toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 23:16:32

ئۇلۇغ ئەسلىمە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   toethogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 23:18  


ۋەتەن ئۇلۇغ بىر ئەسلىمە


يۇنۇس زۇننۇن


1
ئىستانبۇل، تۇمانلىق كېچە
فاتىھتا ئوت كەتكەن كوچا، چەمبەرلەر ئايلانمىسى
يىلان تىزمىسى، خوتەننىڭ يىغىسى يۈزلىرىمدە
يېقىمسىز قىش، تاشلانغان ئۇستىخانلىرىم
قەشقەرسىراپ تۇرغان ياغاچ ئۆيلەر
كۆز نۇرۇمنى يېگەن كۈندۈز
قاراكۈت سۆزىدە
جىگدە چېچىكىدە
ئاي تولغان كېچە
ئىستانبۇلدا...بىر كارۋاتلىق دۇنيا، بەلكىم يالىڭاچلىق
ئىچىڭدىكى ھەممە.
2
مەن سەھەرگە ئاستىم باغرىمنى
تىزدىم بارماقلىرىمنى كۆكسۈڭگە
تۇتتۇم جىسمىمنى بىر گۈل ئورنىدا
پەقەت بىر گۈل
ياكى بىر قەبرە تېشى
سەن مېنى تاشلىغان يەردە،
مەن تاش تەردىم رەگەتكەم ئۈچۈن
شۇ ساناقسىز سانلارنى ئوۋلىماق ئۈچۈن
ئۈستۈڭگە قونغان،...
جىمجىت تۇپراق، ئوقۇماقتا ئېچىرقىشىنى
تەمبۇر، دۇتتار، غېجەك، راۋاپ...
بۇمۇ مېنىڭ ئاۋازىم؟!
ئاۋازسىزلىق سۈرگىنلىگەن ئارماندا
چۈشۈمدەسەن بىر تامچە قان
ئۇيۇپ قاتقان
يۈرەك ئىچىدە
ھايات بىر قەرز بەزىدە
ۋەدىلەر ئۆلگەندە
ۋەتەن
بىر باھانە
ئۆلگەن جاننى باقماق ئۈچۈن
پەقەت بىر باھانە.
3
ئىستانبۇل مىليون جاننىڭ ۋەتىنى،
قەشقەر ئىستانبۇلنىڭ ۋەتىنى.
4
مەن ھۆلدېرلىننىڭ شېئىرلىرىدىن
ۋەتىنىمنى ئوقۇغىنىمدا
ئاسمان ئوقۇيدۇ كۆزۈمنى
تۇتۇپ ئېلىپ ئاياقلىرىمىدىن
زېمىن ئەسلەيدۇ زەلزەلىسىنى
كېچىدەك قارايغان كۆزلىرىڭدىن
يوقتەك ئېقىپ يۈرگەن سىماڭلىرىڭدىن
ئاققان ھەر تامچىسى بىر ھەسرەت دولقۇنى
بىر تامچە
ۋەتەن ئۈچۈن
ھەر تامچە
زېمىن ئۈچۈن
ھاياتى ئۈچۈن،
چۈشلىرى ئۈچۈن.
4
كۆكۈش تۇمانلار ئوينار سەھەر ئېغىزىدا
چاملىجانىڭ ئاستىدا،...
بىر قاتىل سىماسى بار
ئەينىكىمدە
چېقىلغان يۈزلىرىڭدە...
5
ئەتە
گۈل پۇرامدۇ، پورۇخمۇ
جان بېرەمدۇ، ھاياتمۇ
تىنىقىمدا ئوينار بىر خىيال
بىر جان كەبى
قارتىلار كەبى تىزىلغاندا ئۆلۈمنىڭ تەرتىپى؛
كاشكى بىلسەم ئىدىم
قاچقان كۆز نۇرلىرىڭنى قوغلاپ يېتەلىسەم
يەتسەم ئىدىم سەن قاچقان شۇ چەكسىزلىكلەرگە
خۇددى
بىر ۋەتەن كەبى ھىدى بار
بىر ۋەتەن كەبى جېنى بار
بىر ۋەتەن كەبى...
ئۆلۈم
ۋەتەن بىر ئۇلۇغ ئەسلىمە
ھەر ئەسلىگەندە تىرىلەر جانلار
تىرىلەر ئىستانبۇل
ئاياق ئىزىدىن قەشقەرنىڭ،
كاشكى بىلسەم ئىدىم
قوغلاپ كەتسەم ئېلىپ قاچقان شۇ كۆزنۇرلىرىڭنى
بىر ۋەتەن تاپسام
ئىچىدە ياشىغان بىرسى مەن بولسام
ئىستانبۇل
بىر قەشقەر
كوچىسىدا ئەرۋھلار ئاققان
رەڭلىرىدە تاتارغان جەسەت
مەن سىزغان تام رەسىملىرى
يۈزلىرىمگە...
ئېقىپ ئۆچكەندە ئەسلىمىلەر
ئوت ئالار جەھەننەم.
6
ۋەتەن بىر بوردا نان
قەشقەرنى ئەسلىگەندە جاھان
تاڭنى تىلەپ
گال پىچاقنى تېيەپ تېگى يوق ھاڭغا
قېرىدى بىر نۇر
قېرىغىنى پەقەت شۇ بىر نۇر
ۋەتەن ئىسىملىك قېقىلغان كىرپىك
ۋەتەن رەڭلىك ئۇزۇن كېچە
ۋەتەن تەملىك ئاچچىق قەھۋە
بىر يۇتۇم بولدى
ئانام ئېيتقان ھەقىقەت
ۋەتەن دەردىنى ئېيتقاندا.

7
ئاسمان لۆمۈلدىدى
ئالىقانلىرىمدا
يىراق قەشقەردىن ئەزان كەلگەندە
بىر بامدات ئۇيقۇدا
جانلار سەرسان يېتىم تۇيغۇدا...
8
ۋەتەن
قىلىچلارغا ئۇنتۇلغان قان
جانلارغا فاتىھە
ھاياتقا قالدى بىر ئۇلۇغ ئەسلىمە.





toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 14:39:36

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   toethogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-29 14:41  




جان چاپقۇنلىرى

يۇنۇس زۇننۇن

ئاسمانلارنى كېپەن قىلىپ يۆگىدىم سېنى
كۆمدۈم ئاخىرى قەلبىم قېتىغا
بىر چىدىماس ئاھاڭ ئىچىدىن
ياندۇردۇم بىر ئوت، لېۋىدە كۆيدۈم
سەن يوق قىلغان بارخانلىرىڭدا
سۆڭەكلىرىمنى تەردىم بۈگۈن
ئەلگەك بولغان زېمىن قولىدا.

مەن ئاسماندىن بىر بايراق تىكىپ
قانلىرىڭغا بەردىم بىر سادا
چۈشلىرىڭدىن چىقتى بىر قۇياش
ئېرىمىدى قاتقان تەنلىرىڭ
كىرپىكلىرىمنى نەمدىگەن جېنىڭ
ئۇچۇرما بوپ ئۇچتى ئۇ بۈگۈن
سەن بارالمىغان ئاسمانغا
ئاسمانلارغا.... تىڭشا ئامرىقىم!
چۈشلىرىڭدىن نېسىۋەم بار دەپ بەردىم ۋەدىلەر
تەڭ ئۆلىمىز دېدىم قانچە رەت
بىزنى تاۋۇت قىلىپ ياتقان ئىچىمىزدە
بىر كىرورەننىڭ رەڭلىك ئىزىغا
مىليون جاننىڭ تەقدىرىنى ئاسقان
بىر دەرەخ
ئىچىمىزدە قېرىغان
جەننەتنىڭ ۋاقتى.

قانلار گۈزەل ياراشقان ئىدى
بىز كۆرگەن چۈشكە
بىر تامچەڭ ئۈچۈن بولدۇم مەدىكار
شەبنەم تۇتقان سەھەرلىرىڭدە
قىپقىزىل بىر شەبنەم بولماق ئۈچۈن
جانلار تىلىدىم بىر تەن ئۈچۈن
مىليون جانلار...
يىتكەن ئارمانلارنى قوغلاپ
تەڭ سۈرۈلدۇقمۇ بىز بۇ تەقدىرنىڭ ئىككى چېكىگە
تەڭ ئوقۇدۇقمۇ بىز بۇ سۈرگۈنلۈكنىڭ داۋامنى
نەزىر بولغان كۈتۈشلىرىمىزگە...
كۈمۈش سۇۋاپ تىللىرىغا ئاسمانلارنىڭ
يۇلتۇزلارنىڭ ھېكايىسى بولدۇق،
تۇپراققا مۇساپىر نۇرلار بۈگۈن
تەكلىماكان يانىدۇ خىرە
قان شىرە
بىر قاباھەتلىك چۈش ئىچىدە
...
بۈگۈن
مەن قىش كېچىسىنىڭ سوغۇق ئاسمىنىدا
يۇلتۇز سانىدىم سەن ئۈچۈن
بىز بىر چاغلار كۈتكەن ئارمانلارنىڭ خاتىرىسىگە...
ئەتە
مەلۇم بىر پەسىلىنىڭ سوغۇق ئاسمىندا
يۇلتۇز بولغان سەن ئۈچۈن
بىر ئاسمان بولىمەن چاقنىشىڭغا
بىر جان بېرىمەن تىلەكلىرىڭگە ياشىشىڭغا...

2013-01-19
ئەدىرنە،تۈركىيە

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 14:48:39



جانلار ئىزىدا

يۇنۇس زۇننۇن


ئىزىڭدا يۈردۈم
ئاسمىنىڭغا ئوقۇلدۇم
كۆزلىرىمنى ئويۇپ ئالدى ئىچىڭ
قۇپقۇرۇق بولدۇم؛
جەڭلىرىڭدە ياشىغان بىرىمەن
قان كۆكلىگەن سەھەرلەردە
ئىچىڭدە ئېچىلغان بىرىمەن...
بۇ قورقۇنۇچ بېرەلمەس جاۋاب
يانار تىنىقلىرىم يولۇڭدا ھامان
زۇۋانسىز بىر دۇنيادا ئۇخلىغان تاڭلار،
تاش ئىچىدە يامرىغان سادا
ئەنە شۇلار مېنىڭ سۆزلىرىم ئىدى
ساڭا سۆزلىيەلمەستىن مەھبۇس بولغان
زاماننىڭ تۆشۈكلىرىگە....
قاغىلار ئۇزاپ كەتكەن بىر بوشلۇق
ئىچىدە ئېسىلغىنى مېنىڭ چۈشلىرىم
سېنىڭ يۈزلىرىڭگە!
مەن يۈرەكلىرىمنى پۈكلىدىم ساڭا
بىر ئۆلۈم تىلەپ ئىچىمگە
ئۇنىڭدا سەن بىلگەن ھەممە نەرسە نەزىر بولۇشنى تەقدىر قىلغان ئۆزىگە!
...
جەڭلىرىڭدە ئەي قەدىمىي شەھەر
ئېقىۋاتىمەن
ئۇنتۇپ كېتىلگەن ئەسلىمىلىرىڭدە
چۈش بولۇپ تىرىلىۋاتىمەن
ئىچىمدە.
...
بىر ئەر نېمىگە تەڭ؟؟؟
...
داستانلىرىڭدا رەڭلىنىپ كۈلگەندە قىزىل رەڭ
مەن بويالغان چۈشلىرىمنى ساڭا تەڭلىگىنىمدە
ئاسمانلار قايتىدىن كەلدى قېشىمغا
سالام سىلەرگە ئەي جانلار تەرگەن ئالىي روھلار!
تامچىلارغا ئايلىنالماي
تىلىكىڭلارغا بوش قالدىم بۈگۈن
يىقىلدىم ئەسىرلەر بۇرۇن كۆرۈلگەن چۈشلىرىڭلارغا
يۇلتۇزلارغا ئوقۇلغان قەسەملەر بىلەن
قىسسەلىرىڭلار سوئال بولدى ئىچىمگە
تەقدىرىڭلار ئېقىپ ئۆتتى يېنىمدىن
ئاپئاق بىر ئاسماننى ئېلىپ
بىر ئوچۇم تۇپراق بولغان تېنىمنى يۆگىگىنىمدە
ئارقامدا ئۇزىدى ئىسيانلار
ئالدىمدا تامچىلىۋاتقان تامچىلار
سۈكۈتىدە پادىشاھلىقىنى قۇرغاندا...
سالام سىلەرگە ئەي مەمنۇن بولغۇچىلار!
قۇم بولۇپ يېرىلغان چۈللۈكۈمگە
بىر دېڭىز كۈتتۈم قىپقىزىل
سىلەر جەننەتنى سۇغارغاندەك تامچىلاردا...
«قەيەردىسەن شاھادەت؟؟؟
تامچە-تامچە يوقلۇقۇڭ
تاشىدۇ بۈگۈن كۆزلىرىمدە»
ئۇندا مۇڭلىنىپ ئېرىيدۇ تېنىم
يوقاتقان چۈشلىرىنىڭ ئورنىنى
...
نومۇسقا نەزىرمۇ بىر ئەر؟؟؟

ئەي شائىرلار!
مەن مەھمۇدنى ئوقۇدۇم ئۇنىڭ تاش بولۇپ كەتكەن قەسەملىرىدىن،
بابىلنىڭ سېپىللىرىغا يېزىلغان؛
مەن نىزارنى تىڭشىدىم ئۇنىڭ سۇ بولۇپ كەتكەن كەچمىشلىرىدىن
شامنىڭ زېمىنلىرىغا سىڭىپ كەتكەن؛
جەڭگاھ بولغان ئىچىم
سۈكۈت بولۇپ يۇيۇلدى تاۋۇشلىرىمغا
ھاۋاغا ئۇچقان ئاھلىرىم
ئېلىپ كەتتى كىرپىكلىرىمنى
قۇياشنىڭ كۆزىگە تاقىماق ئۈچۈن
بىر زېمىننى ياندۇرماق ئۈچۈن
تەنلەرگە جاندىن خەۋەر بەرمەك ئۈچۈن.
...
ھۇد ھۇد
تىلسىز بولدۇڭ بۈگۈن
مەن تىرىلگەن زىمىندا
جانلىرىمغا جاھىل بولدۇڭ بۈگۈن.
ھۇد ھۇد
قاناتسىز بولدۇڭ بۈگۈن
مەن ئۇچماقچى بولغان ئاسماندا
روھىمغا پەرۋاسىز بولدۇڭ بۈگۈن
تېنىمدەك ئېغىر ياتقان جىملىقىڭدا...
ھۇد ھۇد
قامالدىڭ ساناقسىز تىلسىزلىقىمغا
ئىچىمگە قاققان قاناتلىرىڭ
بېرەلمىدى بىر ئۇچۇش
رەببىم ماڭا ئاچقان زېمىنغا يۈرۈشكە
سەبە مەلىكىسىدەك بىر قىز
ئۇيغۇر بولدى يوق بولدى
سەن كۆك ئاسماندىن غايىپ بولغاندا...
قۇياش دۆلىتى
قارچۇقلىرىمدا بارخان بولۇپ ئۇچقاندا.

ھۇد ھۇد
ئەسلىمىلىرىمدىن چۇلغۇدۇم سېنى
كەلسەڭ ئىدىڭ بىر ئىز بىلەن
سۇلايمانغا كەتسەڭ ئۇچۇپ
ئېلىپ بىزنىڭ خەۋىرىمىزنى:
قۇم ئاستىدا بىر دۆلەت
ئۆلەر ھالدا سېغىندى سېنى
ئۆچۈپ كەتكەن جانلىرىنىڭ ئىزىدا
ئۈنسىز پىچىرلىدى سېنى!

27.01.2013
ئىستانبۇل


toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-1-29 14:52:16



شائىرغا ئۆلۈم

يۇنۇس زۇننۇن


شائىر!
سۆزلىرىڭ قالمىسا يازغۇدەك ئۆزۈڭنى
يېزىلامسەن قانلىرىڭ بىلەن
تامچىپ تۇرغان قۇياش لېۋىدە
شۇ زېمىن يۈزىگە؛
بىر جەڭگاھ ئوت ئالسا ھازىر
ئەسلىمىلىرىڭدە...
ياشىغان كېچىلىرىڭنىڭ چوڭقۇرلۇقىغا تولدۇرۇپ
جان بېرەمسەن ئاتەشلىرىڭگە
ئۆلۈپ كېتىشكە بولغان سەمىمىيلىكىڭدىن
كۈلەمسەن ئىنسانلارنىڭ بەخىت دېگىنىگە شۇنچە
ھازىر
كۆز ياش، پەردىلەر چايقالغان جاننىڭ ئىسىمىسىز ئازابلىرىدا
قانايمەن دېدىڭ يۇلتۇزلارنىڭ قەبرىسىدە
ئىز تۇتۇپ نۇرلارنى
كۆرىمەن دېدىڭ ۋەيران بولغان دىدارىڭنى
ۋاقىتنى قاتۇرۇپ ئىزىدا
سىڭىپ تۇرۇپ سۆزلەر قېتىغا
ئوقۇيمەن دېدىڭ جاننىڭ ئەسلىنى
يىغلايمەن دېدىڭ ھاياتنىڭ ۋەسلىنى
قېنىم بىلەن قېنىم بىلەن قېنىم بىلەن...
شائىر
بىر تامچە قاننىڭ قىممىتى ئاشكارا بولغاندا
بىلەمسەن قىممىتىڭ ئاشىدۇ ئاسمانلاردا
زېمىنلار ئوقۇيدۇ داستانلىرىڭنى، جەڭگاھلار كېلىدۇ قايتقان ئىزىدىن
شائىر،
ئۆلۈمىڭنى ئوقۇيدۇ بىر تامچە قېنىڭ
روھىڭنى توقۇيدۇ رىۋايەتچى زېمىن
تا ئۆزىنى تۈگەتكۈچە
يادلايدۇ تامچەڭنى يىراق كەلگۈسى،
ئوتىدا يانغان ئارمانلىرىڭ
ياشايدۇ بۇ سوغۇق كېچىلەرنى
بىر قەبرە يۇلتۇزلارغا كۆچكەندە
ئۇيغۇر بولۇپ ئۆچكەندە...


05.02.2013
ئەدىرنە، تۈركىيە

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 12:25:29



مۇساغا بىر ۋەدە



يۇنۇس زۇننۇن


مۇساغا بىر ۋەدە
-ۋەتەن؛
يارىلاپ كەلدى كەچمىشلىرىمنى
لەھەڭ ئىچىدە تۈنىگەن كېچە
ئاسمانغا بىر پارچە
يۇنۇسقا بىر لەھزە
يۇيۇپ كەلدى كۆزلىرىمنى
تېشىپ ئاياغ تۈۋىمدە
تۇرار قەدىمىي دېڭىز
ئويۇپ ئېلىپ سىمايىمنى ئۈستۈمدىن
يىراقلارغا كېتەر قۇياشقا قاراپ
بىر كېپەنلىك ئۈچۈن، بىركېپەنلىك پەقەت بىر ماڭا؛

مەن ياشاۋاتقان بىرىمەن
سوئاللىرىم بىخ تۇتتى ئەمدى
تۇتاش كەتكەن ئاسمانلار ئارا
تەنلەر تۇپراققا، ياش ۋە قان يامغۇرغا، جانلار بوشلىقىغا ئۆزئارا تەڭشەلگەندە
«ياشاۋاتقان بىرىمەن شۇ ھەق ۋەدىگە!»
شۇنداق دەپ ۋارقىرىدىم بۈگۈن
زۇۋانسىز قالغان بارچە بۇ مەخلۇقلارغا.

بىر سادا ئويناپ كەلدى يىراقتىن دولقۇن ياساپ
شۇ بىرلا ناخشىسىنى توۋلاپ
-ئۆلۈم!
بۇنىڭدىن باشقا قايتقان سادا يوق بۇ يولدا
كۈلۈپ كېتىمەن شۇنچە
قورقۇنچنىڭ كەينىدىن قىپيالىڭاچ بولۇپ كەتكەنلەرگە؛
ئىنسانىيلىقىڭلار بىر رىۋايەت ئەمدى،
قېرىنداشلىقىڭلار بىر لەقەم
بۇ تۇپراققا ھارام سىلەر
بۇ دۇنياغا،
بۇ كائىنات ۋە ئالەملەرگە ھارامسىلەر
لەنەتلەنگەن ئەزەلىيگە شۇ ئەسلى سىلەر!!!
...


10.02.2014

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-2-11 12:30:01



بۇ چاغ


يۇنۇس زۇننۇن


بۇ چاغ بەلكىم موسانىڭ ھاسىسىدەك بىر چاغ
-بىر سېھىر چېغى؟!
مەن كۆزلىرىمگە ئىگە بولالمىغان
پەقەت بىلگىنىم:
بىر قەلىبنىڭلا چېغى.

بەلكىم ئۇزەيرنىڭ ھەيرانلىق چېغى
ئۆزگە بىر مەزگىل خامۇشلۇق چېغى،
بىر مەزلۇمنىڭ تاۋۇشى يېرىپ ئاچقان
ئاسمان ئىچىدە ئاسمانلارنى
پارچە پارچە ئېسىپ ئىچىگە
جان يادلاۋاتقان چېغى...

بىر كىرورەن، تونۇمايدۇ ھىچكىم سېنى
مونالىزانىڭ ئەپسۇنىدا
دېڭىز يامرايدۇ ھەر يەرگە
قۇم ئوينايدۇ ئۈستۈڭدە
ئىسمىڭ خار، ئىپپىتىڭ شەھۋەت بازىرىغىچە كۆندۈرۈلگەن زەنجىرلەردە
ئىچىمگە ئاران بىر تامچە يۇقى چېغى...

نى ئارزۇلارنى پەپىلەپ بالىلىقىمنى ئۇزاتتىڭ
كېيىن
جانلىرىم نەچچە ئوينىدى تىرناقلىرىمنىڭ ئۇچلىرىغىچە
شۇندا بىلدىم ئارىمىزدا ئاسمان زېمىن ھىجرانى
ئەزەلىي بىر ئايرىلىش چېغى
بىر ۋەدىگە قان بولۇش چېغى...

قاپقارا يامغۇر بولۇپ ئۇزاتتىم سېنى
بىر ئۇلۇغ ئەسلىمىنىڭ نامىدا
چۈشلىرىمنىڭ دېرىزىلىرىگە يامىشىپ تۇرۇپ
تېخى بىر بوۋاق كەبى ئىسمىڭنى تامشىپ تۇرۇپ
كەلگۈسۈمگە جانلاندۇرماقچى ئىدىم سېنى...!

بۇ پىراقتا
ھەر پىكىر بىر ۋەدە چېغى،
يۈكۈنۈپ چىن ئىنسانىيلىق ئۈستىگە
دۇئاغا بىدارلىق چېغى...
قىساس پەرز بولۇپ كەتكەن شۇنچە،
بىر جانغا مىڭ جاننىڭ ۋاجىپ چېغى...


10.02.2014

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 01:32:57


گۈل تامچە


يۇنۇس زۇننۇن


سىزىق-سىزىق ئاسمانلار
قارچۇقلىرىم ئاستىغا يېيىلىپ كەچ كىرىدۇ؛
يۇلتۇز يېنىك كەشتىسى بىلەن
يېتىملارنىڭ جېنىنى يامايدۇ؛
سەبىر يىڭنىسى بىلەن تەقدىرىنى ئۇچلاپ
بىر ئۇيغۇر جان دەپ يىغلايدۇ
گۈل چېكىپ ئاسمانلارغا
بىر كەڭلىككە تامچە-تامچە تارايدۇ.

بىر گۈل تامچىپ بوينىدىن
كۈل ئاسماننى چوغلاپ
ھاياتتىن ھاياتقا تاقلايدۇ،
يېشىل قۇشنىڭ قارنىدا
جەننەت يىلىم يۇمشايدۇ،
ئانام يېشى بىلەن ياشايدۇ
سېنى ئۇزاتقان يولدا مېنىڭ يولۇمغا قارايدۇ...

گۈل تامچە
بىر يىلنى ئوشىتىپ، ئەتراپىمنى ئايلىنىپ
چېچەك-چېچەك پۇرايدۇ
ئانام خەۋەرسىز، چۈشلىرىگە سىنچىلايدۇ:
جەننەت بېغىغا بىر يىللىق قۇش
شۇنچە يېقىملىق سايرايدۇ،
مەڭگۈلۈك بىر ۋەتەننىڭ پۇقراسى بولمىش بۇشرانى
جان ئانىغا ئېيتارغا مىڭ جان ئىستەيدۇ؛

جان ئانامغا بىر ۋەتەن
شۇ گۈلدىن تامچىپ ئۈنگەن
جەننەت باغچىلىرىدا بىر ماكان
نامسىز بۈگۈنلەر سوقۇلۇپ
ئىچىگە جانلار چىللايدۇ،
بىر بامدات خۇددى مەھشەرى زۇلمەت
سۈبھى تامچىپ يالغۇز ئانامنى يىغلايدۇ...
نومۇس شۇنچە كۈچەپ ۋۇجۇدۇمدا
چاناقلىرىمغا سۈزىلىدۇ،
ھۈركۈپ قاچقان ھاياتىم
بىر شاھادەت ئىزنىكىدە
ئۆلۈم ئۇستىخان، بوشلۇقۇمنى غاجايدۇ؛
گۈل تامچە
تىنىقلىرىمغا بىر ئوچۇم يەردىن
ۋەدىلىرىمىزگە شاخلايدۇ
ئۇزاپ كەتكەن بىر ئۆتمۈش
قۇياشقا مىنىپ نۇرلارنى قوغلاپ
ھەق شانىغا تۆكۈپ تامچە-تامچە
گۈل تامچىلەر ھۆرلۈك ئۈنلەيدۇ...
يالاڭ ئاياغلىق ئاسمانلار
بۈگۈن
شامدا،خوراساندا، قەشقەردە
بىر ۋەتەننى يىغلايدۇ...
جان ئانام يەنە يېشى بىلەن ياشايدۇ...

گۈل تامچە
چۈشلىرىمدە ياتقۇنچە
بىر ۋەتەن بىخلىدى ئىچىمدە،
مەن بويلىدىم بىر يىلنى
نومۇس ئەگدى بېلىمنى...

ھىلال ئاينىڭ بېشىدا
جان ئانامنىڭ يېشىدا
تىلەپ قالدىم نومۇسلۇق كۈندىن بۈگۈندە
شۇ ۋەتەندىن شاخلىنىپ
گۈل تامچىدىن بىر تامچە
ئېقىپ كەتسىكەن جېنىمنى.


toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-3-25 15:50:39


جىن تاش


يۇنۇس زۇننۇن


كۈنلەرگە سۇنۇپ كەتتى
جىن تاش،
بىر كۆزى ياش.

مونچاق ئاسمان يېرىم دەسسەپ ئۈستۈمنى
كېپەنلىدى يېنىمنى،
سوغۇق شامال يېرىپ بىر غوزا
ئۇچۇپ كەتتى كېپىنەك بىر سۇمرۇغنى يېتىلەپ،
ئاسمان كەبى ئېگىزلەپ،
شېئىر تامچە-تامچە،
ئازغۇن بۇغدايغا رەڭ دەملەپ
ئوچۇق قالغان كېچىدىن
ئاستا يۇمۇپ ئىچىنى
يىپچە تىنىققا ئېسىلىپ، شېئىر قويۇپ ئىسمىنى، تامچىپ كەتتى ھەممىنى...

جىن تاش،
بارماقلارغا سەكرات كۈن
سۇنۇپ كەتتى ھەممىگە
يىغىپ كەلسەم ھەر پارچە
بولماس ئىدى بىر تامچە؛
شېئىر شۇنداق تىلەمچى
جان تىلەيدۇ بەزىدە...

قاشا-قاشا ئويلار ئىچىدە
كۈلۈپ كەتسە شۇ تامچە
ئۆلۈم كەبى ئاجىز بولۇپ
ئاقار ئىدىم شەپەڭدە
قۇياش تۇتۇپ چېكەڭگە
جىن تاش بولۇپ ساقاردىم
چىڭقى چۈشتىكى ۋەدەڭگە...

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 22:45:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   toethogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 23:00  




قۇياشتىن كېيىن

يۇنۇس زۇننۇن

كۈن رەڭگىدە ياردىم بېشىمنى،
ئۇچتى خىياللار
بىر روھ كەبى
قاناتلىرى قان
بىر تامچە ئاسمان
ئېقىپ ئوينار قارچۇقلىرىمنى
ئۇزاق ۋەتەندە
سېغىنىشلار كۆيۈپ ئۆچكەندە...

2014-04-11




شەنبىلىك قەبرە تېشى


يۇرتۇم مەڭزىڭدە قان
بىر سەبىينىڭ تېنىدىن تامچىغان
كۆزلىرىمدە...
ئەقلىم كەڭ كەتكەن بىر مازارلىق
قەلبىمگە ھەممىسى ئايان...

زۇلۇمدىن يېرىلدى مونچاق ئاسمان
ئىچىدە ئىدى شۇ سەبىرنىڭ تاشلىرى،
قوغۇشۇن-قوغۇشۇن تىزىلدى،
جانلىرىم بۈگۈن...
بىچارە دەڭلار مېنى،
ئۆز جەسىتىگە ئىگە بولالمىغان
بىچارە دەڭلار مېنى،
ئۆز تەختىگە ئۆزى گۆر بولغان...

13.04.2014





يوقلۇقۇڭغا


كۈل بولۇپ چوغدىن ئۈمۈتلەنمەك نېمە؟
خازان بولۇپ گۈلدىن ئۈمۈتلەنمەك نېمە؟
تۇپراققا بېرىپ بۇ تەننى،
ئاسمانلارنى قۇچاقلاپ ھەر يامغۇر پەسلى
ھەمىشە كۆرۈنمەس تامچىلەرگە سۇقۇنۇپ
چاناقلىرىڭدا ماكان تۇتماق نېمە....؟
-
شېئىر پۈتتۈم بىر قانچە قۇر يوقلۇقۇڭغا
كىم پۈتەر سەرسان بولغان بۇ ھاياتنى؟!

29.04.2014


بارلىقى ھەققىم ئارا


ئىچىمدە ياتقان كەڭ بىر مازارلىق
تاشلىرىغا ئاسمان ئويۇلغان
جانلىرى جانىم ئارا...

ئىچىمدە بىر ۋەتەن
چىگرالىرى ئۇنتۇلغان
تاجلىرى گۆرۈم ئارا...

ئىچىمدە بىر يۇلتۇز
جىمجىت تۈتەۋاتقان
بىر ئاسمان تۈزەۋاتقان چېھرىگە
بارلىقى ھەققىم ئارا...

29.04.2014




تاغ يېشىدا ياشىسام...

تىلىدىم رەببىمدىن قىساسىم ئۈچۈن
تاغ يېشىدا ياشىسام...

ئوچۇق كەتكەن كۆزلىرىگە بوۋامنىڭ
سىغماس بەلكى يەتتە قات ئاسمان،
سېغىنىش، پۇشايمان ھەمىشە نەم تەۋبە،
ئۆچكەن نۇرلاردا قالدى نى ئارمان...

كۆزلىرىمگە ئويۇپ كېچە قارىسىنى
ماتەم تۇتاي ھاياتىمغا-
تۇغۇلۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن
ئۇيغۇر تۈتەپ توزۇپ كەتكەن...

يۇلتۇزلارغا ئۇزاپ كەتتىڭ بىر بوۋام
قالدى ھىجرانىدا بىر پىلە
غوزىكىدە مىڭ ھىلە
ئاسمان كۈتكەن ھۇما قۇش
يىللار ئارا قان خىرە...

15.05.2014


windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 23:04:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-25 23:07  

ئەڭ ئاخىرقى شئىرنىڭ  ئاخىرىدىن سانىغاندىكى ئىككىنچى مىسراسىنى نىمىشقا ئۆزگەرتىۋېتىسىز؟

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 23:22:10

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 23:04 static/image/common/back.gif
ئەڭ ئاخىرقى شئىرنىڭ  ئاخىرىدىن سانىغاندىكى ئىككىنچى م ...

شېئىرنى قايتا ئوقۇش جەريانىدا ئاشۇنداق ئۆزگەرتىشنى لايىق تاپقانلىقىم ئۈچۈن ئۆزگەرتىۋەتتىم.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 00:01:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-26 00:20  

toethogul يوللىغان ۋاقتى  2014-5-25 23:22 static/image/common/back.gif
شېئىرنى قايتا ئوقۇش جەريانىدا ئاشۇنداق ئۆزگەرتىشنى ل ...

ماڭا يەنىلا ئۆزگەرتىلمەستكى مىسرا يېقىشلىق تۇيۇلغان.ئۆزگەرتىلمەستىن بۇرۇن نىمىتى؟ بەش مىنۇت بۇرۇن كۆرگەن نەرسىنى ھەرقانچە ئويلىساممۇ يادىمغا ئالالمىدىم.ماڭا  شۇ مىسرا يارىغانتى.
بەت: [1]
: ئۇلۇغ ئەسلىمە