nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 09:27:42

خانبالىقتا ئۆگىنىش خاتىرىسى (Nijat)

  نىجات مەمتىمىن
   12 -ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا فوتوگىرافلار جەمئىيتىمىزنىڭ رەئىسى باۋدى تېلېفون قىپتۇ، بىر خۇش خەۋەر بار دەپ، ھە قانداق خۇش خەۋەر دېسەم،  بېيجىڭغا بېرىپ فوتوگىرافلىق كەسپىي بويىچە  تەربىيلىنىدىغانغا شىنجاڭغا بەش سان بېرىپتۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئاساس قىلىدىكەن،شۇڭا  مېنى تەۋسىيە قىپتۇ ، بىر جەدۋەلنى تولدۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرىشىمنى دېدى.
   جەدۋەلنى  تاپشۇرۇپ ئېلىپ تولدۇرۇشقا باشلىدىم،جەدۋەلگە ئۆزەمنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالىم، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارتقان فوتو سۈرەتلرىمىدىن سەككىز پارچە قاتارلىق مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپ بولدۇم، ئاخىرقى مەزمۇن بولسا ئۆزىمىزنىڭ فوتوگىرافلىققا ئائىت 800 خەت ئەتراپىدا  ماقالە تاپشۇرۇشىمىز شەرت ئىكەن. بۇرۇن فوتوگىرافلىق توغرىسدا ئۇزۇنراق ماقالە يېزىپ باقماپتىكەنمەن، ئويلا ئويلا، ئاخىرى يېقىندا قىزىقىپ قالغان يېقىن ئارىلىقتا كىچىك جىسىملارنى سۈرەتكە ئېىلىش توغرىسدا ماقالىدىن بىرنى پۈتكۈزدۇمدە قوشۇپ رەئىس باۋدىغا ئەۋەتىپ بەردىم.
   31-چىسلا كەچقۇرۇن ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگىرافلار جەمئىيتىدىن تېلېفون كەلدى، 5-چىسلاغا ئۈلگۈرۈپ بېيجىڭغا بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇشۇمنى ھەمدە ئۆز مىللىتىمىزنىڭ كېىيم-كېچەكلىرىمىزنى بىللە ئېلىۋىلىشمىز لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.ئىچمدە خۇش بولدۇم ھەمدە تورغا چىقىپ دەرھال ئايروپىلان بېلىتى زاكاس قىلدىم. بىر ئازدىن كېيىن يەركەندىن نۇردۇن ئابدۇسەمەت تېلېفون قىپتۇ، ئاپتونوم رايۇندىن تېلېفون قىلىپ ئۆزىنىڭمۇ  بېيجىڭدىكى ئۆگىنىشكە بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ، نوردۇن ئابدۇسەمەت بىلەن خىلى بۇرۇندىن تونۇشىمىز ھەمدە سەپەرلەردە بىللە بولۇپ خىلى چىقىشىپ قالغان ئىدۇق، سەپەردە مۇشۇنداق بىر تونۇشۇمنىڭ بولغانلىقىدىن خۇش بولدۇم.
   1-ئاينىڭ 5-كۈنى  چۈشتە قەشقەردىن يولغا چىقتۇق. ئايرۇپىلان ئۈرۈمچىگە چۈشكەندە  ئۈرۈمچىدە لەپىلدەپ قار يېغىپ تۇراتتى. قار كۈچىيشكە باشلىدى ئەسلىدە ئۈرۈمچى ئايرودرومىدا نەچچە ئون مېنۇتلا توختاش پىلانلانغان ئايروپىلان قار سەۋەبىدىن 4 سائەتتەك كېچىپ ئۇچتى، يېرىم كەچ 1:30 لار ئەتراپىدا بېيجڭغا قوندۇق.بۇ قېتىمقى كۇرس ئىشلىرىغا مەسئۇل يولداش بىزنى مىھمانخانىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ، بىزدىن ئەھۋال سورىغاندىن كېيىن ھازىر ياخشى ئارام ئېلىشىمىزنى بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئېچىلىش  مۇراسىمنىڭ ئەتىسى چۈشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئىچىمىزدە ئۇف دەپ كىرىپ ئارام ئالدۇق.
   ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ ئۆزىمىز ئەكەلگەن نان-پانلار بىلەن ناشتا قىلدۇقتە، بىز ئىككىمىزدىن باشقا شىنجاڭدىن كەلگەن قىرىنداشلارنى سۈرۈشتۈردۇق. قالغان ئۈچەيلەن بولسا شىنجاڭ گېزىتىدىن سېرىك نۇردىباي ،  غۇلجا شەھەرلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ئەسقەر مىجىت  ۋە ئاقسۇ شايار ناھىيەلىك ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن ۋاڭ جىيەنبو قاتارلىقلار ئىكەن. بىز بىر قۇر تونۇشۇپ چىققاندىن كېيىن، تۆتىمىز ياتاق ئەتراپىدىن مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىزلەشكە باشلىدۇق. ئەتراپتا ھىچ مۇسۇلغانچە ئاشخانا باردەك قىلمايتتى، سائەتمۇ  10 دىن ئاشقان ئىدى، چۈشتىن كېيىنكى دەرس باشلاش مۇراسىمى 1:30 دە باشلىناتتى، شۇڭا مەن يىراقراق بولسىمۇ   ئۆزەمگە تونۇشلۇق بولغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇننىڭ بىيجىڭدىكى ئىش بىجىرىش ئورنىغا جايلاشقان ئاشخانىغا باشلاپ ئاپاردىم ،يول يۈرۈشكىلا بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىت كەتتى، تاماقنى بۇيرۇتۇپ چاقماق تىزلىكىدە يەۋېىتىپ قايتتۇق. خۇداغا شۈكىرى ۋاقتىدا قايتىپ كەلدۇق.


«ئاز سانلىق مىللەتلەر  فوتوگىرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» كۇرسى دەرس باشلاش مۇراسىمىدىن كۆرۈنۈش



«ئاز سانلىق مىللەتلەر  فوتوگىرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» كۇرسى دەرس باشلاش مۇراسىمى



كۇرسانتلار دەرسخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان كۆرگەزمە ئەسەرلەرنى كۆرمەكتە

    قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مىللىيچە كېيىم –كېچەكلىرىمزنى كېيىپ مېھمانخاننىڭ بىرىنجى قەۋىتىدىكى زالغا يىغىلدۇق ،خەنزۇ،  ئۇيغۇر، تىبەت ، مۇڭغۇل، خۇيزۇ قاتارلىق 17 مىللەتتىن تەركىپ تاپقان 50 نەپەر ئوقۇغۇچى بۇ مەيداندا ھازىر بولدۇق.  پاھ ، پاھ نېمە دېگەن گۈزەل كۆرۈنۈ ش ھە؟ ئادەتتىكى كېيىم بىلەن مۇنداقلا كۆرۈنگەن كىشلەر ئەمدى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كېيىم –كېچەكلىرى بىلەن شۇنداق كېلىشكەن ، چىرايلىق كۆرۈنىۋاتاتتى. زالنىڭ ئىچى  خۇددى رەڭگارەڭ گۈلگە پۈركەنگەن باغچىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. بىز ھاياجان ئىلكىدە ئاپىراتلىرىمىزنى قولىمىزغا ئېلىپ بىر- بىرلىرىمىنى پاسىلدىتىپ سۈرەتكە تارتىشقا باشلىدۇق.



جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياۋ دەرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى


    سائەت 1:30 يېرىممۇ بولدى، كۇرسىنىڭ دەرس باشلاش مۇراسىمىمۇ باشلاندى . جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياۋ دەرس باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە تەبرىك سۆزى قىلدى.
    بۇ قېتىمقى كۇرس بولسا جۇڭگو ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر فوندىي جەمئىيتىنىڭ ياردىمى ، جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتنىڭ تەشكىلىشى ، جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتى مائارىپ  كومىېتىتى ۋە بېيجىڭ فوتوگىرافىيە بويىچە سىرتتىن تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنىڭ ئۆز ئۈسىتىگە ئېلىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان «ئاز سانلىق مىللەتلەر  فوتوگىرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» ھېسابلىنىدۇ. دەرس مۇددىتى 10 كۈن.
بۇ 10 كۈن ۋاقىتنىڭ يەتتە  كۈنىگە  نەزەرىيە دەرسى،  ئىككى كۈنىگە سىرتتا  پىراكتىكا سۈرەت تارتىش دەرسى ، يېرىم كۈنىگە جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالىنى ئېكىسكۇرسيە قىلىش، ئاخىرقى يېرىم كۈنىگە بولسا ئوقۇش پۈتتۇرۈش مۇراسىمى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.



ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مېھمانخانا ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

   دەرس باشلاش مۇراسىمى تۈگىگەندىن كېيىن ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار مېھمانخانا ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. سۈرەتكە چۈشۈپ بولۇپ رەسمى ھالدا دەرسنى باشلىۋەتتۇق.
   ئالدى بىلەن بېيجىڭ كىنوچىلىق ئىنىستىتوتىنىڭ دوتسىتنى جۇ جيۇڭ مۇئەللىم دۇنيا فوتوگىرافىيە تارىخى ۋە جۇڭگو فوتوگىرافىيە تارىخى توغرىسدا دەرس سۆزلىدى. دەرسىنى چۈشتىن كېيىن باشلىغاچقا ، كەچلىك ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ چۈشتىن بۇرۇنقى ئۆتۈلمەكچى بولغان دەرسنىمۇ سۆزلىدى. دەرستە دۇنيادىكى تۇنجى پارچە سۈرەت1826-يىلى فىرانسىيەلىك كەشپىياتچى كۈن نۇرىدىن پايدىلىنىپ تەسۋېر ھاسىل قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەنلىكى ، تۇنجى فوتو ئاپىراتنىڭ 1939-يىلى فىرانىسيەدە بارلىققا كەلگەنلىكى، فوتو سۈرەتچىلىكنىڭ جۇڭگوغا ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن باشلاپ كىرگەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار سۆزلەندى.


كۇرسانتلار شۈشىجەن مۇئەللىمدىن سۇئال سورىماقتا



شۈ شىجەن مۇئەللىم نەق مەيداندا دەرس سۆزلىمەكتە



شىنجاڭدىن كەلگەن كۇرسانتلار شۈ شىجەن مۇئەللىم بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. (سولدىن: نىجات مەمتىمىن، ۋاڭ جىيەنبو، نۇردۇن ئابدۇسەمەت، شۈ شىجەن، سېرىك نۇردىباي،ئەسقەر مىجىت )

    ئىككىنجى كۈنىدىكى دەرس «رەقەملىك ئاپىرات مەشخۇلاتى» بولۇپ ، بۇ دەرسىنى بېيجىڭ فوتوگىرافىيە بويىچە سىرتتىن تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋۋېن مۇدىرى، دۆلەتلىك بىرىنجى دەرىجىلىك فوتوگىراف شۈ شىجەن ئەپەندى سۆزلەپ بەردى. بۇ كىشى سۆزگە شۇنداق باي، يۇمۇرىستىك تۇيغۇلىرى كۈچلۈك بولۇپ، دەرس ۋاقتىدا ھەر بىر ئوقۇغۇچى دەرسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. دەرس ۋاقتىدا سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىدىن ئىككىنى دەپ بېرەي: بىر ياز  كۈنى شۈ مۇئەللىم سىرتتا دوستىلىرىنى سۈرەت تارتىۋاتقاندا چاقماق ئىشلىتىپ تارتىپتۇ، يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر ياش بالا  بۇنى كۆرۈپ قىلىپ مەسخىرە ئارىلاش:- تاغا ئاۋۇ چاقماق چىراغنى ئېتىۋېتىڭ، نۇر شۇنداق كۈچلۈك تۇرسا، دەپتۇ. شۈ مۇئەللىممۇ چاندۇرماي:- رەخمەت، ئۇنتۇپ قاپتىمەن . دەپ كۈلۈپ قويۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە نۇر پەرقى قانچە كۈچلۈك بولسا چاقماق چىراقنى يورۇتۇش شۇنچە زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. يەنە بىر قېتىم شۈ مۇئەللىم باغچىدا سەيلە قىلىۋاتسا ئالدىدا بىر جۈپ ئېگىز پەس ئاشۇق مەشۇق تازا بىر بىرىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقۇدەك ، ئوغۇلبالا خىلى ئېگىز ، قىزبالا  پاكارراق ئىكەن، قارىسا ئوغۇل بالا ئۇيانغا ئۆتۈپتۇ بۇ يانغا ئۆتۈپتۇ:- ھەييى، سىز پاكار چىقىپ قالىدىكەنسىز، ئاۋۇ يەردە تاشتىن بىرسى تۇرىدۇ، ئەكىلەي پۇتىڭىزغا قويۇۋېىلىڭ ، دەپ تەمشىلىپ تۇرىشغا ، شۈ مۇئەللىم شەرەت بىلەن:-ئېڭىشىڭ ، ئېڭىشڭ .دەپتۇ . باشتا ئاڭقىرالمىغان يېگىت ،  شۈ مۇئەللىم  يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن نىمە دېگەنلىكىنى ئاندىن چۈشىنىپتۇ. شۇڭا سۈرەت تارتقاندا مۇھىتنى ئۆزىمىزگە بوي سۇندۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولماي، بىز مۇھىتقا ماسلاشساقمۇ ياخشى سۈرەت چىقىدۇ دېمەكچى.
    چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋە تاماق ۋاقتى ئاران بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا ئىدى، ئەتىسى بىز داۋاملىق ئاشخانا ئىزدەش كويىدا،  نىڭشيادىن كەلگەن ساۋاقداشلار يېقىن ئەتراپتا بىر خۇيزۇ ئاشخانىسىنىڭ بارلىقىنى ئىيتتى، تاكسىغا ئولتۇرۇپ باردۇق، ئارىلىقىمۇ خىلى يېقىندەك تۇراتتى، تاماقنى يەپ بولۇپ، يەنە تاكسىدا يېنىپ كەلدۇق، تاكسىچى بىزنىڭ شىنجاڭدىن كەلگەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ، سىلەر نىمىشقا يېقىن يەردىكى ئۆزۆڭلارنىڭ يۇرتلۇقۇڭلار ئاچقان ئاشخانىغا بارمايسىلەر دەپ يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئادرېسنى دەپ بەردى. ئەتىسى شۇ دېگەن ئادرېس بويىچە ئىزلەپ تاپتۇق، راستىنلار قەشقەرلىقلەر ئاچقان ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئىكەن، پىيادە بېرىپ كېلىشكە يېرىم سائەتتەك ۋاقىت كېتەتتى. تاماق تەملىرىمۇ يامان ئەمەس، مانا ئەمدى تاماق مەسلىمىزمۇ ھەل بولغان بولدى.



چىن داتاڭ مۇئەللىم «فوتوگىرافىيە ئېستېتىكىسى» توغرىسدا دەرس سۆزلىمەكتە

    كېيىنكى كۈنلىرى چىن داتاڭ مۇئەللىم «فوتوگىرافىيە ئېستېتىكىسى»،  شۈ شىجەن مۇئەللىم «فوتوگىرافىيە ئىجادىيەت ماھارەتلىرى» ،چېڭ تىيېلياڭ  مۇئەللىم «مەخسۇس تېمىدا سۈرەت تارتىش» چېڭ ۋىيدوڭ مۇئەللىم «ئىنسان خاتىرە فوتوگىرافيسى» ، جىن يوڭچۈەن مۇئەللىم «سۈرەت تەھرىرلەش»، چى فېڭچېن مۇئەللىم «مەنزىرە سۈرەت تارتىش توغرىسدا» قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلەپ بەردى.



بېيجىڭ تار كوچىدىكى ئاپتاپ سۇنىۋاتقان بوۋاي



بېيجىڭ تار كوچا قوڭغۇراق راۋىقى مەيدانىدا شەھەر ئاھالىلىرى تەپكۈچ تەپمەكتە

11-چىسلا  لى يىڭجىي مۇئەللىمنىڭ باشچىلىقىدا بېيجىڭ قەدىمىي تار كوچىسغا بېرىپ پىراكتىكا سۈرەت تارتىش پائالىيتى ئېلىپ باردۇق. بېيجىڭ تار قەدىمىي تار كوچىلىرى ئادەمنى ئۆزىگە ئىنتايىن جەلىپ قىلىدىغان بولۇپ، كونا بېيجىڭنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمىزغا كېلەتتى. بۇرۇن بىېجىڭغا كەلگەن بولساممۇ ، بۇ تار كوچىلارغا كەپ باقماپتىكەنمەن، بۇ قېتىم رەسمىي بېيجىڭغا كەلگەندەك بولدۇم. كوچىلاردا ، تەپكۈچ ئويناۋاتقان ياشلارنى، سەي كۆكتات سېتىۋاتقان كىچىك دۇكاندارلارنى، ئاپتاپ سۇنغىلى چىققان ياشانغان مومايلارنى، ۋە ھەر خىل ھۈنەرۋەنلەرنى ئۇچراتتىم. ئەپسۇسكى بۇ كوچىلارنىڭ بىر قىسمى چىقىپ ئۆزگەرتىش گىردابىغا بېرىپ قاپتۇ.



كۇڭزى ئىبادەتخانىسى ئىشكى يېنىدىكى ئاتتىن چۈشۈش ئابىدىسى (بارچە مەنسەبدارلار رىئايە( دىققەت)، بۇ يەردە ئاتتىن چۈش)

    چۈشتىن كېيىن يەنە بىر تار كوچىغا باردۇق، بۇ تار كوچىغا كوڭزى ئىبادەتخانىسى جايلاشقان بولۇپ ، مېنى جەلىپ قىلغىنى بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئىشكىگە 50 مېتىرچە كېلىدىغان ئىككى تەرەپكە ئاتتىن چۈشۈش ئابىدىسى تىكلەكلىك ئىكەن، بۇ ئابىدىدە ئەينى چاغدىكى 5 چوڭ مىللەتنىڭ يېزىقىدا "بارچە مەنسەبدارلار رىئايە( دىققەت)، بۇ يەردە ئاتتىن چۈش" دېگەن خەتلەر ئويۇقلۇق ئىكەن، ئەلۋەتتە ئۈستىدە ئۇيغۇرچە (چاغاتاي تۈركچىسى) تۇراتتى .چوڭ كىچىكلىكى ھەممە يېزىقنىڭ بارابەر ئىكەن. تار كوچىلارنى ئايلىنىپ ھېرىپ چارچاپ ياتاققا قايتتۇق.

    12-چىسلادىكى پائالىيەتمۇ لى يىڭجىي مۇئەللىمنىڭ يىتەكلىشىدە  تىيەن ئەنمېن مەيدانىدا بولدى،  بۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار مىللىي كېيىم-كېچەكلىرىمىزنى كېىيپ چىقتۇق،ئاۋۋال ئوپچە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق، ئاندىن ئۆز ئارا،يالغۇز دېگەندەك خاتىرە سۈرەتكە چۈشىۋالدۇق. مەيداندىكى پائالىيەتنى تۈگىگەندىن كېيىن ھەر قايسىمىز ئختىيارىي پائالىيەت قىلىشقا باشلىدۇق، چۈشتىن كېيىن نۇردۇن ئابدۇسەمەت بىلەن خان سارىيى مۇزىيىغا كىرىپ كەتتۇق. ئالدىنىقى قېتىم كەلگەندە ، ۋاقىت قىسقا ھەم ئىچىدىكى كۆپ قىسىم قۇرۇلۇشلارنى رېمونت قىلىۋاتقان بولغاچقا تەپسىلى كۆرەلمەي كەتكەن ئىدىم. بۇ قېتىم ساق 3 سائەت ئايلىنىپ چىقتۇق،ھەمدە ھاۋا ياخشى بولغاچقا سۈرەتلەرنى كۆپ تارتىۋالدىم. بۇ كۈنىمۇ تازا ھېرىپ چارچاپ كەتتۇقكى، مېترو ئىغىزىغا بېرىشكە ماغدۇر يوق، ياتاققا تاكسى بىلەن كەتتۇق.


جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالى



جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان تۇنجى ئاپىرات نۇسخىسى


جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالىدىكى دۆلىتىمىز ئىشلەپچىقارغان شەرق شامىلى ماركىلىق ئاپىرات (پۈتۈن دۇنيادا ئاران 40ى باركەن)


جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمە زالى


چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە تارتىلغان سېتېرولۇق سۈرەت


كۆرگەزمە زالىغا قويۇلغان ئۇيغۇر فوتوگىرافلارنىڭ ئەسىرى

    14-چىسلا چۈشتىن بۇرۇن پىلان بويىچە جۇڭگو فوتوگىرافىيە كۆرگەزمەخانىسغا بېرىپ ئىكىسكۇرسىيەدە بولدۇق،بۇ زال سىرتقا ئېچىۋىتىلگىنىگە تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئىكەن، بىز دەسلەپكى ئىكىسكۇرسىيەچىلىرى ھېسابلاندۇق، بۇ كۆرگەزمىخانا بولۇپلا قالماي، فوتوگىرافىيە مۇزىىيى دېسەك ئوشۇق كەتمەيدىكەن. ئىچىدە دۇنيا ۋە جۇڭگو فوتوگىرافىيە تارىخىدىكى ھەر خىل ئاپىراتلار، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى، ھەر خىل باسما بويۇملار تىزىقلىق ئىكەن، كۆرگەزمە رايۇنىدا رەڭلىك ، رەڭسىز بولۇپ 200~300 پارچىدەك سۈرەت ئەسەرلىرى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر فوتوگىرافلار تارتقان يۇرتىمىزغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرمۇ بار ئىكەن، بىر قانچىسىنى سۈرەتكە تارتىۋالدىم.
    15-چىسلا  لى يىڭجىي مۇئەللىم ساۋاقداشلارنىڭ بىيجىڭدا ياكى ئۆز يۇرتىدا تارتقان ئەسەرلىرىگە باھا بەردى.ئوقۇغۇچىلار تارتقان سۈرەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كەمچىلىكلىرىنى كۆرسۈتۈپ بەردى.  ئۇ باھا سۆزى بەرگەندە ئەگەر  مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇش مەقسىتىدە سۈرەت تارتماقچى بولسىڭىز، مەنزىرە سۈرەتلەرنى ئاساس قىلماڭلار، چۈنكى باھالىغۇچىلارنىڭ كۆزى مەنزىرە سۈرەتلەرگە تويۇنۇپ كەتتى، بىر قاراشتىلا باھالىغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىيالايدىغان، باشقىلار  تارتىپ باقمىغان ياكى، تارتىش نوقتىسى ئۆزگىچە بولغان سۈرەتلەر مۇكاپاتقا ئاسان ئېرىشىدۇ. دېدى. ئەگەر سىز تارىخنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن تارتسىڭىز شۇ تارىخى دەۋرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئادەم ۋە ئادەملەرنىڭ ئىش ھەركىتىنى  كۆپرەك تارتىڭ،سۈرىتىڭىزگە ئالدىراپ باھا بەرمەڭ، بۈگۈن يارىمسا ئەتە ياراپ قىلىشى مۈمكىن، سىزگە يارىمىغاندەك قىلغىنى بىلەن ماڭا ياراپ قېلىشى مۈمكىن ،ئەگەر سودا ساھەسىدە سۈرەتكە تارتماقچى بولسىڭىز خىرىدارلىرىڭىز رازى بولغۇدەك تارتسىڭىزلا بولىدۇ.دېدى.


ئوقۇش تاماملاش مۇراسىمى


ئوقۇش تاماملاش خاتىرە سۈرىتى


    15-چىسلا  چۈشتىن كېىين جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىينىڭ ئىشخانا بىناسىدىكى زالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۇق. ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا  جۇڭگو فوتوگىرافلار جەمئىيتى ۋە بېيجىڭ فوتوگىرافىيە بويىچە سىرتتىن تەربىيلەش ئىنىستىتوتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان  «ئاز سانلىق مىللەتلەر  فوتوگىرافىيە ساھەسىدىكى ئىقتىساسلىق خادىملارنى تەربىيلەش قۇرۇلۇشى» كۇرسىنى تاماملىغانلىق توغرىسىدىكى شاھادەتنامە تارقىتىپ بېرىلدى. مۇراسىمدىن كېىين ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.


بېيجىڭ فوتو-ئاپىرات ئۈسكۈنىلىرى سودا شەھەرچىسى

    مۇراسىم چۈشتىن كېىيىن سائەت 3 ئەتراپىدە ئاخىرلاشتى،سودا سارايلار ئىشتىن  چۈشۈشكە يەنە ئىككى ئۈچ سائەت ۋاقىت بار ئىدى بىر قانچىمىز فوتو ئاپىرات ئۈسكۈنىلىرى بازىرىغا بېرىپ بېقىش ئويىغا كەلدۇق، مېتروغا چۈشتۇقدە بېيجىڭ فوتو ئاپىرات ئۈسكۈنىلىرى بازىرىغا كەلدۇق،  ھەقىقەتەن چوڭ بازاركەن، فوتو سۈرەتچىلىككە چېتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغاندەك قىلاتتى، بىز بىلەن بىرگە بارغان بىرەيلەن كانون ماركىلىق ئاپىراتتىن بىرنى سېتىۋالدى. باھاسى توردىكى باھادىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغاندەك قىلاتتى، تېخى ئازاراق قىممەت كۆردۈم. ئىچمدە يەنىلا توردىن سېتىۋالساق ئوڭايكەن دەپ ئويلىدىم، بىر دەمدە سودا ساراينى تاقايدىغان ۋاقىت بوپ قاپتۇ. بىر سائەتچە ئايلىنىپ يېنىپ چىقتۇق.
    قەشقەرنىڭ بىيجىڭدىكى ئىش باشقارمىسى ئاچقان بىر ئاشخانا باركەن دەپ ئاڭلىغان بېيجىڭدىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنىمىز بولغاچقا  ، ئۇ كۈنكى  كەچلىك تاماقنى شۇ يەرگە بېرىپ يەپ كەلمەكچى بولدۇق. مېتروغا چۈشۈپ بىر نەچچە بېكەت مېڭىپ بۇ ئاشخانىنى ئوڭايلا تاپتۇق. تاماقلىرىمۇ يامان ئەمەس ئىكەن. تاماقنى يەپ بولۇپ ياتاققا قايتتۇق.
شۇنداق قىپ بېيجىڭدىكى ئۆگىنىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاپ 16-چىسلا ئەتىگەندە ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچتۇق.

Batush يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 11:19:45

ياخشى خاتىرىكەن.  ئەلانى دەسسىۋەتتىم !

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 11:24:08

ئاۋۇ ئۇيغۇرچە خەتنى ئازراق ئوقۇيالىدىم .
ئات دېگەننى بىلمىسەممۇ قالغىنى ئاساسەن چۈشەنگىلى بولىدىكەن
تۈش دەيدىكەن ھە.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 11:24:08

سەۋىيە بۇرۇنقىدىن ئۆسەپ كېتىپتۇدە ئەمدى ، ئۇزۇن بوپتىكەن تېمىلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى ، شۇنچە ئاستا ئوقۇساممۇ يەنە تۈگەپ قالدى، ئۆتكەن يىلى قىشتا تارتقان رەسىملىرىڭىزنى يوللىغان ئىدىڭىز ، بۇ قىشتىمۇ بىكار تۇرمىغانسىز؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 12:41:11

كۇرس ئېچىپ تەربىيلەش پائالىيىتى قىلسىمۇ، بېشىغا يوغان قىلىپ «ئاز سانلىق....» دېگەن گەپنى قوشۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ پىرى بولۇپ كەتكەنلىكى (يالغۇز بۇ خىل كۇرس ئەمەسقۇ، باشقا كەسپلەر، يازغۇچىلىق.... دېگەندەك)، ئەمدى ھېچ ئىشنى بىلمەيدىغان ئازسانلىق مىللەتلەرنى تەربىيلىگەنلىكىنى، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى پەش قىلغان. ئاخىرىدا، كۇرس تۈگىگەندە مىللىيچە كىيمىڭلارنى كىيىپ كېلىڭلار رەسىمگە چۈشىمىز دەپ. ئۆزلىرى نىمىشقا مىللىي كىيىمىنى كەيمەيدۇ؟ دەپ ئويلاپ كېتىمەن. ياكى ھازىرقى كاستۇم، كۆينەك ياكى شۇشەن كىيىملەر يولداشلارنىڭ مىللىي كىيمىمىمۇ يە؟

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:59:03

يۈرىكى بېيجىڭدىكەن بۇ پوتوگراپنىڭ.
ئۆلسە ماۋجۇشىنىڭ يېنىغا مۇميا بولۇش ئارزۇسى بارمۇ نىمە؟

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:26:12

مەن يۈرۈكۈمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە دەپ يۈرۈپتىمەن تېخى:o

qarayuz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 16:52:44

نىجات ئەپەندى
تېلىۋورلاردا ئازادلىقتىن ئىلگىرى جاھازىغا بىكىتىپ ھەمدە تارتقاندا بىر رەختنى بېشىغا ئارتىپ
ئاندىن تارتىدىكەن،ئاشۇ ئاپپاراتىنڭ خۇسۇسىتى نېمە؟
سىزچە ھازىرقى ئاپپاراتلار ھەمدە چۈشەنچىڭىزدە ئاپپاراتلارنىڭ تەرەققىياتى قانداق بۇلار؟ھازر چەتئەلدە قانداق؟
بولسا ئاپپاراتىنڭ ئىچكى تۈرزۈلۈشى ،ئىش ئىشلەش پىرىنسىپىنى چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز؟

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 16:57:37

    مىللى كىيىمنى ئاران بىر كىيىپ  ئاتايتەن  بيجىڭغا بارغاندا  ماۋجۇشىغا  مىللى كىيىم بىلەن ھۆرمەت بىلدۈرگەن رەسىمنى  تارتماپسىلەغۇ؟ تارىتقان بولسىڭىز يوللىۋىتىڭە ئادەمنى بى ئادەمنى ئىنتىزار قىلماي ، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالبۇڭىز100% بۇلۇپ كەتسۇن .

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 17:05:01

qarayuz يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 16:52 static/image/common/back.gif
نىجات ئەپەندى
تېلىۋورلاردا ئازادلىقتىن ئىلگىرى جاھاز ...

    ئۇ ئاپراتقا نۇر سەزگۈچى لىنتا (感光胶卷) ئىشلىتىدۇ ھەقاچان ، ئۇ دەۋىردىكى ئاپراتلار ئىلغار بولمىغاچقا رەسىمگە تارتىۋاتقاندا ئاپرات ئىچىدىكى لىنتىغا ئاپرات كۈزىدىن باشقا تەرەپتىن كەلگەن نۇر چۈشۈپ كەتسە لىنتا ئۈنۈمسىزلىشىپ كىتىدۇ ، شۇڭا باشقا نۇرنى تۇسۇۋېلىش ئۈچۈن ئاپرات بېشىغا ۋە ئاپراتچى بېشىغا لاتتا كىيىۋالىدۇ .

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 17:05:50

    سىز تېلېۋىزوردا كۆرگەن ئاپىرات بولسا ئاۋۋال ئەينەك يۈزىگە چۈشكەن تەسۋېر ئارقىلىق فوكوس تەڭشىۋىلىپ ئاندىن پىليۇنكىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تارتىدىغان ئاپىرات. فوكوس تەڭشىگەندە ئەتراپتىكى نۇرنىڭ تەسىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن شۇ  رەخ ئورىۋالدىغان ئىش.
   ئىستىمالچىلار ئىشلىتىدىغان ئاپىراتىنىڭ تەرەققىياتى بولسا لېنزا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان كارتا ئاپىرات (微单) بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى بۇ ئاپىراتتا  单反 خىلدىكى ئاپىراتنىڭ ئىقتىدارى،  (卡片机) كاراتا شەكىلدىكى ئاپىراتتىكى ئەپچىللىكنى مۇجەسسەملەشتۈرگەن.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىلدىكى ئاپىراتقا يېڭى كونا لېنزىلارنىڭ كۆپىنچىسىنى سەپلىگىلى بولىدىكەن.  (كەچۈرىسىلەر ماۋۇ خەنچە خەتلەرنى ئۇيغۇرچىدا ئىخچامراق ئىپادىليەلمىدىم ، يەنە بىرىڭلار چىقىپ   ......گە چىقىرۋەتمەڭلار مېنى)
ئاپىراتنىڭ ئىچكى تۈزۈلىشى ، ئىشلەش پىرىنسىپىگە دېگەنگە كەلسەك بۇنىڭغا مەخسۇس تېمىدىن بىرنى يېزىپ كىرسەم بولغۇدەك.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 17:22:41

ئاۋۇ ئۇيغۇرچە خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ، ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىملاسى، ھەرپلەرنىڭ ئالمىشىپ باشقا تۈركىي تىللاردىن نېمىشقا «پەرقلىنىپ« قالغىنى ئادەمنى سەل بىئارام قىلامدۇ قانداق؟
بۇنداق پائالىيەتلەر ئاساسەن ھەرقايسى مىللەتلەر كىيىملىرىنى كېيىپ بىر پارچە ئېسىل رەسىمگە چۈشۈشكە ئايلىنىپ قېلىۋاتامدۇ قانداق؟  ئاز-تولا نەتىجە بولسا بولاتتى...

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 17:28:09

تۈركچىنى ئازراق ئۆگەنگەندىن كېيىن ھېس قىلدىمكى ھازىر بىز ئاساسەن «ب» نى «ۋ» ، «ف»نى «پ» ئۆزگەرتىپ «ئۆزگىچە»لىك ھاسىل قىپتۇق !!! بۇنى تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك دەمدۇق ياكى «تەرەققىيات» دەمدۇق ؟؟

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 22:26:55

شىنجاڭ خەۋەرلىرىنى كۆرگەندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم دىسە.....:L
نىجات ئەپەندىم !ئاۋۇ يىلنامىدە خاتالىق بارمۇ قانداق؟1939-يىلى دەپ يېزىلىپ قاپتىغۇ؟

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 23:06:17

ھە ئەسلى 1839-يىلى ئىدى، خاتا كىرگۈزۈپ قويۇپتىمەن. رەخمەت.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 10:16:46

kurax007 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 16:57 static/image/common/back.gif
مىللى كىيىمنى ئاران بىر كىيىپ  ئاتايتەن  بيجىڭغا بار ...

  ئۇنداق كۆرۈنۈش ئۇچقىمىدى، سىزگە پۇرسەت بوپ قالسا بېيجىڭغا بارغاندا ئۇنتۇپ قالماي ئاشۇنداق كۆرۈنۈشتىن بىرنى چۈشۈپ تولۇقلاپ قويارسىز

bendora يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 19:58:41

ماۋزەيدۇڭنىڭ بەدىنى بار جايغا ئاپارات ئەمەس تېلفوننىمۇ ئەكىرگىلى قويمايدىغۇ دەيمەن، مەنغۇ كىرىپ باقمىغان، بىراق شۇنداق ئاڭلىغان. چۈشتىن كېيىن كۆرسەتمەمدۇ ئىشقىپ قاق سەدە كۆرىۋالسىڭىز كۆرۈۋالالايسىز دېگەندەك ئېسىمدە.

f1sherman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-25 22:20:19

نىجاد ئەفەندىم،  يېقىندا 3000 يۈەن ئەتىراپىدا 单反 دىن بىرنى ئالاي دېگەن ، ياخشىراق تىپتىكىلەر بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز ، ئەگەر نىمكەش مال ئالماقچى بولساق مالنىڭ قايسى يەرلىرىنى تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز ؟
ئەگەر يېڭىسىنى سېتىۋالساقچۇ؟

Uyghuri يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 01:43:29

رىئايە ئەمەس بەلكى رائىيە يەنى ئاۋام ، خەلىق دىگەن مەنىدە

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 08:46:58

Uyghuri يوللىغان ۋاقتى  2014-1-26 01:43 static/image/common/back.gif
رىئايە ئەمەس بەلكى رائىيە يەنى ئاۋام ، خەلىق دىگەن مەن ...

رەخمەت سىزگە،بىلىۋالدىم.  بۇ سۆزگە كەلگەندە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىپتىمەن
بەت: [1] 2
: خانبالىقتا ئۆگىنىش خاتىرىسى (Nijat)