى، بىراق يۈزمۇ-يۈز جۇڭگۇ بىلەن قارشىلىشىشنى بىرەر دۆلەتمۇ خالىمىدى ،ئەكسىچە بۇنداق بىرتەرەپكە ئېغىش شەكلىدىكى »تىزگىنلەش   سىياسىتى«ئاخىرىدا  ياپۇنىيەنى »يالغۇز قويۇش «ئېھتىمالىنى يوق دىگىلى بولمايدۇ. »ئابى شىنزو ھۆكىمىتىنىڭ جڭگۇبىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئىزدىنىشى كەمچىل«
ھىنداستىننىڭ سابىق جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى  كاياتىيانى شانكار باجىپاي  27-يانىۋار «ھېندى مۇخلىسلىرى گېزىتى» دە  «ياپۇنىيە، ھىندىستان ھوقۇقتا باراۋەر»ناملىق ماقالە ئېلان قىلىپ ،ياپۇنىيە ھېندىستان مۇناسىۋىتىدە جۇڭگۇغا دۈشمەنلىك مەقسىدىنىڭ يوقلقىنى تەكىتلەشكە بولىدىغانلىقىنى ئەمما  جۇڭگۇنىڭ دۈشمەنلىك كۆز قارىشىغا مۇناسىپ تەدبىر قوللىنىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى. جۇڭگۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ جاكارچىسى  تەيگاڭ27-يانىۋار ياپۇنىيە ھېندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام مۇناسىۋەت بولىشىنى  ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ رايۇن مۇقۇملۇقى ۋە مۇداپىيە ساھەسىدە   رايۇننىڭ مۇقىملىقى ،تېنىچلىقى  ۋە بىخەتەرلىكىگە پايدىلىق بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بۈلدۈردى.
ئابى شىنزو ھاكىمىيەتكە چىققان بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىتتىن بۇيان  ھېندىستان زوڭلىسى  مانموھان سىنگى بىلەن 4 قېتىم سۆھبەت يېغىنى ئېلىپ بارغان بولۇپ ،ئابى شىنزۇنىڭ  بۇ ئادەتتىن تاشقىرى »ھېندىستاننى مۇھىم كۆرۈش«ئىستىكى بىلەن قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان ياپۇن جۇڭگۇ مۇناسىۋىتى ۋە ياپۇن كورىيە مۇناسىۋىتى  رۇشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالغان. ئابى شىنزو ھۆكىمىتىنىڭ «جۇڭگۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىش »سىتىراتىىگىيسى بارغانسىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان،ئەمما بۇ ئەكىسىنچە نەتىجە  ئېلىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ ياپۇنىيە «كىيوتۇ خەۋەرلىرى» 27-يانىۋار ماقالىسىدە.
ياپۇنىيە «چەنجىڭ خەۋەرلىرى»گېزىتىنىڭ 27-يانىۋار يېڭى دېھلىدىن  تاراتقان خەۋىرىدە ئابى شىنزو نى «مۇھىم ئەرباب» سۈپىتىدە كۈتىۋالغان ھېندىستان ياپۇن جۇڭگۇ ئوتتۇرسىدا ئارىلىق ساقلاشقا تېرىشقان بولۇپ ، يادرو ھوجۇمىغا ئۇچىرىغان ياپۇنىيەنىڭ زىتىغا تىگىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن 26-يانىۋاردىكى دۆلەت بايرىمىلىق ھەربى كۆرەكتە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرىدىغان باشقۇرۇلىغان بومبا كۆرگەزمە قىلىنمىغان. دەرۋەقە ھېندىستان دىڭىز ئوكيان بىخەتەرلىكى جەھەتتە ياپۇننى قوللايدىغانلىقىنى  بىلدۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق  ياسۇكۇنى  تاۋابگاھى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلغان، «ھېندىستان ياپۇنىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئىستەيدۇ ،ئەمما جۇڭگۇنىڭ زىتىغا تىگىشنى خالىمايدۇ» دىيىلگەن ياپۇنىيە «چەن جىڭ خەۋەرلىرى»گېزىتىدە.
ھىندىستاننىڭ سابىق جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى  كاياتىيانى شانكار  باجىپاي 27-يانىۋاردىكى ماقالىسدە كۆپلىگەن دۆلەتلەرگە مەلۇمكى جۇڭگۇ بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم باش ئاغرىقىدىن ئاگاھ بولۇش ھەم مۇھىم. بىرىنجىدىن  جۇڭگۇنىڭ پوزىنتسىيىنى كۈزىتىش،ئىككىنجىدىن ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىدارىغا قاراش، «ھازىر بۇ رايۇندا ھېچقانداق دۆلەتنىڭ ئىقتىدارى جۇڭگۇغا يەتمەيدۇ كەلگۈسىدىمۇ ھەم شۇ،شۇڭا ھەممە دۆلەت ئۆزىنى كۈچلەندۇرۈشنى ئىستەيدۇ ھەرقايسى دۆلەتلەر  ئۆز نىشانىنىڭ جۇڭگۇغاقارىتا يامان نىيتى يوقلىقىنى تەكىتلىسىمۇ ئەمما جۇڭگۇ ئۇنداق قارىمايدۇ»دەيدۇ  ھىندىستا ننىڭ سابىق جۇڭگۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى  كاياتىيانى شانكار باجىپاي 27-يانىۋاردىكى ماقالىسىدە، «ھېندىستان ياخشى بولمىغان ئاقىۋەتلەرگە تەييارتۇرىشى كىرەك ،دۇنيادا قايسى دۆلەتلەر ھېندىستاننىڭ باش كۆتۈرىشىنى خالايدۇ؟ قايسىلىرى خالىمايدۇ؟ مۇتلەق كۆپچىلىكى ھېندىستاننىڭ باش كۆتۈرشىدىن ئەنسىرىمەيدۇ پەقەت ئىككى دۆلەت (پاكىستان ۋە جۇڭگۇ)خالىمايدۇ خالاس،ياپۇنىيە بولسا ھېندىستاننىڭ تەرەققى قىلىشىنى ئىستەيدۇ»
سۇمرۇغ تورىدىن  قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى
ئىزدىنىشتىن باشقا توردا ئېلان قىلىنىشقا بولمايدۇ

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 18:06:30

قاچانمۇ بىر تەرەپكە ئاغمىغان خەۋەرلەرنى كۆرۈش نېسىب بولار :$

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 18:27:33

ئابىنىڭ كاللىسى ئوبدانلا ئىشلەيدىكەن جۇما.
ماۋۇ توخۇنىڭ ئانچە مۇنچە قۇرۇق پەشۋا ئىتىشلىرى، خەقلەرنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى دىڭىزلاردىن تارتىپ ئەزەلدىن ئايرىلماس زىمىنىمىز ئىكەنلىكىنى جاكارلاشلىرى بىلەن ئابىغا ھوشۇق ئوڭچە چۈشتى. پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ شەرقى جەنۇبى ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئازراق بىشىنى سىلاپ قويغانغا ئەسلىدىن ياپونلارغا تەتۇر قارايدىغان دۆلەتلەر ئاكا دەپ ياپونلارنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. ئەمدى ھىندىستاننىمۇ كەلتۈرۈپ بولغان ئوخشايدۇ.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 18:31:15

ئابى دېپلوماتىيەدە ئۇستا قىمارۋاز بولغاچقا، ئىككىنچى قېتىم مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا باش ۋەزىرلىك كۇرسىغا ئولتۇردى مانا .

nur يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 22:29:37

يالغانچى دۆلەتلەرگە قارىغاندا سەمىمىي دۆلەتلەر تەرەققىي قىلغاي.

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 23:54:03

ئاۋۇ كيوتۇ خەۋەرلىرى دىگەن ئۆكتىچىلەرنىڭ تاراتقۇسى ئوخشىمامدۇ
ياپۇنيە خەلقىنىڭ ئابى بىلەن ئەركىن دېمكۇراتلار پارتىيىسىنى قايتا تاللىشىمۇ سەۋەپسىز ئەمەس.
دۆلەت ئىچىدە مىللەتچىلىككە ھە دەپ يەل ئۇرىۋرگەن بىلەن، ۋاختى كەلگەندە مىللەتچىلەرگە قۇرۇق ئىمىزگە سېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئانچە مۇنچە قۇرۇق پەشۋا ئېتىپ قويمىسا تېخى.  شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى تېخىمۇ سەگىتىپ ئۆزىنى تېخىمۇ بەك قىسماققا ئالىدۇ.
جۇڭگونىڭ دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتچىلىك كەيپىياتىدىن ياپۇنيە ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىۋاتىدۇ دەپ قارايمەن.

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 00:01:25

بۇ دىگەن ئۇرۇش:lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 00:19:02

ياپۇنيەنىڭ كەلگۈسىگە ۋە دۆلەت مەنپەتىگە نىسبەتەن باش ۋەزىرنىڭ مىڭۋاتقان يولى تامامەن توغرا ، باش ۋەزىر جاناپلىرى
ياپۇنيەگە ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشى ۋاختىدىكىدىنمۇ قۇدرەتلىكرەك بىر ئارمىيە قۇرپىرىشنى ئويلاۋاتىدۇ ،بۇ تەرپى مىنى ئىنتايىن قايىل قىلىدۇ ، ھىندىلار بىلەن ياپۇنلارنىڭ ئاپاق چاپاق بوپ كىتىشىمۇ تەبي ئەھۋال ،چۈنكى جۇڭگۇدىكى بىرمىلىيارىد ئۈچيۈزمىليۇن ئادەم زىمىنى كىچچىككىنا كىلدىغان ياپۇنلارنى كۈندە قارغاپ تىللاپ يۈرسە ياپۇنلار قورىقمامدۇ :lol،ھىندىلار بىلەن ياپۇنلار كىلىشىپ قىلىپ چاتاق بولدى ،،

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 05:23:47

مەدەنىيەت پەن تېخنىكا ۋازارىتى(مۇئارىپ مىنىستىرلىكىگە ئوخشاش ئورگان)تۆنۆگۈن سېنكاكۇ ۋە تاكېشىما ئاراللىرىنى ياپۇنىيە تېرىتورىيىسىگە تەۋە،باشقا دۆلەتلەر بىلەن تېرىتورىيە توقۇنۇشى مەۋجۇت ئەمەس……دىگەندەك مەزمونلارنى 2016ۋە 2017-يىلىدىن باشلاپ ئوقۇتىلىدىغان تۇلۇقسىز تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىپتۇ……:shutup:
قارىغاندا جۇڭگو كورىيە دوستلىقى تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرى سۈرىلىغاندەك.:lol

dillani يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 08:37:59

   ھىندىستان بىلەن جۇڭگۇ ئەپلىشەلەيدۇ لىكىن  ناياھىتى ئەپلىشەلمەيدۇ.ئىككىسى تارىخ مەدىنىيەت جەھەتتە بىربىرىدىن قالمۇغۇدەك ئۆزگىچىلىككە ئىگە .شۇنىسى زېمىننى باھانە قىلىپ رايۇن ئاكىلىقىنى تالىشىدۇ، ئاكا بولغۇسى بار ياپۇنلا ھېچ بولمىغاندا چوڭ ئىنى بولسىمۇ بولغۇسى كىلىدۇ  .لىكىن ئىككى قاغا پوق تالاشسا ئوۋچىغا پايدا بۇلىشىنىمۇ ھېچقايسى خالىمايدۇ .

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:16:20

بۇ ياپونلار ئاخىرى بىر چوڭ ئىش تېرىيدىغان ئوخشايدۇ .

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 11:09:26

ھىندىستان قوڭى قوڭ بىلەن ئەپلىشەلمەيدۇ ، قويى قوڭ ھىندىستانىىڭ دۇشمىنى پاسكىنائىستاننى ھە دەپ قوللايدۇ ، شۇڭا ئىشىڭنى قىل دەيدۇ ، كونىلار دۇشمىنىمنىڭ دۇشمىنى مېنىڭ دوستۇم دەپتىكەن ، ئورۇنلۇق گەپكەن بۇمۇ {:92:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 11:40:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uqkun1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 11:42  

يەرشارى ۋاقىت گېزىتى دىگەننىڭ خەۋىرىنى كۆرسەملا جۇدۇنۇم ئۆرلەيدۇ ، ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ باشقا خەۋەرلىرىنى باسماي چاتاق چىققان ھامان بىرىنچى بولۇپ زىيارەت قىلىپ ھۆكۈم پىچىپ بولىدۇ ، يەنە بىرسى بۇ گېزىت ئەزەلدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتمەيدۇ، پەقەت  شىنجاڭ ئاپتۇنۇم رايۇنى دەپلا ئالىدۇ .:curse:
تېمىغا قايتىپ كەلسەك : ياپۇنىيە  مىنىڭ ئېشىمنى تارتىۋالمىدى ، خىزمەت ئورنۇمنى ئىگلىۋالمىدى ، مىنىڭ ئۆيۈمنى  تارىخ دەرسلىكىدە مىنىڭ دەۋالمىدى ، ساقىلىمغا ياماشمىدى ، مىنى تەتىل قىلدۇرماي كالتەك كۆتۈرۈپ كوچا چارلا دىمىدى ، مەجبۇرى ئىئانە يىغمىدى ، مەرىمەي ھاڭرا دىمىدى......نىمە كارىم {:90:}

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 21:02:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   orkexjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 21:04  

جوڭگو - ياپونىيە - ئامېركا - تۈركىيە - ھېندئىستان - پاسكىنا ئىستان ...بۇ مۇناسىۋەتلارنى تەپسىلىي چۈشەنسەك ياخشى بولاتتى . پاترول ئەپەندىم يۇقاپلا كەتتىغۇ ؟؟؟:P

mahammat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 10:17:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahammat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-30 10:19  

ئەگەر مەن ئابى شىنزو  بولغان بولسام ، جوڭگۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنى توختىماي زىيارەت قىلىپ ، تىرىكتۈرۈپ ئويناتتىم:lol
بەت: [1]
: جۇڭگۇ رەت قىلىندى، ھېندىستان سەزگۈر رايۈننى ئېچىشقا ياپۇنيىنى ت...