ئارسلان ئادىلجان دۆلەت ياشلار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا تاللاندى
سىنا تەنتەربىيە تورى 27-يانۋار خەۋىرى؛ جۇڭگو ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيتى بۈگۈن دۆلەتلىك 18U ئوغۇللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى. يىقىندا شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكىتبول كوماندىسىغا قۇشۇلغان جۇ چى بىلەن بىرىنچى ئاۋغۇسىت ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئادىلجان سۇلايماننىڭ ئوغلى ئارسىلان ئادىلجان دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ تىزىملىكىگە كىردى. ئارسىلان ئادىلجان بۇ قېتىم دۆلەت ياشلار كوماندىسى تەركىبىدە ئاسىيا ياشلار ۋاسكىتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
دۆلەت 18U ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى
جوۋ چى ( شىنجاڭ گۇاڭخۇي)؛ ۋاڭ جىڭبو (لىياۋنىڭ)؛ سۈن مىڭۋىي( گۇاڭشىيا كۇلۇبى)؛ شۈ يۈفىڭ، جاڭ خۇي، جۇ روڭجىن، جىياۋ خەيلۇڭ (شەندۇڭ)؛ زو يۈجۈن، ئارسلان ئادىلجان (بىرىنچى ئاۋغۇسىت كوماندىسى)؛ جاۋ رۈي (بونىڭ كوماندىسى)؛ چىيۇ يىڭلۈن (گۇاڭدوڭ)؛ لىيۇ بو (يىڭى ئەسىر كۇلۇبى)؛ زو لىيەننىيەن (سېچۈەن)؛ ۋۇ ۋۇچىڭ (جىياڭسۇ)؛ مېڭ زىكەي (تىيەنجىن).
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php
مارەك بولسۇن داداڭنى دورا جۇمۇ كۆزى ئاجىزدەك قلامدۇ بۇ بالنىڭ نىمە ...؟ دادىسنىڭ ئىزنى بېسىپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمەن!ساڭا ئامەت يار بولسۇن ساقام!بارىنى ئۆزۈڭگە ھەرگىز ئۈلگە قىلمىغىن! ئارسىلانجان ئادىل دېسە توغرا بۇلا ئەسلى ؟ دېمەك ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمىدىكى « قارىسام ئادىلجاننىڭ ئوغلى باشقىلار قولىدا بەرگەن توپنى پۇتىدا تېپىپ پاس بېرىۋېتىپتىكەن»دەپ تەسۋىرلەنگەن ئوغۇل چوڭ بوپتۇ،-دە.
مەدەت تىلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن يىگىت! waskitbolئىچكىرىنىڭ قايسى بىر يىرىدە يەنە بىر 17ياقا كىرگەن ئادىلجان قۇربان ئىسىملىك بىر بالا
بارئىدى،ئاڭلىسام مۇشۇ ئارسلان بىلەن بىرگە مەشىق قىپتىكەن،ئۇ بالا ھازىر نەدە؟بۇلار قاچان ئا دەرىجىلىك
كوماندىلارغا كېرەلە؟ مۇبارەك بولسۇن ، ياشاپ كەت بىزنىڭ ئوغلانىمىز خاتا كۆرمىگەن بولسام ئۆتكەنكى ئاۋغۇست كوماندىسى بىلەن گۇاڭخۇينىڭ مۇسابىقىسىدە چۈشتىغۇ دەيمەن بۇ يىگىت ، نۇمۇر ئېلىش ئىستىكى كۈچلۈك ،مۇداپىئەدە چەبدەسكەن ، ئۈچ نۇمۇرلۇق توپلارنى خېلى ئاتتى بىراق چۈشمىدى ، تەجىربىسى كۆپەيسە مۇرات ، شىرئەلىيلەرنىڭ ئورنىنى بېسىپ قالغۇدەك .
بەت:
[1]