waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 00:18:50

خوتەن « ئانا يۇرت » لۇڭقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى باشلاندى

     

  2014-يىلى1-ئاينىڭ 25-كۈنى كەچ  ئۈرۇمچى ۋاختى سائەت 00؛6 دە، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋاسكىتبولچىلار جەمئىيىتى، خوتەن ئانا يۇرت بىناكارلىق قۇرلۇش شىركىتىنىڭ تەشكىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۇلگەن  «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » خوتەن ۋىلايەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر پەن تىخنىكا مەدىنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەت مەرگىزى ۋاسكىتبول مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى.  بۇ قىتىمقى مۇسابىقىگە خوتەن دىلپاك كوماندىسى، خوتەن ئانا يۇرت كوماندىسى،  خوتەن كائىنات ئائىلە ئىلىكتىر ئۈسكۈنىلىرى كوماندىسى، بۈدىنە ئالاھىدە تائاملىرى كوماندىسى، باغچى كوماندىسى، گۇما يىمەكلىك كوماندىسى،  بىڭتۇەن گوما دىھقانچىلىق مەيدانى كوماندىسى، قاغىلىق فايسال كوماندىسى ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى كوماندىسى، سانجى كوماندىسى، ئاتۇش كوماندىسى قاتارلىق كوماندىلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدۇ.
25-يانۋار كەچ  ئىلىپ بىرىلغان تۇنجى كۈنىدىكى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە   خوتەن دىلپاك كوماندىسى 74- 65 نەتىجە بىلەن خوتەن ئانا يۇرت كوماندىسىنى، قاغىلىق فايسال كوماندىسى  65-88 نەتىجە بىلەن گۇما يىمەكلىك كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
  ئىگەللىنىشىچە؛  بۇ قىتىمقى  «خوتەن ئانا يۇرت لۇڭقىسىنى تالىشىش ۋاسكىتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى » 25-يانۋاردىن 28-يانۋارغىچە ئۈچ كۈن ئىلىپ بىرىلىدىغان بۇلۇپ، ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى بۇيىچە سەۋىيەسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى بۇلۇپ قالىدىكەن.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

atarut يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 10:08:46

قاغىلىقتىن كىملەر بارغاندۇ؟
بولسا كوماندىلارنىڭ سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلەنگەن بولسا.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 11:31:02

مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن!
ئوغلۇم قاغىلىقتا تۇغۇلغان بولمىسا، قاغىلىق كوماندىسىغا قاتنىشاي دېسە، يېشى سەل كىچىك كەپ قالدى...

begtash يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 20:58:51

بۇرۇنلاردا مەنمۇ مۇسابىقە دىسە توختىماي قاتناپ يۈرەتتىم، ھازىر بەك ئىغىرلىشىپ كىتىپتۇق.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 22:16:13

مۇشۇنداق مۇسابىقىلەرنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىغا تىلەكداشمەن!
مۇسابىقە ئەھۋالدىن بىزلەرنى خەۋەردار قىلىپ تۇرغايسىز!:)
بەت: [1]
: خوتەن « ئانا يۇرت » لۇڭقىسى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى باشلاندى