waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 21:39:53

شىرئەلىجان23نۇمۇر ئالغان بۇلسىمۇ شىنجاڭ گۇاڭدۇڭغا ئۇتتۇردى

    ئۈرۇمچى ۋاختى 1-ئاينىڭ 24- كۈنى كەچ، 2013- 2014- پەسىللىك جۇڭگو  ۋاسكېتبول  بىرلەشمە مۇسابىقىسى 27- ئايلانما باسقۇچىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە  ئىلىپ باردى؛ بۇ مەيدان مۇسابىقىدە  شىرئەلىجان 23 نومۇر ئالغان بۇلسىمۇ شىنجاڭ كوماندىسى ئاخىرى 111- 119 نەتىجە بىلەن  گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن بانكىسى ۋاسكېتبول كوماندىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى. شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا ئالتە مەيدان غەلبە قىلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بەردى.  نۆۋەتتە شىنجاڭ كوماندىسى 21 مەيدان غەلبە قىلىش 6 مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن نومۇر رەت تەرتىپىدە 2- ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى خاندېرسېن 29 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  شىرئەلىجان 23 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە ئىككى قىتىم توپ تارتىۋالدى؛   ياڭ جىڭمىڭ 22 نومۇر،  3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ تاڭ جىڭدۇڭ 19 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سېنگېلدون 4 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈەن بانكىسى ۋاسكېتبول كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى،  كوماندا ئەزاسى يىجىيەنلەن 27 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جۇفاڭيۈ 16 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جۇپىڭ 19نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ پوۋىل  23 نومۇر،  18 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛  خۇئېت 21 نومۇر ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.  
مۇسابىقە ئۇرۇنلاشتۇرۇش تەرتىپى بۇيىچە، شىنجاڭ كوماندىسى 26-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاختى 00؛2 دە قارشى تەرەپ مەيدانىدا دۇڭگۇەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرىhttp://waskitbol.com/forum.php

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 22:10:26

بۇ مەيداندىكى  قىزىق نۇقتا شىڭگىردىننىڭ مەيداندىن قوغلىنىشى
شىرئەلىجان قالتىس ئوينىدى  

jahanzat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 22:19:41

ماۋۇ رەسىم چىقامدۇ چىقمامدۇ بىلمىدىم

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 22:21:56

رىپىرنىڭ بۇنچىلىك قىپ كەتكىنىگە قارىغاندا تاپان ھەققى ئاز ئەمەسكەن،بىر پۈشتەك نەچچە تۈمەن بولسا كېرەك.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 22:25:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 22:29  

گەدىنىمنى سىلاپ نىمە قىلىسەۋە قوڭتاجى،سەۋزە لازىم بولسا خالاغا ئىسمىڭ بىلەن نۇمۇرۇڭنى يېزىپ قويساڭ بولمامدۇ .

سىڭگىلتوننىڭ گېپىنى تەرجىمە قىپ قويدۇم

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 22:57:33

شىنجاڭ گۇاڭخۇي مۇشۇ دۇڭگۈەندىنلا ئۆتەلمەيدۇ دىسە.....:L
ئاۋۇ بەسەينىڭ ھەرىكىتىگە قاراپ ئۆزەمنى تۇتالماي قالدىم.....:lol

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 17:44:30

3-ئايلانمىدىن باشلاپ كۆرۈپتىمەن. 20 نۇمۇر ئارقىدا قېلىپ نۇمۇر پەرقىنى 6 نۇمۇرغىمۇ چۈشۈرگەن ئەپسۇس داۋاملاشتۇرالماي قالدى ياخشى ھالەتنى...سىڭگىلتون مۇسابىقىگە چۈشۈپ قوغلىنىپتۇ دە...بولمىغان بولسا ئۇتۇپمۇ قالاركەنمىزمۇ نىمە...
بەت: [1]
: شىرئەلىجان23نۇمۇر ئالغان بۇلسىمۇ شىنجاڭ گۇاڭدۇڭغا ئۇتتۇردى