tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 16:57:46

ساختىپەز تېۋىپ

ساختىپەز تېۋىپ
(مۇنبەر ئەزاسى ھەزرەتنىڭ يازمىسى )

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن!
سىز تۆۋەندىكى قۇرلارغا نەزەر تاشلىغىنىڭىزدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى خىيالى توقۇلما بولسا كېرەك؟ دەپ ئويلاپ قالماڭ، بۇلار ھاياتلىق مۇساپەمدە پىقىر بىۋاستە شاھىد بولغان ئىشلار خاتىرىسىدۇر. مەن بۇ خاتىرىنى يېزىشتىن مەقسىتىم ھەرگىزمۇ مەرھۇم بۇرادىرىمنىڭ گۇناھىنى پاش قىلىش، غەيۋىتىنى قىلىش ئەمەس (ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھىنى مەغپىرەت قىلغاي)، بەلكى ھەرقانداق بىر تېۋىپنىڭ بۇ ۋەقەگە ئىبرەت نەزىرى بىلەن قاراپ، مال-دۇنيانىڭ قىزىقتۇرۇشلىرىغا بېرىلىپ كەتمەسلىكىنى، ئىنساپ بوسۇغىسىدىن ھالقىپ كېتىش بىلەن روھىي دۇنياسىنى ھالاكەتكە دۇچار قىلماسقىنى ئەسكە سېلىش.

ئۆزەمنىڭ تېبابەت ئىلمىگە بولغان ھۆمىتىم ۋە قىزقىشىم تۈپەيلىدىن تىۋىپلار بىلەن پىكىرلىشىشكە ئامراق ئىدىم، ۋاقتىم چىقسىلا ئۇلارنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ ھەمسۆھبەت بولاتتىم، ئۇلارنىڭ كېسەللەرنى تەشخىس قىلىشى ۋە دورا بۇيرۇشى قاتارلىق جەريانلىرىدىكى تېۋىپنىڭ ۋە كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن كىشىلەرنىڭ چىراي قىياپىتى ۋە پىسخىك ھالىتىگە دىققەت قىلاتتىم. بۇ خىل قىزىقىشىم بىلەن ئۇزاققا بارماي يۇرت- يۇرتتىكى خىلى كۆپ داڭدار تىۋىپلار بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. بۇلارنىڭ ئىچىدە سەكسەن خالتىسىنى ئالدىغا تىزىۋېلىپ، چاي دورىسى ساتىدىغان يېزا تىۋىپلىرىمۇ، تومۇر تۇتۇپ باھ دورىسى ساتىدىغان جاھانكەزدى تىۋىپلارمۇ، يۇرت ئىچىدە شۆھرەت قازانغان داڭدار تېۋىپلارمۇ، تېڭىقچى-ياچىلارمۇ، يېشى يۈزدىن ئاشقاندىمۇ تەمبەل، چىرايىدىن پېرىشتىدەك نۇر يىغىپ تۇرىدىغان، ئاپئاق ساقال خىزىر سۈپەت تىۋىپلارمۇ، كۆز ئەينىكىنى بۇرنىنىڭ ئۇچىغا تاقاپ سىنچى كۆزلىرى بىلەن بىمارنىڭ چىرايىغا دىققەت قىلغاچ، بىر قولىدا تومۇر تۇتۇپ بىر قولىدا تاماكىنى ئاغزىغا تۇتۇپ كۈچەپ شوراپ ئىس چىقىرىۋاتقان مەينەت تىۋىپلارنىمۇ، ئىلگىرى جاپا- مۇشەققەتنى كۆپ تارتقانلىقتىن چىرايى قارىداپ كەتكەن ياداڭغۇ، قوللىرى تارشىدەك قېتىپ كەتكەن رىيازەتكار تىۋىپلارنىمۇ، راھەتتىن سەمىرىپ چىرايى ئاپئاق، كۆرۈشسىڭىز قوللىرى پاختىدىنمۇ يۇمران بىلىنىدىغان، سەمىرىپ تىقىلىپ كەتكەن راھەت- پاراغەت ئىچىدە ئىغىناپ يۈرگەن پۇلدار تىۋىپلارنىمۇ، ئۆزىنىڭ سەزگۈلىرىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە سەھەرنىڭ تاتلىق ئۇيقۇسىدىن كېچىپ  نەپەس تۇتۇپ مەشىق قىلىۋاتقان ئىتىقادمەن، ئىخلاسمەن پۈتۈن ۋۇجۇدىنى كەسپكە، بىمارنىڭ دەردىنى يەڭگىللىتىپ، كېسەلگە چارە قىلىپ جان قۇتقۇزۇشقا بېغىشلىغان خالىس نىيەتلىك، پەزىلەتلىك تىۋىپلارنىمۇ، تاپقان پۇللىرىنى ئەيشى ئىشرەت كەيپ ساپاغا خەجلەپ، كىشىلەرنى ئەندىشىگە سېلىپ كىشىدە يوق كېسەللىكنى پەيدا قىلىپ،  جان ھالاكىتىدە قالغان بىمارلارنى ئالداپ، ئامالنىڭ بېرىچە پۇل تېپىش كويىدا يۈرۈگەن قارا نىيەت ساختىپەز تىۋىپلارنىمۇ ئۇچراتتىم.
بۇندىن سەككىز يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر ئىش ھازىرغىچە ئاچچىق ساۋاق سۈپىتىدە  ئېسىمدىن چىقماي، كىشىلىك ھاياتىمدىكى ھەر بىر قەدىمىم، ھەر بىر ھەرىكىتىم، ئوي پىكرىمگە تەنبىھ بېرىپ، مېنى بىر قىسىم بولمىغۇر قىلىق ۋە خىياللاردىن نېرى تۇرۇشقا ئۈندەپ كېلىۋاتىدۇ.
مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ناھىيە بازىرىنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت شىپاخانىسىدا بىر تونۇشۇم بار ئىدى. ئۇ، ئىگىز بوي، يۈزى يوغان- يالپۇ،  ئۇستىخانلىق، گەۋرى، قويۇق قاشلىق ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن تېبابەت جەھەتتە خىلى ئوبدان پىكىرلىشەتتىم. گەرچە ئۇ مەندىن ئون ياش چوڭ بولسىمۇ مەندىكى بەزى ئارتۇقچىلىقلارغا ئۆزىنىڭ ھەۋەس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. ۋاقىت چىقسىلا بىر- بىرىمىزنى تاماققا تەكلىپ قىلىپ چاي ئىچكەچ مۇڭدىشاتتۇق، ھەر قايسىمىز قارشى تەرەپنىڭ ئەۋزەللىكى ئارقىلىق ئۆز كەمچىلىكىمىزنى تولۇقلىشاتتۇق. ئۇنىڭ ئەسلى ئوقۇغان كەسپى دورىگەرلىك بولسىمۇ، كېيىن ئالدىنقى سەپتە خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقى بىلەن يول مېڭىپ يۈرۈپ ئامبۇلاتۇرىيگە -كېسەل كۆرۈپ دورا يازىدىغان ئىشخانىغا يۆتكەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى ھەج قىلىش باھانىسى بىلەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىپ، قايتىپ كەلمىگەن بىر قانچە يىللار دىن بىرى يالغۇز تۈرمۇش كۆچۈرىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغۇدەك بىرەر بالىسىمۇ يوق ئىدى.
بىر كۈنى، ئۇنى بىر ئىش بىلەن ئىزدەپ بېرىپ قالدىم، ئۇ ئىشخانىسىدا كېسەل كۆرىۋاتقان ئىكەن، ئاغزى بىكار بولغۇچە ساقلاپ تۇرۇشقا توغرا كەلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭمۇ ئانچە بەك ئالدىراش ئىشىم بولمىغاندىن كېيىن ساقلاپ ئولتۇردۇم. بىر قانچە بىمارنى يولغا سالدى. ئەمدى ئاغزىمنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىمغا ئۇزايىدىن شەھەر ئاھالىسىلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئەللىك بەش ياشلاردىكى مەڭزى قىزىل، چىرايىدىن نۇر چىقىپ تۇرىدىغان پاكىزە بىر ئايال كىرىپ كەلدى. دوستۇم ئۇنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلىپ ئەۋۋەل قان بېسىمىنى ئۆلچىدى، ئاندىن كېيىن تومۇرىنى تۇتۇپ، تىلىنى كۆردى، كۆزىنىڭ ئېقىغا سەپ سېلىپ قارىدى. بىر قانچە مەسىلىنى سوراپ بولغاندىن كېيىن، بىردەم جىم ئولتۇردى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئايالغا قاراپ: سىلە ئۆيلىرىدىن بۇ يەرگە ئۆزلىرى كەلدىلىمۇ؟ ياكى بىرسى ئەكەلدىلىمۇ؟ دەپ سورىدى. – بىمار: ئۆيىمىز بىلەن شىپاخانىنىڭ ئارىلىقى يېقىن بولغاندىكىن ئۆزەم كېلىۋەردىم.
-: ياق مەن ئۇنى سورىمىدىم، ئۆزلىرى مېڭىپ كەلدىلىمۇ ياكى بىرسى بىرەر نەرسىگە چىقىرىپ ئەكەلدىمۇ؟ دېمەكچى- دەپ سۇئالىنى ئېزاھلىدى.
-: مېڭىپ كەلدىم- دەپ جاۋاب بەردى.
-: جانلىرىغا ئىچلىرى ئاغرىمايدىكەندە سىلىنىڭ، كېسەللىرى خىلى باركەن ئەمەسمۇ!
-: ئەھۋالىم ئانچە ئېغىر بولمىغاندىكىن كېلىۋېرىپتىمەن.
-: شۇمۇ گەپمۇ! بىر يەرلىرى ئاغرىمىغان بىلەن، ئاغرىتماي جاننى ئالىدىغان كېسەلدە بۇ! بۇنداق ئەھۋالدا يول مېڭىپ يۈرسىلە خەتەرلىك ئەمەسمۇ!
-: مەندە قانداق كېسەل بار ئىكەن؟
-: بۇنى سورىماي ئۆيلىرىدىن بىرسىنى چاقىرسىلا، تۇرۇپ تۇرسىلا، بۇنداق ئەھۋالدا يول ماڭسىلا خەتەرلىك. ماۋۇ تېلېفوننى ئېلىپ ئۆيلىرىگە تېلېفون قىلسىلا، ئائىلىرىدىن بىرسى كەلسۇن! دېدى. بۇ ئايال قورقۇنچىلىقتا تىترەپ كەتكەنلىكتىن تېلېفوننىڭ نومۇرىنى باسالمىغان ئىدى، ئۆزى قولغا ئېلىپ بىمار ئەيتىپ بەرگەن نومۇرنى ئۇرۇپ ئۇنىڭغا تۇتقۇزۇپ قويدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئايالنىڭ ئوتتۇز ياشلاردىكى قىزى ھاسىراپ ئۆڭسىلى ئۆچكەن ھالدا كىرىپ كەلدى. بىمارنى سىرىتقا چىرىۋېتىپ: ئانىڭىزنى مۇشۇنداقمۇ تاشلىۋىتەمسىز! سىلەرنى بېقىپ مۇشۇنچىلىك چوڭ قىلغۈچە ئاز جاپا تارتقانمۇ! كېسىلى خىلى ئېغىر ئىكەن. دىققەت قىلىڭلار، ئامال بار ياتاقتا يېتىپ داۋالانسۇن! دەپ كايىدى.
قىزى چىقىپ كېتىپ بىر ھازادىن كېيىن بىمار كىرىپ، ئۆزىنىڭ  ياتاقتا يېتىپ داۋالانغۇدەك تەييارلىق قىلماي كەلگەنلىكىنى، بىر قانچە كۈن دورا ئىچىپ بېقىپ، ياخشىلانماي قالسا كېيىن كېلىپ ياتاقتا يېتىپ داۋالىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ۋاقىتلىق دورا يېزىپ بېرىشنى ئۆتۈندى.
«تىۋىپ»: بولىدۇ! دورا يېزىپ بېرەي، لىكىن ھەرىكەت قىلسىلا بولمايدۇ، دىققەت قىلسىلا! دېگىنىچە بىر نەچچە پارچە قەغەزگە ئاللىنىمىلەرنىدۇ جىجىلاپ «رېتسىپ» يېزىپ بىمارنىڭ قولىغا تۇتقازدى ۋە: دورىلارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن قېشىمغا كىرسىلە! مەن قانداق ئىستېمال قىلىشنى ئېيتىپ بېرىمەن- دەپ تاپىلىدى. ئەمدى گېپىمىز باشلىنىۋىدى، يەنە بىر قانچە بىمار كىردى. ئۇلارنىمۇ «تومۇر تۇتۇپ يولغا سالدى»، ئارىدىن ئون نەچچە مىنۇت ئۆتكەندە ھىلىقى بىمار ئايال كىرىپ كەلدى، ئارقىسىدىن قىزى يوغان تۆت يالتىراق خالتىدا شەربەت ۋە باشقا دورىلارنى كۆتۈرۈپ كىردى، بۇ چاغدا ھىلىقى ئايالنىڭ چىرايى ئەۋۋەلقىگە پەقەت ئوخشىمايتتى، ئەۋۋەل كىرگەندە راۋۇرۇس مېڭىپ كىرگەن ئىدى، ئەمدى بولسا، تامنى تۇتقىنىچە ئاران مېڭىپ چىرايى ھەقىقەتەن تاتارغان، ئۆزىمۇ سەل ئىڭىشىپ قالغان ئىدى. بۇ بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بىر ئادەمدە يۈز بەرگەن بىنورمال ھالەتنى كۆرۈپ ھەيرانۇھەس قالدىم. كۆرمەمدىغان، ھازىرلا تىك تۇرۇپ ساق ئادەمدەك مېڭىپ كىرگەن چىرايىدىن نۇر يىغىپ تۇرىدىغان بۇ ئايالنىڭ بىلى ئىگىلگەن، چىرايى تاتىرىپ يۈزىدىن نۇرى قاچقانلىقى قانداق ئىش بولدى ئەمدى؟ ئويلىنىپ قالدىم. ئىشنىڭ سىرىنى مەن بىر قەدەر چۈشەندىم، «تىۋىپ» نىڭ ئاغزىدىن چىققان ۋەھىمىلىك ئىبارىلەر ئۆزىنى ئادەتتىكىچە تەكشۈرۈتۈپ باقاي دېگەن مەقسەتتە كىرگەن بۇ ئايالنىڭ ئېڭىغا تەسىر كۆرسۈتۈپ، ئۇنى جىددىلەشتۈرىۋەتكەنلىكتىن ئۇنىڭ يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىپ، بەدىنى قىزىشقا باشلىغان، زىيادە جىددىلىشىش سەۋەبىدىن پۇت قولى سىرقىراپ، ماغدۇرسىزلانغان، بۇ ئايالنىڭ تېبابەتتىن ساۋادى بولمىغاچقا، ئۆز تېنىدە يۈز بەرگەن بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ئەسلى بار بولغان كېسەللىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى، دەپ ئويلاپ قالغان خاتا تۇيغۇنىڭ تەسىرىدىن بولغان سېھرىي ئالامەتلەر ئىدى.
   بىمار «تىۋىپنىڭ» «دورا ئىچىش كۆرسەتمىسى» نى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئادەتتىكىچە زۇكامداپ قالغان ئايالغا نىمىشقا بۇنداق ئېغىر كېسەل ئارتىپ، نۇرغۇن دورىلارنى ئىچىشكە رېتسىپ يازىسىز؟ دەپ، ئۇنىڭ كۆزىگە سۇئال نەزىرى بىلەن تىكىلىپ قارىدىم.
ئۇ: دۇدۇقلىغىنىچە: «ئىنسانچىلىقكەن، يۇقىرىدىن ھەر قايسى بۆلۈملەرگە كېسەل يوللاش ۋەزىپىسى چۈشۈرىدۇ، ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمىسام مائاشىمنى تۇتىدۇ. ئۇزۇندىن بىرى مائاشىمنى تولۇق ئالالماي ئىقتىسادى ئەھۋالىم ناچار ئىدى، ھازىر بۇ يېڭى ئۇسۇلۇم بويىچە ئىشلىگەندىن كېيىن ئەھۋالىمدا ئۆزگىرىشلەر بولىۋاتىدۇ، ھەر ئايدا مۇكاپات ئېلىۋاتىمەن، بەزى ئايلار ئالغان مۇكاپاتىم نەچچە مىڭ كويغا يېتىدۇ. مەن باقىدىغان قىرى ئانام بار، ئايالىم چەتئەلگە چىقىۋېلىپ: ‹پۇل ئېۋەتمىسەڭ قايتىپ بارمايمەن› دەپ كەلمىگىلى بىر قانچە يىل بولدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىگە پۇل كېتىدىغان گەپ ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دېگەن مائاشلىق خەق، ھۆكۈمەتتىن ئالىدىغان پۇلى جىق» دەپ يۈزلىرى قىزارغىنىچە «ئىنسانچىلىق» دىكى ئاجىزلىقىدىن خىجىللىقىنى ئىپادىلىدى.
مەن ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: دوستۇم، ئىنساپ قىل! بۇنداق كېتىۋەرسەڭ، پۇلدىن ئىبارەت بۇ پاتقاققا پېتىپ قالىسەن. ئۇ چاغدا ئەھۋالىڭ بۇنىڭدىن تېخىمۇ يامان كۈنگە دۇچار بولىدۇ. پۇل تېپىشتا ئەسلى مەقسەتنى ئاساس قىلىش كېرەك، ھال كۈنۈڭ مۇشۈنچىلىك بولغاندىن كېيىن شۇكۇر قىل، سېنى تاشلاپ ھەرەمدە ئەرگە تېگىۋالغان ئايالدىن ساڭا قانداق ۋاپا كەلمەكچىدى؟ ۋاپاسىز ئايالغا پۇل يېغىپ، ئېۋەتسەڭمۇ، ئۇ قايتىپ كەلمىسە، چەتئەلدە تۇرىۋاتقان ئادەمنى قانداق قىلالايتتىڭ، ئۇنىڭ كېلىشىدىن كەلمىشى ئېنىق، بولدى قىل، دېدىم. ئۇ: قولۇمنى تۇتقان پېتى: «مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم، كۆڭۈل دېگەن بۇ نەرسىگە پەقەت ئامال قىلالمىدىم، شۇ ئايالنى ئۇنتۇيالمىغانلىقمدىن مانا ئون يىلدىن بۇيان بويتاق ئۆتىۋاتىمەن، باشقا ئاياللار بىلەن توي قىلىشقا پەقەت رايىم يوق»، دەپ كۆزىگە غىللىدە ياش ئالدى. چوپ – چوڭلا بىر ئادەمنىڭ كۆزىدىن ياش چىققىنىغا قاراپ مېنىڭمۇ ئىچىم ئاغرىدى، ئارتۇقچە بىر نەرسە دېيەلمەي خوشلىشىپ قايتىپ چىقتىم. (بۇنىسىمۇ راست! كۆڭۈل دېگەن غەلىتە نەرسە، ئۇ، تارىختا نۇرغۇن شىر يۈرەك ئەزىمەتلەرنى خورلىغان. دېمىسىمۇ بىز ئۇنى توي قىلىۋېلىشقا بىر نەچچە قېتىم دەۋەت قىلغان بولساقمۇ ئۇ، ئۈندىمەي جىم تۇرىۋالغان ئىدى).
بىر كۈنى ئۇ مېنى ئىزدەپ كەلدى، ئۇنىڭ تەلىۋى بويىچە پوچتىخانىغا بېرىپ، ئون يىلغا يېقىن «ئۆز ئۇسۇلى» بويىچە تاپقان پۇللىرىنى چەتئەلدىن «قايتىپ كېلىشكە ئامالسىز قالغان» «مەشۇقى» نىڭ ئادېرىسىغا يوللىدۇق. دوستۇمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، «ئايالى: پۇل ئېۋەرتىپ بەرسە، بىر ئايغا قالماي قايتىپ كېلىدىغان» لىقىنى ئېيتقان ئىكەن.
ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، ئالتە ئايدەك ۋاقىت كۆرۈشەلمىدۇق. بىر كۈنى يولدا كىتىۋېتىپ كىشىلەرنىڭ ئۇ توغرىلىق ئەيتقان مىش- مىش پارڭلىرى چالا- بۇلا  قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى، يېقىن بېرىپ سورىسام ئۇ، جان ئۈزۈپ جەسىتى ئۆز ئۆيىدە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قالغانمىش. مەن قۇلىقىمغا ئىشەنمەي، ھەيران قالدىم. ساپ-ساقلا، بۇقىدەك قاۋۇل، بەستىلىك بىر ئادەم ئاغرىق سىلاق بولۇپ قالماي قانداقسىگە ئۆلۈپ قالىدۇ؟ سەۋەبسىزلا ئۆلۈپ كېتىدىغان ئىش نەدە بار؟
ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىمچە: ئۇ بىر نەچچە كۈن ئىشقا چىقماپتۇ، كەسىپداشلىرى ئۇنى يېزىغا ئانىسىنى يوقلاپ چىقىپ كېتىپ بىرەر ئىش بولۇپ قالغان بولسا كېلەلمىگەن بولسا چېغى دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ نامىدا خالىس روخسەت سوراپ قويۇپتۇ. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە شىپاخانىدا مۇھىم يىغىن بولغانلىقتىن شىپاخانا باشلىقى ئۇنى سۈرۈشتە قىلىپ ئۆيىگە ئادەم ئېۋەتىپتۇ. قارىسا ئىشىك ئىچىدىن تاقاغلىق تۇرغۇدەك، ئەھۋالنى ئەيتقاندىن كېيىن ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ھەمرالىقىدا ئىشىكنى ئاجرىتىپ كىرسە، ياتقان يېرىدە، جان ئۈزۈپ كەتكەن، ئاغزىدىن چىۋىنلەر ئۈچۈپ كىرىپ- چىقىۋاتقۇدەك، گۆشلىرى سېسىپ قارىداپ كەتكەنلىكتىن ئۆينىڭ ئىچى سېسىق پۇراپ كېتىپتۇ، بىرەر يېرىنى تۇتۇش مۇمكىن بولماپتۇ، تۇتقانلا يېرىدىن گۆشى ئۈزۈلۈپ كېتىپتۇ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورنى قانۇنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە غەيرى ئەھۋال بايقالمىغاندىن كېيىن، مەخسۇس خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ يەرلىكتە قويۇپتۇ.
دوستۇمنىڭ بۇ ئىچىنىشلىق ئۆلۈمى ماڭا بەك قاتتىق تەسىر قىلدى، بىر نەچچە كۈنغىچە ئېسىمگە كېلەلمەي مۆڭ بولۇپ قالدىم. كۆپ ئويلاندىم، ئاخىر ئۆزەمچە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق تەرەپلەرگە باغلاپ چۈشەندىم.  
ئون يىلدىن ئارتۇق ئۆزى ئىشتىياق باغلاپ ھەممىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەخشەندە قىلغان بىر ئايال تەرەپتىن ئالدىنىش بۇ دوستۇمغا ھار كېلىپ جاننى ئالغان بولسا، دوستۇم تەرەپتىن ناھەق ئالدىنىپ، ئۆزى بىلمىگەن ھالدا غەم- قايغۇ سەۋەپلىك ئېغىر كېسەللىككە مۇبتىلا بولغان، ياكى شۇ سەۋەپتىن  نۇرغۇن پۇلنى ئورۇنسىز خەجلىگەن ۋە ياكى جان ھەلقۇمىغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قارغىشى تۇتقانمىدۇ؟ ياكى «ئوۋچىنىڭ مىلتىقى بولسا تۈلكىنىڭ خۇدايى يوقمۇ؟» دېگەن ئۇيغۇر خەلق ماقال- تەمسىلىدىكى ھەقىقەتنىڭ كۈچى ئۆزىنى كۆرسىتىپ، ئاغزىغا چىۋىن چىچىپ، پۇت قولىنى سۇنۇپ بىئىلاج ياتقۇدەك رەسۋايى ئىبرەت ئۆلۈمىگە گىرىپتار قىلغانمىدۇ؟
2006-12-5


شىنجاڭدا ئۇزۇن يىل ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بىر مۇيسىپىت پىروففىسۇر مەندىن: ئەڭ قېينىلىپ ئۆلۈپ كېتىدىغان ئادەملەرنىڭ كىملىكىنى بىلەملا؟ دەپ سورىدى.
ــ: بىلمەيمەن-دەپ جاۋاب بەردىم.
ــ: تىۋىپ- دەپ، ئۆزى جاۋاب بەردى.
ــ: قانداقسىگە تېۋىپ قېينىلىپ ئۆلىدۇ-دېدىم.
ــ: بۇنداق دېيىشىم، ھەر گىزمۇ بارلىق تېۋىپلار شۇنداق بولىدۇ- دېگەنلىك ئەمەس. بايقىشىمچە: بىر قىسىم تېۋىپلار تېۋىپلىق ھاياتىدا كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ كۈچىيىپ كېتىدۇ، ئۆزىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان بولىدۇ. بىمارلارنىڭ زارى ئۇلار ئۈچۈن ئادەتتىكىدەك ئىشقا ئايلىنىپ قالىدۇ. نەتىجىدە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا بىمارلارغا قوپال مۇئامىلە قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. كېسەللىك ئازاۋىدىن جېنى قېينىلىپ ئىلاجىسىز قالغانلىقتىن بارلىق ئۇمىدىنى تېۋىپقا باغلاپ كەلگەن ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ كۆڭلىنى بىلىپ-بىلمەي ئاغرىتىپ قويىدۇ. ئاشۇ بىمارلار ئىچىدە نى-نى سەگەك، چېچەن كىشىلەر بولىدۇ، ئۇلارنىڭ دىلى رەنجىگەندە ئىختىيارسىز ئىچىگە تىنىدۇ. مانا بۇ تەكرار ئىچىگە تىنىشلار كېسەللىك بىلەن جان تالىشىۋاتقان، ئاخىرقى ئۇمىد، ئاخىرقى تىلەكلىرىدىن باشقا ھەممىنى يوقاتقان، ساپ قەلبى ئىچىگە چۈمگەن كىشىلەرنىڭ ئاھى-زارىدۇر. مانا بۇ ئاھى-زار پەيلاسوفلار ھەزەر قىلىپ كەلگەن سېھرى كۈچكە ئىگە قارغىشتۇر.
قېدىمقىلار توغرا ئېيتقان:
ئاھ ئۇرارمەن-ئاھ ئۇرارمەن ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى،
كۆز يېشىم دەريا بولۇپ، لەھەڭلىرىم يۇتقاي سېنى.

ئۇ كىشى يەنە:ــ بۇ سەۋەپتىن تېۋىپلار قېرىغاندا ئاغرىپ قالسا ئاسان دورا كار قىلمايدۇ-دە، بەك قېينىلىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. مەن نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغانلىقىنى كۆرگەنمەن- دېدى.
مەنبەسى: ئەلداۋا مۇنبىرى

eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 19:17:20

دىمىسىمۇ ھازىر دوختۇرخانىلاردىكى بەزى يىڭى ئىشقا چۈشكەن دوختۇر سىستىرالار ۋە بەزى تىۋىپلار دا كەسپىي ئەخلاق دەيدىغان نەرسە تولىمۇ تۆۋەن ،پەقەت ئىقتىسادىي ئامىل يىتەكچى خالاس ،شۇ سەۋەبتىن ئەتراپىمىزدا ئاغرىق سىلاق بوپ]قالسىمۇ  ،دوختۇرغا بىرىشتىن قورقۇدىغان تىۋىپلارغا كۆرۈنۈشتىن تىخىمۇ خودۇكسىرەيدىغان ھالغا كەپ قالغان كىشىلەر نۇرغۇن ، بىچارىلەلەر قانداق قىلىدۇ شۇ ،چوڭ كىچىك دورىخانىلارغا كىرىپ رىتسىپسىزلا دورا يەپ ئارام تىپىشنىڭ كويىغا چۈشىشىدۇ ، ياكى بولمىسا تەشۋىقات ئئىلانلىرى ۋە باشقا رادىئو تىلىۋىزىيە دىكى ممۇناسىۋەتلىك دورىلارنى ئۆز ئالدىغا يەپ كۆرەپ بىقىش ۋەزىيتى شەكىللىنىپ قالدى .

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 20:18:16

tadubeg
راس ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان تىما.
خوتەن،ئۈرۈمچى تەرەپلەردە سىز قول قۇيىدىغان تىۋىپلار قايسىلار؟
بولسا ھەرقايسىسىنىڭ قايسى كېسەلنى داۋالاشتا داڭقى بارلىقىنى دەپ بەرسىڭىز؟
ھازىر تىبابەت دورىلىرىنى ياسايدىغان شىركەتلەر بەكلا كۆپ ،قايسى شىركەتنىڭ دورىلىرى ئىشەنچىلىك؟ئادەتتە
سىز قايسى شىركەتلەرنىڭ دورىلىرىنى دۇككانغا سالىسىز؟
سىزچە تىبابەت دورىلىرىىنڭ ئەكىس يوقمۇ؟

mux يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 20:28:12

tadubeg
كەچۈرۈڭ تىمىغا مۇناسۋەتسز سۇئال سۇرايدىغان بوپ قالدىم، تۇنۇشلارنىڭ بالسى 1ياشتىن ئاشقان ئىھتىياسزلىقىن پۇتىنى كويدۈرۋاپتۇ، بىر تەتەي تىۋىپنىڭ قىشغائاپارغان خىلى ياخشى  ئەمما شۇ ئازراق يىرىڭدىغاندەك سۇ چىقۋىتىپتۇ.. مەقسەت ئۇيغۇر تىبابەتتە كۈيۈككە قانداق دورا شىپا قىلا...   ھە راس بىر خەنزۇ تۇنۇشى ئىت مىيىنى بىرىپتكەن پۇتىغا سۈرۈپ باقسا پايدىسى بولامۇ؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 20:41:36

بىر ئېغىز گەپ،ئېسىل يازما

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 21:04:37

mux يوللىغان ۋاقتى  2014-1-28 20:28 static/image/common/back.gif
tadubeg
كەچۈرۈڭ تىمىغا مۇناسۋەتسز سۇئال سۇرايدىغان بوپ ق ...

ئەگەردە ئورنىڭىز قەشقەر ياكى خوتەندە بولسىڭىز قاغىلىققا كىلىپ ئورمانچىلىق ئىدارىسى يىنىدىكى ئىتتىپاق كۆيۈك كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا كۆرسىتىپ بىقىڭ،كۆيۈك كىسەللىكلىرىنى مەخسۇس داۋاشتا مول تەجىربىگە ئىگە دوختۇرلار داۋالايدۇ،ھەم ئۆزى ياسىغان بىر خىل دورا بار بەك مەنپەت قىلىدۇ،

hezret2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 09:43:30

ئېشەكنىڭ قۇلىقىدىن قان ئېلىپ، شۇ قاننى كۆيۈككە چېپىپ بېرىڭ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:25:28

ھەزرەتنىڭ ئېيتقىنىنى قىلسىڭىز  بولىدۇ، بۇرۇندىن تارتىپ قوللىنىپ كېلىنگەن ئۇسۇل شۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:47:04

newyork يوللىغان ۋاقتى  2014-1-28 20:18 static/image/common/back.gif
tadubeg
راس ئادەمنى ئويلاندۇرىدىغان تىما.
خوتەن،ئۈرۈمچى ت ...

ھەممىلا تېۋىپنى تونۇمىغاچقا بىر تەرەپلىمە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بىلگىنىمنى دەپ باقاي.
خوتەندە تۇردى مۇھەممەد ئاخۇنۇمنىڭ ، ئەمەت ھاجىمنىڭ، تۇردى ھاجىمنىڭ ، ئەلى ھاجىم، تۇرسۇنتوختى ھاجىمنىڭ ئەۋلادلىرى ، روزىباقى ھاجىم، ئابدۇكېرىم ھاجىم قاتارلىقلار ئۇستا تېۋىپلار سانىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقىلارمۇ بولسا كېرەك.
ئۈرۈمچىدە ئەخمەتجان ئىسمايىل، ئىسمايىل داموللام، ئابدۇسەمەت داموللام ۋە يىلتىز تىبابەتچىلىكىنىڭ خوجايىنى قاتارلىقلار ئىچكى كېسەللىكلەرلەرگە، ئابدۇللا تاپقاق ئۆسمە كېسەللىكلىكىگە، ئىرپان ۋە ئىھسان ۋە ياسىنجان داۋاخانىلىرى تېرە كېسەللىكلىرىگە ئۇستا . مەن بىلمەيدىغان نۇرغۇن تېۋىپلار  بولۇشىمۇ مۇمكىن.
ئەمدى ئۇيغۇر تېبابىتى دورىلىرى شىركەتلىرىگە كەلسەك چوڭ دوختۇرخانىلاردىن ئاپتۇنۇم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك  ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى،  قەشقەر ۋىلايەتلىك  ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى، قاراقاش ناھىيەلىك  ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارنىڭ ياسىغان دورىلىرىنى ياخشى دەپ قارايمەن، شۇنىڭ ئىچىدىنمۇ بىرەر ئىككى خىل دورىسى ياخشى ، مەسىلەن قاراقاشنىڭ جاۋارىش ئەنبەر،رەيھان جەۋھىرى، خوتەننىڭ جەۋھىرى مۇپەررىھى ئەۋرىشىم، قەشقەرنىڭ كالىيزىرە ياسالمىلىرى، ئاپتۇنۇم رايونلۇقنىڭ زۇكام جەۋھىرى (ھازىر ئانچە پايدا  قىلمايدىغان بولۇپ قالدى دەيدۇ بىمارلار)داۋائىلمىشكى ، مەجۈنى ئەقرەب دېگەندەك  دورلىرى ياخشى چىقىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا خالمۇرات دوكتورنىڭ دورىلىرى بولىدۇ، باۋۇدۇن شىركىتى، مەتنىياز ھاجى شىركىتى، ئەلھىكمەت شىركىتى،ئۇدۇن شىركىتى  قاتارلىقلارنىڭكىنى ياخشى  دەپ قارايمەن. دۇكانغا شىركەتلەرنىڭ دورىسىنى (داۋالاشتا ئۈزىمىزنىڭ دورىلىرىنى ئاساس قىلغاچقا)كۆپ سالمايمەن، سالسام ئاپتۇنۇم رايونلۇق  ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ زۇكام جەۋھىرى، داۋائىلمىشكى، دىنار شەربىتى، خوتەن ۋىلايەتلىك  ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ جەۋھىرى مۇپەررىھى ئەۋرىشىم، قۇرسى خىياشەنبەر،قۇرشى شاھتەررە ، ، باۋۇدۇننىڭ ئەپتىمۇن جەۋھىرى، خالمۇرات دوكتورنىڭ زۇپا ۋە زۇكام جەۋھىرى ، غار-غار سۈيى  دېگەنلەرنى ئىشەنچلىك ئىشلەتسىڭىز بولۇۋېرىدۇ.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:48:30

ئەمدى تېبابەت دورىلىرىنىڭ ئەكس تەسىرى يوقمۇ دېگەنگە كەلسەك بۇ سەل چوڭ تېما .
قىسقىچىلا دېسەك دورا كېسەلگە ماس كەلمىسە ۋە مىقدارىدىن ئارتۇق كەتسە زىيان قىلىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 10:52:38

پىرىم بەك كەمتەر جۇمۇ.  تادۇمۇ داڭلىق تىۋىپلارنىڭ بىرى.  سەل قېرىغاندا بەلكىم ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ شاھىنشاھى بوپ قېلىش مۇمكىن.  {:92:}

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 06:47:57

qassap يوللىغان ۋاقتى  2014-1-29 10:52 static/image/common/back.gif
پىرىم بەك كەمتەر جۇمۇ.  تادۇمۇ داڭلىق تىۋىپلارنىڭ بىرى ...

ھۆكىماسى...

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 09:22:54

تادۇبەگ، كېسەل، پىسەل تارتىپ قالساق ئۆزلىرىنى نەدىن ئىزلەيمىز؟
3-4 ياشلىق بالىلارنىڭ مېڭە يىگىلەش كېسىلىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاپ ساقايىتقىلى بولامۇ؟

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 12:05:37

ئاۋۇ ئابدوللا تاپقاق دېگەن ئەدەمنى سەل تونۇشتۇرۇڭلا، پۈتۈن ئۈمىدىم شۇنىڭدا قالدى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 14:31:30

bugday يوللىغان ۋاقتى  2014-3-1 09:22 static/image/common/back.gif
تادۇبەگ، كېسەل، پىسەل تارتىپ قالساق ئۆزلىرىنى نەدىن ئ ...

مەن ئۈرۈمچىدە  ،تادۇبەگ ئۇيغۇر تېبابەت داۋاخانىسىدىن ئىزدىسىڭىز  بولىدۇ.
مېڭە يىگىلەشنى داۋالاش ھەققىدە خەۋىرىم يوق ئىكەن، ئۇچرىتىپ قالسام مۇنبەرگە يوللايمەن.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-3-1 14:33:06

rock يوللىغان ۋاقتى  2014-3-1 12:05 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئابدوللا تاپقاق دېگەن ئەدەمنى سەل تونۇشتۇرۇڭلا،  ...

بۇرۇنقى دۇكىنىمنىڭ قېشىدا بىر شىپاخانا ئاچقان، شۇ ۋاقىتتا تونۇغان ئىدىم، ھەم داڭلىق كىشىلەر خېلى كېتىپ تۇرىدىغان، ھەم دۇكىنىمغا ئابلا تاپقاقنى سۈرۈشتۈرۈپ كىرىدىغانلارمۇ بار ئىدى. ئاساسلىقى دوختۇرخانىلاردا ساقايمايدۇ دەپ قارىغان ئۆسمە كېسەللىرىنى داۋالايمىشكەن.
بىلىدىغانلىرىم شۇنچىلىك.
بەت: [1]
: ساختىپەز تېۋىپ