GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 07:23:10

تۇتقاقلىق ساقىيامدۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
بىر سىڭلىم باتتى، تۇتقاقلىق كېسىلى بىلەن ئاغىرغىلى نەچچە يىللار بولۇپ قالدى، چوڭ-كىچىك دوختۇرخانا، ئاڭلىغان-بىلگەن جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئاپاردۇق لېكىن ئۈنۈمى بولمىدى، ھازىر دورا يەپ ئۆيدە يېتىۋاتىدۇ. كۆپنىڭ كۆرگىنى كۆپ، مۇشۇنداق كېسەل بىلەن ئاغىرىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەنلەر بولسا، پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەمدىكىن دېگەن بىر ئۈمىد بىلەن بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بىلگىنىڭلارنى ئايمىساڭلار.
باشقا تۇتقاقلىق كېسەلنى جىق كۆردۈم، كېسىلى تۇتقاندىن باشقا ۋاقىتتا نورمال ئادەملەردەك ئىش-پائالىيەتلىرىنى قىلىپ يۈرىۋىرىدىكەن، لېكىن سىڭلىمنىڭ ئەھۋالى سەل ئۆزگىچە:
1. تۇيۇقسىز چۈچۈپ كېتىدۇ ، شۇ ۋاقىتتا قولىدا نىمە بولسا يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ناھايتى كۆپ ھەر نەچچە مىنۇتتا بىر قېتىم چۈچۈپ تۇرىدۇ ، بەزىدە كۈچلۈك بەزىدە ئاجىز .
2. يول ماڭسا تۇيۇسىز يىقىلىپ كېتىپ تېز، قوللىرىنى يارلاندۇرۋالىدۇ ، يىقىلىپلا يەنە ئەسلىگە كېلىپ ئورنىدىن تۇرالايدۇ . يىقىلىپ كەتكەن جايىدا ئايلىنىپ قالىدىغان ئەھۋال يوق.
3. قورقۇنچىلىق كىنو ، شاۋقۇن ئاۋاز ، ۋاراڭ-چۇرۇق بار ياردە تۇرالمايدۇ .   ئادەتتە ئۆيدە تېلىۋىزورمۇ كۆرمەيمىز .
4. ئازراقلا سوغۇققا چىلىقىپ قالسا كېسەل ئېغىرلاپ قالىدۇ.
5. ئىنكاسى سەل ئاجىزدەك ھىس قىلدىم ، گەپ سورىسا دەرھاللا جاۋاب بەرمەي  ئازراق تۇرۇپ قالىدۇ .
6. ئايدا ، ئىككى ئايدا بىر قېتىم چوڭ تۇتۇش بولىدۇ . بۇ ۋاقىتتا بەزىدە قاتتىق چىرقىراپ كېتىدۇ، يىقىلغان ۋاقىتتا قولىنى ئېغىزىغا سېلىپ
چىشلىۋالىدۇ ، قولىنى تارتىۋالسا تىلىنى چىشلەشكە ئۇرىنىدۇ (ئېغىزىغا لۆڭگىدەك بىر نەرسىنى چىشلىتىپ قويىمىز) .  ئېغىزىدىن ئازراق كۆپۈك كېلىپ قالىدۇ .  بەدىنى تۈپتۈز ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ ، قېتىپ كەتكەندەك بولۇپ قالىدۇ . گەپ سورىسا ھىچقانداق ئىنكاسى يوق . بىردەمدىن كىيىن ئوڭشىلىپ ، يوتقانغا ئىسسىق يۆگەپ قويساق بىر ئىككى سائەتلەردىن كىيىن تولۇق ئەسلىگە كېلىدۇ .
مۇشۇ بالىنى ساقىيىپ قالسا، ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالىسا دېگەن ئۈمىد بىلەن بۇ ياردەم يازمىسىنى يازدىم، بىلىدىغانلار ياردىمىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار.
ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى: 13999943421(مەن)، 13899119856(دادام)

hezret يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 08:36:55

سەرئى )تۇتقاقلىق( كېسەللىكى
بۇ كېسەللىك ئەرەبچىدە »سەرئى«، پارسچە ۋە ئوردۇچىدا »مەرگى« دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ تېبابەت تارىخىدىكى بىر خىل ئالاھىدە كېسەللىكتۇر. بۇنىڭدا ھېس ۋە ھەرىكەت نېرۋىلىرىنىڭ خىزمىتى رەتسىز بولىدۇ، بىمار بىھوش بولۇپ يىقىلىدۇ.
سەۋەبلىرى: بۇ كېسەللىك كۆپىنچە ئىرسىيەت خاراكتېرلىك بولىدۇ، بالىلاردا چىش چىقىش مەزگىلىدە قورساق قۇرتى كۆپىيىپ قالغاندا ياكى بىرنەرسىدىن قاتتىق قورققان ياكى ھاياجانلانغاندا، بۇ كېسەللىكنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ.
يىگىتلىك مەزگىلىدە جەلەق )قول بىلەن مەنىي كەلتۈرۈش( ھەرىكىتى ۋە كۆپلەپ جىنسىي ئالاقىدە بولۇش تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېڭىگە زەخمە يېتىش، مېڭە ئىششىقى، ئېغىر خىياللارغا بېرىلىش، روھىي زەربىگە دۇچار بولۇش، كۆپلەپ ئىچ پۇشۇقى تارتىش، ھەددىدىن زىيادە ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، سىفلىس كېسەللىكىگە مۇپتىلا بولۇش، نىقرەس، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ ھەزىمى بۇزۇلۇش، تولا قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىقلار بۇ خىل كېسەللىكنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.
ئاياللاردا ئومۇمەن ھەيزنىڭ قالايمىقانلىشىشى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامەتلىرى: تۇتقاقلىق نۆۋەت بىلەن تەكرارلىنىدۇ. تۇتۇشتىن ئىلگىرى بىمارنىڭ قول ياكى پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرى، پاچاق قىسمى ياكى قورسىقى تەرەپتىن چىمىلداش باشلىنىپ، مېڭە تەرەپكە ئۆرلىگەندەك بولىدۇ. بۇ خىل چىمىرلاش سېزىمى ئاخىر مېڭىگىچە يېتىپ بارىدۇ، ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئايلىنىش نۆۋىتى باشلىنىدۇ.
بەزىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا پاشا − كۇمۇتىدەك نەرسىلەر ئۇچۇۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، بەزىلەرگە قورقۇنچلۇق سۈرەت ۋە شەكىللەر كۆرۈنگەندەك بىلىنىدۇ. قۇلاقلىرىغا ھەر خىل ئاۋازلار ئاڭلىنىدۇ، لېكىن بەزىلەردە بولسا، يۇقىرىقى ئالامەتلەرنىڭ بىرەرسىدىنمۇ بېشارەت بولماي باشلىنىدۇ. بىمار تاسادىپىي چىرقىراش بىلەن ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ. پۇت − قولىنى گاھى يىغىپ، گاھى سوزۇپ ئۈزلۈكسىز مىدىرلايدۇ. قول − پۇتلىرى تارتىشىپ قالىدۇ. چىرايى قورقۇنچلۇق ھالدا كۆكۈچ رەڭگە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. كۆز قارىچۇقى ئۈستى تەرەپكە تارتىلىدۇ، بەزىدە ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىشقا باشلايدۇ، بەزىلىرى تىلىنى چاينايدۇ. كېسەللىك قاتتىق تۇتقاندا، بىمار چوڭ − كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدۇ. ئاندىن كېيىن پۇت ۋە قوللىرىدا بىرئاز بوشىشىش پەيدا بولۇپ، پەيلىرىنىڭ تارتىشىشى يوقاشقا باشلايدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ بىمار ھوشىغا كېلىشكە باشلايدۇ. كېسەللىك تۇتقاندىن كېيىن، بەزى بىمارلارنىڭ بېشى ئاغرىيدۇ. بۇ خىل بىمارلاردا كېسەللىكنىڭ تۇتۇش ۋاقتى ئەڭ ئاز بولغاندا 4~5 مىنۇت، كۆپ بولغاندا 8~7 مىنۇت داۋاملىشىدۇ. كېسەللىك قويۇپ بەرگەندە، بىمار ناھايىتى ماغدۇرسىزلىنىپ كېتىدۇ.
كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ھەربىر كىشىدە ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلىرىدە كۈنىگە 7~8 قېتىم، بەزىلىرىدە كۈندە بىرەر قېتىم، بەزىلىرىدە ھەپتىدە بىر قېتىم، بەزىلىرىدە ئايدا بىرەر قېتىم ۋە بەزىلىرىدە بىرقانچە ئايدا بىرەر قېتىم كۆرۈلىدۇ. قوزغىلىش دەرىجىسىگە كەلسەك، ئەھۋال يەنە ئوخشىمايدۇ. بەزىلەردە ناھايىتى قاتتىق، بەزىلەردە يەڭگىل تۇتىدۇ. يەڭگىل بولغاندىمۇ يەنە باش قېيىش يۈز بېرىدۇ، ئەقلىدىن ئازغاندەك ھالەت يۈز بېرىپ، كېيىن ھوشىغا كېلىدۇ. بەزى بىمارلار ھوشسىزلىنىش بىلەن بىللە بويۇن پېيى تارتىشىپ قالىدۇ ۋە تېزلا ئەسلىگە كېلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇللىرى:

كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش ھالىتىدە: )1( بىمارنىڭ بوينى ۋە كۆكسىنى دەرھال بوشىتىپ ئازادىلەشتۈرۈش ھەمدە بىمارنى ھاۋاسى ياخشى، يۇمشاق ئورۇندا ياتقۇزۇش، بېشىغا ئېگىز ياستۇق قويۇش كېرەك.
)2( كېسەللىك قاتتىق قوزغالغاندا، بىمارنىڭ تىلىنى چاينىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاغزىغا مۇۋاپىق نەرسە تىقىپ قويۇش كېرەك.
)3( پەي تارتىشىش )تەشەننۇج(نى يوقىتىش ئۈچۈن، ئىسسىق تەبىئەتلىك ياغلاردىن قۇستە يېغى، بابۇنە يېغى، رەۋغىنى سۇرۇخ، كۇچۇلا يېغى، رەۋغەن گۇلان، مالىك ئەنگىنى يېغى قاتارلىق پايدىلىق ياغلار بىلەن ياغلاش كېرەك.
)4( بىمارنى تېزرەك ھوشىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا چۈشكۈرۈك كەلتۈرگۈچى ئىسسىق دورىلارنى پۇرىتىش كېرەك ياكى بۇرنىدىن تېمىتىش كېرەك. مەسىلەن، قارىمۇچ، ھەنزەل ئۇرۇقى، قۇندۇزقارا، ھىڭ، ئاچچىق تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئاچچىق قاپاق ئۇرۇقى، ئاق تىكەن مېۋىسى، پىندىق ھىندى قاتارلىقلارنىڭ بىرەرسىنى سۇدا ئېزىپ سۈزۈپ، بىمارنىڭ بۇرنىغا تېمىتسا بولىدۇ.


)5( ئەگەر كېسەللىك تۇتۇپ بولۇپ يېنىپ كەتسە ۋە يەنە باش ئاغرىقىنىڭ ئاسارىتى بولسا، ئۇنى يوقىتىش ئۈچۈن ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلاردىن قۇرسى تەسكىندىن بىر دانىدىن سائەت ئارىلاپ ئىچكۈزۈش كېرەك يەنە قۇرسى مۇسەللەستىن بىر دانە ئېلىپ، ئۇنى كۆك يۇمغاقسۈت سۈيىدە ئېزىپ پېشانىسىگە چېپىپ بەرسىمۇ مەنپەئەت قىلىدۇ.
)6( ئەگەر بۇ كېسەللىك چىش چىقىۋاتقان كىچىك بالىلاردا كۆرۈلسە، كېسەللىك تۇتۇپ يانغاندىن كېيىن، چىشنىڭ چىقىشىنى تېزلىتىدىغان دورىلارنى بېرىش، ئەگەر قورسىقىدا مەددە قۇرت بولغان بولسا ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى قىلىش، ئەگەر بىرەر نەرسە ياكى بىرەر ھادىسىدىن قورققان بولسا، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق چارە ئىشلىتىپ دىققىتىنى بۇراشقا ھەرىكەت قىلىش لازىم.
ئەگەر بۇ كېسەللىك يىگىتلەردە كۆرۈلسە، ئۇلارنى پەرھىز تۇتۇشقا ئۈندەش لازىم. ئەگەر ئاشقازان، ئۈچەيگە زەخمەت يەتكەنلىك تۈپەيلىدىن بۇ كېسەللىك كېلىپ چىققان بولسا، بولۇپمۇ قەۋزىيەت ئامىللىرىدىن پەيدا بولغان بولسا، شۇنىڭغا مۇناسىپ چارىلەرنى قوللىنىش لازىم. چۈنكى، ئاشقازان ۋە ئۈچەي خىزمىتىنىڭ بۇزۇلۇشى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم زەھەرلىك ماددىلار مېڭىگە يامان تەسىر بېرىپ، سەرئى كېسەللىكىنى پەيدا قىلىدۇ.
ئەگەر بۇ كېسەللىك ئاياللاردا بولسا، بۇنىڭغا يەنە ھەيز توختاپ قالغانلىق ئامىللىرى قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا، خۇن راۋانلاشتۇرۇش ياكى خۇن تازىلاشقا ئائىت ئىلاجلارنى قىلىش لازىم. بۇنىڭغا ھەببى مۇدىر، سوفۇپى ئىدرارى قاتارلىقلار ناھايىتى مەنپەئەتلىك.

)7( بۇ كېسەللىككە سىفلىس سەۋەب بولغان بولسا، بىمارغا قان تازىلىغۇچى دورىلاردىن شاھتەررە، قەسەبۇززەرىرە، مەجۈنى چۆپچىن، مەجۈنى مۇپەررىھى ئەزەم، ئەرقى مۇرەككەپ مۇسەپپىخۇن ۋە چىلان شەربىتى قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.
)8( ئەگەر ماددا تازىلاش زۆرۈر بولسا، بىمارغا سەۋدا ۋە بەلغەمنىڭ مۇنزىچلىرىنى تەييارلاپ ئىچكۈزۈش لازىم. ئەگەر داۋالاش جەريانىدا مۇسھىل )سۈرگۈ( بېرىش زۆرۈر بولسا، بىمارغا مۇسھىل شەربىتى تەييارلاپ ئىچكۈزۈش، كۈن ئارىلاپ ئىچىش قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش لازىم. مۇسھىل ئىچىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، بىمار كۈن ئارىلاپ ھەببى ئايارەج ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
)9( يۇقىرىقى بىر يۈرۈش چارىلەر بىلەن تازىلاش ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، بىمار سەرئى كېسەللىكلىرىگە مەخسۇس تەييارلانغان قۇۋۋەتلىگۈچى ۋە تەبىئەتنى نورماللاشتۇرغۇچى دورىلاردىن داۋائىل مىشكى جاۋاھىرلىق، جەدۋار ئۇدى سەلىب قوشۇلغان خېمىرى گاۋزىبان ئەنبىرى، ئىترىفىل ئۈستىقۇدۇس، مەجۈنى زەبىپ قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
)01( ئەگەر كېسەللىكنىڭ تۇتۇشى تېز ۋە جىددىي بولسا، ئۇنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، بىمارغا داۋائىل شىپانى ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.
)11( ماددىنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، بىمارغا داۋائىل شىپا تابلېتكىسىنى ھەر كۈنى ئىستېمال قىلدۇرۇش كېرەك.

سەرئى كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

)1( بۇ كېسەللىككە مۇپتىلا بولغانلار قەۋزىيەت بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
)2( بەدەنگە بەك ئىسسىقلىق ياكى بەك سوغۇقلۇق ئۆتۈپ كېتىشتىن ساقلىنىشى لازىم.
)3( چۆرگىلەۋاتقان نەرسىلەرگە تىكىلىپ قاراش، ئېقىۋاتقان دەرياغا تىكىلىپ قاراش، ئېگىزدە تۇرۇپ پەسكە قاراش، ئايىغى ئىتتىك ئات قوشۇلغان ھارۋا ياكى باشقا قاتناش قوراللىرىغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىش، لامپۇچكا، ئوت ياكى قۇياش قاتارلىق چاقناق نەرسىلەرگە ئۇزۇنراق قاراش، يېقىن يەردىكى قاتتىق ئاۋازلارنى ئاڭلاش قاتارلىق ئىشلاردىن قەتئىي ساقلىنىشى كېرەك.
)4( كۈندۈزى ئۇخلاشتىن ساقلىنىش، ئۇخلىغاندىمۇ ئون مىنۇتتىن ئارتۇق ئۇخلىماسلىقى، يېنىدا ئويغاق ئادەم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
)5( يېمەك − ئىچمەك جەھەتتە ئىسسىق تەبىئەتلىك نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماسلىقى، قان ۋە نېرۋىلارنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى نەرسىلەرنى، مەسىلەن، كالا گۆشى، ھاراق، تاماكا، قەھۋە ۋە قاراچاي قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
ئەگەر بىمار سوغۇق تەبىئەتلىك بولسا، يېمەكلىكىگە تۇرۇلغا، پاختەك ياكى چۈجە گۆشى شورپىسى ئىچىشى، ئىسسىق تەبىئەتلىك بولسا، تامىقىغا سېمىزئوت، پالەكلەرنى سېلىپ يېيىشى، كالا سۈتى ياكى تاتلىق بادام مېغىزى شىرىسىدە پىشۇرۇلغان كۆك پۇرچاق ئىستېمال قىلىشى كېرەك.
)6( ئەگەر سەرئى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلاردا قەۋزىيەت كۆرۈلسە، ئۇلارغا ھەببى جۇندى بېرىش كېرەك.
ھەببى جۇندىنىڭ نۇسخىسى: سەبرى سوقۇترى، كۇندۇر، قۇندۇزقارا، ئۇد سەلىبنىڭ ھەربىرىدىن ئۈچ گرامدىن ئېلىنىپ، يۇمشاق سوقۇلۇپ، ئەرقى بەدىيان بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، ئاندىن ھەربىر دانىسى يېشىل ماش چوڭلۇقىدا كۇمىلاچ ياسىلىدۇ.
بۇ كۇمىلاچلارنىڭ بىر دانىسى ھەر كۈنى بىر قېتىمدىن ئانا سۈتىدە ئېزىپ ئېرىتىلىپ بىمار بالىغا ئىچكۈزۈلىدۇ.

destiny يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 08:53:56

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قىرىندىشىڭىز نەچچە ياش ، بۇ كىسەل پەيدا بولغىلى قانچىلىك بولدى ، بىرەر ئىش سەۋەب بولغىنىنى ھىس قىلالىدىڭلارمۇ ، مۇشۇلارنى بىلسك ئاندىن كىسەل سەۋەبىنى بىلگىلى بولار بەلكىم .
دىگىنىڭىزدەك دوختۇر - ئۇ بۇ يەرگە ئاپىرىپ خىلى تەكشۇرتۇپ ئۇنۇمىنى كۆرمىگەنلىكىڭىزدىن ، قىرىندىشىڭىزدىكى كىسەلنى كۆز تىگىش بولسا كىرەك دەپ ئويلۇدۇم .
كۆز تىگىشكە ئالاقىدار بولغان شەرئىي ئۇسۇلدا دۋالاپ بىقىڭلار . قانداق دەۋالاشنى ئازراق ئىزدەنسىڭىز بىلەلەيسىز . ئەجۋە خورمىسىنى تاپالىسىڭىز ، ئۇنۇمىنى كۆرسىىز .ئىنشائاللاھ

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 10:40:22

تورداشلارنىڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ، مۇمكىن بولسا ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئۈمد قىلىمەن
ئاللاھ خالىسا شىپالىق بىرەر ئاداش.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 11:17:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-27 11:19  

بۇ يازمامنى كۆرۈپ بېقىڭ:http://bbs.bagdax.cn/thread-17363-1-2.htmlhttp://bbs.bagdax.cn/thread-17363-1-2.html

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 15:08:25

destiny يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 08:53 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
قىرىندىشىڭىز نەچچە ياش ، بۇ كىسەل  ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بۇ يىل 20 ياش، كېسەلگە تۆت يىلچە بولۇپ قالدى. بىرەر ئىش سەۋەب بولغاندەك ئەمەس، كېسەلنىڭ ئالدى كەينىدە بىرەر چوڭ ئىش بولمىغان. دەسلەپتە بەزىدە قولىدىكى تاماق قاچىسى چۈشۈپ كېتىش بىلەن باشلانغان، بىزنىڭ جەمەتتە بۇنداق كېسەل بولۇپ باقمىغاچقا ئىرەن قىمماپتۇق، كېيىن چوڭ تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن داۋالىتىشنى باشلىغان، لېكىن ئۈنىمى بولمىدى.
كۆز تەگكەن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ ئامالىنىمۇ قىلىپ باقتۇق.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 15:08:50

ziltar يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 10:40 static/image/common/back.gif
تورداشلارنىڭ تارقىتىپ قويۇشىنى ، مۇمكىن بولسا ئۇچۇرلا ...

رەھمەت ئاداش، جىق تېلېفونلارنى تاپشۇرىۋالدىم، ھەممەڭلارغا رەھمەت!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 15:09:22

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 11:17 static/image/common/back.gif
بۇ يازمامنى كۆرۈپ بېقىڭ:http://bbs.bagdax.cn/thread-17363-1-2.html

رەھمەت بىلگەجان، ماقالىنى ئوقۇپ چىقاي!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 15:12:39

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-1-27 11:17 static/image/common/back.gif
بۇ يازمامنى كۆرۈپ بېقىڭ:http://bbs.bagdax.cn/thread-17363-1-2.html

باغداشتىكى ئاشۇ كېسەل ئېگىسىنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى بىلگىلى بولامۇ؟

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-1-27 17:21):
سىز ئەۋەتكەن ئادرېستىكى يازمىنى كۆردۈم، نومۇرلارنى خاتىرلىۋالدىم، ئالاقىلىشىپ باقىمەن. رەھمەت سىزگە

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 17:23:05

جىق قېرىنداشلاردىن تېلېفون تاپشۇرىۋالدىم، ساقايدى دېگەنلەرمۇ، ياخشى مەسلىھەتلەرنى بەرگەنلەرمۇ بولدى، چوڭلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن، شۇنىڭغا قاراپ ئىش تۇتايلى دىيىشتۇق.
ھەممەڭلارغا تەشەككۈر!

omar14 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 19:41:55

مىنىڭ بىر تۇققان ھەدەممۇ مۇشۇ كىسەل ئازابىنى تارتىۋاتقىلى خىىلى يىللار بولۇپ قالدى ، مىنىڭ ھەدەم ئۆزى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىسى ، بەزىدە جىددىيلىشىپ قالسا ئايلىنىپ يىقىلىپ قالىدۇ ، بەزىدە تىلىنى چىشلىۋالىدۇ ... مۇمكىن بولسا تىبابەتتىن خەۋىرى بار تورداشلار ياكى مۇشۇنداق تۇتقاقلىق كىسىلى ئۈستىدىن غالىپ كىلىپ داۋاسىنى تاپقانلار پىكىرىنى ئايىمىغاي .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 20:15:13

بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا

يۇقىرىدىكىسى مەن تۇتقاقلىق كېسىلى ئۈستىدە تەييارلىغان بىر ماتىرىيالنىڭ ئىزدىنىشتىكى ئۇلىنىشى. لىكىن بۇ يازمىنى باغداش تورىدىكى بىر قېرىندىشىمىزنىڭ سۇئالىغا جاۋاب ھېسابىدا دەسلەپ باغداشتا ئېلان قىلغاندا نۇرغۇن كىشىلەر ئىنكاس يېزىپ بالىلىرىنىڭ ھەتتا چوڭلارنىڭ ئىچكىردىكى مەلۇم دوختۇرخانىدا ساقايغانلىقى ئۈستىدە مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالاقە ئۇسۇلىنىمۇ قالدۇرغان. مەن شۇ تېمىدا ئامېرىكىدا بىر قەدەر كەڭ ئىشلىتىلىۋاتقان يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش ئۇسۇلى توغرىسىدىمۇ ئىنكاس شەكلىدە ئۇچۇر بەرگەن ئىدىم. قىزىققۇچىلارنىڭ بولسا شۇ تېما ئاستىدىكى ئىنكاسلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، شۇ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
باغداشتىكى ئۇلىنىشى:
بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاش

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 10:05:02

داۋائىلمىشكى بىرىپ بېقىڭلار ئاداش.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 10:19:12

ئىنكاس يېزىپ كۈتۈرۈپ قوياي،جىقراق كىشىلەر كۆرۈپ ياخشى ئۇچۇر چىقىپ قلغۇسى.
ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن.
بەت: [1]
: تۇتقاقلىق ساقىيامدۇ؟