olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:10:36

مۇنداق يۇمۇرلارنىمۇ ئويناپ قويامدۇق؟

1.دۇنيادا 10 خىل ئادەم بار.ئىككىلىك ھىساپلاشنى بىلىدىغانلار ۋە بىلمەيدىغانلار.:lol

2.بىرسى ماتىماتىكىدا ئوقۇيدىغان بىر قىزغا تەلەپ قويۇپتىكەن.مۇنداق جاۋاپ خەت تاپشۇرىۋاپتۇ.
aX2 + bX + c (D<0)
{:99:}
3.باشلانغۇچ مەكتەپ تۈۋەن يىللىقىنىڭ ماتىماتىكا ئىمتىھان سۇئالى
9 + 9 ÷ 3 = ?
بۇنىڭغا بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بەرگەن جاۋابى: 6!!!!
ئەمدى بۇ جاۋاپقا ئىككى ئالىمنىڭ بىلدۈرگەن ئىپادىسى
ماتىماتىكا ئالىمى: قالتىس!{:112:}
تارىخ ئالىمى: دۆت شۇم{:113:}

4.دۇنيادىكى قىيىن مەسلىلەرنى ھەل قىلىدىغىنى فىزىك.
ئۈزى قىيىن مەسلىنى ئويلاپ چىقىپ ھەل قىلىدىغىنى ماتىماتىك

5.بىر كۈنى بىر ياش نەزەرىيە ئىلمى پىرافىسورى(تۈۋەندە قىسقارتىپ قېرى دىيىلىدۇ)بىلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ.ياشقېرىدىن سوراپتۇ.
ياش:نەزەرىيە ئىلمى نىمىنى نىمە قىلىدىغان پەن؟
قېرى:ساڭا دەپ بېرەي،ئۈيۈڭدە ئوت ئوتاش ماشىنىسى بارمۇ؟
ياش: بار
قېرى:دىمەك ھويلاڭ كەڭتاشا ئىكەندە
ياش:توغرا،ھويلام كەڭ.
قېرى:دىمەك ئۈيۈڭ باغلىق ئۆي شۇنداقمۇ
ياش:شۇنداق باغلىق ئۆي
قېرى:دىمەك ئۈيۈڭدە يەنە باشقا ئەزالارمۇ باركەندە
ياش:ئايالىم بىلەن ئىككى بالام بار.
قېرى:دىمەك سەن سەرخۇش ئەمەسكەنسەندە
ياش:ھىم،مەن سەرخۇش ئەمەس
قېرى:مۇشۇنى نەزەرىيە ئىلمى دەيمىز.........دەپ پاراڭنى تۈگىتىپتۇ.

بۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن ياش ئەتىسى دوستىغا دەپتۇ.
ياش:ساڭا نەزەرىيە ئىلمىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرەي!ئۈيۈڭدە ئوت ئوتاش ماشىنىسى بارمۇ؟
ئاغىنىسى:يوق
ياش:دىمەك سەن سەرخۇشكەنسەندە{:107:}

6.1 - 3 = 4 – 6 1 - 3 + 9/4 = 4 - 6 + 9/4 (1 - 3/2)2 = (2 - 3/2)21 - 3/2 = 2 - 3/2 1= 2

داۋامى خوشياقسا بار:lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:15:32

خوشيېقىۋاتىدۇ{:92:}

kosan يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:18:24

ئاۋۇ فورمۇلانى ئازراق يېزىشىپ باقمامسىز نىمە دىگىنىكەن؟ تېما ماۋزۇسىغا قارىغاندابىر گەپ باردەك قىلدىغۇ: lol:lol:lol

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:20:42

ۋورتنى چاپلا دەپ چاپلىسام چاپلىمىغاندىنمۇ ناچار بىر نىمە بوپتۇغۇ:curse:

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:22:09

خوشياققان بولسا داۋامى بار:lol

kompyuter يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:41:49

ئاۋۇ ئۈستىدىكى تەڭلىمە فورمۇلالانى رەتلەپ قوياي ھە .

2.بىرسى ماتىماتىكىدا ئوقۇيدىغان بىر قىزغا تەلەپ قويۇپتىكەن.مۇنداق جاۋاپ خەت تاپشۇرىۋاپتۇ.aX2 + bX + c (D<0)6.1 - 3 = 4 – 6
1 - 3 + 9/4 = 4 - 6 + 9/4
(1 - 3/2)2 = (2 - 3/2)2
1 - 3/2 = 2 - 3/2
1= 2

مۇشۇنداق فورمۇلا ئادېرىسلار بولسا ئىنكاس يىزىش رايونىدىكى قورال ئىستونىدا « ‹› » بەلگىسى بار . شۇنى چىكىپ ئىچىلغان كۆزنەككە فورمۇلا ياكى ئادرىسنى يازساڭلار بولىدۇ .

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:46:12

بىر كۈنى ئەركىن سىدىق ئەپەندى،جېك،تاشپۇلات روزى ئەپەندىلەر بىرلىكتە ۋەتەنگە قايتىپ،تۇرپانغا بېرىپ قۇمغا چۈشمەكچى بولۇپ ئۈرۈمچىدىن ماشىنىلىق يولغا چىقىپتۇ.يولدا كىتىپ بارسا قىزىل قوشقاردىن بىرسى ئۇچراپتۇ.
بۇنى كۆرگەن ئەركىن سىدىق ئەپەندى:تۇرپاندا قوشقارلار قىزىل بولىدىكەندە؟!
جېك:سىلەر ئاستىرىنوملار نەزەرىيە بىلمىسەڭلەر مۇشۇنداق ئەخمەق قىلىنىسىلەر.ئەسلى توغرىسى «تۇرپاندا ئاز دىگەندىمۇ بىر قىزىل قوشقار بار ئىكەن» بولىدىغاندۇ؟!
بۇنى ئاڭلىغان تاشپۇلات روزى ئەپەندىنىڭ ئاچچىقى كىلىپ:
سىلە فىزىكلار نەزەرىيە بىلمىسەڭلە مۇشۇنداق ئەخمەق قىلىنىسىلە.ئەسلى توغرىسى«تۇرپاندا ئازدىگەندىمۇ بىر تەرىپى قىزىل قوشقار بار ئىكەن» بولىدىغاندۇ؟!:lol

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 10:04:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   almali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-24 10:08

ھوزۇرلاندىم. داۋامىنى يوللىشىڭىزغا تەشنابىز.
ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى بىز مىللەتنى كۆرسەتمەيدۇ، ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
بىز دېگەن سۆزنى ئىشلىتىشتىن قورقىدىغان بولۇپ قالدىم. بەزىلەرنىڭ ئۇيغۇر دېگەن مىللەت نامىنى بىز دېگەن نامغا ئۆزگەرتىش غايىسى مېنى ۋەھىمىگە سېلىپ كېلىۋاتقىنى ئۇزاق بولدى.

hoopeelover يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 11:15:02

بۇ يۇمۇرلاردىن سەل چەتنىڭ پۇرىقى كېلۋاتىدىغۇ.........................
   

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 12:56:32

ئانچە مۇنچە ئۆزلەشتۈرگەن:lol

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:08:36

بۇ يۇمۇرلارنى چۈشەندۈرەمدىم ياكى بولدىمۇ:lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:27:52

ئاۋۋال تۆكمەيلىمۇ بارىنى ، ئاندىن ئالدىيماي تەھلىل قىلىشىمىز دەيمە{:90:}

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:46:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   olive تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-24 14:50


∫yourhappiness dx = ∞

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:50:55

kompyuter يوللىغان ۋاقتى2014-1-24 08:41 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ ئۈستىدىكى تەڭلىمە فورمۇلالانى رەتلەپ قوياي ھە .

2. ...

دىگىنىڭىزدەك قىلىۋىدىم ئوڭۇشلۇق بولدى.
رەھمەت:handshake

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 15:14:01

ما يۇمۇرنى فىزىكلار چۈشەندۈرۈپ قويسۇن.مەن ئوقۇپ چۈشەنگەن چۈشەنمىگىنىمنى بىلمەيلا قالدىمغۇ تاڭ:lol

دوكتۇر:قوشنا ئۆيدىكى مۈشۈك تىرىك بولسا مەن يەڭگەن،ئۆلگەن بولسا سەن يەڭگەن بولغىن
ئوقۇغۇچى:شۇنداق قىلايلى.100 دوللاردىن تىكىشەيلى.
دوكتۇر:ماقۇل،ئۇنداق بولسا نەتىجىسىنى كۆرگىلى بارايلى.
ئوقۇغۇچى:ھەي دوكتۇر.بولدى كۆرمەيلى.50 دوللار مىنىڭ بولسۇن.
{:107:}{:107:}{:107:}{:107:}

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 15:21:08

قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۆتكەن شوپۇرنى ساقچى تۇتىۋاپتۇ.شوپۇر باھانە كۆرسىتىپ:
-دوپلېر ئېففىكتىنىڭ تەسىرىدىن قىزىل چىراق يېشىل كۆرۈنگەن ئوخشايدۇ.
ساقچى:شۇنداقمۇ؟بىلدىم.ئۇنداقتا سىزنى بۇ قېتىم سۈرئەت ئاشۇرغانلىقىڭىز ئۈچۈن تۇتقان بولاي.

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 15:34:34

ئامرىكا تەتقىقاتچىلىرى بولكا توغۇرلۇق تەكشۈرۈپ ئىستاسستىكا قىلىش ئارقىلىق بولكىنىڭ خەتەرلىك يىمەكلىك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ.بۇ بايقاش كۈندە ئاز دىگەندە بىر ۋاق نان يەيدىغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇناسىۋەتسىز بولمىسا كېرەك.

1. جىنايەتچىلەرنىڭ 98% تى بولكا يەيدۇ.
2.بولكا يەپ چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنىڭ دەرس نەتىجىسى ئوتتۇرىچە نەتىجىدىن تۈۋەن.
3.زومىگەرلىك جىنايىتى ئۆتكەگەنلەرنىڭ 90%تى جىنايەت سادىر قىلىشتىن بۇرۇنقى 24 سائەت ئىچىدە بولكا ئىستىمال قىلغان.
4.بولكا خۇمار قىلىدۇ.سىناق قىلىنغۇچىغا ئاۋال سۇ بىلەن بولكا بېرىپ،ئاندىن بولكا بېرىشنى توختاتقاندا،سىناق قىلىنغۇچى ئىككى كۈن بولا بولمايلا ئىنتايىن بولكا يىگىسى كەپ كىتىدۇ.
5.يىڭى توغۇلغان بوۋاقلارغا بولكا بەرگەندە بوۋاقلارنىڭ گىلىدە تۇرۇپ قېلىپ قېينىلىدۇ.
6.بۇنىڭدىن 200يىل بۇرۇن ھەممە ئۆيلەردە بولكا قىلىدىغان ۋاقتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۈمرى 50 ياش ئىدى.
7.بولكا يىگەن ئامرىكىلىقلار ئاساسەن چوڭ پەن-تەتقىقات نەتىجىسى بىلەن ئەھمىيەتسىز ئىستاستىكىنىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ.


{:107:}{:107:}{:107:}{:107:}{:107:}

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 15:35:27

مۈشۈكنىڭ يۇمۇرى كۋانت فىزىكىسىغا مۇناسىۋەتلىكقۇ دەيمەن.
چۇشەنمىگەنلەر بىلىكتىن سوراڭلار:lol

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 15:51:58

بىرەيلەن يولدا كىتىپ بارسا بىر دېھقاننىڭ ئۈيىگە ئوت كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ.ئوت كەتكەن يەرنىڭ يېنىدا ئوت ئۈچۈرۈش توربىسى بار بولۇپ،توربا جۈمەككە ئۇلانمىغان ئىكەن.ئەگەر ئۇ ئادەم فىزىك ياكى ماتىماتىك بولۇپ قالغىنىدا
فىزىك توربىنى جۈمەككە ئۇلاپ سۇ چىقىرپ ئوتنى ئۈچۈرۈپتۇ.
ماتىماتىك توربىنى جۈمەككە ئۇلاپ سۇ چىقىرىپ ئوتنى ئۈچۈرۈپتۇ.

يەنە شۇ ئادەم داۋاملىق يولدا كىتىپ بېرىپ يەنە بىر دېھقاننىڭ ئۈيىنى كۆرۈپتۇ.ئۆينىڭ يېنىدائوت ئۈچۈرۈش توربىسى بار بولۇپ توربا جۈمەككە ئۇلانغان ئىكەن.
فىزىك شۇ پېتى يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.:ھەل قىلغىدەك بىرمۇ ئىش يوقكەن.
ماتىماتىك توربىنى جۈمەكتىن ئاجرىتىپ ئۆيگە ئوت قويۇپتۇ:بىز ئەمدى ھەل قىلىنىپ بولغان مەسلىگە قايىتتۇق:lol:lol

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 15:53:44

makansiz يوللىغان ۋاقتى2014-1-24 15:35 static/image/common/back.gif
مۈشۈكنىڭ يۇمۇرى كۋانت فىزىكىسىغا مۇناسىۋەتلىكقۇ دەيم ...

:lol :handshake
شۇنداقكەن
بەت: [1] 2
: مۇنداق يۇمۇرلارنىمۇ ئويناپ قويامدۇق؟