sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 16:22:14

ماركا لايىھىلەش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

( ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش : مىسال ئۈچۈن چۈشەندۈرۈلگەن ئۇدۇن مۇزىكا تورىنىڭ لايىھىسى ئەنگە ئېلىنغان. بۇنىڭدىن كېيىن ئوخشىتىپ ياسالغانلار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. )
( بىز بۇ تېمىمىزدا «ئۇدۇن» « Udun» نامىدىكى ناخشا – مۇزىكا تورى ئۈچۈن لايىھىلىگەن ماركىنى مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرىمىز. )

ماركا لايىھىلەش جەريانىدا ئەڭ ئاۋۋال دىققەت قىلىدىغان ئىش  ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماركا قانۇنى» غا بويسۇنۇش لازىم. شۇڭلاشقا بۇ قانۇننى تولۇق بىر قېتىم كۆرۈپ چىقىڭ ...
ھالقىلىق سۆز : 中华人民共和国商标法 توردىن ئىزدىسىڭىز بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن كېيىن خېرىدار بىلەن ماركا ئىسمى ، ئىشلىتىلىش ئورنى ، ساھە ، رەڭ ، لايىھە ئۇسلۇب ، ئاساسلىق خىرىدارلار توپى ................. ئىشقىلىپ ئامال بار ناھايىتى تەپسىلىي پاراڭلىشىپ چىقىڭ.
خېرىدارنىڭ تەلىپى ۋە ياكى مۇشۇ ماركا مەھسۇلاتىنى ئىشلىتىدىغان ئاشۇ توپتىكى كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشى بويىچە بۇ ماركا ئۈچۈن ماس كېلىدىغان لايىھە ئۇسلۇبى تاللايسىز :
1.        لايىھە ئۇسلۇبى
خەلقئارالاشقان لايىھە ئۇسلۇبى چوڭ جەھەتتىن 5 تۈرگە بۆلىنىدۇ :
1.        جوڭگوچە ( مىللىيچە ) \ كلاسسىك ئۇسلۇب
2.        ياۋرۇ – ئامېرىكا ئۇسلۇبى
3.        ھازىرقى زامان \ ئىجادىي ئۇسلۇب
4.         ئاددى ئۇسلۇب
5.        ئارىلاشما ئۇسلۇب

ھەر بىر ئۇسلۇبنىڭ ئۆز ئالدىغا ئالاھىدىلىكى بولىدۇ. بۇ يەردە بۇ ئۇسلۇبلار توغرىلىق توختىلىپ ئۆتمەيمەن.
قىزىقسىڭىز ھالقىلىق سۆز :中式|古典|欧美|现代|创意|简约|混合设计风格  بويىچە ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

بىزنىڭ ياسىماقچى بولغىنىمىز ناخشا – مۇزىكا تورىنىڭ ماركىسى بولغاچقا ، ھەم بۇ تور بېكەتنىڭ كۆپ قىسىم زىيارەتچىلىرىنى ياشلارنى ئاساس قىلغاچقا ئاددى لايىھە ئۇسلۇبىنى تاللىدۇق.

ماركىدىكى ئاساسلىق 3 ئېلېمېنت : 1. ئىسىم 2. شەكىل 3.رەڭ

1. ئىسىم : ئەگەر خېرىدار مۇۋاپىق ئىسىم بىلەن تەمىنلىسە ، بۇ ئاسان بولغىنى ، بولمىسا ماركا ئۈچۈن ئاۋۋال ئىسىم ئويلاش كېرەك. ياخشى ئىسىم ماركىنىڭ كىيىنكى تەشۋىقات ۋە تارقىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق. ئىسىم ئويلاشقاندا ئېغىزغا ئاسان كېلىدىغان ، بوغۇم سانى ئاز ، يېزىلىشى كۆركەم چىقىدىغان ، ئاسان ئەستە قالىدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتسەك ياخشى. ئۇنىڭدىن كېيىن مىللىي كارخانىلار ئىسىم ئويلاشقاندا خېرىدار ئوبيېكتى ھەر مىللەت خەلقى بولسا شىركەتنىڭ خەنزۇچە ئىسمىنى چوقۇم ئۇيغۇرچە ئىسىمنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلەن ئۇيغۇرچە ئىسىم «زەپەر» ( كارخانا مۇلازىمەت مەركىزى ، تېزىمغا ئالدۇرۇلۇپ بولغان ) خەنزۇچىسىنى ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە 扎帕尔 دېيىشنىڭ ھاجىتى يوق ، خەنزۇچە ئىسمىنى مۇشۇ ساھەگە يېقىن كېلىدىغان 亚富派 ( ئاسىيادىكى بايلار توپى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىمىز دېگەن مەنىدە ) قىلساقمۇ بولىدۇ دېمەكچى ...

2. شەكىل جەھەتتە ئاۋۋال باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاش بولۇپ قالسا بولمايدۇ. ئاندىن سىز ئىشلەتمەكچى بولغان شەكىل قۇرۇلمىسى ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سىز تاللىغان لايىھە ئۇسلۇبىغا ماس كىلىشى كېرەك. شەكىل ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئاۋۋال قەغەزگە سىزىۋېلىپ ، ئاندىن كومپىيۇتېردا بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ. دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار چوقۇم كەسپىي لايىھە دېتالى ئىشلەتمىسىڭىز بولمايدۇ. ماركا لايىھىلەش ئۈچۈن Photoshop ئىشلىتىشكەبولمايدۇ. چۈنكى Photoshop ۋىكتور سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش دىتالى ئەمەس. كەسپىي ماركا لايىھىلەش دېتالىدىن Adobe شىركىتىنىڭ Illustrator دېتالى بار.

--------------------------------------------------------------

ئەمدى بىز لايىھىلىمەكچى بولغان ماركا بىلەن مۇناسىۋەتلىك باغلانما بۇيۇملارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى :
ئۇدۇن  ، udun ، مۇزىكا ، مىكروفون ، سەھنە ، چولپان ، نائۇشنىك ،  ياڭراتقۇ .......
مۇشۇلارنىڭ ئىچىدىن ئۆزىمىزگە لازىم بولغان ئېلمىنتلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ماركا ئىجادىيىتىنى باشلايمىز.

بىز بۇ لايىھىگە udun خېتىدىكى  u ، d ، n ھەرپلىرى ۋە مۇزىكا نوتا بەلگىسىنى ئىخچاملىدۇق. بۇ دەسلەپتە قەغەز يۈزىگە سىزىلغىنى.


ئاندىن بۇنى كومپىيۇتېردا سېزىپ چىقتۇق.



مۇزىكا نوتىسىنى تېخىمۇ ياخشى پەرق ئېتىش ئۈچۈن ئىككىنچى خىل لايىھىدە مۇزىكا نوتىسى بېشى ئېگىز چىقىرىلدى. ھەمدە 4 خىل شەكىل خېرىدارنىڭ تاللىشىغا سۇنۇلدى.



3.        رەڭ جەھەتتە  خېرىدارنىڭ بۇرۇندىن ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان رەڭگى بارمۇ يوق ، ئەگەر بولمىسا شۇ ساھەگە ماس كېلىدىغان رەڭلەرنى تاللايسىز. رەڭ تاللاش جەھەتتە رەڭلەرنىڭ 3 چوڭ ئالاھىدىلىكى ، رەڭلەرنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئالاھىدىلىكى ۋە پىسخولوگىيىلىك رەڭ تاللاش قانۇنىيتى بويىچە رەڭ تاللىسىڭىز بولىدۇ. بۇ ھەقتىمۇ توردىن ئىزدىسىڭىز نۇرغۇن ماتىرياللار ۋە تەييار تەڭشەپ ، ماسلاشتۇرۇپ قۇيۇلغان رەڭلەر بار. لېكىن دىققەت قىلىدىغان نۇقتا ھەر قانداق مەھسۇلاتتىكى رەڭ 3 خىلدىن ئىشىپ كەتمىسۇن. بولمىسا  lady gaga غا ئوخشاش  ئۇسلۇب يارىتىپ يۈرىسىز ... ... ( بۇ كىشى توغرىلىق ئىزدىنىپ باقسىڭىز بۇ گەپنى چۈشىنىسىز ... )

( كۆپ قېسىم سۈرەتلەر تەمىنلەنمىدى )

ئاخىرىدا تېخىمۇ كۆپ نادىر يازمىلار : ئەسئەدنىڭ بلوگىدا
تور ئادرېس : www.asadblog.info

لايىھە مۇلازىمىتىگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز :
qq : 935343059 بىلەن ئالاقىلىشىڭ .
كۆپچىلىككە رەھمەت ...

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 19:43:26

سىزگىمۇ رەھمەت، ئىجادىيىتىڭىزنى ياقتۇردۇم، ئۇتۇق يار بولغاي.

elikaram يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 22:58:25

ھەممە نەرسە مۇئەييەن كۆلەمگە يەتكەندىن كىيىن ماركا تەلەپ قىلىدۇ،ئادەممۇ شۇ.ماركا ئەمەلىيەتتە غەلبىنىڭ سېمىۋولى.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 08:24:25

ئۆزەممۇ بىر لايىھە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىم ئۈچۈن، ئىجادىيتىڭىزنى ياقتۇردۇم. ئەمدى گەپ يازمىڭىزدا دىيىلگەندەك لايىھە باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالسا ئەلۋەتتە بولمايدۇ، لىكىن ئاران تەستە لايىھە چىقىرىپ، ئىجادىيەت قىلغان ئەسەر، باشقا لايىھەگە پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، ئاز تولا ئۆرنەك ئالغاندەك ھالەتتە بوپ قېلىشى تولا ئۇچرايدىكەن. گەرچە لايىھەلىگۈچىلەر ئۇنداق لايىھەنىڭ بار ياكى يوقلىقىنى بىلمەي، كۆرمەي تۇرۇپ ئىشلىسىمۇ.
مەسىلەن، سىزنىڭ ئۈستىدىكى لايھەسىڭىزنى بىر كۆرۈپلا داڭلىق تىڭشىغۇچنىڭ ماركىسىنى ئەسلىدىم.


jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 10:48:33

بۇ تېمىغا ئۇيغۇر ئاكادىمىيسىنىڭ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىدىكى «بۈيۈك سانداندا ماركا ئانالىزى» دىگەن لېكسىيەنى قوشۇپ ئاڭلىۋەتسە بولغۇدەك

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 11:20:26

مەنمۇ تۈنۈگۈن بىر قاراپلا بىر ماركىغا ئوخشاتقانتىم . ئەمما ماركا ئىسمىنى ئىسىمگە ئالالمىغان جەسۇرمەن ئەۋەتكەنكىن ئاندىن ئىسىمگە كەلدى  Beats نىڭ  http://www.beatsbydre.com/ ئورگان بېتىگە كىرسە كۆرگىلى بولىدۇ.

qaynam يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 12:15:58

راس ئوخشايدىكەن

Faith يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 12:39:42

ھازىرقى باللا ئەقىللىق بوپ كەتتى. شۇڭا لاھىيلىگەندە ئامال بار نېمىدىن ئۆرنەك ئالغىنىمىزنى ۋە ياكى نىمىگە ئوخشاپ قالغىننى دەپ قويساق تېخىمۇ ياخشى. ماركىڭىز ياخشى چىقپىتۇ. بىتىس ئاۋدىيۇنىڭ لوگوسى ھەقىقەتەن نوچى چىققان لايھىە. ئىنتايىن كىچىكلىتىلگەن ھالەتتىمۇ باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقدۇ ۋە مەنىسسىنى يوقاتمايدۇ. ياخشى لوگودىن ئۆرنەك ئاپسىز.بۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر تالانت

-ATAMAN- يوللانغان ۋاقتى 2014-1-28 00:35:55

Photoshop تا ۋىكتورلۇق رەسىم بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ (گەرچە Illustrator دەك كەسپىي بولمىسىمۇ). بىر قىسىم داڭلىق لايىھەلەش مۇنبەرلىرىدىكى (مەسىلەن: behance.net) لايىھەلىگۈچىلەر يوللىغان ماركا لايىھەسى ئەرسەرلىرىنىڭ تونۇشتۇرلىشىدىكى ئىشلىتىلگەن قوراللار تىزىملىكىگە قارايدىغان بولسىڭىز نۇرغۇنلىرىدا Photoshop بار. Photoshop دا ماركىلارنىڭ دەسلەپكى ئۇقۇم لايىھەسىنى سىزىش، ئۈنۈم بېرىش قاتارلىقلار ئىشلارنى تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، ھەمدە Ai بىلەن Ps بىر شىركەتنىڭ يۇمشاق دېتالى بولغاچقا interactive چانلىقى ناھايىتى ياخشى (ئۇيغۇرچىدە نېمە دەپ ئېلىش كېرەك؟)، ئەگەر بۇ ئىككىلىسىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولسىڭىز، كومپيۇتېردىكى لايىھە ئىشلىرىدا خېلى قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.
بەت: [1]
: ماركا لايىھىلەش جەريانىدا دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار