irpan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 17:00:11

تارىختىكى بۈگۈن

  1986-يىلى1-ئاينىڭ25-كۈنى ئامېرىكا لىۋىيە بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى ئۈزدى، شۇ يەردىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ مال مۈلكىنى توڭلىتىشنى بۇيرۇق قىلدى. ئامېرىكا لىۋىيىنىڭ بىر ئاي يۈز بەرگەن تېررورچىلارنىڭ رىم ۋە ۋېناغا ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىغان دەپ ئەيىبلىدى ھەمدە بارلىق ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۇ دۆلەتتىن چېكىنىپ چىقىپ، لىۋىيەدىكى بايلىقىنى توڭلىتىشنى بۇيرۇق قىلدى. 1983-يىلى 1-ئاينىڭ25-كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گوللاندىيە بىرلىشىپ تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئىنفىرا قىزىل نۇرىلىق ئاسترونومىيە سۈنئىي ھەمراسىنى قويۇپ بەردى. بۇ سۈنئىي ھەمراھنىڭ ۋەزىپىسى:مىكروسكوپ بىلەن كۆرگىلى بولمىغان تۆت دولقۇن ئارىلىقىدىكى ئاسماندىكى ئىنفىرا قىزىل نۇرىنى كۆزىتىش، ئىئون قەۋىتىنى كۆزىتىش، يېڭى ئىنفىرا نۇرى جىسىملىرىنى بايقاش. بۇ سۈنئىي ھەمراھ سىلىندىر شەكلىدە بولۇپ، ئۇچقاندىكى ماسسىسى 1050 كىلوگرام كېلىدۇ. 1949-يىلى 1-ئاينىڭ25-كۈنى سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەت ئىقتىسادتا ئۆزئارا ياردەم بېرىش يىغىنى ئاچقان. سوۋىت ئىتتىپاقى، ۋېنگرىيە، بۇلغارىيە، پولشا، رۇمىنىيە، چېخوسلوۋاكىيە قاتارلىق ئالتە دۆلەت بۇ يىغىنغا قاتناشقان. بۇ يىغىننىڭ مەقسىتى: ئادىل ھالەتتە ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىقتىسادتا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، تېخنىكىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالاقىنى كۈچەيتىش. دەسلەپكى مەزگىلدىكى پائالىيەتلەر ئاساسلىقى ئوبروت ساھەسى بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىغا بارغاندا ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىگە قاراپ راۋاجلاندى، 1989-يىلى شەرقىي ياۋروپادا ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىقتىسادتا ياردەم بېرىش يىغىنىمۇ پارچىلىنىپ كەتكەن.

pansat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 23:15:20

داۋاملىق داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 23:59:30

يەنە بىرسى قېپ قاپتۇ.1987-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى ئايالىم تۇغۇلغان.:lol

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 12:57:37

ھەريىلى مۇشۇ ۋاقىتتا قىشلىق تەتىلگە چىقىپ كېلىۋاتاتتۇق.:lol
بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن