yawuzbag يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 20:43:40

تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى»ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

   تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى»ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش
     

   ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك دوستلار! شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردى.  ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

1. ماقالە ئوقۇشقا قاتنىشىدىغان ئالىم، تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسلەر: (ئىسىملار ئېلىپبە تەرتىۋى بويىچە تىزىلدى)
1) ئابدۇقادىرجالالىددىن (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرستېتىنىڭ پروفېسسورى، ماگىستىر ئاسپرانتلار يېتەكچىسى)
2) ئابدۇۋەلى مۇقىيت (غۇلجا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى)
3) ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى (دوكتۇر، شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى)
4) ئەركىن ھاشىم (شىنجاڭ بۇغدا دوختۇرخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەرلەر كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، جۇڭخۇا ئەرلىكشۇناسلىق جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى)
5) مىجىت لىتىپ (شىنجاڭ سودا ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئادۋۇكاتلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى)
6) يالقۇن روزى (مائارىپ نەشرىياتىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەررىرى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئوبزورچى)
2. ئۆتكۈزۈش ۋاقتى: 2014-يىلى  2-ئاينىڭ 1- كۈنى (شەنبە)
3. ئورنى: بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 461-نومۇر، يېڭى نۇر ئالىي مەكتەب ئىمتىھانى تەييارلىق مەركىزى بىناسى 4-قەۋەت، 6-ئوتتۇرا مەكتەبنىڭ ئۇدۇلىدا)
ئالاقەلىشىش تېلېفون نومۇرلىرى: 13999980408، 18299154608، 18999882584 (مۇقىم تېلېفون)
توربېكەت ئادرېسى: www.bilkuch.com
qq2463225893:
ئۈندىدار: bilkuch
ئەسكەرتىش: نەق مەيداندا سۈرەتكە ئېلىندۇ، قاتناشقۇچىلارنىڭ رەتلىك ۋە يارشىملىق كېينىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
ئانا تۇپراق مۇنبىرىدىن يۆتكەپ كىلىندى.

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 20:50:49

شۈنچىلىك ئىلان بىرىلدى ھەر قىتىم نەچچە كۈنلا قالغاندا توختىتىلدى...بۇ قىتىم مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 22:53:55

ئامما كاتتا مۇھاكىمە يىغىلىشى بولغۇسى...............

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 12:39:50

ئەسكى تامدا قۇشقاچ تولا،
ياخشى ئىشقا پۇتلاش تولا!

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 16:17:38

داۋاگىرى سۇس ئەلنىڭ قازىسى مۇتھەم بولۇر

charwichi يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 13:01:33

مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشىگە تىلەكداشمەن!

Mehman123 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-27 15:52:57

ئۆزى بۇرۇن لېكسىيە سۆزلىگەن، ئەمما ھېكايە يېزىپ لېكسىيە سۆزلەشنى مەسخىرە قىلىدىغان يوچۇن تەبىئەتلىك تاھىر ھاموت ۋە ئۇنىڭ يېقىنلىرىنىڭ بۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىغىنىغا ھەيرانمەن.
بەت: [1]
: تۇنجى قېتىملىق «بىلكۈچ ئائىلە مەدەنىيىتى»ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى