alip يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:18:37

Arduino ھەققىدە تۇنجى ئۇيغۇرچە كىتاب ئېلان قىلىندى

توردىكى تەخەللۇسى ئېلېكتىر چەۋەندازى بولغان توردىشىمىز يازغان Arduino ھەققىدىكى تۇنجى ئۇيغۇرچە كىتاب ئالپ تورىدا ھەقلىق تارقىتىلدى.
Arduino بولسا ئاپتۇماتىك كونترول قىلىندىغان توك يولى قۇرۇلمىسى بولۇپ ، كومپيۇتېردا پروگرامما تۈزۈپ توك يولىنى كونترول قىلىپ ھەرخىل ئەقلى ئىقتىدارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلغىلى بولىدىكەن. يەنى ئىپتىدائىي ماشنا ئادەم ياسىغىلى بولىدىكەن.
ئاپتورنىڭ بۇ كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇش ئويى باركەنتۇق. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى نەشىر قىلدۇرالماپتۇ. شۇڭا بۇ كىتابنى ئالپ تورىدا ئاقچىغا سېتىپ يىغىلغان ئاقچىنىڭ ھەممىسىنى ئاپتورغا نەقلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئويلاشتۇق.
كىتاب pdf شەكلىدە.
باھاسى 10 ئاقچا (يۈەن)
ئالپ تورنىڭ ئۈستىدىكى ئاپتۇماتىك ئاقچا تولۇقلاش دېگەن يەرنى بېسىپ alipay ئارقىلىق ئاپتۇماتىك ئاقچا سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. ياكى ئاپتوردىن بىۋاستە سېتىۋېلىشقىمۇ بولىدۇ.
كىتاب سېتىۋېلىش ئادېرىسى :
http://alip.biz/thread-24810-1-1.html

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 09:04:42

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
بۇ خەۋەرنى مەن يەتكۈزەي دەپ بولغۇچە ئالىپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىپ ئەپەندى ئۆزى يەتكۈزۈپتۇ.(مەن ئۈچۈن قەلەم تەۋرەتكەنلىكىگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت)
سىلەرنى كىتابنىڭ مەزمۇنى قىسقا خەۋەردار قىلىش ئۈچۈن بۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى:

كىتابنىڭ مۇندەرىجىسى:


كىتاب ئىچىدىكى تەجرىبە قىسىمدىن بىر كۆرنۈش:

كىتاب توغرىسىدا ئازىراق چۈشەنچە بىرىپ ئۆتسەم: مەن بۇ كىتابنى 2013-يىلى 10-ئايدا تەرجىمە ۋە تۈزۈشكە باشلاپ،12-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇرۇلما جەھەتتىن تاماملاپ،بىلىك كۇلۇبىدىكى سەھران،ئالىپ ئۇستازلارنىڭ كۆرۈپ بىقىشىغا تاپشۇردۇم،سەھران ئۇستاز Android سىستىمىسنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئىشلىرى بىلەن ئىنتايىن ئالدىراش بولسىمۇ قىممەتلىك ۋاقتىدىن ۋاقىت چىقىرىپ كىتابنىڭ ئومۇمى مەزمۇنىنى،ئىملاسىنى كۆرۈپ بىكتىپ بەردى.بىز ئۈگىنىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن بەزى سۆزلەرنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى،مەسىلەن: ۋېيكىچاتىل-ئۈزچات،بولكىسمان-كۆنەكسىمان،سېنزور-سەزگۈچ دىگەندەك.شۇڭا كىتابتىكى بەزى ئاتالغۇلاردا ئۇقۇم جەھەتتىن چۈشەنمەسلىك ئەھۋالى بولسا،تەكلىپ بەرسەڭلار بولىدۇ.كىتابنىڭ ئىملاسىنى قايتا تۈزىتىش،بەت لايىھىسى قىلىش دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزۈم يالغۇز قىلغان بولغاچقا خاتالىقلاردىن مۇستەسنا ئەمەسمەن،شۇڭا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئەيىپكە بۇيرىماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن كىتابنى ياخشى تۈزەلمىگەن بولۇشۇم مۈمكىن،بىراق مەندە مىللەتنىڭ پەن-تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۆيىۋاتقان يۈرەك بار،مەن تېخىمۇ ياخشى قىلىشقا تىرىشىمەن!
مەزكۈر كىتابنىڭ مەزمۇنى Arduino توغرىسىدىكى ئەڭ ئاساس خاراكتىرلىك بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،سىز بۇ كىتاب ئارقىلىق Arduino توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك چۈشەنچىگە ئىگە بولسىز،كىيىنكى قەدەمدە مەن مۇرەككەپ قۇرۇلمىلارنى قانداق ياساش توغرىسىدا تېمىلارنى ئىلان قىلىمەن،ئۇ ۋاقىتتا مىنىڭ يەنە ئاددىي ئۇقۇملارنى ئەزۋەيلەپ چۈشەندۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.مەزكۈر كىتابنى سېتىۋالغاندىن كىيىن ئۈسكۈنىلەردە كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسا خەت باسقۇدا بېسىپ چىقىرىپ پايدىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئاخىرىدا سەھران ئۇستازغا،ماڭا سورون ھازىرلاپ،يىقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىگەن ئالىپ تورىنىڭ قۇرغۇچىسى،ئالىپ ئەپەندىگە رەھمەت ئىيتىمەن!
كامالى ئىھتىرام بىلەن: ئېلېكتىر چەۋەنداز
2014-يىلى قەھرىتاننىڭ 24-كۈنى،ئۇلۇغ جۈمە

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 09:30:38

ئالپ تورى ئېچىلمايدىغۇ؟

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 10:20:31

بولسا مۇشۇنداق كىتاپلارنى بىزمۇ ئەپ سىتورىغا چىقارساق ئالدىغانلار شۇ يەردىنلا چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەن بولسا نىمە دىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە؟    مەن بۇرۇن ئويلاشقان ئىدىم توردىكى يازارمەنلەرنىڭ يازمىلىرىنى توردا سېتىشقا قوشۇلسا ياسىغان تېرمىنالغا قوشۇپ چۈشۈرگەنلەر شۇ يەردىن چۈشۈرۋالسا ھەققى 6سومدىن باشلانسا ئۇنچە قىممەتمۇ تۇيۇلۇپ كەتمەيتتى. ئەمما بىزدە ئەپكە پۇل تۆلەپ سېتىۋىلىش قىزغىنلىقى تۆۋەن بولغاچ ئاخىرى ياخشى چىقماسمىكى دەپ توختاپ قالغان ئەگەر ھەمكارلاشقۇسى بارلار ئالاقىلاشسا ئەپ سىتورىغا كىتاب جازىسى چىقرىپ مۇشۇنداق مەتبۇئاتتا سېتىشقا مۇمكىن بولماي توردا ساتىدىغانلار ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت بۇلاتتى.  
ئالاھىدىلىكى : خەتلەر ئوچۇق سۈزۈك چىقىدۇ.  يەنى خالىغانچە خەتنى يوغانتىپ كىچكلىتىپ تەڭشەشكە بولىدۇ.
                     ياخشى نىيەت بالىلارنىڭ 10كويغا ئېلىپلا تونۇشلىرىغا تارقىتىشىغا پۇرسەت بولماي. ئالغۇسى بارلار ئۇدۇل ئەپ دۇكىنىدىن چۈشۈرەتتى.
                   قولايلىق. قولىڭزدا ئەقلى تېلفۇنلا بولسا ھەر ۋاقىت ئېچىپلا كۆرۈپ شۇ يەرگە بەلگە سېلىپ قويۇپ يەنە داۋاملىك كۆرۈشىگە ئەپلىك.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 10:28:52

كارامەت ياخشى ئىش بولۇپتۇ ، مەنمۇ بىرنى سېتىۋالاي ، جىفۇباۋ  ھىساباتىڭلار بولسا ، پۇلنى شۇ يەرگىلا سېپ بەرسەم ...
www.xjefan.com    غا يوللاپ قويساڭلار ، تىخمۇ جىق ئادەم مەنپەئەتلەنسۇن ....
سەل ئەزان ھىس قىپ قالدىم ...

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 10:44:00

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت،تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى،قورسقى ئاغرىماي سېتىۋىلىشى ئۈچۈن (چاقچاق ھە)، 10يۈەندىن قىلدىم. مىنىڭ ئالىپاي ھېساباتىم: eqawandaz@gmail.com, پۇل تۆلىگەندىن كىيىن يوللاپ بىرىش ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ،سىزگە يوللاپ بىرەي.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 11:08:34

نەشىر قىلىڭلار

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 11:20:53

tarim222 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 09:30 static/image/common/back.gif
ئالپ تورى ئېچىلمايدىغۇ؟

ھازىر نورمال.
ئوغلۇم ئالپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالسا ئالپ تورىمۇ توختاپ قاپتۇ دىسە.

datman يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:40:34

51 بىلەن بۇنىڭ قانداق پەرقى بار  مەن زادى قايسىسىنى ئۇگۇنىشنى بىلمەيۋاتىمەن ئىقتىدارى ياخشىراق بولغاننى ئۇگۇنەي دىگەنتىم ئۇگەنگەندىكىن تايىنلىق

esir يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:48:46

چوقۇم نەشىر قىلىشقا تېگىشلىك كىتاب ئىكەندۇق.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:05:26

بۇ ھۈنەرنى ئوبدان ئۈگەنسە پۇتۇن ئائىلىنى ئاپتوماتلاشتۇرغىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ .

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 17:05:58

نەشىر قىلىڭلار
نەشىرىياتتىن ئۇقۇشۇپ باققانىدىم،ئۇلار بۇ كىتابنى نەشىر قىلىشقا 25000يۈەن ئەتراپىدا پۇل كېتىدۇ،دېدى.مېنىڭ ھازىرچە شارائىتىم بولمىغاچقا تور يۈزدىلا ئىلان قىلىۋىتىشىنى قارار قىلىپ ئالىپ تورىدا ئىلان قىلدىم.نەشىر قىلدۇرالماي بېسىلىپ ياتقۇچە توردىلا ئىلان قىلۋىتىشىنى توغرا تاپتىم.تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىم پايدىلانسا ھاردۇقۇممۇ چىقىپ قالىدۇ.
ئەسلى بىرەر ئۇيغۇر شىركەتلىرى ياكى كارىخانچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئويۇم بار ئىدى،ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئويۇنچۇقلار،ياسالمىلار،تەجرىبە يۈرۈشلۈك دىتاللار جەھەتتە،بىراق بۇنداق ئىشلار قىزىقىدىغان كارىخانىچىلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۈمكىن.

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 17:08:01

بۇ ھۈنەرنى ئوبدان ئۈگەنسە پۇتۇن ئائىلىنى ئاپتوماتلاشتۇرغىلى بولىدىغاندەك قىلىدۇ .
توغرا دەيسىز،ۋاقىتىمىزنى قۇرۇق گەپ-سۆز،غەيۋەت شىكايەت،....لەر بىلەن بىكار ئۆتكۈزگۈچە مۇشۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھەپىلەشسەك ئۆزىمىزنىڭمۇ بىلىم سەۋىيەرىمىز ئۆسۈپ قالغان بولار ئىدى.

kurax007 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 17:11:15

java گە ياكى ئاندىرويىد ئەپ تۈزۈشكە ئائىت مۇشۇنداق ئۇيغۇرچە كىتاپ بارمۇ ؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 18:42:00

مەن بىر مەزگىل ئېتىشماقچى بولۇپ خەنسوچە ماتىرياللاردىن پايدىلىنىپ بولالماي توختىتىپ قويغان،ياخشى ئىش بولىدىغان بولدى

kitabhumar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 20:58:15

e_chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 17:08 static/image/common/back.gif
توغرا دەيسىز،ۋاقىتىمىزنى قۇرۇق گەپ-سۆز،غەيۋەت شىكايە ...

بۇ كىتابتىكى بىلىملەرنى ئۈگەنسەك بىزنىڭ شەخسى تۇرمىشىمىزغا نىسبەتەن قانداق قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىشكە ياردىمى بولىدۇ ؟
مەن كالا ياكى توخو باقاي دىگەن ئەمما بىر ئىككى كۈنلۈك سىرتقا چىقىپ قالسام بۇنداق ۋاقىتتا ئاپتۇماتىك سۇ ،ئۇرۇق ياكى يەم خەشەل سىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئەسۋاب ياكى تخىنىكىلار مەۋجۇتمىدۇ ؟ ياكى مەن سەل ئارتۇق غايىۋى ئويلىۋالغاندىمەنمۇ ؟

e_chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 21:42:47

بۇ كىتابتىكى بىلىملەرنى ئۈگەنسەك بىزنىڭ شەخسى تۇرمىشىمىزغا نىسبەتەن قانداق قولايلىقلارنى ئىلىپ كىلىشكە ياردىمى بولىدۇ ؟
مەن كالا ياكى توخو باقاي دىگەن ئەمما بىر ئىككى كۈنلۈك سىرتقا چىقىپ قالسام بۇنداق ۋاقىتتا ئاپتۇماتىك سۇ ،ئۇرۇق ياكى يەم خەشەل سىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئەسۋاب ياكى تخىنىكىلار مەۋجۇتمىدۇ ؟ ياكى مەن سەل ئارتۇق غايىۋى ئويلىۋالغاندىمەنمۇ ؟
ئاۋۋال سىز بىر تەخسە لەغمەننىڭ پۇلىنى(10يۈەننى) سەرىپ قىلىپ،مەزكۈر كىتابنى سېتىۋىلىپ كۆرۈپ بىقىڭ.ھەرقانداق بىر كەشپىيات،يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىسى غايىۋى خىياللاردىن كەلگەن.ئاندىن ياسىماقچى بولغانلىرىڭىزنى كىتاب مەزمۇنى بىلەن مىنىڭ ئالىپ تورىدىكى تېمىلىرىم بىلەن باغلاپ كۆرۈپ بىقىڭ.ئاندىن ئويلىغانلىرىڭىزنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىپ قالىسىز.

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 22:10:37

e_chewendaz يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 17:05 static/image/common/back.gif
نەشىرىياتتىن ئۇقۇشۇپ باققانىدىم،ئۇلار بۇ كىتابنى نەش ...

شۇنداق بىر ياخشى ئىشنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپسىز.سىزگە ئاپرىن!{:112:}
خېلى چوڭ بىر تىجارەت بىلەن شۇغۇللىندىغان بىر ئاغىنەم بار ئىدى.مەن بىر ئالاقىلىشىپ باقاي ھە؟

jaggiwar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 23:17:09

لىكىن بۇ ئىشىڭىز بەك ياخشى بوپتۇ ئىشلىرىڭىزغا ئاللا ياردەمدە بولسۇن
ئاللا خالىسا مەن مۇ بىر نى سېتىۋالاي

izdinix93 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-26 10:07:31

قوللايمىز
بەت: [1] 2
: Arduino ھەققىدە تۇنجى ئۇيغۇرچە كىتاب ئېلان قىلىندى