waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 00:28:38

شىنجاڭ كوماندىسى دۇڭگۇەن كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى

   ئۈرۇمچى ۋاختى 1-ئاينىڭ 26- كۈنى چۈشتىن كىيىن  00؛2دە، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە مۇسابىقىسى 28- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا دۇڭگۇەن ماركۇپۇلۇ  ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە  ئىلىپ باردى.  بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  شىنجاڭ كوماندىسى  91- 109 نەتىجە بىلەن  دۇڭگۇەن ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى.  نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 21 مەيدان غەلبە قىلىش 7 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 15 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  سېنگېلدون 17 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ شىرئەلىجان 16 نومۇر، 16 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئىككى قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ ياڭ جىڭمىڭ 16 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 13 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
   دۇڭگۈەن ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى،  كوماندا ئەزاسى بوران 33 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ گېلىن 16 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  لو خەنچېن  14 نومۇر ئالدى؛ لى مۇخاۋ  11 نومۇر ئالدى؛  گۇ چۇەن  16 نومۇر ئالدى،  9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.  
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۆز مەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىغا قايتىپ فوشەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

بەت: [1]
: شىنجاڭ كوماندىسى دۇڭگۇەن كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى