ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 00:15:03

سىنوۋدېن ئاق ساراينى تاشقى پىلانىت ئادەملىرى كونترول قىلىدۇ دىدى

خەۋەر مەنبەسى ۋاڭىي تورى
بۇ يەردىن كۆرۈڭ

يېقىندا ئىراننىڭ ھۆكۈمەت ئارقى كۆرۈنىشى بار ئاخبارات ئورگىنى «پارس ئۇچۇرلىرى» ئەمىرىكا ھۆكۈمىتىنى تاشقى پىلانىت ئادەملىرى كونترول قىلىدۇ دىگەن خەۋەرنى ئىلان قىلىپ بىر مەيدان بەس مۇنازىرە قوزغىدى.
بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، «پرىزما» ۋەقەسىنىڭ سەۋەپكارى سىنوۋدىن فىدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن ئوغۇرلاپ كەتكەن موھىم ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدە بۇ ئۇچۇر بار بولۇپ روسسىيە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دوكىلاتىدا تىلغا ئېلىنغان ئىكەن.
ماقالىدە 1945 -يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تاشقى پىلانت ئادەملىرىنىڭ كونتروللىقىدا ، بۇندىن بۇرۇن ناتسىس گىرمانىيىسىنى تاشقى پىلانىت ئادەملىرى كونترول قىلغان دىيىلگەن.

بۇ خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى «پارس ئۇچۇرلىرى» بولماستىن، ئەزەلدىنلا سۇيقەسىت نەزەرىيەسىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى دەپ نام ئالغان Whatdoesitmean.com ئىكەن.
بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ۋاشىڭتون پوچتا گېزىتى قاتارلىق ئامېرىكا مېدىيالىرى كەسكىن رەددىيە بەرگەن. بۇ خەۋەرگە قارىتا سىنوۋدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++

تۆۋەندىكىسى بۇ خەۋەرگە قارىتا ۋاڭىي تورىدىكى قىزىقارلىق ئىنكاسلار:


1940-يىلى گىرمانىيە ۋە ئىتالىيە ھەربىي كۈچ جەھەتتە ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان فىرانسىيە ۋە ئەنگىليە بىلەن ئارقىدىنلا ئۆزىدىن كۈچ جەھەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغان ئامېرىكا بىلەن جەڭگە چۈشتى. ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە بارلىققا كەلگەن رىئاكتىپ ئايروپىلان، ئاتوم بومبىسى، دەرجىدىن تاشقىرى زەمبىرەك، ئۇچار تەخسە  دىگەندەك قوراللار ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. گىرمانىيە ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق كوزىرلىرىنى ئىشلىتىپ بولۇپ( تاشقى پىلانىت ئادەملىرى بۇ چاغدىن باشلاپ ئامېرىكىنى قوللىغان دەپ پەرەز قىلساق) ھېملېرنى تىبەتكە ئەۋەرتىپ ئىلاھى قوراللارنى ئىزلىگەن.
يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشەنچىلىك خاتىرەلەر بىلەن ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.


تاشقى پىلانىت ئادەملىرى ئالەمدىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت قىزىل روسسىيە، شىمالى كورىيەنى كونترول قىلماي ئامېرىكىنى كونترول قىلغىنى قىزىقارلىق ئىش بوپتۇ.

بۇ خەۋەر 4 ئاينىڭ 1-كۈنى ئىلان قىلىنىشى كېرەك ئىدى. مۇددەتتىن بۇرۇن ئىلان قىلىنىپ قاپتۇ.

قارىغاندا راسىت بولىشىمۇ مۇمكىن، بولمىسا قانداق ئادەم بىكاردىنلا باشقا دۆلەتلەر ھەتتاكى دۈشمەن دۆلەت شىمالى كۆرىيەگە شۇنچە كۆپ ياردەم بېرىدۇ؟ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تاشقى پىلانت ئادەملىرى ھەقىقەتنمۇ ئاقكۆڭۈل.

ھو ئىتنىڭ كۈچۈكلىرى! قاراقچىلارنىڭ ھوقۇق تۇتىشىغا يول قويۇپ، خەلقنى قىينايدىغان دۆلەتنى كونترول قىلماي ئەمرىكىنى كونترول قىلغىنىنى، بۇ غەرپپەرەس تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگە قاتتىق ئىتراز بىلدۈرىمەن.

Alanwar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 04:49:52

ئادەمنى ئەخمەق قىلىدىغان خەۋەركەن

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 06:27:13

ھو ئىتنىڭ كۈچۈكلىرى! قاراقچىلارنىڭ ھوقۇق تۇتىشىغا يول قويۇپ، خەلقنى قىينايدىغان دۆلەتنى كونترول قىلماي ئەمرىكىنى كونترول قىلغىنىنى، بۇ غەرپپەرەس تاشقى پىلانىت ئادەملىرىگە قاتتىق ئىتراز بىلدۈرىمەن
----------------
:lol

function يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 09:56:36

ئەنگىلىيە ئىمپىرىيىسىنى ناسارلار كونترول قىلىدۇ

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 09:58:12

http://v.ifeng.com/include/exterior.swf?guid=0443505d-ef27-48ae-af2c-81214dc39bc6&AutoPlay=false

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 09:58:34

ما ئاداشقا ۋوتكا زىيان قىلغان ئوخشايدۇ. :L

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 12:30:30

ئىران بىلەن چاۋشەننىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى يۇمۇر تارقىتىدۇ دەپ ئويلاڭلا بولدى{:107:}

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 12:31:50

قىلىدىغان ئىش تاپالماي كومــــــــــــــــمونىستىت دۆلەتلەرنى ئالداپ يۈرۈپتۇ دە، بۇ خەۋەر پەقەت روسىيە جۇڭگو چاۋشەندىلا تارالغان بولۇشى مومكىن

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 13:02:17

ئامېرىكىنى ماسونلار كونتىرول قىلىدىغان تۇرسا، تاشقى پىلانت ئادەملىرى دەۋاپتا. سىنوۋدىن ماسونلارنىڭ ئۆلتۈرىۋېتىشىدىن قورقۇپ قېچىپ كەتكەچكە، يەنە ماسونلار كونتىرول قىلىدۇ دەي دېسە تېخىمۇ دۈشمەنلىك بولاپ كەتمەي دەپ تاشقى پىلانت ئادەملىرى دەۋاپتۇدە. تارىم ئامېرىكىنى ماسونلار كونتىرول قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقىپ بولغانغۇ.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 13:12:14

كونتۇرول قىلىدىغانلارنىڭ كۆپلىگىگە قارىغاندا، ئامىرىكىنى كىملا كونتۇرول قىلسا بولىۋېرىدىغان ئوخشايدۇ. قېنى باللا بىزمۇ ئامېرىكىنى بىر كونتىرول قىلىپ باقمامدۇق.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 13:29:33

ئەمىسە مەن ئاق ساراي بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىنانى كونتىرول قىلغىلى ماڭدىم.  :lol
مېنى مەركىزى ئاخپارات ئىدارسىدىكلەر تۇتىۋالسا تاشقى پىلانىتقا ئىزدەپ بارماڭلار.:lol

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 13:49:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qarabeg تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-28 13:50  

lutpulla يوللىغان ۋاقتى  2014-1-28 13:29 static/image/common/back.gif
ئەمىسە مەن ئاق ساراي بىلەن بەش بۇرجەكلىك بىنانى كونتىر ...

ما!;P ;P ;P

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 17:37:07

بىچارە ئامرىكىلىقلار ، مەن تىخى ئامرىكىلىقلارنىڭ دۇنيادىكى ئەو ئەركىن كىشىلەر دەپ يۈرۇپتىمەن، تاشقى ئادەملەر كونتىرۇل قىلغان بولسا يەنىلا ئادەملەر ياكى پارتىيە تەرپىدىن كونتىرۇل قىلنىدىغان بىر بەخىتلىككەنمىز جۇمۇ!:lol:lol:lol

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 23:16:54

مەن بۇ خەۋەردىن كۆرە ئىنكاستا ئۇلىنىش قىلغان فىلىمنى ۋە فىلىمدىكى مەن قىزىقۋاتقان ئېر تى تېلېۋىزىيە ئىستانسىغا قىزىقىپ قالدىم، بۇرۇن بۇ تېلېۋىزىيە ئىستانسىننىڭ ئەنئەنىۋى چوڭ ئاخبارات ۋاستىللىرىغا جەڭ ئېلان قىلالىغىدەك سەۋەيەدە ئىكەنلكنى ئاڭلىغان ئىدىم. قىسقا ۋاقىتتا بۇنچە زور تەسىر قوزغىشى مېنى قىزىقتۇرۇپ قويدى.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 02:14:45

يولداش سىنۋودىن روسىيەدىكى سابىق كومپارتىيەدىن مۇئاش يەۋەتقان چىراي {:92:}

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 08:29:36

بۇ ئاداش جۆيلىۋاتامدىكىن :dizzy:
بەت: [1]
: سىنوۋدېن ئاق ساراينى تاشقى پىلانىت ئادەملىرى كونترول قىلىدۇ دىدى