history يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 10:38:23

سىرلىق تاش ئوردىدىكى ئېچىلمىغان سىرلار


شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىگە 40 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان جايدا «ئادۇنچورۇم» ناملىق بىر قەدىمكى خارابە بار. بۇ خارابە موڭغۇل تىلىدا «ئاتلار توپىغا ئوخشايدىغان تاش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. يىراقتىكى تاغ تىزمىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالغاندا، كەڭ كەتكەن يايلاقتا پەقەت تۈرلۈك پارچە تاشلارنىڭ شاھمات ئۇرۇقلىرىدەك يېيىلغانلىقىنى ھەمدە نۇرغۇن ئاتلارنىڭ چېپىپ كېتىۋاتقان ھالىتىگە ئوخشايدىغان شەكىللەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئاتلار توپى ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن «سىرلىق تاش ئوردا» دەپ ئاتالغان. «سىرلىق تاش ئوردا» ئىچىدە بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇنقى قەدىمقى كىشىلەرنىڭ قەبرىسى ۋە ئۇلارنىڭ نەزىر-چىراغ بېرىدىغان تاش سەھنىسى بار. ئۇنىڭ بايقىلىشى پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلگە سالغان بولۇپ، 2012-يىلى «جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش»نىڭ بىرى دەپ باھالاندى. سىرلىق تاش ئوردىنىڭ ئىچىگە زادى قانداق سىرلار يوشۇرۇنغان؟ بۇ يەردە قايسى مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان؟ ئۇلار قەيەردىن كەلگەن؟ يەنە قەيەرگە كەتكەن؟ بۇ سىرلار كىشىلەرنىڭ ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.
 قەدىمكى كىشىلەر چوڭ تاشنى قانداق يۆتكىگەن؟
«تاش سەھنە» تەكشى تىكلەپ قويۇلغان غايەت چوڭ تاش بولۇپ، كەڭلىكى توققۇز مېتىرغا يېقىن، ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئالتە مېتىر كېلىدۇ، ئۇ شەرقىي شىمالغا قارايدۇ. يىراقتىكى تاغ تىزمىسىدىن قارىغاندا ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان بىر پاقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىر ئايلانما شەكىللىك ئۇششاق تاشلار بار بولۇپ، ئارخېئولوگلار بۇنى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ «نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىدىغان پائالىيەت مەركىزى» دەپ پەرەز قىلغان.
 قەدىمكىلەرنىڭ نەزىرىدە تاغ-دەريالارنىڭمۇ جېنى بار، بولۇپمۇ «ئادۇنچورۇم خارابىلىقى»غا ئوخشاش ئوت-چۆپتىن باشقا، يەنە تاش بار جايدا گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تاشلار كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تاپشۇرۇقىغا ئايلانغان. كىچىك تاغدىكى بەزى غايەت چوڭ تاشلارنىڭ يىلتىزى يوق بولۇپ، ئاستىغا كىچىك تاشلار قويۇلغان. بۇ تاشلار يەر ئاستىدىن ئۈنۈپ چىققان تاش بولماستىن، بەلكى قەدىمكى كىشىلەر باشقا جايدىن يۆتكەپ كەلگەن تاش بولۇپ، مەلۇم نەزىر–چىراغ پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغان ئەلچى تاش بولۇشى كېرەك.
 ئارخېئولوگىيە خادىملىرى كاربون 14 تەجرىبىسى ئارقىلىق «ئادۇنچورۇم خارابىلىكى»دىكى سىرلىق تاش ئوردىنىڭ يىل دەۋرىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 19-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 17-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقى ۋە بىرونزا دەۋرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكى، تەخمىنەن 4000 يىل بولغانلىقىنى بېكىتكەن. قەدىمكى كىشىلەر ئۈچ-تۆت توننا، ھەتتا ئون نەچچە توننا كېلىدىغان غايەت چوڭ تاشنى تاغدىن قانداق يۆتكىگەن؟

قەبرىلەردە نېمە ئۈچۈن مۇكەممەل جەسەتلەر ئاز؟
 «ئادۇنچورۇم خارابىلىكى»نىڭ يەتتە كىلومېتىر دائىرسىدە 60 دىن ئارتۇق تاش شال قەبرىلەر ۋە 30 دىن ئارتۇق تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلەر بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تاش شال قەبرىلەرنى رىشاتكا شەكلىدە قورشاپ چاسا شەكىللىك قەبرىلەر شەكىللەنگەن، بەزى قەبرىلەر تىك تۆت بولۇڭ شەكلىنى ھاسىل قىلغان. تاش دۆۋىلەنگەن قەبرىلەر يۇمىلاق شەكىللىك بولۇپ، تۈرلۈك شېغىل تاشلارنى ئايلاندۇرۇپ دۆۋىلەش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلگەن. بۇ يەردە بايقالغان تاش شال قەبرىلەر شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم بايقالغان بولۇپ، كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى، بىر قىسىم تاش تاختىلاردىكى كېسىۋېتىلگەن ئىزلار تېخىچە روشەن بىلىنىپ تۇرىدۇ. قەدىمكى كىشىلەر قانداق سايمان بىلەن بۇنداق غايەت چوڭ تاشلارنى كېسىپ، ئاشۇ تاش تاختىلارغا قانداق ئايلاندۇرغاندۇ؟ ئارخېئولوگىيە خادىملىرى يەنە، تاغ باغرىدىن ھامبۇرگ بولكىسىغا ئوخشايدىغان قاتلاملارغا ئايرىغان ناھايىتى نۇرغۇن تاشلارنى بايقىدى. ئارخېئولوگلار بۇ تاشلارنى كۆزىتىش ئارقىلىق، قەدىمكى كىشىلەر كىچىك تاشلارنى ياكى ياغاچلارنى بۇ تاشلارنىڭ قېتىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ قەۋىتىنى بۇزۇپ، ئاندىن كېيىن تەبىئىي ھالدا قەۋەتلەرگە ئايرىلغان تاشلارنى يۆتكەپ كېلىپ قەبرە ياسىغان، دەپ پەرەز قىلدى. بىراق قەدىمكى كىشىلەر قانداق تېخنىكا ۋە ئەقىل-پاراسەت ئارقىلىق ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ تەپەككۇرى ۋە خىزمەت ئۇسۇلىنى قوللانغاندۇ؟
 «ئادۇنچورۇم خارابىلىكى»دىكى يۈزدىن ئارتۇق قەبرە ئىچىدە مۇكەممەل ساقلانغىنى پەقەت ئون نەچچە جەسەت بولۇپ، كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش، كۆچۈرۈپ دەپنە قىلىش ۋە پارچىلاپ دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان. بىراق بىر قەبرىدە كۆپ خىل دەپنە قىلىش ئۇسۇللىرى قوللىنىلغان بولۇپ، بۇ خىل ئۇسۇل شىنجاڭدا كەمدىم-كەم ئۇچرايدۇ.
 كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش بەلكىم ئامالنىڭ يوقلۇقىدىن بولىدۇ. قەدىمكى كىشىلەر مال بېقىش جەيانىدا باشقا يۇرتتا ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئۇنىڭ جەسىتىنى باشقا جايغا يۆتكەپ كۆيدۈرگەندىن كېيىن، يۇرتىغا ئېلىپ كېلىپ دەپنە قىلىدۇ. بىراق ئارخېئولوگلار قەبرىلەردە مۇكەممەل جەسەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاز ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامالسىز قالدى.
قەبرىدىكى توشقان زەدىكى نەدىن كەلگەن؟
ئارخېئولوگلار ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى لاي توپا ۋە ياۋا ئوت-چۆپلەرنى تازىلاۋېتىپ، تاش پالتا، تاش توقماق، تۈگمەن تېشى قاتارلىق تاش ئەسۋابلارنى بايقىغان، بۇ ئەسۋابلارنىڭ ئىچىدىكى بىر دانە تاش پالتىدا ئىشلەتكەن ئىزلارنىڭ بارلىقى، تاش پالتىنىڭ دەستىسىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا قولدا تۇتقان ئېنىق ئىزلارنىڭ بارلىقى سېزىلگەن. ئەمما كىشىنى ئويلاندۇرىدىغىنى شۇكى، قېزىۋېلىنغان ھەر بىر دانە تاش ئەسۋابنىڭ تاشقى يۈزىدىكى قۇشۇمچە بۇيۇملارنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرگەندە، ئۇششاق توشقان زەدىكىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، بىراق «ئادۇنچورۇم خارابىلىقى»دىكى بۇ دائىرىلەر ئىچىدە توشقان زەدىكىنىڭ ئۆسكەنلىكىگە دائىر خاتىرىلەر تېپىلمىغان. بۇ توشقان زەدىكى قەيەردىن كەلگەن؟ مانا بۇ كىشىلەرگە تېخى نامەلۇم، بىراق ئۇنىڭدىن كېيىنكى قېزىش داۋامىدا ئىككى دانە ئارپا بايقالغان.
قەدىمكى كىشىلەر بۇ يەردە 200 يىلدىن كۆپرەك ياشىغان. ئۇنداقتا ئۇلار قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەن؟ ئۇلار ئەركىن چارۋىچىلارمۇ ياكى تەر تۆكۈپ دېھقانچىلىق قىلغانلارمۇ؟ قېزىۋېلىنغان تاش تۈگمەن بىلەن توشقان زەدىكىنى ئەزگەندىن باشقا، يەنە ئارپا، بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى ئەزگەنمىدۇ؟
قەدىمكى كىشىلەر قەيەردىن كېلىپ يەنە قەيەرگە كەتكەن؟
«ئادۇنچورۇم خارابىلىقى»نىڭ ئومۇمىي مەدەنىيەت خاراكتېرى ئېنىق بولۇپ، ئاندېرونوۋ مەدەنىيىتى (يەنى سىبىرىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىنىڭ بىرونزا دەۋرى مەدەنىيىتى بولۇپ، تۇنجى قېتىم رۇسىيەنىڭ ئاچەنسىق ئەتراپىدىكى ئاندېرونوۋ كەنتىدىكى قەبرىستانلىقنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ـــ ئاپتوردىن) بىلەن مەلۇم جەھەتتە ئوخشاشلىقى بار. «ئادۇنچورۇم خارابىلىقى» ئالاتاۋ تېغىغا ياندىشىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، بىر كۆۋرۈككە ئوخشايدۇ. ئادەملەر توپىنىڭ ئېقىمى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى مۇشۇنىڭدىن كەلگەن. جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن قارىغاندا «ئادۇنچورۇم خارابىلىقى» تارىختىكى بىر قاينامغا ئوخشايدۇ، ئادەملەر توپىنىڭ ئېقىمى، زامان بىلەن ماكان بۇ يەردە نۆۋەتلىشىپ ۋاقىتلىق توختىغاندىن كېيىن، يەنە شەرققە، غەربكە ۋە جەنۇبقا تارقالغان.
ئالاتاۋ تېغىنىڭ شىمالى بىلەن قازاقىستاننىڭ يەتتە سۇ دەرياسى ۋادىسىدا «ئادۇنچورۇم خارابىلىقى» مەدەنىيىتىگە ئوخشايدىغان قەبرىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «مىنۇسىك» دېگەن يېرىدە بايقالغان ئاندىرونوۋ مەدەنىيىتى خارابىسىنىڭ خاراكتېرىگە ئىگە خارابىلىق مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 19-ئەسىردىن 17-ئەسىرگىچە بولۇپ، «ئادۇنچورۇم خارابىلىقى» دەۋرى بىلەن ئوخشاش بولغان. بۇ تەڭرىتېغىنىڭ غەربىي ئېتىكىدىكى بۇ خارابىلىقتا ياشىغان كىشىلەرنىڭ ناھايىتى بۇرۇنلا ئاندىرونوۋ مەدەنىيەت مەركىزىي رايونى بىلەن زىچ ئالاقە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«ئادۇنچورۇم خارابىلىقى»دا ياشىغان قەدىمكى كىشىلەر بۇ يەردە تارىخنىڭ قاينىمىنى قالدۇرغاندىن كېيىن، يەنە قەيەرگە كۆچۈپ كەتتى؟ ئەجەبا بىرونزا دەۋرىدىكى ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەتكەنمۇ ياكى تەڭرىتېغىدىن ھالقىپ قازاقىستانغا كۆچۈپ كەتكەنمۇ؟ «ئادۇنچورۇم خارابىلىقى» توغۇرلۇق جۇڭگو تارىخىدا تېخى خاتىرە قالدۇرۇلمىغان. دۇنيا تارىخىدىمۇ پەقەت ئايرىم سۆزلەرلا قالدۇرۇلغان. بۇ يەردە ياشىغان قەدىمكى كىشىلەرنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئارخېئولوگلارنىڭ ئۈزلۈكسىز بايقىشىنى كۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

Qarabeg يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 11:13:06

مۇشۇ نەدىن كېلىپ، نەگە كەتتى دەپ ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىلام تازا بىر مۇغەمبەرلىكنى ھىس قىلدۇرىدۇ ماڭا.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 12:41:25

بۇنىڭ قاچان نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىش ئۇنچىۋالا تەس ئەمەس!....{:116:}

muztag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 21:35:07

ئاۋال چوڭاملار بىر نىمە دىسۇن.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 21:44:05

Qarabeg يوللىغان ۋاقتى2014-1-25 11:13 static/image/common/back.gif
مۇشۇ نەدىن كېلىپ، نەگە كەتتى دەپ ئىزدىنىشنىڭ ئۆزىلام ت ...

ئوقۇۋىتىپ مەنمۇ مۇشۇنى ئويلىغان ئىدىم.
شىنجاڭدىكى قەدىمى ئاھالىلەرگە ئائىت خەۋەرلەر بولسىلا «نەگە كەتكەندۇ» دەپ سوراپ قويشىدۇ. 70 -ئەجداد ئاناڭنىڭ يىنىغا كەتكەن دىۋىتىمەن ئاچچىغىمدا. كۆز ئالدىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاسماندىن پوككىدە چۈشۈپ قالدىمۇ ما زىمىنغا؟. خېنەندە، شەندۇڭدا نەچچە مىڭ يىللىق قەدىمى ئىنسان توپىنى ھەتتا مىليون يىللىق مايمۇنسىمان بىيجىڭ ئادىمىنى ئەجدادىمىز دىۋىلىپتارىخقا يازىدۇيۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇپرىقىدا ئىككى مىڭ يىل ياشىغان ئىنسانلارنىمۇ ئۇيانغا كەتكەن، بۇيانغا كەتكەن، قۇم يۈتۈپ كەتكەن، قىرىلىپ تۈگىگەن دىگەندەك يالغان ياۋىداقلارنى قىزارماي توقۇشىدۇ ماۋۇ نومۇسسىز ئىتلار.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 21:49:48

ئاۋۇ جەسەت ئوبدان ساقلىنىپتۇ. مىنىڭ قارىشىمچە قەدىمى كىرورانلىقلار بىلەن ئوخشاش مەنبەدىن كەلگەن، ئاندىرنوۋ مەدىنيىتىگە تەۋە ئىنسانلاردەك قىلىدۇ. يەنى جەنۇبى سىبىرىيە، ئالتاي تاغلىرىدىن ئۆتۈپ جەنۇپقا سىلجىغان ئاندىرنوۋ مەدىنيىتىنىڭ ئىزلىرى.
قولۇمدىن كەلسە ئاۋۇ جەسەتكە قارىتا دن ئا ئانالىزى قىلىش مومكىن بولسا تارىمدىكى موميالار بىلەن ھەم ئۇيغۇرلار بىلەن سىلىشتۇرۇپ باقساقلا ھەممىسىنى ئىنىق بولاتتى.

bendora يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 22:42:41

ئو ما تىللارنى...
مەنغۇ ئارخىلوگىيە ھەققىدە چۈشەنچە دېگەن نەرسىگە ئىگە ئەمەس، پەقەت بىلىدىغىنىم تېرىسى ساق بولسا مومىيا دەيمىز، سۆڭىكىلا قالسا جەسەت دەپ ئاتاۋېرىدىكەنمىز. «قۇم باسقان شەھەر»دە تەپەككۈرچىنىڭ پىكىرلىرى مۇجەسسەملەنگەن قۇرلار بولىدىغان.
بەت: [1]
: سىرلىق تاش ئوردىدىكى ئېچىلمىغان سىرلار