avatar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 00:42:15

بوۋاق بالىسى بارلار كىرلى مەۋەگە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى!
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ كىچىك ھاماقەتمۇ 33كۈنلۈك بولۇپ قالدى(بۆرە)،لېكىن مېنىڭ مۇشۇ كىچىك بالىلار(بوۋاقلار)غا مۇناسىۋەتلىك قائىدە-يوسۇنلاردىن تازا خەۋىرىم يوقكەن.ھەممە نەرسە كىتابتىن چىقامدۇ دەپ كەمپىرىم تولا بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتى(مەن كىتاب خالتىسى بولغاچ).ھەم چوڭلاردىن ئۇنېمە، بۇ نېمە ؟دەپ سوراۋىرىشكە يۈزۈم چىدىمىدى.ھەر بىرسىلىرى بىلەن كۆرۈشمىگەن بولساقمۇ،ئارلىق يىراق بولسىمۇ كۆڭۈل يېقىن دەپ ئويلاپ،شۇڭا بېشىمنى تۆۋەن قىلىپ كېلىشىم.ئەمدى مەقسەت:
بوۋاقلار ئۈچۈن چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار قايسىلار(تېما بېشىدا دەپ ئۆتتۈم،بالا ئەمدى 33 كۈنلۈك بولدى)؟ بولسا تەپسىلىي ھەم ئاساسىي بىلەن سۆزلەپ بەرگەن بولساڭلار.رەھمەت!

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 05:16:07

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئاللاھ پەرزەنتىڭىزنى سالىھلاردىن قىلىپ بەرسۇن.مەن بالا بىقىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى دەپ باقاي،لىكىن ھەر بالىنىڭ ھەر خىل مىجەزلىرى بولىدۇ.
سىزنىڭ قىلغان سۆزىڭىز بالىغا دۇئا بولىدۇ،شۇڭا ھەر زامان بالىنى گۇزەل -چىرايلىق سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىمىكىڭىز كىرەك،ھازىرقىدەك ئەركىلىتىپ بولسىمۇ ھاماقەت دىگەندەك گەپلەرنى قىلغان ۋاقتىڭىز پەرىشتىلەرنىڭ ئامىن دىگەن ۋاقتىغا توغرا كەلسە ................
ئەگەر مۇمكىن بولسا بالىنى ھەر ئىككى كۈن ياكى ئۈچ كۈندە بىر يۇيۇشنى تەۋسىيە قىلىمەن،ياز ۋاقتىدا كۈندە يۇيسا ياخشى.2-3قىتىم يۇيغاندا بىر قىتىم بالىلار يۇيۇش سۇيۇقلىقى ئىشلەتسە بولىدۇ.جىق يۇيۇپ بەرسە بالا تىز ئەت ئىلىپ ئىتتك چوڭىيىدىكەن.
ئامال بار 6-ئايدىن بۇرۇن بالىغا ئانا سۇتىدىن باشقا نەرسە بەرمەڭلار،ۋەتەندە بالا تويمايدۇ،كىچىدە جىق يىغلاپ ئاۋارە قىلىدۇ دەپ نان بىرىپ قويىدۇ بۇ بالىنىڭ ھەزىم قىلىش سىستىمىسىغا ياخشى ئەمەس (بۇگەپ ئىزدىنىشتە جىق دىيىلىپ كەتتى)
ئايالىڭىز 40-50 كۈنلۇك بولغىچە قورىغان تاماقلارنى ئامال بولسا يىمىسۇن،بالىغا ئىسسىق كەلسە يىغلاپ خاپا سالىدىكەن.كىيىنچە قورىغان تاماق بىلەن قورىمىغان تاماقلارنى ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا ياخشى.
كۆپىنچە ئاتا-ئانىلارغا  باشقىلارنىڭ بالىسى سىمىز بودەك كۆرىنىپ قانداق قىلسام بالام سەمىرەكىن دەپ ئۇنى-بۇنى بىرىپ باققۇسى كەپ كىتىدۇ.مەنچە بالا ساغلام يىتىلىشى نورمال بولسىلا بەك سىمىز بوپ كەتمىسمۇ بولىدۇ.
ئەگەر بالا جىق يىغلاپ خاپا قىلمىسىلا ئاجايىپ تىز چوڭ بولغاندەك بىلىنىدۇ.مەن ھازىر قىزىمنىڭ 33 كۈنلۇك ۋاقىلىرىدا ئۇخلاپلا يۇرۇيدىغىنى ئىسىمدە

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 05:17:26

ئاندىن يەنە ھەمشىرىلەر قۇرغان ئاي بالام بىلوگىدىمۇ شۇنداق ياخشى مەزمۇنلار بار.

Birhon يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 05:30:58

كۈنىگە كەم دېگەندە ئۈچ ۋاقت ئانىسىنى ئېمىپ تۇرسۇن.
ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق ئىشنىڭ بوۋىقىڭىز ئۈچۈن چوڭ پايدىسى ياكى زىيىنى يوق. قالدى ئىشلارغا بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 06:40:38

ئوغلۇم 70 كۈنلۈك بولدى ئاللاھقا شۈكرى ھازىرغىچە ياخشى. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ بوۋاقلىرىنىڭ تېنىنى سالامەت قىلسۇن.
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە بالىنىڭ يىغلاڭغۇ بولىشى كالتىسى كەملىكتىن بولىدۇ ، كىچىك ۋاقتىدا كالتىسىنى تولۇقلاپ تۇرۇڭلار

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:37:05

خەتكۈچ .    ماۋۇ تېمىغا  مەنمۇ كۆز قولاق بولۇپ تۇراي !

sekine يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:40:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sekine تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-24 08:49  

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!  اللە بالىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!  مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تەجرىبىسىنى دەپ باقاي. مېنىڭ بالام ئالتە ئايلىق بولاي دېدى. الحمد لله،  بالام شۇنداق ئوبدان چوڭ بۇلىۋاتىدۇ.ھەم بەك جانلىق.  ئۇيقۇسىمۇ بەك ياخشى. كېچىسى ئويغانمايدۇ. ئاساسەن كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇخلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئويغۇنىدۇ. كەيپىياتى دائىم ياخشى. مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئاغرىپ ياكى قىزىپ قېلىپ باقمىدى.  
مەنمۇ سېۋىنىچتەك ئالتە ئايلىقتىن بۇرۇن تاماق بەرمەسلىكنى تەۋسىيە قىلىمەن. بالىلارنىڭ ئاشقازىنى كۈتۈرەلمەيدىكەن. ئۈچەيلىرىمۇ راۋان بولماي قالدىكەن. مەنمۇ شۇ ۋاقىتقىچە تاماق بېرىپ باقمىدىم.  تېخى ئەمدى بۇ بىر - ئىككى ھەپتىدىن بېرى قوشۇمچە كۈندە بىرە قېتىم بولماق ياكى شوۋا گۈرۈچ ياكى سۇيۇقئاش ( نىپىز يېيىپ ئۈزۈپ تاشلىغان)  دىگەنلەرنى بېرىۋاتىمەن. ئاندىن بالىغا مىۋىنى سىقىپ سۈيىنى ئىچكۈزىمەن. بىر ئايلىق بولماستىنلا  مىۋە سۈيى ياكى يانتاق شىكىرى ئىچكۈزىشنى باشلىغان . بالىنىڭ چوڭ تەرىتى راۋان بۇلدىكەن. ھەم ئىسسىقى ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئىسسىق ئېشىپ كەتسە بەك يىغلايدۇ بالا.  
ئاندىن بالىنىڭ پۇت ـ قوللىرىنى مىدىرلىتىپ ھەركەت ئىشلەتكۈزۈڭ.  قۇسىقىنى بوش سىلاپ بېرىپ. . ھەزىم قىلىش ياخشى بۇلىدۇ.. بالا ئىمىپ بولغاندىن كىيىن بالىنى كۆتۈرۈپ بېشىنى مۆرىڭىزگە قويۇپ دۈمبىسىگە بوشقىنە شاپالاق ئۇرۇڭ. بالا كىكىرۋەتسە تولا ياندۇرۋەتمەيدۇ.
بالىنى مونچىغا سېلىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتماڭ.
بالىنى يەردە ئۇخلۇتۇپمۇ كۆندۈرۈڭ. بۈشۈكتە يىتىۋەرسە بىرە يەرگە بېرىپ قالساڭلار جاپا بۇلىدۇ.
بالىنىڭ ۋاقتى ئاساسەن كارۋاتتا ئۆتىدۇ. بوۋاقنىڭ ئۇيقۇسى بەكلا مۇھىم. بالىنى ئۇخلۇتىشتىن بۇرۇن بۈشۈكتە بولسا تەۋرەتمەي،  يەردە بولسا كۆتۈرۈپ پەپىلىمەي ئۇخلۇتۇڭ. ئېسىڭلاردە بولسىنكى بالىنىڭ كارۋىتى تەۋرەنمەيدۇ. شۇڭا ئەگەر بالىنى قولدا پەپىلەپ ياكى بۈشۈكتە تەۋرىتىپ ئوخلاتسا بالا تاسادىبىي ئۇيغۇنۇپ كىتىپ قالسا يەنە پەپپىلىمىگىچە ياكى تەۋرەتمىگىچە ئۇخلىمايدۇ. ئۇنىڭدا سىلەرنىڭمۇ ئارامىڭلار ياخشى بولمايدۇ.
بالىنى چوقۇم ياخشى كەيپىياتتا ئۆزى ئۇخلاپ قېلىشقا كۆندۈرۈش كېرەك. ئاندىن بالا راھەت ئۇخلايدۇ ھەم خوشال كەيپىياتتا ئويغۇنىدۇ.
بالا يېرىم كېچىدە ئويغانمىسا ئۆزۈڭلار ئۇيغۇتۇپ بىر نەسە بېرىپ يۈرمەڭلار. بالىنىڭ كېچىدە سۈت ئەمگىنىدىن بالىنىڭ ئۇيقۇسى مۇھىمراق. كېچىسى ياخشى ئۇخلىسا كۈندۈزمۇ ياخشى ئۇخلايدۇ. كەيپىياتىمۇ ياخشى بولىدۇ. تولا غەلۋە قىلمايدۇ. بالا ئويغانماي ئۇخلىسىلا بالىنىڭ قوسىقى ئېچىپ كەتمەيدۇ. . ھازىرچە مۇشۇنچە يازاي. يەنە تۇلۇقلارمەن.  ئىنشا اللە.  

matrix يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:52:08

بالىنىڭ يىغلاڭغۇ بولىشى كالتىسى كەملىكتىن بولىدۇ،مىنىڭ قۇزاممۇ دەسلەپتە شۇنداق يىغلاپ كىندىكى چىقىۋالغان،كىيىن دورىخاندىن سۇنۋۇكۇڭنىڭ سۈرىتى بار بىر جۇڭيى دورىسى باركەن شۇنى بىرىپ ھازىر ياخشى بۇلۇپ كەتتى،كىندىكىمۇ كىچىكلەۋاتىدۇ.بۇ دورا كالتىسىي تۇلۇقلايدىكەن.ۋە باشقا تۇلا تەرلەيدىغان چۈچىيدىغان ئىشلارغا مەنپەت قىلدىكەن.دورا تەركىبىدە پۇتاۋتاڭ سۇۋەنگەي باكەن،قالغان تەركىبلەر جۇڭيى دورىلىركەن...

قېنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار...ئىشقىلىپ مەن ياخشى دورىكەن دەپ ئويلىدىم،،مىللىتىمىزنىڭ بۇۋاقلىرى قىيلانمىسۇن...

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-1-24 14:36):
龙牡壮骨颗粒

    eb0b75ef0281e1e1.jpg (10.82 KB, چۈشۈرۈش سانى: 0)

    eb0b75ef0281e1e1.jpg

matrix يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 08:56:14

كىچىڭ بالىسىنى ھاماقەت،غۇرتەك دەپ ئەركىلىتىش تەبىيلا بۇلىغان ئىش،مەنمۇ بالامنى ئۇنى بۇنى دەپ ئەركىلىتىمەن،باشقىلارنىڭ بۇنداق دىيشىنى ئەيىپلەش مىنىڭچە خاتا...تەبىي بولغىنى ياخشى...ۋولىۋەتنىڭ كىنولىردەك،باشقىلار بولمايدۇ دىگەن،ئاپلا دەپ ........

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 10:35:50

ياخشى گەپ سۆزلەر بولۋىتىپتۇ ...
شۇ بانادا مەنمۇ سورۋالسام بالام ھازىر 90كۈنلۈكتىن ئاشتى باشتا كىچىدە ئويغانمايتتى ھازىر كىچىدە بىر قىتىم ئويغىندىغان بولۋالدى ، يىغىسىمۇ سەل ئاۋۇپ قالدى ، ئاندىن بىشىنى گەدىنىگە بەك سۈركەيدۇ، ھەم تىلنى بەك تولا چىقىردىغان بولۋالدى ... مۇشۇ ئالامەتلەرمۇ كالتىسى كەملىكمىدىندۇ ؟ مەنمۇ تىىخىچە ئاناسۈتىدىن باشقا نەرسە بىرىپ باقمىدىم ،

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 10:36:01

ياخشى گەپ سۆزلەر بولۋىتىپتۇ ...
شۇ بانادا مەنمۇ سورۋالسام بالام ھازىر 90كۈنلۈكتىن ئاشتى باشتا كىچىدە ئويغانمايتتى ھازىر كىچىدە بىر قىتىم ئويغىندىغان بولۋالدى ، يىغىسىمۇ سەل ئاۋۇپ قالدى ، ئاندىن بىشىنى گەدىنىگە بەك سۈركەيدۇ، ھەم تىلنى بەك تولا چىقىردىغان بولۋالدى ... مۇشۇ ئالامەتلەرمۇ كالتىسى كەملىكمىدىندۇ ؟ مەنمۇ تىىخىچە ئاناسۈتىدىن باشقا نەرسە بىرىپ باقمىدىم ،

nur000 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 10:47:39

matrix يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 08:52 static/image/common/back.gif
بالىنىڭ يىغلاڭغۇ بولىشى كالتىسى كەملىكتىن بولىدۇ،مىن ...

مۇمكىن بولسا شۇ دورىنىڭ ئىسمىنىڭ يىزىلشىنى قالدۇرۇپ قويغان بولسڭىز...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 10:50:55

pc :
http://www.anabala.com/

تىلىفۇن
m.anabala.com

پايدىلىق مەزمۇنلار خېلى كۆپ بۇ توربەتتە ...

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 11:38:44

matrix يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 08:52 static/image/common/back.gif
بالىنىڭ يىغلاڭغۇ بولىشى كالتىسى كەملىكتىن بولىدۇ،مىن ...

شۇ دورنىڭ ئىسىمىنى چىقىرىپ قويمامسىز، بىزمۇ بىلىۋالايلى

Shukur يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 12:30:58

مۇشۇ دورا شۇمۇ؟
龙牡壮骨颗粒

avatar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:13:23

Sevinch يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 05:17 static/image/common/back.gif
ئاندىن يەنە ھەمشىرىلەر قۇرغان ئاي بالام بىلوگىدىمۇ شۇ ...

ئۇ يەردە تورغا چىقساملا بار مەن:lol

avatar يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:21:14

Sevinch يوللىغان ۋاقتى  2014-1-24 05:16 static/image/common/back.gif
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئاللاھ پەرزەنتىڭىزنى سالىھلاردى ...

بالىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ياخشى،ئەمما يېقىننىڭ ياقى سوغۇق تەرلەيدىغان بولۇۋالدى،توردىن ئىزدەپ كۆرسەم،يولداشلار بۇنىڭغا تەننىڭ ساقلىقى دەپ تەبىر بېرىپتۇ،بىرلىرى كالتىسىي كام دەپ تەبىر بېرىپتۇ.مەن يەنىلا تېنى ساقتۇ،-دەپ ئۈمىدلىنىپ ئولتۇردۇم.چۈنكى بالا كۆپ يىغلىمايدۇ،بىر يىغلىسا ئۇزاق بولغاندا3-5مىنۇتتا توختايدۇ.ئەمما دىۋە تۆرەلدىمىكىن دەپ قالدىم، كۈندە قارىسام ئۇيقۇدىن باش كۆتۈرمەيدۇ.ئىمىدۇ ئۇخلايدۇ...مۇشۇ ھالەت داۋاملىشىۋاتىدۇ.چوڭلار كۆپ ئۇخلىسا مىڭىسى تولىدۇ دەيدۇ.مەن ئەمدى بۇ بالا كىچىككىنە تۇرۇپ كۆپ ئۇخلىسا چوڭ بولغاندا ئىش بارمۇ نېمە؟ دەپ غەم قىلىپمۇ قالغان يېرىم بار. يەنە بىرسىگە تولا يەل قويىدۇ.قېيناتام بۇنداق چاغلاردا كۈلۈپ كېتىپ«مانا بىزنىڭ نەۋرىچەك ساغلام چوڭ بولۇۋىتىپتۇ»دەپ قويۇشلىرى بار.ئادەم بار-يوق دېمەي ما شۇمتەكنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى،-دەپ يەرگە كىرگۈدەك بولىمەن بەزىدە...
بالا دەسلەپ بىر ھەپتىگىچە ئازىراق ئېمىۋاتاتتى،ھازىر ئوغۇزخان بىر ياقتا قالسۇن،.ئايھاي...ئېمىدۇ بەش مىنۇت توختايدۇ،يىغلايدۇ،ئېمىدۇ... ئايالىمنىڭ سۈتى يېتىشمەيۋاتامدىكىن دەپ،بېلىق بىر نېمىلارنى ئەكەپ بېرىۋاتىمەن، يەنە ئارپىدىيانمۇ دەملەپ ئىچىۋاتىدۇ. شۇغىنىسىغا بېلىق ئىسسىق كەلگەنمۇ قانداق، قايسى كۈنى سەل قاتتىق كەپتىكەنمىش، تازا قىرقىراپ خاپا ساپتۇ...ئوزۇق ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي توختىلىشقا بولارمۇ؟

yulhun يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 13:58:11

ياخشى گەپلەر بۇلىۋىتىپتۇ،مەنمۇ سوۋىرالسام،ئوغلۇم 9 ئايدىن ئاشتى لىكىن كىچىسى ئۇيغۇسى ياخشى ئەمەس،ھازىرغىچە ئىشقىلىپ كۇندە كەچتە ئويغۇنىدۇ بىر قىتىم ياكى ئۇنىڭدىن كوپ.بەزىدە سائەت 4-5 لەردە  ھەتتا 2-3 لەردىمۇ ئويغۇنىدۇ دىسە ئويغۇنۇپ 1-2 سائەت ئۇخلىماي ئاندىن ئۇخلايدۇ. كەچتە 7 يىرىمدىن 8 گىچە ئويناپ ئاندىن ئۇخلايدۇ شۇنداق بولسىمۇ كىچىسى ئويغۇنۋالىدۇ.سىلەرنىڭ بالاڭلار كۇندىزى قانچە سائەت ئوخلايدۇ؟ قانچە قىتىم؟  بالىغان كۇندە قانچە قىتىم تاماق بىرىش كىرەك؟ (ئۇششاق چۇششەك مىۋىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)   بالا نىمىشقا كىچىسى ئويغۇنۇپ كىتىدۇ؟

matrix يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 14:34:42

15-قەۋەتتىكى شىۈكۈر دىگەن دورا دەل شۇ

nazilay يوللانغان ۋاقتى 2014-1-24 16:08:50

نىمدىگەن ياخشى مەزمۇنلا بۇ،،مىنىڭ قىزىممۇ 9ئايلىق بولدى،ئۆزىغۇ شۇنداق جانلىق لىكىنزە كۆپ تەرلەيدۇ،كالتىسى دورىلىرنى ئۈزۈلدۈرمەي بىرىۋاتىمەن بولمىسا،يىڭى تۇغۇلغان چاغدا يانتاق شىكىرى بەرسە تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇشقا پايدىسى بار.
بەت: [1] 2
: بوۋاق بالىسى بارلار كىرلى مەۋەگە